ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 1

دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشتە ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hursan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
91
تىللا
81
شۆھرەت
223

ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 12:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانچىلىق دورىلىرىنى سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىشتە ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر
دېھقانچىلىق دورىلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى موھىم ماتىرياللارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارەتلەرنى، ياۋا-ئوت چۆپلەرنى، چاشقانلارنىڭ زىيىنىنى يوقۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بېرى دېھقانچىلىق دورىلىىرىنىڭ تۈرلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى يېڭىلىنىپ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئىشلىتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ دىھقانچىلىق دورىلىرىنى سىتىۋلىش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە بىر قانچە تۈرلۈك خاتا كۆز قاراشلار مەيدانغا كېلىپ، كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ مەنپەتىگە بىۋاستە زىيان سالماقتا. بۇلارنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. دورا سىتىۋالغاندا سودىگەرلەرنىڭ ئېلان تەشۋىقاتلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىش، دورىنىڭ راس ياكى ساختىلىقىغا ھۆكۈم قىلالماسلىق.
دىھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى، دورا نامىنىڭ ھەر خىل ئاتىلىشى سەۋەپلىك، قايسى خىل دورىنىڭ ھەقىقى ئۈنۈملىك دورا ئىكەنلىگىنى پەرىق ئېتەلمەي، ئېلان تەشۋىقاتلاردىكى كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان نام بىلەن ئاتالغان دورىلارنى قارۇغۇلارچە سېتىۋىلىش، ياكى دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى ئىشلىتىلىش دائىرسى ۋە سۇيۇلدۇرۇش ھەسسە سانىغىلا قاراپ، دورا ماركىسى ئۈستىدىكى ئىشلىتىلىش دائىرسى ۋە سۇيۇلدۇرۇش ھەسسە سانىغا ئېتىبارسىز قاراش (بەزى تىجارەتچىلەر پايدىنى قوغلىشىپ، دىھقانلارنىڭ سۇيۇلدۇرۇش ھەسسە سانى قانچە چوڭ بولغان دورا شۇنچە ياخشى دورا دەپ قاراش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، چۈشەندۈرۈش قەغىزىدە دورىنىڭ سۇيۇلدۇرۇش ھەسسە سانىنى خالىغانچە ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت). دورا ئۈنۈمىنېڭ سۈرئىتىنىلا قوغلىشىش، زەھەرلەشچانلىغى بىلەن ھىساپلاشماسلىق. ئەمىلىيەتتە ھاشارەت ئۆلتۈرىدىغان دورىلارنىڭ ھاشارەت ئۆلتۈرۈش سۈرئىتى قانچە تىز بولسا، ئۆسۈملۈك تىنىدىكى قالدۇق مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولۇپ زەھەرسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا دورا سىتىۋالغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
(1) دورا قاچىلانغان يەشىكنىڭ سۈپىتىگە، ئوراپ قاچىلىنىشىغا، يەشىك ئۈستىدە دورىنىڭ ئىسمى، تۈرى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئىسمى، زاۋۇت ئادىرىسى، تېلېفون نومۇرى، بىخەتەرلىك كۆرسەتمىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش كۆرسەتمىسى قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
(2) دورا قۇتىسىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەنلىكىگە، ئاغزىنىڭ ھىم ياكى ھىم ئەمەسلىكىگە، ئۈنۈملۈك تەركىۋىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە، ئۈنۈملۈك ۋاقتىغا، ئىشلىتىلىش دائىرسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
   2. دورىلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئىشلىتىشكە سەل قاراش.
يېزا ئىقتىزادى سىياسەتلىرىنىڭ يەنىمۇ  ئەمىلىيلىشىگە ئەگىشىپ كەڭ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىغى مىسلىسىز ئەۋج ئېلىپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش خىزمىتىگە تىخىمۇ ئەھمىيەت بىرىدىغان بولدى. ئەمما خىمىيەۋى دورىلارنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى بىلىملىرىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىغى سەۋەبىدىن دورىلارنى خالىغانچە سۇيۇلدۇرۇرۇپ، ئىشلىتىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، دورا چىچىش جەريانىدىكى مەشغۇلات قائىدىلىرىگە دىققەت قىلماي ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى، مۇھىتنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتماقتا، ئۇنداقتا خىمىيەلىك دىھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە قايسى نوختىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟
  (1) دورا ئېشلەتكۈچى خادىم رېزىنكە پەلەي كىيىپ ماسكا تاقىشى، مەشغۇلات ۋاقتىدا بىر نەرسە يىمەسلىگى، تاماكا چەكمەسلىگى، دورىنى چوقۇم دورا قۇتىسى ئۈستىدىكى ئۆلچەم بويىنچە تەييارلاشى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىگە يېقىن بولغان ئورۇندا دورا تەييارلاشتىن ساقلىنىشى لازىم.
(2) ئۇرۇق دورىلىغاندا بىۋاستە قول بىلەن ئارلاشتۇرماسلىق، دورىلانغان ئۇرۇقلارنى ئىمكان قەدەر ماشىنا ئارقىلىق تېرىش، ئەگەر قول بىلەن تېرىشقا توغرا كەلسە چوقۇم چوقۇم پەلەي كىيىش، قول تېرىسىنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېشىپ قالغان ئۇرۇقلارنى يەم-خەشەك ئورنىدا ئىشلەتمەسلىك لازىم.
(3) زەھەرلەشچانلىغى نىسبەتەن كۈچلۈكرەك خىمىيەلىك دىھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە، دورا چېچىلغان ئورۇنغا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئېسىش ئارقىلىق ئادەم ۋە چارۋا ماللارنڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
(4). دورىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىنچە سويۇلدۇرۇش.

                                          تەييارلىماقچى بولغان دورا مىقدارى
                            ——————————————————— =   دورا مىقدارى
                                              سۇيۇلدۇرۇش ھەسسە سانى

ئەسكەرتىش: سۇيۇلدۇرۇش ھەسسە سانى 100 دىن كىچىك بولغاندا تەييارلىماقچى
بولغان دورا تەركىۋىدىكى ئەسلى دورا مىقدارىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
14145
تىللا
18588
شۆھرەت
25514

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 00:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 02:58 , Processed in 0.615149 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش