ئۈزۈمدىكى تۆمۈر كەملىك كېسىلى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلى
كېـسەللىك ئـالامىـتـى
تۆمۈر كەمـلىـك كېـسىلى فىـزىـيولوگىـيەلىك كېسەلـلىك بـولۇپ، ئۈزۈمـدە تـۆمۈر كـەملىك كۆرۈلسە، دەسلەپتە يېڭى يوپۇرماقلارنىڭ يوپۇرماق گۆشى سارغىيىشقا باشلايـدۇ. ئەمما، يـوپـۇرمـاق تـومـۇرلـىـرى يېـشىللىقىنى يوقاتمايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىـگە ئەگىـشىپ پۈتـكۈل يـوپـۇرماق ئاقىـرىـپ يوپۇرماقتا قوڭۇر داغ پەيدا بـولىدۇ، كېيىن يوپۇرماق قـۇرۇپ تـۆكۈلۈپ كېتىدۇ. نوتىلارنىڭ ئـۆسۈشى ئاستىــلايدۇ، چېچەكلەرنىڭ مېـۋىـلىـشى تۆۋەنـلەيـدۇ ياكى چېچەكلەر پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى
قـۇرغاقـچىـلىقـنىڭ كۆپ بـولـۇشى تۇپـراق تەركىـبىدىكى سـۇنىـڭ پارغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىۋېتىپ، تۇپراق يۈزىدىكى تـۇزنـىـڭ مىقـدارىـنى ئاشـۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسـقۇنلۇقـقـا ئۇچراپ، ئۈزۈمـدە تۆمۈر كەملىكنى كـەلـتـۈرۈپ چىـقـىـرىـدۇ يـاكـى ئـەتـىـيازدا نىسـبـەتـەن نـەم تۇپراقلاردا ئۆسكەن تۈپـلـەردە تـۆمـۈرنىـڭ سـۈمـۈرۈلـۈشـى تـوسـقۇنـلۇقـقا ئۇچراپ، ۋاقىتـلىق تـۆمۈر كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش
1) كېـسەلـلىـك پـەيـدا بولۇشـنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، %0.5 لـىـك تـۆمـۈر سـۇلـفـات (ليـۇسـۈەنـياتـې 硫酸亚铁) سـۇيـۇلـدۇرۇلـمىـسى بىـلەن %0.15 لىك لىمون كىسلاتاسى (نىڭمىڭـسـۈەن 柠檬酸) ئـارىـلاشـمىـسى يـاكى 400―500 ھەسسىلىك يېلۈباۋ (叶绿宝) سۇيۇلدۇرۇلمىسىنى يوپۇرماققا چېچىش كېرەك.
2) كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى ئېغىرراق بولغاندا، %2 لىك تـۆمـۈر سۇلـفات (ليـۇسۈەنياتې 硫酸亚铁) سۇيۇلـدۇرۇلـمىـسى بىلەن %0.15 لىك لىمون كىسلاتاسى (نىڭمىڭسۈەن 柠檬酸) ئارىـلاشـمىـسىـنى يوپۇرماققا پۈركۈش ياكى 0.3― %0.5 لىـك تـۆمـۈر سـۇلـفـات (لـيـۇسـۈەنـيـاتـې 硫酸亚铁) سۇيۇلدۇرۇلمىسىنى يىلتىزغا قۇيۇش كېرەك.
|