- توردا
- 8 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-12
- تىزىملاتقان
- 2011-4-8
- شۆھرەت
- 223
- تىللا
- 81
- تۆھپە
- 91
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 591
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 7
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2045
- تۆھپە
- 91
- تىللا
- 81
- شۆھرەت
- 223
|
باھار ماڭدامچى قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە يوقۇتۇش ئۇسۇلى
پەيدا بولۇش ۋە زىيان سېلىش ئالاھىدىلىكى
باھار ماڭدامچى قۇرتى ئاساسلىقى ئالما، نەشپۈت، ئۆرۈك، شاپتۇل، جىگـدە، يـاڭـاق قـاتارلىـق مېـۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىخ ۋە يوپۇرماقـلىرىغا لىـچىنـكا ھالىـتىدە زىيان سالىـدۇ. بۇ ھـاشـارات دەرەخـلەرنىـڭ ئـۆسۈپ يېـتىلىشىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ. بۇ ھاشاراتنىڭ يېتىلگەن چىشى ھاشارىتىنىڭ قانىتى يوق، ئۇزۇنلۇقى 1 سانتىمېتىر ئەتراپىدا؛ ئەركەك ھاشارىتىنىڭ ئۇزۇنـلۇقى 15―10 مىلـلىـمېتىر ئەتراپىـدا؛ چـوڭ ياشـلىق لىچىنـكىـسىـنىڭ ئۇزۇنـلۇقى 37―30 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، دەرەخ لىڭشىغاندا تور تارتىپ پەسكە ساڭگىـلايدۇ. بۇ ھاشارات يىلدا بىر قېتىم ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. دەرەخ ئاستىدىكى 5―1 سانتىـمېـتىرلىـق تـۇپـراق قاتـلىمىدا قىشتىن ئۆتىدۇ. يېتىلگەن ھاشارىتى 3- ئاينىڭ باشـلىـرىـدا پەيـدا بولـىـدۇ، لىـچىنــكىـسى 3- ئايـنىـڭ ئـاخىرىدىن باشـلاپ تۇخۇمدىن چىقىشقا باشلايدۇ.
ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش ئۇسۇلى
1) تـوڭ يـاتـقـۇزۇش، يـەر ئاغدۇرۇش ئارقىلىق قىشلىغان قـورچاقـلارنى يـوقىـتىـش، بـاغـقا خىرە نۇرلۇق چىراغ ئېسىش ئـارقىـلىق يېـتىلـگەن ئەركەك ھاشارىتىنى ئالداپ يوقىتىش، دەرەخـلـەرنى ئىـرغىتىپ لىچىنكىلارنى يوقىتىش كېرەك.
2) باھار ماڭدامچى قۇرتىنىڭ يېـتىلـگەن ھـاشـاراتـلىـرى كۆرۈلۈشتىن 5―10 كۈن بۇرۇن، ئاساسىي غولغا 30 سانتىمېتىر كەڭلىكتە دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان سولياۋ يۆگەش (تەكشى بـولـۇش) ئـارقىـلىـق يېـتىلـگەن چـىـشى ھاشارىتىنىڭ دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ تۇخۇمـلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3) 3- ئاينىڭ باشلىرىدا شېكەر، ئاچچىقسۇ سۇيۇلدۇرۇلــمىـسى (قـارا شېـكەر 1 ئـۈلـۈش، ئاچـچىقـسۇ 4 ئۈلۈش، ئاق ھـاراق 1 ئـۈلـۈش، سۇ 16 ئۈلۈش) ئارقىلىق باھار ماڭدامچى قۇرتىنىڭ يېتىلگەن ھاشاراتلىرىنى يوقىتىش (ھەر مو باغنىڭ 2―3 يېرىگە قويۇلسا بولىدۇ) كېرەك.
4) 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ %2.5 لىك دېكامېترىن (دىشاسې 敌杀死) سۈتسىمان مايلىق دورىسىنىڭ 1500 ھەســسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى ياكى %20 سۇميېشادىڭ (速灭杀丁) سۈتسىمان مايلىق دورىسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلــمىــسـى، Bt نـەمـلىـشىشـچـان پـاراشـوكىنىڭ 800―1000 ھەسـسىـلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى، %2.5 كارات (گوڭفۇ 功夫) سۈتسىمان مايلىق دورىسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلــمىـسى، ئـوكسىدلانغان روگور (ياڭخۇالېگو 氧化乐果) نـىـڭ 1000―1500 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى قاتارلىق دورىــلارنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ چېچىش كېرەك.
|
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|