بۇنىڭ قايسىسى؟
ئۇ سىنىڭ داداڭ
مۇھەممەتجان راشىدىن
كىمۇ ئۇ ئالدىڭدا مۈكچۈيۈپ يۈرگەن ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
بالام دەپ جاپاغا يېڭىنى تۈرگەن ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
مۇشەققەت چىكىدۇ ئۆي دەپ ياز-قىشى .
بىلمەيسەن ، دەردى كۆپ ، ئاغرىيدۇ بىشى .
ياشاندى ، زاغرىغا ئۆتمەيدۇ چىشى ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
چىنىققاچ بىر ئۆمۈر ئېغىر جاپادىن ،
توسايدۇ ئۇ دائىم سىنى خاتادىن .
ھاردۇق بەر ئۇنىڭغا مېھرۇ - ۋاپادىن ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
سەن بولغاچ داداڭنىڭ يۈرەك - پارىسى ،
سىنىڭسىز ساقايماس پەرزەنت يارىسى .
قاچمىغىن يىراقتىن كەلسە قارىسى ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
يالغۇزلۇق ھەرىدەك چاقىدۇ ئۇنى ،
تۆت تېمى قىسماق بوپ سىقىدۇ ئۇنى .
غېرىبلىق گۆرگە تېز تىقىدۇ ئۇنى ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
سىنىڭسىز سويۇلماس توخوسى ، قۇيى ،
گۆش يىسە سەندىلا خىيالى ، ئۇيى .
سىنىڭكى شادلىقىڭ داداڭنىڭ ئۇيى ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
بالام دەپ كۈيىدۇ باغرى ، يۈرۈگى ،
سەن ئۇنىڭ ئۇيىدا ئۆينىڭ تۈۋرۈگى .
يىغلايسەن توشقاندا ئەجەل سۈرۈگى ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
يۈزۈڭگە مىڭ قاراپ - قاراپ تويمايدۇ ،
بەر دىسەڭ بېرەي دەپ ھالى قالمايدۇ .
سىنىڭسىز تاماققا قوشۇق سالمايدۇ ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
مېھىر بەر داداڭغا دىل ھەم قولۇڭدىن ،
كۆزىنى ئۈزمەيدۇ سىنىڭ يۇلۇڭدىن .
ئۆزىنى ئىزدەيدۇ سىنىڭ بۇيۇڭدىن ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ .
سىنى دەپ ئاقاردى قۇندۇز چاچلىرى ،
سىنى دەپ سىڭايان بولدى باشلىرى .
نەم قىلار ياستۇقنى كىچە ياشلىرى ،
ئەزىزلە سەن ئۇنى ، ئۇ سىنىڭ داداڭ . ~~~~~~~~~~~~ ئۇ سىنىڭ داداڭ (1) ئىسىل زات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ، ئۇلۇق زات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ، سۇمباتلىق بولسىمۇ ئۇ سىىنىڭ داداڭ، باياشات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. ( 2) ئۇ سىنى چوڭ قىلدى مىڭ تەستە بېقىپ، جىنىم دەپ پەپىلەپ باغرىغا بېسىپ، ئوتۇڭدا كۈيۈپ،سۈيۈڭدە ئېقىپ، قاق سەنەم بولسىمۇ بارىنى سېتىپ، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (3 ) ساڭىلا تۇگۇنۇپ ئۆزى يىمەيدۇ، سىنىلا كەيسۇن دەپ ئۆزى كەيمەيدۇ، جاپا ھەم زەربىگە ۋايساپ كەتمەيدۇ، بەلكى كۆز يۇمغىچە غېمىڭنى يەيدۇ، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (4 ) پۇتلىرى مىڭ قاداق،قوللىرى يېرىق، يىل بۇيى ئىشلەپمۇ كىيىمى يىرتىق، ئۈستىدە تۇرسىمۇ تۈمەن مىڭ سېلىق، ئۇ شۇنچە مۇلايىم،ئۇ شۇنچە سىلىق، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. ( 5) ئۆتكۈزدى ئۇ ئۆمرىنى بالام-بالام دەپ، كۈندۇزى ئېتىزدا كەچتە كالام دەپ، تېخى كۆپ بالامغا مىھرى چالام دەپ، ياشىدى ھەممىگە ئوخشاش سالام دەپ، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (6 ) سەن ئۇنىڭ ھالىنى سوراپ باقتىڭمۇ، بېشىغا بىر تەلپەك بىرىپ باقتىڭمۇ، مۇكچەيگەن قەدىدىگە قاراپ باقتىڭمۇ، ئاقارغان چېچىنى سىلاپ باقتىڭمۇ، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. ( 7) ئۇ سىنى مەكتەپتە ئوقوتۇپ قويدى، شۇنداقلا دۇنيانى تۇنۇتۇپ قويدى، بەخىتنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويدى، سىنى دەپ ياشلىقنى يۇقۇتۇپ قويدى، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (8 ) شۇ گۈزەل ھۆسنىڭگە كۆچكەن ياشلىقى، سەن ئۈچۈن كەتمەسكە كەتكەن شاتلىقى، سىنى دەپ يۇقالغان ھەم ئوت شاشلىقى، سىنى دەپ ئاقارغان بېشى چاچلىقى، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. ( 9) ئەۋەتىپ تۇرۇدۇ ساڭا ئايدا ئاش، نەۋرىلەر يىسۇن دەپ چامغۇر ھەم كۆكباش، ھىچ يەردىن ئالمايدۇ بىر تىيىن مائاش، ئۇ شۇنچە چىداملىق،ئۇ شۇنچە يۇۋاش، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. ( 10) كۈمۈرگە پۇلى كەم قالايدۇ مەدەك، پۇل ئۈچۈن ئېتىزدا تىرىدۇ غۇزەك، ئەمما سەن قەھرىڭنى چاچىسەن تۇزدەك، ئېيتقىنا سەندىكى ئۇ قانداق يۈرەك، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (11) كۇچىدا كۆرسەڭ قاچىسەن تېخى، كەمسىتىپ ئەيبىنى ئاچىسەن تېخى، ئاچىقلاپ زەھرىڭنى چاچىسەن تېخى، شۇندىمۇ بالام دەپ كۈيەر ئۇ تېخى، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (12) تۇرقىغا قاراپ باق كىيمى جۇل-جۇل، ھەمىدىن ئايرىلىپ بۇلۇپ قالدى تۇل، تۇرمۇشنىڭ يۇلىدا يۇرىكى چۇل-چۇل، پۇرىۋال ئۇ دىگەن خۇشپۇراقلىق گۈل، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (13) قاراپ باق بەستىگە مۇكچىيىپ كەتتى، ئىش ئەمگەك دەستىدىن چەيلىنىپ كەتتى، ئۈشىگەن گۈل كەبى شۇمشۇيۇپ كەتتى، دەردىنى ئېيتالماي ئۆمچۇيۇپ كەتتى، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (14) ئۇنۇڭدا يوق قىلچە كىبىر-تەمەننا، ھەر باسقان ئىزىدا تۇمەن مىڭ مەنا، ئەپسۇسكى ياشىنىپ قالدى ئۇ ئەمما، لىكىن سەن قەرزىڭنى قىلدىڭمۇ ئادا، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (15) بىلەمسەن سەن ئۇنىڭ نامراتلىقىنى، نامراتلىق تەختىگە سۇلتانلىقىنى، بىلسەڭمۇ ئەڭ ئادىدى پاك-زاتلىقىنى، بىلمەيسەن قەرزىڭنىڭ قات -قاتلىقنى، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (16) كىيىشىڭ ئىسل تون،ساڭا كۈندە توي، ئىچىشىڭ مەي-شاراپ،يىيىشىڭ قوي، سەن گۇيا بىر ئەنبەر،ئۇ بولسا بەدبۇي، شۇ سەۋەپ داداڭنىڭ بېشىدا مىڭ ئوي، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (17) ئۇ بەرگەن پاختا رەخ ئۇستخانلاردا، ئۇ بەرگەن ئاش-غىزا داستىخانلاردا، ئۇ تەرگەن سەي-كۆكتات شوخ قازانلاردا، ئۇ يەنە ئۈتەلمەس ئىمتاھانلاردا، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (18) سەن ئۇنى بىر قېتىم يوقلاپ باقتىڭمۇ، بىرەر رەت قۇرسىقىنى توقلاپ باقتىڭمۇ، ئۇ سۇنغان داغ چاينى ئوتلاپ باقتىڭمۇ، بايرىمىڭ بولدى دەپ قۇتلاپ باقتىڭمۇ، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (19) ياشىدى ئۇ ھامان ھەقنى-ھەق سۆزلەپ، ئەۋلادىم-خەلقىم دەپ يىراقنى كۆزلەپ، ئىش ئەمگەك ئەزسىمۇ ھەتتا ھەسىلەپ، چىداشلىق ئۆتكۈزدى ئۆمرىنى بەزلەپ، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ. (20) ئۇ كەتسە قايتىدىن تاپقىلى بولماس، ئۇ كەتسە تاي بۇلۇپ چاپقىلى بولماس، ئۇ كەتسە قۇشاققا قاتقىلى بولماس، پۇل خەجلەپ بازاردىن ئالغىلى بولماس، سۆي،نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ.
|