- توردا
 - 71 سائەت
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-4-17
 - تىزىملاتقان
 - 2011-1-4
 - شۆھرەت
 - 2180 
 - تىللا
 - 967 
 - تۆھپە
 - 1304 
 - ھوقۇقى
 - 150
 - جۇغلانما
 - 7120
 - ئالبوم
 - 0
 - بلوگ
 - 2
 - خاتىرە
 - 1
 - يازما
 - 489
 - تېما
 - 129
 - نادىر
 - 0
 - ھەمبەھر
 - 4
 - UID
 - 1292
  
 
 
 
   
- تۆھپە
 - 1304 
 - تىللا
 - 967 
 - شۆھرەت
 - 2180 
  
 | 
[دەرسلىك] JavaScript دىن ساۋات (2-1) 
باشلاشتىن بۇرۇن تۈر ۋە ئوبىكىت توغۇرسىدا توختىلىپ ئۆتەي.(type  يەنى  类型 بۇيازمىدا تۈر دەپ ئېلىندى ).ECMA-262 نىڭ ئۆلچىمىدە قىممەتلەر توپلىمى تۈر دەپ بەلگىلەنگەن.مەسلەن بارلىق سانلار توپلىمى سانnumber تۈرىنى تەشكىل قىلىدۇ،بۇ توپلامدىكى ھەر بىر قىممەت بىر سان بولىدۇ.true (توغرا) ۋە false (خاتا) بولسا بورboolean تۈرىنى ھاسىل قىلىدۇ.بۇتوپلامدا پەقەت ئىككى قىممەت بولىدۇ. ئوبىكىت ---- ECMA-262 نىڭ ئۆلچىمىدە «خاسلىقنىڭ(属性) تەرتىپسىز توپلىمى،ھەر بىر خاسلىق ئۆزىدە ئەسلى قىممەت،ئوبىكىت ياكى فونكىسيەنى ساقلىيالايدۇ.»دەپ بەلگىلەنگەن.بىز ئادەتتە ئوبىكىتنىڭ خاسلىقىدا ساقلانغان فونكىسيەنى ئۇسۇل(方法) دەپ ئاتايمىز.قالغانلىرىنى خاسلىق دەپ ئاتايمىز.مەسلەن: 
 
 
 
 
javascript 
 
 
 
 
 
ئوبېكىت مۇرەككەپ ئۇقۇم بولغاچقا كېيىنكى يازمىلاردا مەخسۇس توختىلىمىز. 
ھەرقانداق بىر كونپېيوتېر تىلىغا ئوخشاش  JavaScript بىر تەرەپ قىلىدىغنىنى سانلىق مەلۇمات(数据) بولىدۇ.بۇلار undefined ,boolean,number,string,object,null قاتارلىق تۈلەرگە بۈلىنىدۇ.(سوئال:مەن باشقىلار يازغان كودلاردىن array نىڭمۇ بارلىقىنى كۆرگەن ،نىمىشقا بۇيەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ؟)بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۈگۈنۈشتە ئالدى بىلەن ئەسلى تۈر(原始类型) ۋە قوللىنىلغان تۈر(引用类型) توغۇرسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز . 
ئەسلى تۈر  
قىممەت ئېلىش دائىرسى ۋە يېزىقتا ئىپادىلىنىشى بەلگىلەنگەن تۈر ئەسلى تۈر دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ  ndefined ,boolean,number,string,null قاتارلىق بەش تۈرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.بۇ دىمەكچى بولغىنى ئىنىق قىممىتى بولغان ھەمدە يېزىقتا بىۋاستە ئىپادىلىگىلى بولىدىغان سانلىق مەۇمات توپلىمى .مەسلەن:1 2 3 4 5 2.5 2.6 ...... بۇلار ھەممىسى سان تۈرى يەنى number .يەنە null تۈرى بۇ پەقەت null قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈر. 
1.Undefined تۈرى  
ئۇنىڭ بىرلا قىممىتى بۇلۇپ ،يېزېقتا undefined ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ھېچقانداق قىممەت بېرىلمىدى دىگەننە بىلدۈرىدۇ.ئەگەر بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار بەلگىلىنىپ قىممەت بېرىلمىسە JavaSctipt ئۆزلىگىدىن مۇشۇ قىممەتنى بېرىدۇ.مەسلەن: 
 
2.Null تۈرى  
بۇنىڭمۇ قىممىتى بىرلا بۇلۇپ ،يېزىقتا null  ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئىپادىلەيدىغان مەنىسى تېخى بەلگىلەنمىگەن ئوبىكىت نى بىلدۈردۇ.ئەگەر ئىشلىتىلگەن ئوبىكىت تېپىلمىسا مۇشۇ سانلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ. 
3.Boolean تۈرى 
بۇ تۈر توغرا خاتانى بېلدۈرىدىغان سانلىق مەلۇمات تۈرى بۇلۇپ ئىككى قىممەتكە ئىگە.بىرى توغرا true يەنە بىرى خاتا false . 
4.Number تۈرى 
بۇ تۈر بارلىق قىممىتى سان بولغان سانلىق مەلۇمات نى كۆرسىتىدۇ.بۇ تۈر ھەرقانداق 32خانىلىق پۈتۈن سان ۋە 64خانىلىق كەسىر ساننى ئىپادىلىيەلەيدۇ.مەسلەن: 
 
5.String تۈرى 
بۇ تۈر باشقا تىللاردىكى ئوخشاش تۈرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تۈر بۇلۇپ ،بۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بەلگىلەنمىگەن سۆزلۈكنى ئۆزىگە قىممەت قىلغان ئالاھىدە بىر تۈر.بۇرتۈر ئادەتتە قوش پەش ۋە يالاڭ پەش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.مەسلەن: 
 
قوللىنىلغان تۈر  
JavaScript بىز ئالدىنقى مەزموندا سۆزلەپ ئۆتكەن قوللىنىلغان قىممەتكە يولۇققاندا بىر تەرەپ قىلىدىغان ئوبىكىت قوللىنىلغان تۈر دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ Object ئوبېكتى Boolean ئوبىكتى ،Number ئوبىكتى،String ئوبىكتى قاتارلىق بىر قانچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىز JavaScript دا ھەپىلىشىدىغىنىمىزنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئوبىكىت بولىدۇ. 
1.Object ئوبىكتى 
بۇ ئوبىكىت ئادەتتە ئادەتتە كۆپ قوللىنىلمايدۇ،لىكىن بۇ بارلىق ئوبىكىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يەنى بارلىق ئوبىكىت مۇشۇ ئوبىكىتدىن ھاسىللىنىدۇ.(继承)بۇنىڭدىكى بارلىق ئۇسۇل ۋە خاسلىقلار باشقا ئوبىكتلاردىن تېپىلىدۇ. 
2.Boolean ئوبىكتى 
بۇ ئوبىكىت Boolean تۈرىنىڭ قوللىنىلغان تۈرى بۇلۇپ،بۇمۇ ئادەتتە كۆپ قوللىنىلمايدۇ.تەشەببۇسۇم يەنىلا  Boolean تۈرىنى ئسلىتىڭ.مەسلەن: 
 
3.Number ئوبىكتى 
بۇمۇ Number تۈرىنىڭ قوللىنىلغان تۈرى.مەسلەن: 
 
بۇ خىل ئۇسۇل ئەلۋەتتە ئاۋارچىلق ،بىۋاستە Number تۈرىنى ئىشلەتكەنگە يەتمەيدۇ. 
4.String ئوبىكتى 
بۇ ئوبىكىت  String تۈرىنىڭ ئوبىكىتتىكى ئىپادىلىنىشى خالاس.مەسلەن: 
 |   
 
  
 |