ئەگەر سىزگە راھىپقا تارغاق سېتىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلسە، بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلايسىز ؟
راھىپلارغا تارغاق سېتىش ئۈچۈن قانداق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىش مۇمكىن؟
مەزكۇر يازمىدا 3 كىشىگە راھىپقا تارغاق سېتىش( Sell a Comb to the Monk ) ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلار ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. سىز بەلكىم بۇلارنىڭ راھىپقا تارغاق سېتىش كەچۈرمىشلىرىدىن يېڭىچە تۇيغۇ – تەسىراتلارغا كېلىشىڭىز مۇمكىن.
ياسىن ئابدۇللا ( بوھران )
مەلۈم شىركەت مال ساتقۇچى قۇبۇل قىلماقچى بولۇپ ئېلان بېرىپتۇ. ئېلاندا ۋەدە قىلغان مائاش ۋە باشقا تەمىناتلار خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا ، نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنى مەلۈم قىلىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت بۇلارغا سىناق ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى بىر داڭلىق بۇتخانىغا تارغاق سېتىپ كېلىش كېرەكلىكىنى، مۇشۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىسا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھاڭ- تاڭ قېلىشىپ، غۇلغۇلا باشلىنىپتۇ، بەزىلەر بىمەنىلىك دېسە، بەزىلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ، بىر-بىرلەپ تارقاپ كېتىپ ئاخىرىدا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى خالايدىغان پەقەتلا ئۈچ ئادەم قاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇتخانىغا تارغاق سېتىش باشلىنىپتۇ.
بىرىنچى ئادەم بىر يەشىك تارغاقنى بۇتخانىغا ئېلىپ بېرىپ، راھىپلار ئىبادەتتىن چۈشكەندە «تارغاق ساتىمەن تارغاق!» دەپ توۋلاپ سېتىشقا باشلاپتىكەن، راھىپلار قىزىقىپ كېلىپ كۆرۈپ بېقىپ ئارقىدىنلا «بىز يا چاچ قويمىساق، تارغاقنىڭ نېمە كېرىكى؟» دېيىشىپ، بۇ مال ساتقۇچى ئەتەي بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپ خاپا بولۇشۇپ، ئۇنى بۇتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشىپتۇ. ئىككىنچى ئادەم ئاۋال بۇتخانىغا كېلىپ شۇ يەردىكى ئىش-كۈشلەرنى بىر نەچچە كۈن كۈزىتىپتۇ ۋە باش راھىپنى تېپىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
-راھىپ ھەزىرىتىم، قارىسىلا، بۇتخانىلىرىغا كۈندە نۇرغۇن ساخاۋەتچى كېلىپ بۇتقا باش ئۇرۇپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ ۋە سەدىقە بېرىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىلى ئاشۇ بۇتنىڭ ئالدىغا بىر تال تارغاق بىلەن ئەينەك قويۇپ قويسىلىرى، ساخاۋەتچىلەر ئىبادەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇلۇپ كەتكەن چېچىنى تاراپ، ئۈستىۋېشىنى تۈزەشتۈرۈپ قايتىشسا، ھەر قايسىلىرىدىن تېخىمۇ رازى بولۇشقان ۋە بۇتخانىغا كېلىدىغان ساخاۋەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن بولار ئىدى…….
بۇنى ئاڭلىغان باش راھىپ بۇ تەكلىپنى توغرا تېپىپ، دەرھال تارغاقتىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. ئۈچىنچى كىشىمۇ ئاۋال بۇتخانىدا بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپتۇ ۋە ئاخىرى بىر كۈنى باش راھىپنىڭ خانىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ھەزىرىتىم، بۇتخانىلىرى داڭلىق بولغاچ يىراق- يېقىندىن نۇرغۇن ساخاۋەتچىلەر كېلىپ بۇتقا تاۋاپ قىلغاچ سەدىقە- ئىئانىمۇ قىلىپ تۇرىدىكەن. ئەگەر سىلى ئۇلارغا بىرەر خاتىرە بويۇم سوۋغا قىلغان بولسىلا، ئۇلار بەلكىم تېخىمۇ خوشال بولۇشى، كېلىدىغان ساخاۋەتچىلەر ئاينىپ، بۇتخانىلىرىمۇ راۋاج تاپقان بولار ئىدى. خاتىرە بۇيۇمغا كەلسەك، مەندە ياغاچ تارغاق بار. باھاسىمۇ ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىرىتىمنى خەتتاتلىققا ئىشتىياقى بار دەپ ئاڭلىدىم. ئەگەر سىلى ھەر بىر تارغاقنىڭ ئۈستىگە « شاپائەت تارغىقى» دىگەن خەتنى يېزىپ، پۇل ئىئانە قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە سوۋغا قىلسىلا، ئۇلارمۇ چۇقۇم ياقتۇرىدۇ ۋە خوشال بولۇشىدۇ، سىلىگىمۇ قىممەت توختىمايدۇ … …
باش راھىپ بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولۇپتۇ ۋە دەرھاللا 1000 تال تارغاق سېتىۋېلىپلا قالماي، تۈگىگەندە يەنە ئۇنى ئىزلەپ مال سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
- مانا بۇ سودا-سېتىقنىڭ ئېپى. بۇ << راھىپقا تارغاق سېتىش ، ( Sell a Comb to the Monk ) >> ھېكايىسىنى يېقىندا ئىئانە توپلاش خىزمىتى ھەققىدىكى بىر تەربىيلەشكە قاتنىشىپ، شۇ يەردە ئاڭلىغان. قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك بىلىنىپ خاتىرلىۋالغانتىم. ئوقۇرمەنلەرگە ئازىراق پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەگەر سىز سودا- سېتىق بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، سىز يۇقارقى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسسىنى قوللىنىۋېتىپسىز؟ يەنە قانداق يېڭىلىق ۋە ياخشىلاش ئاماللىرى باركەن؟ خالىسىڭىز بۇ ھەقتىكى ئوي – خىياللىرىڭىزنى بىز ۋە كەڭ يۈكسەل بلوگ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز ! …. |