- توردا
- 7 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-30
- تىزىملاتقان
- 2011-3-29
- شۆھرەت
- 93
- تىللا
- 86
- تۆھپە
- 75
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 330
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 12
- تېما
- 1
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1953
- تۆھپە
- 75
- تىللا
- 86
- شۆھرەت
- 93
|
بىز نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار (ئەپسۇس ساغلاملىق ھەققىىدىكى بىلىمىمىز تېخى يۇقىرى ئەمەس)جىگەر كېسەللىكىنىڭ كىشىنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدىغان يامان كېسەللىك ئىكەنلىكىنى تازا بىلىپمۇ كەتمەيمىز. بىراق، بۇ گەرچە يۇقۇملۇق كېسەللىك بولسىمۇ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئۇرغۇزۋەتسە بەك قورقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. گەپ: ۋاكسىنا ئۇرغۇزمايدىغانلار بەك كۆپ. ھۇرۇنلۇق!!!! ھاراققا، تاماكىغا پۇل چىقىرىدۇ، ساغلاملىققا 100كويچەنمۇ مەبلەخ سالمايدۇ!!!!
ھالبۇكى، جۇڭگودا 100مىليون كىشى(10ئادەمنىڭ بىرسى مۇشۇنداق كېسەل)مۇشۇ كېسەللىكنىڭ ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا قېرىنداشلار بۇ مەرەزدىن يۇقۇملىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ساق چېغىڭلاردا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۋېتىڭلار. ھېچ بولمىغاندا 10 يىلدەك خاتىرجەم يۈرەلەيسىز. يەنى، ب تىپلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولمايسىز. چەت ئەلنىڭ ۋاكسىنىسى(乙型肝炎重组疫苗( قىممەترەك بولسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى، باھاسى 3 قېتىملىقىنىڭ جەمئىي 150 كوي ئۆپچۆرىسىدە. مەن بۇرۇن مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ بەك جاپادا قالغانتىم، ھازىرغۇ شۈكرى ساقىيىپ كەتتىم، لېكىن، بەك جىق پۇل قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا تورداشلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن. قىزلار بۇنداق كېسەل بوپ قالسا تېخىمۇ چاتاق كېيىن بالىسىغا تۇغما يۇقۇپ قالىدۇ. ئەرلەرنىڭ سەل ياخشى. چۈنكى، ئانا تېنىدە ئانتېتىلا بولسا بالىغا يەنى تۆرەلمىگە يۇقمايدۇ(90پىرسەنت كېسىپ ئېيتقىلى بولىدۇ).
گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى: قىز-ئوغۇللار سۆيۈشكەندە بۇ كېسەل ئۆز ئارا يۇقامدۇ؟
جاۋاب:ب تىپلىق جىگەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس بولسا كېسەل قىز-ئوغۇللارنىڭ تەن سۇيۇقلىقىدا بولىدۇ. يەنى:سىپىرما، شۆلگەي،سۈيدۈكى-گەندىسى،قېنى،تەر سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار....
بىرسى كېسەل ئەمما يەنە بىرسى ۋاكسىنا ئۇرغۇزمىغان(ساق كىشى) بولسا كېسەللىك ساق ئادەمگە يۇقىدۇ. مۇبادا كېسەل كىشىنىڭ ئېغزىدا يارا بولسا ياكى چىشى ئاسان قانايدىغان بولسا، يەنى قان يۇقى بولسا كېسەللىك تېخىمۇ ئاسان يۇقىدۇ.ئەگەر ساق كىشىنىڭ تېنىدا يېتەرلىك ئانتېتىلا بولسا يۇقمايدۇ.ئانتېتىلا دەرىجىسى تۆۋەن بوپ قالغان بولسا يەنە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن(ۋاكسىنا سالدۇرغىنىغا 7-8يىل بولغان بولسا ۋاكسىنىنىڭ كۈچى قالمىغان بولىدۇ،شۇڭا يۇقىدۇ).
ئىككىلا تەرەپتە بۇ كېسەللىك بولسا بۇ يەردە يۇقۇش-يۇقىماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. سۆيۈشسە بەرىبىر بولىدۇ.
ئەگەر بىر تەرەپنىڭ 大三阳بولسا سۆيۈشكەندە ساق كىشىگە تېز يۇقىدۇ. 小三阳بولسا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن. دېمەك بۇ كېسەللىككە سەل قارىماسلىق كېرەك. بۇ كءسەللىك يەنە جىنسىي مۇناسىۋەتتىنمۇ تېز يۇقىدۇ.
سىز كېسەل بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى باشقىلارنى ئازابقا سېلىپ قويماڭ. چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىنىڭ، مۇۋاپىق داۋالىنىپ 小三阳 بولسىڭىز ساغلام كىشىلەردەك يۈرۈۋەرسىڭىز بولىدۇ،小三阳 يۇقمايدۇ. ئومۇمەن، بۇ سىزگىمۇ ھەم بىراۋغىمۇ ياخشى. قالغان ئىش ئەمدى سىزنىڭ ئادىمىلىكىڭىزگە باغلىق ئەلۋەتتە.
يەنە دەيدىغىنىم شۇ: دوستلار دوختۇرخانىغا بالدۇر بېرىپ ۋاكسىنا سالغۇزۋېتىڭ! ئاندىن بۇ مەرەز كېسەلدىن قورقمايسىز!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-3 18:34
|
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|