ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ يۇمشاق دېتال سىزنىڭ يازمىچىلىق ئىشلىرىڭىزدا كۆپ ئەسقاتىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مەلۇم بىر رەسىمنى ئېچىپ قويۇپ بۇ دېتالنى رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئېچىپ قويۇپ تۇرۇپ رەسىمدىكى خەتلەرنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكىمۇ، مەزمۇنىنى كۆچۈرۈشكە بولمايدىغان تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى: يۇمشاق دېتالنى قوزغاتقاندا بۇ ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ، يۇمشاق دېتالنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ھەر قانداق نەرسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال خۇددى ئەينەكتەك سۈزۈكلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كىچىك كۆزنەك ھالەتتە ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى پۈتۈن ئېكران قىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىۋېرىدۇ.
ئۇندىن باشقا، كومپيۇتېرىڭىزدا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ تور بەتكە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگەندەكلا بۇ يۇمشاق دېتال يۈزىگىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق يېزىق كىرگۈزەلەيسىز. ھەم Ctrl+K بېرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچە ئالماشتۇرۇپ يېزىشقا بولىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال يېشىل دېتال بولۇپ، سىز بۇنى بارماق دىسكىڭىزغا ئېلىپ يۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىر تاللا خەت نۇسخىسى بار، يەنى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنى سىز ئىشلەتكەن كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىدىكى C:\Windows\Fonts مۇندەرىجىسى ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويۇپلا مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى يۆتكەپ ئىشلەلەيسىز.
سىز Suzuk kirguzguch.rar نى چۈشۈرۈپ بولۇپ پىرىستىن يەشسىڭىز ins.dll، Shahdiyarsoft.exe ۋە UKIJTuT.ttf قاتارلىق 3 تال ھۆججەتنى كۆرىسىز. بۇنىڭ ئىچىدىكى UKIJTuT.ttf بولسا خەت نۇسخىسى بولۇپ، سىز بۇ خەت نۇسخىسىنى يۇقىرىدا دېگەندەك خەت نۇسخىسى ئامبىرىغا قاچىلاپلا قويسىڭىز بولىدۇ. ins.dll ھۆججىتى بولسا بۇنىڭ يۇنىكودلۇق ھۆججىتىدىن ئىبارەت. تور بېكىتىمىزدىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋېلىڭ |