ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1303|ئىنكاس: 5

خالمۇرات ئۆمەرنىڭ(چوڭ ئەيسانىڭ) تەرجىمىھالى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسىم تەگئاتى: خالمۇرات ئۆمەر  
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1969-يىلى  
تۇغۇلغان جاي: غۇلجا جاغىستاي   
ئېكرانغا تۇنجى چىققان ۋاقتى: 1994-يىلى تۇنجى ئېكران ئوبرازى: چوڭ ئەيسا
قان گۇرۇپپىسى: AB  
بوي ئېگىزلىكى: 1.81مېتىر   
مۆچىلى : توخۇ  
بالىلارنىڭ نەچچىنچىسى: بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى: ئاپا  
ئۆزىگە ياقىدىغان پەسىل: قىش پەسلى   
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈل: قىزىلگۈل  
ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ: كۆك، ھاۋا رەڭ   
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى: «قەيسەر يۈرەك»، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر»
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر چولپىنى: مىل گېپسون
(قەيسەر يۈرەك فىلىمىگە باش رول ئېلىپ چىققان) ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابى: «ئانا يۇرت»
ئەڭ رازى بولغان ئېكران ئوبرازى: ئوسمان داڭگال، ئالىمجان
ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىقى: ئوقۇشقا چاقىرىق كەلگەن كۈنى
ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۆكۈنىدىغان ئىشى: ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى
ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەقىدىسى: ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش   
ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى: مۇزىكا چېلىش
تاماشىبىنلىرىغا دەيدىغان سۆزى: خەلقىمنىڭ تەكلىپ - پىكىر ۋە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى خالايمەن.
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار: ماھىرە زاكىر، مۇساجان روزى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا: خەلق ئاھاڭلىرى
ئەڭ چوڭ ئارزۇسى: مىللەت ئۈچۈن ياراملىق سەنئەتكار بولۇش
خاراكتېرى: خۇشچاقچاق، چېقىشقاق
مىجەزى: چۇس، كەسىن
جۆرىسى: گۈلنۇر
جۆرىسىنىڭ كەسپى: نېفىت ئىشچىسى  
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ گۈلدەستە پروگراممىسىدا ھاراقكەش « چوڭ ئەيسا » نىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسسىيات ، يۇمۇرلۇق خاراكتېر ، ئىخچام، ئاممىباب ھەم قىزىقارلىق تىل ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇنداپ ، خەلققە تونۇلغان خالمۇرات ئۆمەردۇر. ئۇ 1969 - يىلى 31 - يانۋار ، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1991- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى . 1995- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆمەك تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا « گۈلەمخان » دىكى باش پېرسوناژ ئەختەمنىڭ رولىنى ئىلىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. خالمۇرات ئىلى دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن بۇ تارىخى شەخسنىڭ رولىنى ناھايىتى چىن، تەسىرلىك ئويناپ چىقتى. بۇ ئوپېرا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا ئوينىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى . بۇ ئوپېرا مەملىكەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت مۇكاپاتى، بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن توز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1998 - يىلى ئىشلەنگەن « قىرلىق ئىستاكان » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۇ ئوسمان داڭگالنىڭ ئوبرازىنى ئىلىپ چىقىپ ، زور داغدۇغا قوزغىدى . ھەمدە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . 1999- يىلى 10- ئايدا ئۇ « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئالىمجاننىڭ رولىنى ئىلىپ چىقتى . بۇ رولنى ئىلىپ چىقىپ ، بىراقلا ھەممە ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدا ، ئۆچمەس بىرى بەدىئىي ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم گىگانېت چولپانغا ئايلاندى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رول ئىلىش ۋە ئوبراز يارىتىشتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن « چىن سۆيگۈ « ، « ساراڭ »، « چار خوراز» ، « بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟ » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئىلىپ ، چىقىپ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا كىشىلەر قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى .

مەنبە:رىتىم مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-27 17:38  

ۋاقتى: 2011-3-28 10:20:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى نەچچە ئاي ئىلگىرى قايسىبىر توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغانتىم،قارىغاندا ئىەمدى يوللايدىغان ۋاقتى كەلگەندەك قىلىدۇ
  
       چوڭ ئەيسا '' نىڭ مەخپىي ئارخىپى
    ئاپتۇرى  ئابدۇرۇسۇل سېيىت  ( ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا )
   ماقالىمىز ماۋزۇسىنى ئاشۇنداق قويىۋالدۇق . لېكىن '' مەخپىي '' دىگەن گەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ . جاغىستايدەك يىراق تاغلىق يېزىدا تۇغۇلغان ، مەركىزىي شىەھەر ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقىنى بىلەن مۇئەللىپكە ئوخشاش ئىسكەتى ، يۈرۈش - تۇرۇشى ، گەپ سۆزى ، مىجەز - خاراكتىرى ،... ئىشقىلىپ تۇرغان پۈتكىنىدىن '' داڭگال '' پۇراپ ، مەمەيۈز پۇراپ ، جاغىستاي پۇراپ تۇرىدىغان بىر بالىنىڭ مۇرەككەپ دىگۈدەك يەنە نەرى بار دەيسىز .
ئادەم قانچىكى ئىچ مىجەز ، جىمىغۇر ، مۇرەككەپ بولسا شۇنچىلىك سىرلىق بولىشى مۈمكىن . سىرلىك ئادەمنىڭ كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان '' مەخپىي '' تەرەپلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ . بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' نى ئۇنداقلارنىڭ قاتارىغا قويۇشقا بولمايدۇ . سىز ئۇنى مەيلى قەيەردە، قانداقلا ھالەتتە ئۇچراتماڭ تۈز ، ساددا ، ئاق كۆڭۈل ، خۇشچاقچاق جاغىستايلىقلار ئارىسىدىن ، يالپۇز ، رەيھان كۆكى پۇراپ تۇرغان دالا - قىرلاردىن ، دىھقان ناخشىسى ياڭراپ تۇرغان ئېتىزلىقلاردىن ، پادىلار ئوتلاپ يۈرگەن جاڭگاللاردىن ، ئەنجان تاملىق قورۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھېلىلا چىقىپ كەلگەندەك كۆز ئالدىڭىزدا شۇنداق تەبىئىي ، شۇنداق چىرايلىق پەيدا بولىدۇ . ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدا خېلىلا گال ، بوشاڭ يەرلىرىنى دىمىسەك گالىستۇك تاقىۋالغان يېڭى زامان دېھقىنىنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ كىشىلەر نەزىرىدىكى تولىمۇ سۆيۈملۈك ، قەدىرلىك ، ئەتىۋارلىق تەرەپلىرىمۇ شۇ يەردە . يىراق قىرلاردىن چوڭ شەھەرگە بېرىپ ئوقۇپ ، ئىقدىسادىي بېسىم سەۋەبىدىن قىيامەتنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ سۆڭگىچىنى شەھەرگە پاتتۇرىۋالغاندىن كېيىن بولسا تۆت كۈنگە بارماي رەڭگى ، ۋە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ زامانغا لايىق ''خارەكتىر '' ، غەرىپكە لايىق ''سالاپەت '' پەيدا قىلىپ ، كىشىنىڭ يىتىم قوۋۇرغىسىنى ئېگىۋېتىدىغان ياشلىرىمىز ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . ''چوڭ ئەيسا '' بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ خىل روشەن سېلىشتۇرمىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . بىر قېتىم مەن ئۇنىڭدىن :
- شەھەر مەدىنىيىتىنىڭ خارەكتىرىڭدە ئازراقمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغانلىغىغا ھەيرانمەن ؟ - دەپ سورىسام ، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ :
- نىمىشقىكىن ، مىجەزىمدە سەل - پەللا كېتىپ قالغان يەرلىرىمنى سەزسەم بىر يېرىم كەمدەكلا ھېس قىلىمەن ، - دەيدۇ .
......
بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' ئالقىش ۋە چاۋاكلارغا ، شان - شەرەپلەرگە مەسىت بولۇپ كەتمىدى . ئېرسىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئالدىراپ مەست بولۇپ كېتىدىغان ، خۇدىنى يوقىتىپ قويىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى . شۇنداق ، ئۇنىڭ بېشىغا ئامەت قۇشى قوندى . بىر ئاخشامدىلا جاغىستايلىق خالمىرات ئۆمەردىن '' چوڭ ئەيسا '' غا ئايلاندى . بۇ خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن كاتتا ئىنئامى ئىدى . ئالقىشلارغا قايسى دەرىجىدە كۆمۈلمىسۇن ئەسلىدىكى پېئىل ۋە سۈپەتلىرىنى يوقىتىپ قويمىدى . تۇرمۇشتىكى ئوبرازى بىلەن سەھنە ، ئېكرانلاردىكى ئوبرازى ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بىر تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلدى . كىشىلەر نەزىرىدىكى بۇ سۆيۈملۈك ئوبرازنىڭ ئۆزى بىلەن يىلتىزى ، بۈگۈنى بىلەن ئۆتمۈشىگە نۇرغۇن ھېكايىلەر يوشۇرۇنغان . بۇ ھېكايىلەر بىزنى ''چوڭ ئەيسا '' نىڭ ئۆمۈر تارىخىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىدۇ .
ۋاقتى: 2011-3-28 10:21:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش
بىز سۆيگۈ ھەققىدىكى چىرايلىق كەلىمە '' بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش '' نى خەلق داستانلىرى ، قسسەلەر ، چۆچەكلەر ، ئەپسانە - رىۋايەتلەردىن كۆپ ئۇچرىتىمىز .
قىرغىزلارنىڭ دۇنياۋى يازغۇچىسى ئايتماتوپنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر بار . ئەمەلىي تۇرمۇشقا كەلسەك '' بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالىدىغان '' ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ . تېمىمىز مۇشۇ نۇقتىنى ياندىشىپ بىزنى ''چوڭ ئەيسا '' نىڭ ئانىسى بۈخېلچەم ئابدۇللا بىلەن دادىسى ئۆمەرجان گۈلەملەرنىڭ سۆيۈملۈك ئۆتمۈشىگە ئېلىپ بارىدۇ .
مۇتەئەسسىپ ''دانالار '' ، ''بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش '' نى ھېسسىيات جەھەتتىكى نورمالسىزلىق ، مىجەزدىكى سۇيۇقلۇق ، تۇترۇقسىزلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارىسا ، تەتقىقاتچىلار ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدا پەۋقۇللاددە كۆرۈلگەن تەبىئىي تەقاززالىقنىڭ مەھسۇلى دەپ چۈشەندۈرىدۇ .
مۇبادا ئۇنى ئاتالمىش '' دانا '' لارنىڭ قارىشى بويىچە چۈشىنىۋالساق ، ئۇ چاغدا ئوۋدىن ئېزىپ قېلىپ تاساددىپىي پۇرسەتتە ساھىپجامال كىچىك مۇقامچى ئاماننىساخاننى ئۇچرىتىپ قالغان سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ يۈرىگىدىكى ئاشىقلىق ئوتى بىلەن 19 - ئەسىر تەنقىدىي رىيالىزىملىق ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ نادىر ۋەكىلى شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپنىڭ رەناخان ئاپپاق خاتىرىىسگە بېغىشلاپ يازغان مۇھەببەت تېمېسىدىكى مەشھۇر ئەسىرى '' غەزەليات '' نى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئامالسىز قالىمىز . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا غۇلجا شەھىرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان يەنە بىر ئاشىقلىق ھېكايىسى يۈز بەردى . '' 3- شەخىس '' نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن باشلانغان ھېكايە ۋەقەلىگى ئىشىق - مۇھەببەت ، ھېجران ، ئازاپ ، سەرسانچىلىق ۋە ئاچچىق كۆز ياشلىرى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ ، ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانلىرى ئۆمەرجان گۈلەم ئىسىملىك ياش ، قاملاشقان يىگىت بىلەن قازانچىلىق ھوزۇرخان دۇتتارچىنىڭ قىزى بۈخېلچەم ئىسىملىك 18 ياشلىق ساھىپجامال قىز ئىدى . يىگىت شۇ مەزگىللەردە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش ساقچى ئورگىنىدا ، قىز بولسا '' يېزا كۇلۇبى '' دەپ ئاتىلىدىغان قازانچى مەھەللىسىدىكى سەنئەت ئۆمىگىدە ئىشلەيتتى .
1946 - يىلىنىڭ باھاردىكى ئەگىز ئايلىرىدا غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ كلوب '' ئۇ ، قا ، ق كلوب '' دا بىر قېتىملىق داغدۇغىسى چوڭ سەنئەت كېچىلىگى بولۇپ ئۆتتى . ئىلگىرى بۇنداق پائالىيەتلەر پات - پات بولۇپ تۇراتتى . 30- يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان '' ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى '' قارمىقىدىكى '' سانايى نەپىسە '' ئەتراپىغا سەنئەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن تالانىت ئېگىلىرى توپلانغان بولۇپ ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا يېڭى بىر گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن ئىدى . يىللار ئادەملەرنى ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدىكى ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە سۆرەپ كىرگەندە '' سانايى نەپىسە '' ئىشلىرى بىر مەزگىل نىسبىي جىملىقنى بېشىدىن كەچۈردى . ئۇرۇشتىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇرۇن سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىگەن ، كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ '' ئىتتىپاق تىياتىرى '' نامىدا ''سانايى نەپىسە '' نى قايىتىدىن تەشكىللىدى . شۇ قېتىم تىياتىرغا مۇساجان روزى ، ھۈسەنجان جامى ، غىياسىدىن بارات ، ئابدۇكىرەش ئەلى ، پاشا ئېشان ، ئايتۇرغان ھەسەنوۋاغا ئوخشاش نۇرغۇن ياش كۈچلەرمۇ قوشۇلدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ قازانچىلىق ئابدۇللا جاللاپ بىلەن ھوزۇرخان دۇتتارچىنىڭ قىزى بۈخېلچەممۇ بار ئىدى .
شۇ كۈنكى سەنئەت كېچىلىگىدە '' ئۇ ، قا ، ق كلۇبى '' ئادەم بىلەن لىق تولدى . كىشىلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىغىغا گەپ سىغمايتتى . ئويۇن كۆرگۈچىلەر ئىچىدە كاسىپلار ، ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن تارتىپ ، شەھەر مۆتىۋەرلىرى ، سۆلەتۋاز بايۋەتچىلەرگىچە ھەر ساھە ، ھەر كەسىپنىڭ ئادەملىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى . يۈرۈشلۈك خەلق ناخشلىرى بىلەن باشلانغان كېچىلىك تاماشىبىنلار قەلبىنى باشقىچە لەرزىگە سالدى . نومۇر كۆرسەتكۈچىلەر قاتارىدا گۈللۈك چىمەن دوپپا ، ئۈستىگە قارا يوللۇق خوتەن ئەتلىسىدىن بەل پۈرمە كۆڭلەك كىيگەن ، چىرايى ، تەققى - تۇرقىدىن ئىۋەن تاپقىلى بولمايدىغان بىرگۈل نەقىشلىق دۇتتارنى كۆتۈرۈپ سەھنىدە پەيدا بولغاندا ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلدى .

ئېگىز - ئېگىز تاغ بېشىدا ،
چىراق كۆيىدۇ .
چىراق ئەمەس ، يارنىڭ ئوتى ،
يۈرەك كۆيىدۇ .

         قىز دۇتتارنى تولىمۇ يېنىك ، نەپىس چالاتتى . دۇتتار پەدىسى ئۈستىدە ئەركىن ئويناپ كېتىۋاتقان لەغمەن پىلتىسىدەك قوللىرى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى . ئاۋازى بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك ، تاغ سۈيىدەك ساپ ، جاراڭلىق ئىدى . قوزا چىشلىرى ئارىسىدىكى ئەۋرىشىم تىللىرىدىن تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل مۇڭ تۆكىلەتتى .
ئۇ شۇ تۇرقى ، شۇ ھالىتى بىلەن تاماشىبىنلار قاتارىدا ، سەھنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ساقچى پورمىسى بىلەن ئولتۇرغان يىگىتنىڭ يۈرىگىگە بىر پارچە ئوتنى تاشلاپ قويدى . بۇ ئوت ئۇياقتىن يېنىپ ، بۇياقتىن ئۆچۈپ قالىدىغان ، تەپتى بىلەن كۈچىنىڭ تاينى يوق ئادەتتىكى ئوتقا ئوخشىمايتتى . مۇنداقچى ئېيتقاندا ئۇ ناخشىچى قىزغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى . بۇنى '' بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش '' دىمەي نىمە دەيمىز . شۇ سائەت ، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىشتىيى تۇتۇلدى ، ئۇيقىسى قاچتى . خىيالى پات -پاتلا '' ئۇ ، قا ، ق كلۇبى '' غا ، ھېلىقى قىزغا كېتىپ قالاتتى . قەلبىدىكى مۇڭ ۋە ھەسرەتنى سازدىن ، ناخشىدىن ئېلىشقا تىرىشاتتى . ئۇ بىرنەچچە خىل سازنى پىششىق بىلەتتى . ناخشىنىمۇ شۇنداق چىرايلىق ، مۇڭلۇق توۋلاپ قوياتتى . قىز كلۇپتا ئورۇندىغان ھېلىقى ناخشا قىز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ تىنىق - تىنىقلىرىدىن چىقىپ كېلەتتى . قىز بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدا ئاز كەم ئون بەش ياش پەرىق بار ئىدى . قىز ئون سەككىز ياشتا ، يىگىت ئوتتۇز ئۈچ ياشتا ئىدى . يىگىت ئوتتۇرىدىكى ياش پەرقىگە قارىماي قىزنىڭ پېيىگە چۈشتى . چوقۇم ئالىمەن ، قوشۇلمىسا ئەپقېچىپ كېتىمەن دەيتتى . ئۇ ۋاقىتنى كەينىگە تارتماي قىز تەرەپكە ئەلچى قويدى . توۋۋا ، ''تەۋەككۈلنىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق '' دەپ ، بەزىدە ئىشلار ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قالىدىكەن . ئەلچىلەر ئۈچىنچى قېتىم قىز تەرەپنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ خېلىلا ئەلۋەك تەبەسسۈم بىلەن قايتىپ كەلگەندە ، يىگىتنىڭ يۈرىگى خوشاللىقتىن ئويناپ كەتتى . ساقچى يىگىتنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشۈپ ، قەلبىدە ئۈمىت ئۇچقۇنى چاقنىغان شۇ ئاخشىمى قىز تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي چىقتى . چۈنكى ئۇ مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان مۇنداق توينى قىلىشنى خالىمايتتى . ئۇنىڭمۇ ئۆز تەغدىرى ، مۇھەببەت ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى . شۇ كۈنلەردە باشقا بىر يىگىت ، شەھەر مەكتەپلىرىنىڭ بىرىدا ئەپەندىچىلىك قىلىپ يۈرگەن مىسكىن چىراي بىر يىگىت قىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرەتتى . قىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار يوقلىقىنى بىلمەيمىز . ئىشقىلىپ يىگىت قىزغا سۆزسىز ئاشىق ئىدى . ما
ئىشنى كۆرۈڭ ، بىر قىزغا ئىككى ئاشىق ..
ئىككى يىگىت كۈچ سىنىشىپ قالدى . كۈچ سىناشقان ئىكەن بىر تەرەپنىڭ ئۇتۇپ ، يەنە بىر تەرەپنىڭ مەغلۇپ بولىشى ئېنىق . دەرۋەقە تەكەببۇر ، مەنمەنچى شەھەر '' ئاقسۆڭەڭ '' لىرىدەك ھەممىنى پۇل ۋە مال - دۇنيا بىلەن ئۆلچەشكە ئادەتلەنگەن ، ئوغۇل ئۆيلەپ ، قىز چىقىرىشتا تەكتىگە ، نەسلى - نەسەبىگە بېقىپ ئىش تۇتۇشنى تۇرمۇش مىزانى ، ھايات پەلسەپەسى قىلىۋالغان ھوزۇرخان دۇتتارچىدەك ئانىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئۆمرى يۇقسۇزلۇق ، مۇھتاجلىق بىلەن ئۆتكەن ، ھېلىمۇ ئۆتىۋاتقان شەرەپ تاختىسىدىكى گاداي مۇئەللىم - ئەپەندى يىگىت ، جەمىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى بار ساقچى يىگىتنىڭ ، يەنە كېلىپ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قان كېچىپ جەڭ قىلغان ، ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا ئوڭ لىپىكىدىن يارىلىنىپ شەرەپ ئوردىنىغا ئېرىشكەن قەھرىمان يىگىتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاجىز ، مىسكىن ، بىچارىلىغىنى ئاشكارىلاپ قويدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەپەندى يىگىتنىڭ يەر سۈيى قەشقەر يەكەنگە ، ساقچى يىگىتنىڭ بولسا ئالمائاتا ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ بايان قازاق دىگەن يېرىگە تۇتۇشۇپ كېتەتتى . بۇۋىسى مەھەللە ئاقساقىلى بولۇپ 1918- يىلىدىكى '' ئاتۇ ۋەقەسى '' دە ئائىلىسى بىلەن شوڭقار تاغلىرى ئارقىلىق جاغىستايغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ''تۇتسا سېپى ، چاقىرسا ئېتى بار '' ئائىلىلەردىن ئىدى .
ئاتا - ئانا قىزنىڭ كۆڭلىگە ئەمەس ، قىز ئاتا - ئانىنىڭ ئىرادىسىگە باقىدىغان زامانلار بولغاچقا ، قىز ئۆز ئەقىدىسى ۋە ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق ئۇرۇنۇشلىرى ، تىرىشچانلىقلىرى ، ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن قارشىلىقلىرى ... ھەممە ھەممىسى بىكارغا كەتتى . ياندۇرقى يىلى غازاڭ پەسلىدە ئۇلارنىڭ تويى بولدى .

ئېتىمنى توقۇپ قويدۇم ،
يۇپۇق ياپىمەن ئەمدى .
ياخشى ياردىن ئايرىلدىم ،
يالغۇز ياتىمەن ئەمدى .

        قىز ياسىداق پەيتۇنلار بىلەن ساقچى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلگەن كۈنى كۆزلىرى ياشلانغان ئەپەندى يىگىت شەھەر كوچىلىرىدىكى سۇۋادان تېرەكلەرنىڭ بىرىگە پىچاق بىلەن قىزنىڭ ئىسمىنى ، يىل ، ئاي ، كۈنلىرى بىلەن چوڭقۇر ئويۇپ قويۇپ ، چاپىنىنى دولىسىغا سالغىنىچە يىراقلارغا پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتتى . ئۇ شۇ چىقىپ كەتكەنچە غۇلجىغا ئىككىنچىلەپ قايتىپ كەلمىدى . كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە بىر ھەسرەت ، بىر ئۆمۈرلۈك ئارمان قېپقالغان ئىدى . ئۇنىڭ كېيىنكى تەغدىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىش ماقالىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بولمىغاچقا ، ئەپەندى يىگىتنىڭ ھېكايىسىنى مۇشۇ يەردە توختۇتۇشقا مەجبۇرمىز . ئۇنداقتا يەنە بىر ئاشىقىمىزنىڭ تەغدىرى بىلەن ساھىپجامال قىزنىڭ كېلەچىگى قانداق بولۇپ كەتتى ؟ گەپنى ئەسلى تېمىغا يۆتكەپ كېلىمىز .
  ئۇلار توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي جاغىستايغا چىقىپ كەتتى . شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى شۇنداق بەلگىلەپ قويغان ئىدى . جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ بولىدىكەن . بىر زامانلاردا بۇ زىمىندا تۇيۇقسىز قۇترىغان تەلۋە بورانلار قانچىلىغان ئەزىزلەرنىڭ تەغدىرىنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىۋەتمىدى دەيسىز . جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان ھەركەتلەر ئوخشاشلا ئۇلارنىمۇ ئارامىدا قويمىدى . ھەر ئىككىسىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ، تەركىبى ، كەسپى ، ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرى ، يەنە قانداقتۇر تۇقا - لەنەتلەر قوشۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىپلەش ، ساختا دېلۇ تۇرغۇزۇشتا يېتەرلىك دەسمايە بولۇپ بەردى . '' ئەكسىلئىنقىلاپچى '' ، '' قوش يۈرەك '' ، '' چەتكە باغلانغان ئونسۇر '' ، ''باي دېھقان '' ، '' يەرلىك مىللەتچى '' ، '' كاپىتالىزىمنىڭ قۇيرىقى '' .... يا ھەزرەت ، نىمەدىگەن ''چىرايلىق '' ، '' يارىشىملىق '' قالپاقلار بۇ . ئادەملەر ''سىنىپىي دۈشمەن '' لەردىن چەك - چېگرېنى ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە ئۇلار ئەڭ يىتىم ، ئەڭ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى . ھاقارەت ، كەمسىتىش ، خورلۇق ، سوئال - سوراق ، سازايى قىلىشلار ، مەسىلىسى بارلارنى نورمىدىن ، ئاشلىقتىن قىسىشلار ... ئىشقىلىپ جەمىيەتنىڭ ھازىرقى كۆزى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىنايەتكە تولغان بولۇپ ھاياتلىق ئۇچقۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئاجىز تېنىدە ئارانلا پىلدىرلايتتى . .......
جاغىستاي ئۇلارنى يەكلىدى . كىندىك قېنى تامغان ، ئۆسۈپ چوڭ بولغان يۇرتى ئۇلارنى يەكلىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ يەكلەش جەمىيەتنىڭ ، ۋەزىيەتنىڭ ، دەۋىرنىڭ يەكلىشى ئىدى .
جاھاندارچىلىقنىڭ تالاي ئىسسىق - سوغۇقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە تاۋلانغان ئۆمەرجان گۈلەم ئىسىملىك بىزنىڭ بۇ قەھرىمان يىگىتىمىز ئۇ خىلدىكى يەكلەش - يەكلىنىشلەرگە پەرۋا قىلىپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى .
قەلبىدىكى مۇڭ ۋە ھەسرەتنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ناخشىدىن ، سازدىن چىقىرىشقا ماھىر ئىدى . ئۇ يەنە ماڭغان ئىزى ، قىلغان سۆزىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تازىمۇ ھەييار ، قىززىقچى ، چاقچاقچى كىشى ئىدى . جاغىستاينىڭ شۇ زامانلاردا ئىشىك - تۈڭلۈكنى تاقاپ قويۇپ تۇرۇپ ئوينايدىغان چاي ، ئولتۇرۇش ، بەزمە - باراۋەتلىرى ، توي تۆكۈنلىرى ئۇنىڭسىز قىززىمايتتى . ساپ تارانچى شىۋىسىدە قىلىدىغان گەپلىرىنىڭ يۇمۇرلۇق ، ئوبرازلىق ، تورلۇقلىغى ، چاقچاقتىكى ئىنكاسىنىڭ تېز ھەم دەللىگى  كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى . بېشىغا ، ئائىلىسىگە كەلگەن قىسمەتلەر لەتىپە ، چاقچاق شەكلىدە ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تارىلىپ ، سورۇن ئەھلىگە باشقىچە زوق ۋە كۈلكە ئاتا قىلاتتى . '' پۇت يۈگرىگى ئاشقا ، ئېغىز يۈگرىگى باشقا '' دەپ ، ئۇ ئاشۇ لەتىپە ، چاقچاقلارنىڭ دەردىنى تالاي تارتقان چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى . جاغىستاي يېزىلىك ھۆكۈمەتتە بۇغالتىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئازات تىلىۋالدى ئۆمەرجان گۈلەم ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ۋاراقلاپ مۇنداق دەيدۇ :
- ئۇ بىر كۈلكە بىلەن يۇغۇرۇپ قويغاندەكلا ئادەم ئىدى . مانا بىزغۇ  سورۇنلاردا ئۇ چالغان ساز ، ئۇ ئېيتقان ناخشا ، ئۇ قىلغان چاقچاقلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان . زاماننىڭ تەتۈرلىگى تۇتسا ئەڭ ئاۋۋال ئۇۋالچىلىققا ئۇچرايدىغىنى يەنىلا ياخشى ئادەملەركەن . ئۇنىڭ ''مەسىلىسى بار '' لار قاتارىدا چەتكە قېقىلغان ، تۇرمۇشنىڭ دەردى يۈكلەنگەن ئېغىر ھارۋىنى تەستە سۆرەپ ، كوچا دوقمۇشىدا موزدوزلۇق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىنى ئويلىسام ئىچىم ئىچىشىدۇ . ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئادەتتىكى بىر موزدۇز ئەمەس ، ئىچى - تېشى ئىلىمگە ، ھۈنەرگە تولغان كەسىپ ئەھلى ئىدى . گۈزەل سەنئەت بىلەن قول ھۈنەر سەنئىتىگە كامىل بۇ كىشىنىڭ ئاجايىپ نەپىس ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ چىققان ياغاچ قوشۇق ، تاغاچ چۆمۈچ ، ياغاچ تاۋاقلىرى ، ياغاچ چۆچەكلىرى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلاتتى . پو ئېتىپ بەرسەم مەيلى رەسىم سىزىش ، مەيلى خەتتاتلىق سەنئىتىدە بولسۇن مۇشۇ تۆڭگىرەكتە ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى . رەسىمنى ئىچى پۇشقاننىڭ ئارىلىغىدا سىزىۋېتەتتى . '' جەڭگىۋار قىسىمنىڭ جازا يۈرۈشلىرى '' ، '' يىراقتىكى قارلىق چوققىلاردىن ئېقىپ كەلگەن ئانا دەريانىڭ ئۇپقۇنلۇق كۆرۈنۈشى '' ، '' تىلىنى خەنجىرىنىڭ بىسىغا تەككۈزۈپ ، قەھرى بىلەن قاراپ تۇرغان نۇزۇگۇم '' ، '' رەقىبىنىڭ كاللىسىغا شەمشەر ئۇرىۋاتقان سادىر پالۋان '' ....رەھمەتلىكنىڭ ئاددىي پەلكۈچى ئاستىدىكى بۇ سېتۇرۇلۇق كۆرۈنۈشلەر كىشىگە بىرخىل گۈزەللىك ۋە غورۇر تۇيغۇسى بېرەتتى . .....يېزىدىكى پۈتۈن سۈرۈك ئورۇنلارنىڭ تامغىسى شۇ كىشىنىڭ قولىدىن چىقاتتى. قورسىقىدا ئومىچى بار كىشىلەر باشقىچە كەمتەر ، چىقىشقاق ، كىچىك پېئىل كېلىدىغان ئوخشايدۇ . چوڭلاردىن ئاڭلىسام ئاخىرقى ئۆمرىنى جاغىستايدا ياشاپ ، جاغىستايدا ئۆتكەن مەشھۇر جامائەت ئەربابى نەزەر غوجا ئابدىسەمەتمۇ ( ئۇيغۇر ئوغلى  ) شۇنداق كىشىلەردىن دىيىشىدۇ . ئۆمەرجىنكام قەۋەتلا خۇشخۇي ، چىقىشقاق ، پاراڭچى كىشى ئىدى . كىتاپنى كۆپ كۆرەتتى . مەن ئۇنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرىنىڭ كۆپلىگىگە ، يۇرت تارىخى ، تەزكىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىمىنىڭ موللىقىغا قايىل ئىدىم . ئۇ گەپ باشلىسا ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزىگە قارىتىۋالاتتى . ۋاللەي ئويناپ يۈرگە چاغلىرىمىز تېخى تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . مەھەللىدىكى بىر توپ شوركىلار ئاتايىن ئۇنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قوشۇق ، ياغاچ تاۋاق ئويۇپ ئولتۇرغان يېرىگە بېرىۋالاتتۇق . ئاتا - ئانىمىزدىن ئاڭلىمىغان ھېكايە - چۆچەكلەرنى ، جوڭغارلار ، مانجۇلار ، سادىر ئۇرۇشى ، مىللىي ئىنقىلاپ دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن قەھرىمانلىق ھەققىدىكى قىسسەلەرنى ، موللا نەسىردىننىڭ يېڭىدىن - يېڭى لەتىپە - چاقچاقلىرىنى ئاڭلايتتۇق . ئۇ ھەر ئىككى گېپىنىڭ بىرىگە كۈلكىلىك گەپلەر ۋە رىۋايەت تۈسىنى بېرىپ بىزنى تېلىقتۇرۇپ - تېلىقتۇرۇپ قوياتتى . ئاياشقا ، ئاسراشقا ، ئەتىۋارلاشقا تېگىشلىك مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ جەمىيەتتە قېقىندى - سوقۇندى بولۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمىزدىن ئۆرتىنەتتۇق . خەيرىيەت ، شورىقۇرغۇر پەلەك ئۇنىڭ روھى ۋە جىسمانىيىتىدىكى بارلىق قۇۋۋەتلەرنى پاك - پاكىز شوراپ تۈگىتىپ ، ئاخىرى بېرىشقا تېگىشلىك بولغان لېكىن بېرىش نۆۋىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەن ھېلىقى يەرگە ئۇنى ئەجىلىدىن بۇرۇن ئېلىپ كەتتى .
شۇنداق ، ئېلىپ كەتتى . ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورلۇق ، كەمسىتىش ، ئاچ يالىڭاچلىق ، روھىي جەھەتتىكى ئېغىر بېسىم ئۇنىڭغا بىر رودىپاي كېسەلنى '' يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى '' نى ئىلتىپات قىلىپ قويدى . گېلىدىن تاماق ، كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچتى . كېسەل ئازابىدا كېچە - كېچىلەپ ئۆرە ئولتۇرۇپ چىقاتتى . ئاخىرى قايسى بىر چالا تىۋىپنىڭ ئۇيقۇ دورىسىنىڭ مىقدارىنى خاتا بېرىپ قويۇشى بىلەن قايتا ئويغۇنالماي 1968 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە قاينۇق يېزىسىغا ياتلىق قىلىنغان قىزى رەشىدەنىڭ ئۆيىدە 55 يېشىدا چىن دۇنياغا سەپەر قىلدى . مېيىتنى تېرەك غازاڭلىرى بىلەن چۆمكەلگەن يارىيار ھارۋىغا بېسىپ ، يېزىنىڭ توپىلىق يوللىرى ئارقىلىق جاغىستايغا ئېلىپ كەلگەن قايغۇلۇق كۈنلەردە بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئالتە ئايلىق تۆرەلمە ئىدى . ئۇ دادىسى تۈگەپ كېتىپ ئۈچ يېرىم ئايدىن كېيىن ، يەنى زىمىننى ئاق قار ، كۆك مۇز قاپلىغان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دۇنياغا كۆز ئاچتى .
ۋاقتى: 2011-3-28 10:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   خالمىراتنىڭ ئالمىسى
     خالمىراتنىڭ تۇغۇلۇشى ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈگى يىقىلىپ چۆلدەرەپلا قالغان بۇ ئائىلىگە يېڭى بىر خوشاللىق ئېلىپ كەلدى . ھەممىدىن بەك خوشال بولغىنى ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى . بىر چاغلاردا چاچلىرىنى سېكىلەك قىلىپ ئۆرىۋالىدىغان ، سەھنىگە چىقسا تاماشىبىنلارنىڭ ، كوچىدىن ئۆتسە قاراكۆز يىگىتلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ يۈرىدىغان شەھەر گۈزىلى ئەمدىلىكتە يېشىنى توختاتقان يېزا ئايالىغا ، ئالتە بالىنىڭ ئانىسىغا ئايلانغان ئىدى . بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر تۈگىمەس ئائىلە مۇشۇققەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغان ئىدى . تۆت ئوغۇل ، ئىككى قىز ئىچىدە بالىلىرنىڭ چوڭى قىز بولۇپ ياتلىق قىلىنغىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغانىدى .
قالغانلىرى تېخى كىچىك بولۇپ ، ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتى پۇراپ تۇراتتى . دىمەك ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ قاش - قاپىقىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان ، كۈندۈلۈك ئىشلىگەن نومۇرىغا قاراپ نورما تەقسىملاپ بېرىلىدىغان ئۇ زامانلاردا ئائىلىنىڭ تۇرخۇنىدىن تۈتۈن چىقىرىش ، ئۆزىنى قوشقاندا يەتتە جاننىڭ قورسىقىنى بېقىپ ، يىرتىقىنى ياماش ئانىنىڭ ئاجىز ئەمما ھەممىنى كۆتۈرۈشلۈك زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى . شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا :

مەن بار يەردە غەم قىلىپ يۈرمە ،
قاردا قالغان خامانلىرىڭدىن .
غەلۋىر تۇتۇپ ئۆزەم ئايرىيمەن ،
چەشلىرىڭنىڭ سامانلىرىڭدىن .

دىيىلگىنىدەك ، تۇرمۇشنىڭ بۇ ئېغىر ھەم كېلەڭسىز ھارۋىسىنى ھاياتنىڭ داۋانلىق يوللىرىدا ئۆزى يالغۇز تارتىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىشىمىز زۆرۈركى ئۆلۈم - يىتىمدىن خالى بولغىلى بولمايدىغان بۇ جاھاندا ئېرى تۈگەپ كەتسە كىرپىگىگە توپا قونماي تۇرۇپ باشقا ئەرگە سېزىك بولىدىغانلارنى ماڭدامدا بىر كۆرۈپ تۇرىمىز . گەرچە بۇنى ئىلىم ھەم شەرىئەت نۇقتىسىدىن خاتا دىيەلمىسەكمۇ ، بالىلىرىنى پوكىنىغا بېسىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەنھا ئۆتۈپ كەتكەن قەھرىمان ئانىلىرىمىزغا كېلىشتۈرۈپ مەدھىيە ئوقىماي بولمايدۇ . بۈخېلچەم ئانا ئېرىدىن ياش قالدى . قېرىق ياش ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تازا ئۇرغۇپ تۇرغان ، تۇرمۇشقا تەلپۈنۈپ - تەلپۈنۈپ قانمايدىغان ، لەگلەگكنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەن يىپىنى قايىتا ئۇلىۋالسىمۇ بولىۋېرىدىغان چاغلىرى ئىدى . لېكىن ئۇ ئۇلاشنى خالىمىدى . ئۇنىڭدىكى مۇھەببەت ، ۋاپا ئەقىدىگە ياتىدىغان بارلىق نەرسىلەر ئۆزىگە تېگىشكە مەجبۇر قىلغان ، كېيىنكى چاغلاردا تېگىپ خاتا قىلمىغان ، ھاياتنىڭ مەنىسى ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ھەقىقي مەنىسى بىلەن ھېس قىلدۇرغان ئاق كۆڭۈل ، كۆيۈمچان ئېرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى .
خالمىرات جاھانغا كۆز ئېچىپ ئاتا يۈزى كۆرۈپ باقمىغاچقا ، ئانىسى ئۇنى ئاغزىدا تۇغۇۋالغاندەك ئەتىۋارلايتتى .تارازىنىڭ بىر بېشىدا بەش بالىسى ، يەنە بىر بېشىدا خالمىرات تۇراتتى . '' چۆپنىڭ ئۇچى ، سۇنىڭ سۈزۈگى '' خالمىراتنىڭ ئىدى . ئۆيدە قانداقلىكى تاماق ئېتىلمىسۇن ئۇنىڭ باش بۇرنىدىن بىر قاچىسى ئايرىم ئېلىپ قويۇلاتتى . چۈنكى ئەتىگەنلىك ناشتىدا خالمىرات قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى . ئۇلارنىڭ ئۆستەڭ ياقىلاپ كەتكەن باغلىق ھويلىسىدا خىلمۇ -خىل مىۋىلەر تېپىلاتتى . ياز ئايلىرىدا مىۋىلەرنىڭ ئالدى مەي باغلاپ پىشىشقا باشلايتتى . مىۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاپىسى تەرىپىدىن ئالاھىتەن '' ئەن '' سېلىپ قويۇلغان '' خالمىراتنىڭ ئالمىسى''  بىلەن  ''خالمىراتنىڭ ئۈرىگى '' بار ئىدى . مەيلى سېرت ياكى ئائىلىدە بولسۇن كىشىنىڭ ئۇنىڭغا سوغۇق قول تەككۈزۈش ھوقۇقى يوق ئىدى .
- بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، - دەيدۇ خالمىرات ئانىسى ئۈستىدە توختۇلۇپ - ، رەھمەتلىك ئاپامنى دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر ئانىلار قاتارىدا سانىغۇم كېلىدۇ . ئۇ كۆز يېشىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشنى ئەزەلدىن خالىمايتتى .
           'ئىچىدە روزا تۇتۇپ ، تېشىدا ھېيت ئوينايدىغان '' لاردىن ئىدى . شۇ ئېغىر يىللاردا بىز ئۈچۈن قانچە - قانچە قۇربانلارنى بەرمىگەن دەيسىز . تۇرغا چۇچۇلماستا ئورنىدىن تۇرۇپ ، يىراق جاڭگاللاردىن ئوتۇن ، مال تېزەكلىرىنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ كېلىپ ، چېيىمىزنى ۋاقتىدا بېرەتتىدە قايسى بىر ئىدارە - ئورۇنلارنىڭ تازىلىقى قىلىشقا پۇسۇرلاپ كېتىپ قالاتتى. ئاخشاملىرى تاماقنى تەييار قىلىپ ئۆزى يىيىشكە تېگىشلىگىنى بىزگە قىسىنىپ ، ئاغزىغا گىياھ سالماي مانتا بېشىدا ئوھۇلداپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى ھازىرقىدەك كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ . كۆڭلىكىنى ئېغىلدا يۇيۇپلا ھۆل پېتى ئۈستىگە ئارتىپ چىققان چاغلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن . ئەمدى ئويلىسام ئالماشتۇرۇپ ئالغۇدەك كىيىمىمۇ يوق ئىكەنتۇق . شۇ چاغلاردا ھويلىمىزدىكى يوغان ئىككى تاختا كەلگۈدەك ئورۇندا يەرلىك قىزىل گۈل بولىدىغان ، ياز ئايلىرى ئاجايىپ چىرايلىق ئېچىلىپ كېتەتتى . مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە ، ئاپام بىچارىنىڭ گۈللۈك چىت كۆڭلىكىنىڭ ئېتىگىگە گۈل بەرگىلىرىنى تولدۇرۇپ تېرىپ ، ئەتنەك قاچىلارغا قاچىلاۋاتقانلىغىنى ، ئالقانلىرىنىڭ قىزىل پەرەڭدەك بويۇلۇپ كەتكەنلىگىنى كۆرەتتىم . مېنى كۆرۈپلا قۇلىقىمدىن تۇتۇپ سۆيۈپ كېتىدىغان . ئاپام گۈل چېڭىدىن گۈلقەنىت ياساشقا قەۋەتلا ئۇستا ئىدى . ھەربىرىمىزنىڭ نامىدا ئايرىم گۈلقەنىت ياساپ بېرەتتى . شۇڭا قىزىل گۈلنى كۆرسەم ئەڭ ئاۋۋال ئاپام رەھمەتلىك بۇرنۇمغا پۇرايدۇ
   -چاقچاقلىرىچۇ ، چاقچاق بىلەن تەربىيە بەرگەن ئىشلىرى پۇرىمامدۇ ؟
- پۇرىمامدىكى ،- دەپ كۈلدى خالمىرات ، - ئېسىمنى تاپقاندىن بېرى ئائىلىمىزدە ناخشا بىلەن كۈلكىنىڭ ئۈزۈلۈپ باققىنىنى كۆرمىدىم . ئاپامنىڭ جاغىنستايدا '' دۇتتارچى خەلچەم '' دىگەن نامى بار ئىدى . دۇتتارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىپلا قالماي ، پاراڭنىمۇ ئوبدان قىلىپ قوياتتى . گەپكە ، چاقچاققا قەۋەتلا ئۇستا ئىدى . روھىمىزنىڭ ئاچ يەرلىرىنى ناخشا ، ساز ، كۈلكە - چاقچاق بىلەن تولدۇرۇپ تۇراتتى . بىرەرسىمىزدىن سەۋەنلىك ئۆتۈلۈپ قالسا بىۋاستە يۈزىمىزگە سالماي ، چاقچاق بىلەن جاۋاپ بېرەتتى . ئېسىمدىن زادىلا چىقمايدۇ تاماكىغا ئۈگۈنۈپ قالغان بالا چاغلىرىم ئىدى . بىركۈنى ناشتىلىق ئۈستىدە قۇرۇق نان بىلەن چاي گېلىمدىن ئۆتمەي ئاپامدىن سوراپتىمەن :
- ئاپا ، ئاخشام ماڭا تاماق ئېلىپ قويمىغانمىدىڭ ؟
- ئېپ قويغان بالام ، قازان بېشىدىكى تەخسىدە ، ئۈستىنى يېپىپ قويدۇم ، ئېلىپ يە .
بارغان پېتى تەخسىنى ئېچىپتىمەن . قارىسام تەخسىنىڭ ئىچىگە گۈل چىقىرىپ موخۇركا ، گېزىت ، سەرەڭگىلەرنى قاتار تىزىپ قويۇپتۇ . گەدەنلىرىمگىچە قىزىرىپ كەتتىم . ئەسلىدە ئاپام ئاخشىمى كىيملىرىمنى يۇيغاندا بۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ قالغانىكەن . شۇندىن بېرى ئۆيگە تاماكا كۆتۈرۈپ كىرمەيدىغان بولغانىدىم .
مەكتەپتە لەلەڭلەپ يۈرۈپ ياخشى ئوقىمىغانلىغىمنى بىلىمەن . مەۋسۈملۈك ئىمتىھانلاردا بېشىم قاتاتتى . ئۆيگە كەلسەم ئاپام :
- بالام نەچچە پەندىن قاپسەن ؟ - دەپ سورايتتى .
- ئىككى پەندىن .
يەنە بىر كۈنلىرى :
- ئەمدىچۇ ؟- دەيتتى .
- ئۈچ ...ياق تۆت پەندىن ....
- ھۇششارە ، - دەپ كۈلەتتى ئاپام ،- پەنلىرىڭنى مۇشۇنداقلا يىغىپ بەرسەڭ ، ئۆيىمىزنىڭ ئاستى - ئۈستىنى تاختايلىق قىلىۋالغۇدەكمىز .
ماقالىمىزنىڭ مۇشۇ يېرىدە '' ئارزۇلۇق ئوغۇل '' نىڭ ئاز - تولا غەيۋىتىنى قىلىۋالايلى .
خالمىراتنىڭ سەنئەت ۋە قىززىقچىلىقتىكى مىجەزى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇدۇمىنى تارتقان دىيىشكە بولاتتى . ئۇنىڭلا ئەمەس ئۈچ ئاكىسى ، ئىككى ھەدىسىنىڭمۇ شۇنداق ئىدى . چوڭ ھەدىسى رەشىدەم سېپى ئۆزىدىن قىززىقچى . لېكىن ئۇ سەھرانىڭ كۇن ئاشۇرماي كاكىلايدىغان مۇنۇركا توخۇلىرىدەك كەينە - كەينىدىن يەتتە ئوغۇل ، بىر قىزنى تۇغۇۋېلىپ ، يېشىدىن بۇرۇن قېرىپلا كەتتى .
- نىمانچە تۇغۇۋالدىڭ ، ئۆزەڭنى قېرىتىپ ؟ - دىگۈچىلەرگە ئۇ :
- يازدا ئېتىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، قىشتا بىكار بولغاندىن كېيىن تۇغماي نىمە ئىش قىلىمىز ، - دەپ گەپ بەرمەيدۇ تېخى .
.ئىككىنچى ھەدىسى گۈزەلنۇر ئۆمەر بىز دائىم ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان '' ناخشا چولپىنى '' شۇ . ئۇنىڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرى ۋە يېڭى  زامان ناخشىلىرىنى ئۆزىگە خاس پورمىدا ئېيتىش بىلەن نامى بار . ئاكىلىرى دىلشات ، نىجات ( تۈگەپ كەتكەن ) دېلمۇراتلار ناخشىنىمۇ ، قىززىقچىلىقنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ . قۇلىغىنى تۇتۇۋېلىپ ناخشا توۋلىسا ، سەھرانىڭ باغرى يۇمشاق ئادەملىرىنى يىغلىتىۋېتەلەيدۇ . ئەمگەكتىن قاچمايدۇ . بىراق ...بىزنىڭ مۇشۇ خالمىرات.......
خالمىرات كىچىگىدىن '' سېنىڭ راست '' دەپ يامان ئۈگۈنۈپ قالغاچقىمۇ قەۋەتلا بوشاڭ ، لايغەزەل چىقىپ قالدى . قولىدىن نە ئوقۇش ، نە ئەمگەك كەلمەيتتى . ئۇنىڭغا ئويۇن بىلەن ئۇيقىدىن باشقا نەرسە خوشياقمايتتى . سادىغڭكېتەيلەر راست خوشياقمايتتى . مانا بىزمۇ سەھرا بالىسىغۇ ، يېزىنىڭ قىززىق – قىززىق توپىلىرىنى كېچىپ ، ئايدىڭ كېچىلەردە غۇلاچلاپ سول تارتىپ چوڭ بولغان . ئىشلىگەننىڭ نەرى يامان ھە ؟ ۋاقتى – ۋاقتىدا تەرلەپ تۇرساڭ ، بەدىنىڭدىكى دىقسىراپ كەتكەن ھارام كۈچلەر ساقىندى بولۇپ ، مۇسكۇللىرىڭ چىڭىپ يېنىكلەپ ، تېتىكلىشىپ قالىسەن . مۇنۇ ئاپتاپنى كۆرسە مەتنىيازدەك دەرەخنىڭ سايىسىگە قېچىشقا ئالدىرايدىغان دەيۈزچۇ ؟ قوپالراق ئېيتقاندا ئۇ '' بەرسەڭ يەيدىغان ، ئۇرساڭ ئۆلىدىغان '' ، '' ئاش بولسا ئىش بولمىسا ، ياز بولسا قىش بولمىسا '' دەيدىغانلارنىڭ تىپىغا كىرەتتى . بىر قېتىم ئ دىلمۇرات ئاكىسىغا ئورما ئورۇپ بەرگىلى چىقىپ ، ھارۋىنىڭ ئاستىدا ئۇخلاپ قالغانلىرىچۇ تېخى . ئاكىسى بىچارە تاماقلىرى قۇرۇپ ، كالپۇكلىرى گەز باغلاپ ، قورساقلىرى ئاچچىق ئۈچەيدەك تارتىشىپ يېتىپ كەلگەندە نە بىر بۇردا نان ، نە بوغما قاپاقتا بىر يۇتۇم چاي قالمىغان ، ئاپىسىنىڭ مۇنۇ زەمەلىگى خۇددى ئۇنىڭغا تاغ يۆتكىشىپ بەرگەندەك ھەممىنى پاك –پاكىز يالماپ ، دۇنيادىن بېغەم ''سەمەرقەنىتنىڭ ئۇيقۇسى '' غا كەتكەن ئىدى . دەرغەزەپكە كەلگەن ئاكىسى سۆڭگۈچىگە تېپىپ ئويغۇتۇپ ، تىل سالدى :
– خەقلەرنىڭمۇ ئۇكىلىرى ئوقۇشقا كېتىدىكەن ، سەنمۇ يوقالساڭ بولمامدۇ ئوبدانراق ئوقۇپ .....
   خالمىرات ئالدىراپ يوقالمىدى . ئۇنىڭچە بولغاندا ئادەمدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرغىلى بولمايدىغان مۇنداق سەھرايى قىيامەتتىن تېزرەك يوقالغۇسى ، يىراق – يىراقلارغا كەتكۈسى ، چوڭ شەھەرلەرگە ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە بېرىپ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگىنى بىر سىناپ باققۇسى بار ئىدى .بىراق ئۇنىڭ ئوقۇشى ئادەم ئېيتقان بايىقىدەك تۇرسا يەنە نەگە باراتتى ؟ يۇقۇرىدىن ئىككى نۆۋەت سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئادەم كەلدى . بىر قېتىمدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ مۇزىكا سىنىپىغا ، يەنە بىر قېتىمدا ئىلى پىداگوكىكا ئېنىستىتوتىنىڭ سەنئەت سىنىپىغا ، خالمىرات ھەر ئىككىلىسىگە ئىمتىھان بەردى . ئۆتۈپ كەتتى . نەتىجىسىچۇ ؟ ''ئات ئايلىخانغا ، يول سارىخانغا''  بولۇپ كەتتى .جاھاننىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولىدۇ .  ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇپ ياشايدۇ . بىز كۆپ ھاللاردا بۇنى تەغدىرگە جورۇپ '' كەلمىگەن تەلەيدە بىرنىمەڭنى ھەققى بارمۇ '' دىگەن تەمسىل بىلەن تۈگىتىمىز . خالمىرات بۇنى چۈشەنمەيتتى . ئۇ تەغدىرگە تەن بەردى . بىر مەزگىل يېزىلىق سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ يۈردى . پۇلغا ئەمەس نومۇرغا ، گوڭغا ئىشلىدى . ئۆمەك تەركىۋىدە جاغىستايلىق خەلق سەنئەتچىسى مەسۇمجان ھاشىم ، ھەدىسى گۈزەلنۇر ئۆمەر ، ھازىرقى شىنجاڭ تۋلىۋېزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە مەركىزىنىڭ تالانىتلىق ئاۋاز ئارتىسى يالقۇن سەپەرلەر بار ئىدى . ئۇلار ئويۇن تەييارلايتتى . يېزىدا ، قوشنا يېزا بازارلاردا ، ناھىيە مەركىزىدە ئويۇن قوياتتى . ناھىيىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتنىشىپ ، بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى . سەنئەت ئۆمەكنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى خالمىراتنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى سېلىماخۇن مۇئەللىم مۇئەللىپكە :
– خالمىراتنىڭ  سەنئەتتىكى قىزغىنلىقى ۋە كارامىتىگە قىل سىغمايتتى . قانداقلىكى رول بولسۇن ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇراتتى . قولىغا دۇتتار بىلەن تەمبۈرنى ئالسا كەسپىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن سەنئەتچىگە ، كىشىلەرنى دورىسا پىشقان ئاۋاز ئارتىسىغا ، قىززىقچىلىق قىلسا كەمەك ھەييارنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشايتتى . شۇ چاغلاردا بىز سەھنىگە ئېلىپ چىققان '' بۇزۇلغان توي '' ، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن ''دېھقان شادلىقى '' غا ئوخشاش قىسقا پەردىلىك دىراممىلاردا خالمىرات مۇناسىپ روللارغا چىقىپ ، ئاجايىپ ئوبدان تەسىرلەرنى قالدۇرغان .ئۇ ئاخىرى ئۆز ئورنىنى تاپتى ،– دەيدۇ .
ھەئە ، تاپتى . سەنئەت ئۆمىكى ۋەيران بولۇپ ، خالمىرات يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە توختاملىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن يەنە ئادەم كەلدى . بۇ قېتىم كەلگەنلەر ئىلكىرىكىگە ئوخشىمايتتى . بىراۋنىڭ چىرايى ، يانچۇقىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغانلاردەك قىلمايتتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامىنى كۆپ ئاڭلىغان ئەمما كۆرۈپ باقمىغان ئىسسىق چىراي ئايال ماھىرە زاكىر بىلەن '' بەخىت ناخشىسى '' فىلىمىدە ''شوخ كېرىم '' بولۇپ چىققان بۇرۇتلۇق كىشى تۇيغۇن ئەھمىدى تۇراتتى . ئۇلار نەق مەيداندا ، خالمىرات دەرىس ئۆتىۋاتقان سىنىپنىڭ ئىچىدىلا سازدىن ، ناخشىدىن ، قىززىقچىلىقتىن ئىمتىھان ئالدى . ئارتىسلاردا چىراي مېمىكىسىدا ئىپادىلىنىدىغان ھالەتلەرنىڭ بولىشى بەك مۇھىم ئىدى . خالمىرات دۇتتار بىلەن تەمبۈرنى نۆۋەت بىلەن قولغا ئېلىپ ئاۋۋال '' رۇخسارى مۇقامى '' نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاندىن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭ ، ئۇدار ، تېمىپلىرى بويىچە رازى بولغۇدەك ئېيتىپ بەردى . ئاۋاز ، قىززىقچىلىققا كەلگەندە پاكىستاننىڭ كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى '' مىراسخور'' دىكى ئەسمەتخاننىڭ ئاۋازىنى دورىدى . ئۇلارنىڭ ئالدىدا جاغىستايلىق كۆرۈمسىز دېھقان بالىسى ئەمەس ، گويا ئەسمەتخاننىڭ ئۆزى پەيدا بولدى ........

ماھىرە زاكىر تۇيغۇن ئەھمىدىلەرنىڭ چىرايىغا قايىللىق ، رازىمەنلىك كۈلكىسى تەپتى . ئۇلارنى بۇيەرگە چاپچال ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان ئەركىن ئەرشىدىن ئېلىپ چىققانىدى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆۋۈك چىقىرىپ بۇ بالىنى ماختاشلىرى بىكار ئەمەسكەن . ماختىغۇچىلىگىمۇ ، تەرىپىنى قىلغۇچىلىگىمۇ بار ئىكەن . ئۇلار ئەركىن ئەرشىدىننى بىر ياققا تارتىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
- سىز دىگەن بۇ يىگىت كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقتى . جاۋابىمىزنى كۈتسۇن .
يەنە شۇ كۈتۈشنىڭ گېپى . نىمە دىگەن ئازاپلىق ئىش بۇ ! ئۇ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىقىدىمۇ شۇنداق كۈتكەن .كۈتۈپ - كۈتۈپ نىمىگە ئېرىشتى ؟ ئەمدى قوپۇپ يەنە كۈتسە .....
بۇيەردە خالمىراتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈشلەرگە تاقەت قىلىپ تۇرالماي ، ''چاقىرىش قەغىزى '' نىڭ خەۋىرىنى ئېلىش نىيىتىدە جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ۋېلسىپىتى بىلەن بېرىپ - كېلىشى يۈز كېلومېتېردىن ئارتۇق يولنى '' مارافۇنچە '' بېسىپ ، يېزىدىن ناھىيە بازىرىغا ، ناھىيە بازىرىدىن غۇلجا شەھىرىگە چۈشۈپ تارتقان جاپالىرى ، ئاچ قالغان ، ئۇسسۇزلۇقسىز قالغان ئىشلىرى ، ئاغزىغا گىياھ سالماي ، چاپچالنىڭ دەشتى چۆللىرىدە ئېرىقتىكى لاي سۇنى ئوچۇملاپ ئىچىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن يەرلىرىنى ھېكايە قىلىپ ئولتۇرمايمىز . كۈتۈشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر نىمىلا دىگەن بىلەن ''چاقىرىش قەغىزى '' ئاخىرى يېتىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ قورۇق تاملىق ئازادە ھويلىسى توي شادلىقى ، بايرام خوشاللىقىغا چۆمدى . خالمىرات ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا ئاپىسى ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر نەرسىنى يوللۇق تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى .
'' خالمىراتنىڭ ئالمىسى '' ، خالمىراتنىڭ ئۈرۈگى '' دىن قىلىنغان ئالما گۈلە قېقى ، ناۋاترەڭ قولياغلىققا ئورالغان بىر كاللەك ناۋات .
ئون بەش يىل ئاۋۋالقى شۇ قولياغلىق ئانىسىدىن قالغان تەۋەرۈك يالداما سۈپىتىدە ھېلىمۇ ئۇنىڭ ساندۇقىدا ساقساقلىق تۇرماقتا . ئېھتىمال ئۇ ئەۋلاتتىن ئەۋلات ساقلىنىشى مۈمكىن . ئانىلاردىن قالغان يالداما ئەسلىمىمىزنىڭ بىر پارچىسى . ئۇ بىزگە كىملىكىمىزنى ھەر ۋاقىت يادىمىزغا سېلىپ تۇرىدىغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر   .
ۋاقتى: 2011-3-28 10:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      گۈزەلنۇر ئۆمەرنىڭ يىغىسى
ماۋزۇمىزغا قاراپ گۈزەلنۇر ئۆمەرنى كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان تازىمۇ بىر تاۋى نازۇك ئاياللارنىڭ تىپىدىن ئوخشايدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز . كونىلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ بىر ھەقىقىي جىگىرى بار ، تىرىك ئايال . بېلىنىڭ تۆۋىنىگە ئاش بارمىغان مىڭلىغان خېنىم مىجەز ئەرلەرگە تېتىغۇچىلىگى بار . تەغدىرگە تەن بېرىشنى خالىمايدىغان ، ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى بىلىدىغان ، ھاياتقا ئۈمىد ۋە ئىشەنىچ بىلەن بېقىپ ، مەغرۇر يۈرۈيدىغان قەيسەر ئايال . كۆزىدىن كۈلكە ، چېھرىدىن تەبەسسۈم ئۆچمەيدىغان چىقىشقاق ، مۇڭداشقاق ، خۇشچاقچاق ، سۆيۈملۈك ئايال . ئۆمرىنى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن بېغىشلىغان ، ئىلى خەلق ئاھاڭلىرى ئاساسىدىكى ناخشىلارنى ئورۇنلاشتا ئۆزىگە خاس پورما شەكىللەندۈرگەن چولپان ئايال . گۈزەلنۇر قانداقتۇر كەسپىي مەكتەپ تەربىيەسى ، ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسى دىگەندەك يەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان . ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئۆزىنىڭ ئانىسى ، ئۇنى تاۋلاپ يېتىشتۈرگەن ئورۇن ئىلىنىڭ ئەلنەغمە سورۇنلىرى . شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق ، ئېيتقان ناخشىلىرى سىڭىشلىق ھەم تېتىملىق . ھەرقايسى ئۈن - سىن نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان ، خەلق سۆيۈپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان '' سۆيگانۇچكا '' ، '' ئېزىتقۇ '' قاتارلىق سەككىز پارچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى بىلەن بىر پارچە VCD  پىلاستىنكىسى بۇنىڭ بىردىن بىر دەلىلى . ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ جاغىستاي يېزىلىق سەنئەت كۇرژۇكى ، غۇلجا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلىگەن . ئىشلار بازار ئېگىلىگىگە يۈزلەنگەندىن كېيىن سەنئەت ئۆمىگىدىن چىقىۋېلىپ ، ئۆزىنى كەسكىن رىقابەت ئىچىدىكى بازار قاينىمىدا سىناپ كۆرمەكتە .
خوش ، نەزىرىمىزدىكى مەردانە ئايال قانداق بولۇپ يىغلاپ قالدى . ئۇ ياشلار نەلىرىدىن ، كىم ئۈچۈن چىقتى ؟ بۇ ئىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ دىققەت نەزىرىمىزدە بولىدۇ . شۇنداق ئۇ يىغلىدى . ئۆمرىدە پەقەت ئۈچ قېتىملا يىغلىدى . بىرىنچى قېتىم ئىنىسى خالمىرات ئۆمەر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ تىياتېر فاكولتىتىدىن كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى قولىغان ئالغان چاغدا خوشاللىقىغا ئورتاق بولۇپ يىغلىدى. ئىككىنچى قېتىم 1994 -يىلى چېچەك پەسلىدە شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ''گۈلدەستە '' نامىدىكى سەنئەت كېچىلىگىنىڭ 3 - قىسمى كۆرسىتىلگەندە '' مېھمان '' ناملىق ئېپىزوتتا '' چوڭ ئەيسا '' نىڭ رولىنى ئېلىپ چىققان ئىنىسىنى كۆرۈپ يەنە خوشاللىقتىن كۆزىگە ياش ئالدى . ئون ئىككى يىل ئاۋۋالقى شۇ ئىش ھازىرقىدەك يادىدا تۇرۇپتۇ . ئۇ چاغدا ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ جېلىليۈزى بازىرىدىكى قايسى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇراتتى . ئاشخانىدا تېلىۋېزور بار ئىدى . تېلىۋېزوردا سەنئەت كېچىلىگى كۆرسىتىلىۋاتاتتى . بىر چاغدا ئېكراندا ئىنىسى پەيدا بولدى . كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى . ... تەلەپپۇزى ، تەققى - تۇرقى ، ھەرىكىتى ، جاغىستايلىقلارغا خاس يۇمۇرلۇق خاراكتىرى ...توۋۋا ئېكراندىكى ''چوڭ ئەيسا '' دىگىنى نەق ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى . ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا توۋلىۋەتتى :
- خالايىق كۆردۈڭلارمۇ ، ئاشۇ مېنىڭ ئۇكام ، ''كىچىك ئەيسا '' نى بوزەك قىلىۋاتقىنى مېنىڭ ئۇكام خالمىرات ئۆمەر شۇ . ھا...ھا...ھا... مېنىڭ ئۇكام ....- كۈلكىنىڭ ئاخىرى خوشاللىق يىغىسىغا ، بەخت يىغىسىغا ئايلىنىپ كەتتى .
ئۈچىنچى قېتىم ئىنىسى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەركىزىي شەھەردە قېلىش - قالالماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن ، .ئىككى تەرەپ تالىشىپ قالغان ھالقىلىق مىنۇتلاردا ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدا موكىدەك قاتناپ يۈرۈپ يۇم - يۇم يىغلىدى . گۈزەلنۇرنىڭ رايىچە بولغان ئىنىسى ئۈرۈمچىدە قالمىسا بولمايتتى . خالمىراتنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ ئىدى . ناۋادا ئۇ غۇلجىغا يېنىپ كەلسە ''كۆمۈلۈپ '' قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى . شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى ئۇنى ئېلىپ قېلىشقا قوشۇلغان ، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك دىرامما ئۆمىگى بولسا '' بازار چاققاننىڭ '' قىلىپ ئۇنىڭ ئارخىبىنى ئاللىقاچان ئېلىپ كەتكەن ئىدى . يېڭى يىل قىستاپ قېلىۋاتاتتى. يەنە بىر ھەپتىگە قالماي شۇ يىللىق '' قاققان قوزۇق ، تۈككەن تۈگۈش '' لەرنىڭ ھەممىسى تۈگۈلەتتى . شۇنىڭدىن قالسىلا خالمىراتنىڭ ئۈرۈمچىدە قېلىش ئارزۇسى يوققا چىقاتتى . دىمەك ئاخىرقى بىرھەپتە زىمىننى ئاق قار ، كۆك مۇز قاپلىغان بىر ھەپتە ، تەلكە تاغلىرىدا ھېلىدىن - ھېلى قاتناش توختاپ قېلىۋاتقان ئاشۇ بىر ھەپتە بەكلا مۇھىم ئىدى . خالمىرات ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالدى . گۈزەلنۇر قامچىسىغا تۈكۈرۈپ غۇلجىغا چاپتى .
گۈزەلنۇر ئىزداۋاتقان ئارخىپ سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، قوشۇمچە ۋىلايەتلىك دىرامما ئۆمىگىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يازغۇچى ، دىرامماتورىگ جاپپار قاسىمنىڭ قولىدىن چىقاتتى . ئۇنىڭ جاۋابى گۈزەلنۇر نى بەكلا نائۈمىد قويدى :
- خالمىراتنى ئۆزىمىز ئوقۇتقان ، ئۆزىمىزگە لازىم . ئارخىپنى بېرەلمەيمەن .
گۈزەلنۇر ئاسماندىن چۈشكەندەك چۈشتى. روھى چىقىپ كەتكەندەك بىلىندى . يالۋۇرۇشلىرى يىغلاپ تۆكۈلۈپ تۇرۇپ قىلغان ئۆتۈنۈشلىرى كار قىلمىدى . بۇ يەردە جاپپار قاسىمنىمۇ توغرا چۈشەنمەي بولمايتتى . مەيلى قايسى ئورۇن بولمىسۇن تالانىت ئېگىلىرىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايتتى . گۈزەلنۇر شۇ قىسقىغىنە بىر ھەپتە ئىچىدە غۇلجىغا ئۈچ قېتىم كېلىپ كەتتى . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ كېچىسى يول يۈرۈپ كۈندۈزى بۇ ئىشقا يۈگۈرۈپ 4200 كېلومېتىرغا يېقىن يولنى بېسىپ بولغانىدى .
ئۇنىڭ شۇنچىۋالا يولنى بېسىشى ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىرايلىرىنى سارغايتىپ يۈرۈشلىرى قېرىندىشى ئۈچۈنغۇ ئاخىر . ئۇ ئاشۇ قېرىندىشى ئۈچۈن ئاز بەدەل تۆلىدىمۇ ؟ ئۈرۈمچى دىگەن پۇلپەز شەھەر ، پۇل بولمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ . غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تۆت تەڭگە مۇئاشىغا قاراشلىق قالغان كۈنلەردە قورسىقىدىن ، كىيىم - كېچىگىدىن قىسىنىپ يۈرۈپ ئۇكىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ، قورسىقى ۋە باشقا پارچە - پۇرات خىراجەتلىرىنى كەم قىلمىدى . باشقىلارنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالمىسۇن ، بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن دەپ ۋاقتى - ۋاقتىدا ئاياق ، كىيىم - كېچەك ، سوپۇن - لۆڭگە ، چېكىدىغان تاماكىلىرىغىچە ئەۋەتىپ تۇردى . بايرام ، ھېيىت - ئايەملەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزدى . ئاياقنىڭ ، چاپاننىڭ ، كۆڭلەكنىڭ ، شىمنىڭ قىسقىسى پايپاقنىڭ نەچچىنچى نومۇرلىقىنى كىيىدۇ ؟ ئۇنىڭغا ياد بولۇپ كەتتى . بۇ سېلىقلارنى جاپانى كۆپ تارتقان ، ياشىنىپ قالغان ئانىسىغا ، ھال - كۈنىنى ئاران ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاكىلىرىغا سېلىشقا بولمايتتى . ھازىرغىچە ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىسە چىنىسىدىكى گۆشلەرنى تېرىپ ئېلىپ ، خالمىراتنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىدىغان ئادەت شۇ چاغلاردىلا قالغانىدى.
  مانا شۇنداق جاپا بىلەن ئوقىغان ، ئاتا يۈزى كۆرمىگەن قېرىندىشىغا چاپان ياپماي ، بەدەل تۆلىمەي بولامدۇ . شۇ چاغدا گۈزەلنۇرغا ''شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى'' دىكى بىرەيلەن : '' جاپپار قاسىملارنىڭ خالمىراتنى پۇل تۆلىتىپ ئوقىتىمىز دىگىنى راست ، لېكىن ھازىرغىچە بىر پۇڭ ھەق تۆلەپ باقمىدى . بۇ گەپنى ئىچىڭىزدە بىلىڭ ، ئالدىغا بېرىپ يەنە يالۋۇرۇپ باقسىڭىز ئېھتىمال ئارخىپىنى بېرىپ قېلىشى مۈمكىن '' دىگەن مۇھىم بىر يىپ ئۇچىنى يەتكۈزۈپ قويدى . گۈزەلنۇرنىڭ پۇت - قولىغا قايتىدىن جان كىردى . ئۇ يېڭى يىلغا ئىككى كۈن قالغاندا غۇلجىغا قاراپ يەنە چاپتى . ئۆمەك باشلىغىنىڭ ئالدىغا كىرىپ قار - يامغۇر بولۇپ تۆكۈلدى . ئۆمەك باشلىقى '' خالمىراتنى بىز ئوقۇتقان '' دىگەن گەپتە ئوخشاشلا چىڭ تۇرىۋالدى . تالاش - تارتىش ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى . بىر ئاجىزەنىڭ ئالدىدا ئىلاجىسىز قالغان ئۆمەك باشلىقى خالمىراتنى ئېلىپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىسىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولدى .
- ئارخىپىنى بەرسەم بېرەي ، شەرت : '' ئوقۇتقان ھەققىمىز '' ئۈچۈن تۆت مىڭ يۇەن ئېلىپ كېلىڭ .شۇ كۈنلەردە گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلغاندا گۈزەلنۇرنىڭ يانچۇقى قەسەم پۇراپ تۇراتتى . تۆت مىڭ يۇەن ئاز پۇلمۇ ، يىراق - يېقىنغا دوقۇرۇپ باقتى ، پۇل پۈتمىدى . ئاخىرى ئۇ ئۈن - سىن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بازاردىكى بالىلارنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۆت مىڭ يۈەنگە بىر قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى توشقىدەك ناخشا ئېيتىپ بېرىش شەرتى بىلەن پۇلنى ھەل قىلدى . ئۇ چاغلاردا قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ بازىرى چىقىۋاتقان ، ناخشا چولپانلىرى ۋاچىلداپ پۇل تېپىۋاتقان چاغلار بولۇپ ، گۈزەلنۇرنىڭ شۇ قېتىم ئالغان تاپاۋەت ھەققى بازار باھاسىنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيتتى . قالداقلا بولمىسۇن پۇلنىڭ پۈتكىنىگە خوش ئىدى . تۆت مىڭ يۇەننى ئېلىپ كېلىپ ئۆمەك باشلىقىنىڭ ئالدىغا قويدى . ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا سەۋەپ كۆرسىتىشكە ئورۇن قالمىغانىدى . ئۇ ئالدىدىكى پۇلنى گۈزەلنۇرنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويۇپ دىدى :
- قايىلمەن . قېرىنداشلىقنى يەتكۈزەر ، سىزدەك يەتكۈزگەن ئادەمنى كۆرمىگەنمەن . ئىنىڭىزنى بىزنىڭمۇ ئىشلەتكۈمىز بار ئىدى . توغرا چۈشىنەرسىز . پۇلىڭىزنىمۇ ئېلىڭ ، ئارخىپنىمۇ ئېلىپ كېتىڭ . باشقا پىكرىم يوق .
ئارخىپنى قولتۇقىغا قىسقان گۈزەلنۇر يەنە كېچىلەپ يول يۈرۈپ ، يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ بوسۇغىسىدا ئۈندى . شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ جاغىستايلىق ''چوڭ ئەيسا '' ئۆزىنى ''سەن '' ئەمەس ''مەن '' دەپ يۈرگەن خېلىلىگى بار سەنئەتچىلەرگە نېسىپ بولمايدىغان ، مەركىزىي تىياتىر ئېنىستىتوتىنىڭ مەخسۇس كەسپىي سىنىپىنى پۈتتۈرگەنلەرلا  كىرەلەيدىغان شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگىنىڭ بوسۇغۇسى ئېگىز دەرۋازىسىدىن بىمالال كىرىپ كېتىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىدى.
''چوڭ ئەيسا '' ، ''ئوسمان داڭگال '' ، ''ئالىمجان بولۇمسىز ''

ۋاي - ۋۇي ، نىمانچە كۆپ ئىسىملار بۇ . تەبىئىيكى بۇ ئىسىملاردىن گۈپۈلدەپ يېزا پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ تەكتىگە ھورۇن ، لەقۋا ، بولۇمسىز كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى يوشۇرۇنغان . مەن دەيمەن ، تىياتىر ئاكتىيۇرلۇق كەسپىنى ئوقۇغانلار ئىچىدە سەھنە ۋە ئېكرانلاردا ئالغان رولىغا قاراپ بىزنىڭ خالمىرات ئۆمەردەك مۇنچە كۆپ لەقەملىك بولىۋالغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك . يەنە كېلىپ بۇ لەقەملەر ئۇنىڭغا ئەزەن چاقىرىپ قويىۋالغان ئىسىمدەك شۇنداق چىرايلىق ياراشقان . بىزمۇ شۇ بويىچە ئاتاپ ئۈگۈنۈپ قاپتۇق . بۇنىڭ نەرى يامان . چۈنكى لەقەم دىگەننىمۇ خىزىر قويىدۇ ئەمەسمۇ . بىرلا ئەنسىرەيدىغىنىمىز ئۇ دۇنيانىڭ سوئال سورىقى . يەتتە كەتمەن تپوىدىن كېيىن ھېساپ كىتاپ باشلىنىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنكىر - نېكىرلەر قوپۇپ ''خوش ، جاغىستايلىق يىگىت ، ئات - جونىڭ نىمە ؟'' دەپ سوراپ قالسا مۇنچىۋالا ئىسىملارنىڭ قايسىبىرىنى ئاتاپ ئۈلگۈرۈپ بولار . راستىنلا ئۇنىڭغا ۋابال بولىدىغان بولدى . ئۆزىگىمۇ ئاز . كىم ئۇنى مۇنچىۋالا ''بولۇمسىز '' بولىۋالسۇن دەپتۇ .
بولدىلا گېپىمىز غەيۋەتكە ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئاساسىي مەقسىدىمىزگە قايتىپ كېلىۋالايلى . خالمىراتقا يۇقۇرىقى لەقەملەر ئىچىدە بەكرەك سىڭىپ قالغىنى '' چوڭ ئەيسا '' بولدى . ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بىر يىل ئاۋال ئويناپ چىققان بۇ رول بىلەن بىراقلا شۆھرەت قازىنىپ خەلق ئەڭ سۆيىنىدىغان ، قىززىقىدىغان ، ھۆرمەت قىلىدىغان ، كېلەچىگىگە ئۈمىت باغلىغان يېڭى چولپانغا ئايلاندى.كىشىلەر ئېپىزۇت سەنئىتىدە ياراتقان نۇقسانسىز ئوبرازىغا قاراپ ، ئۇنىڭ بىر يەلىرىنى قازاغىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ كۈلدۈرگە چولپىنى ماخمۇتجان دارايۇپقا ئوخشىتىدۇ .ئوخشىسىمۇ ئوخشايدىغاندۇ ، چۈنكى ماخمۇتجان دارايۇپنىڭ ئاپىسى بىلەن ''چوڭ ئەيسا '' نىڭ ئانا تەرەپ مومىسى بىر نەۋرە ئاچا - سىڭىللاردىن بولىدۇ .ئۇلارمۇ ئۆز دەۋرىدە شۇنداق پاراڭچى ، قىزىقچى ئۆتكەن كىشىلەر . بىز مۇشۇ نۇقتىدىن كىشىلەردىكى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىسىيەتنىڭ ئېرسىيەت تالىشىدىغانلىغىنى چەتكە قاقمايمىز. ئوخشىمايدىغان يېرى بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' دەرىجىدىن تاشقىرى ''ھورۇن'' . باشقىلار يېزىپ تەييار قىلىپ بەرگەن سەھنە ئەسىرىنى ئويناشنى بىلىدۇ - يۇ ، ئۆزى شۇ تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە يۈرۈپ ، قەلەم تەۋرىتىشكە ئېرىنىدۇ . مۇشۇ يەرلىرىگە قاراپ ئۇنى ''بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر '' دىيىشكە تىلىمىزنىڭ خېلىلا قىسقىلىق قىلىدىغان يەرلىرىمۇ بار. ماخمۇتجان دارايۇپقا كەلسەك ، ئۇ ھەم يازىدۇ ھەم ئوينايدۇ .بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ، كۆرۈپ - كۆرۈپ قانمايدىغان '' بولۇمسىز خوتۇن '' ، '' ھەممىنى قىلغان ماشىنا '' ، '' ئاڭلىمىغان قۇلاقتا نىمە ئەيىپ '' ، '' بوسۇغىدا قالغان قېرىنداش '' ... قا ئوخشاش بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر بۇنىڭ دەلىلى . سەھنىلەردە ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئېپىزوت - كۈلدۈرگىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ قولىدىن چىققان . بۇ قېتىم مەن ماخمۇتجان دارايۇپلارنىڭ غۇلجىغا كەلگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ، بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپىزۇت سەن.ئىتى ۋە خالمىرات ئۆمەرگە بولغان قارىشىنى ئاڭلاپ باقتىم . ئۇ :
- بۇ تەرەپتىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ سەنئىتى ، بولۇپمۇ ئېپىزوت سەنئىتىنى پىلاستىنكىلاردىن پات - پات كۆرۈپ قالىمەن . باغرىمدىكى گەپنى دىسەم يۈزدە توقسەن پىرسەنىت سەھنە ئەسىرى كىشىنىڭ دىتىغا ياقمايدۇ . سىلەر بىرە ئەسەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا ، بازارغا سېلىشقا ئالدىراپ كېتىدىكەنسىلەر . خام يەرلىرى بەك كۆپ . تۇرمۇش يوق ، ئوبراز كەم . ھەممە نەرسە سۈنئىيلەشكەن . شوئارۋازلىق ، تەقلىتچىلىك خاھىشى ئېغىر . رول ئالغۇچىلار ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنى تاماشىبىنلارغا يادلاپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ . سەنئەت تاۋارغا ئايلانغان چاغدا ئېنىقكى ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ . ماختانغىنىم ئەمەس .بىز بىر پارچە ئەسەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كەم دىگەندە 20-30 قېتىم غەلۋىر ۋە ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزىمىز. نەچچە ئايلاپ تەييارلىق قىلىمىز . خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى تاپالىدۇقمۇ يوق ، شۇنىڭغا قارايمىز...خالمىرات رول ئالغان ئېپىزۇت ، چوڭ تىپتىتىكى سەھنە ئەسىرى ، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆردۈم . بۇ بالا بولىدىكەن . سەھنىدىكى ، ئېكراندىكى ئوبرازى بەئەينى جاغىستايدىن ، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدىن كەلگەندەك شۇنداق تەبىئىي چىقىپتۇ. گۈزەللىك تەبىئىلىكتىغۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سەنئەتنىڭ كۆپ خىل تۈرلىرىدە رولدا ، ناخشىدا ، سازدا  قىززىقچىلىقتا ، گۈزەل سەنئەتتە ، مۇزىكا ئىجادىيىتىدە بار ئىكەن . مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانىت ئېگىلىرى كەم تېپىلىدۇ ، - دەپ تىلىمىزنىڭ ھېلىقىندەك قىسقا يەرلىرىنى خېلىلا ئۇزارتىپ قويدى .
ئەمەليەتتىمۇ بىزنىڭ بۇ ''چوڭ ئەيسا '' تىلىمىزنى ئانچە بەك قىسقا قىلىپ قويىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس . پۇلپەزلىك خاھىشى بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ، پۇلنى كۆرسە جىنىس ئايرىماي ئۇچرىغان رولغا چىقىۋېرىدىغانلارغا ئوخشىمايدۇ. مىجەزى چۇس ، مەيدانى ئېنىق . سەنئەتنى سۆيۈش ، كەسپنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ . ئۇنى باشقىلارغا قارىغاندا سەنئەت مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى بەكرەك چۈشىنىدۇ . ئۇلار نەچچە قېتىم :
جاغىستايچە تەلەپپۇزۇڭنى يوقات ، ھوي داڭگال ، ئورتاق تىلدا سۆزلەشنى ئادەت قىل . چەتئەل تىياتىرىنى ئويناشقا توغرا كەلسە ، تارانچى شىۋىسىدە ئەزمەڭنى ئېزىپ ئولتۇرساڭ ئىشنىڭ پۆپىگىنى بۇزىسەن ،-  دەپ كايىغاندا ئۇ :
- ئورتاق تىلنى ئۈگىنىش تەس ئەمەس . بىراق مۇئەللىم ، يەرلىك شىۋىدىن ۋاز كېچىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ . مەن ئۇنى چوقۇم سەھنىگە ئېلىپ چىقىمەن . باشقىلار ھېس قىلالمىغان گۈزەللىكنى نامايەن قىلىمەن ، - دىگەنىدى .
ئۇ دىگىنىدەك قىلدى . مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىدا ئويناپ چىققان شېكىسپىرنىڭ '' ئون ئىككىنچى كىچە '' ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ '' گۇناھسىز جىنايەتكار '' ، جوڭگۇنىڭ '' گۈلدارمامىلىق يامغۇر '' غا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىدە مۇھىم روللارنى ئېلىپ ئۇستازلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى . لېكىن ئۇنىڭغا شەرەپنى ئورتاق تىلدىن كۆرە يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە يەرلىك شىۋە ئاساسىدا ياراتقان ئوبرازى ئاتا قىلدى . ئۇ رول ئالغان سەھنە ئەسەرلىرى ، تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى ئاز ئەمما ساز ئىدى . بىز پەقەت ''مېھمان '' ناملىق ئېپىزوتتىن باشلانغان بارماق بىلەن ساناقلىق ئېپىزوتلارنى ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ''ساراڭ '' ، '' قىرلىق ئىستاكان '' ، '' چار خوراز '' قاتارلىق مەشھۇر ھېكايىلىرى ، يازغۇچى پەرھات ئېلياسنىڭ  شۇ ناملىق پوۋىستىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنى ، دېرامماتۇرىگ جاپپار قاسىمنىڭ ''گۈلەمخان '' ئوپىراسىنىلا كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز .
ئۇلاردىكى باش قەھرىماننىڭ خىلمۇ -خىل ئوبرازلىرى بىزگە قانداقتۇر لوڭقىدىكى سولياۋ گۈلنى ئەمەس ، كۆك سۆيگەن چوققىلاردا قىش ياز ياقا يىرتىپ ئېچىلالايدىغان قار لەيلىسىنى ئەسلەتتى . تاماشىبىنلارمۇ چىنلىق بىلەن ساختىلىقنىڭ ، گۈزەللىك بىلەن خۈنۈكلۈكنىڭ ، تەبىئىيلىك بىلەن سۈنئىيلىكنىڭ نىمىلىگىنى تونۇپ يەتتى . جوڭغارىيە ئويمانلىقى ، تەكلىماكان قىرغاقلىرى ، ئىلىنىڭ بوستانلىق مەھەللىلىرى ، يىراق يېزا - قىشلاقلىرى ، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ۋاڭچۇڭغا تولغان رەستىلىرىدىكى خەلقلەر ئاشۇ ئەسەرلەردىكى ''چوڭ ئەيسا '' ، '' ئوسمان داڭگال '' ، '' ئەختەم '' ، ''ئالىمجان بولۇمسىز '' لارنى شەك - شۈبھىسىز قوبۇل قىلدى . ئۇنى كۆرگەن ، ئۇچراتقانلىكى يېرىدە ئالقىنىغا ، پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ مۇبارەكلىدى . ياخشى تىلەك ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى تۆكۈشتى . ئالقىش - چاۋاك ياغدۇرۇشتى . يەنە تېخى ئۆزبىگىستاندىن '' ئالىمجان بولۇمسىز'' نىڭ شەرىپىگە يېزىلغان تەشەككۈر خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالدى . '' گۈلەمخان '' ئوپىراسىنىڭ مەملىكەتلىك '' بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى '' ،  مەملىكەتلىك '' ئالتۇن توز مۇكاپات '' لىرىغا ئېرىششى ، تېلىۋېزىيە تىياتىرى '' ئالىمجان بولۇمسىزمۇ '' نىڭ 2005 - يىلى قازاغىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامىرىكا ، گېرمانىيە ، روسىيە ، تۈركىيە ، قازاغىستان ، جوڭگۇ قاتارلىق 19 دۆلەتنىڭ 262 فىلىمى قاتناشتۇرۇلغان ''چاكىن يۇلتۇزلىرى '' كىنۇ فىستىۋالىدا 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈپ ، خەلقئارا فىستىۋالغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىگى بۇ فىلىم ۋە سەھنە ئەسەرلىرىدەباش رول ئالغان خالمىرات ئۆمەرنىڭ يەنە بىر شەرىپى ئىدى . مۇئەللىپ بۇ شەرەپلەرنى ماقالە قۇرلىرىغا پۈتۈۋېتىپ ، خالمىراتنىڭ '' گۈلەمخان '' ئوپىراسىنى پايتەخىت سەھنىلىرىدە ئوينىغان چاغدا بېشىدىن كەچكەن كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ قالدى . بۇ كەچمىشلەر ئوپىرانىڭ ئومومىي كەيپىياتىغا جان كىرگۈزۈپ ، ''ئەختەم '' ئوبرازىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردى .
- ئوپىرادا ،- دەپ ھېكايە قىلىدۇ ئۇ ،- ئەڭگە باينىڭ ئادەملىرى گۈلەمخان ئىككىمىزنى قوغلايدىغان بىر كۆرۈنۈش بار. بۇ كۆرۈنۈش ئەسەرنىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسى ئىدى . مەن تىۋىپ سىياقىدا ياسىنىپ كىرىپ ئەڭگە چولاقنىڭ ئۆيىدە مىرزىقاماققا ئېلىنغان گۈلەمخاننى ئېلىپ ، دەريا ياقىلاپ قاچىمەن . دورغىلار قوغلاپ سۈر - چۇقان بىلەن يېتىپ كەلگەندە يولىمىز ئۈزۈلۈپ ، تىك يارنىڭ گىرۋىگىدە تۇرۇپ قالىمىز .ئارقىمىزدا يايى ، دورغىلار ، ئالدىمىزدا ھاڭ ، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريا .بىزگە ئار - نومۇسىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باشقا تاللاش يولى قالمايدۇ . بىز ئەل -يۇرت ، قۇۋىم - قېرىنداشلار بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆزىمىزنى ياردىن ئاتماقچى بولدۇق . چامامدا ئۈچ يېرىم مېتېر ئېگىزلىكتىكى ياردىن ( سۈنئىي تام  ) ئۆزىمىزنى ئېتىشىمىز ، قائىدە بويىچە سەھنىگە يېرىم مېتېر قېلىنلىقتا بىخەتەرلىك كۆرپىسى سېلىنىشى كېرەك ئىدى . شۇ كۈنى قانداق بولغان ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ . جان دىگەن تاتلىق نىمىكەن . ''گۈلەمخاننىڭ ( گۈزەلنۇر قۇربان ) قۇلىقىمغا پىچىرلىغىنىنى بىلىمەن . تۆۋەنگە قاراپ ماڭلىيىمدىن بۇژۇلداپ تەر چىقىپ ، بىر قېتىم ئۆلۈپ - تىرىلىپ بولدۇم . مېنىڭ پۇتۇمدا شىۋەك ، گۈلەمخاننىڭ پۇتىدا بولسا سەھنىدە كىيىدىغان قاتتىق ئاياق بار ئىدى . سەكرىمەي بولمايتتى . ئۆپكىمىز قېقىلىپ ، پۇت - قولىمىز چېقىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ سەكرىمەي بولمايتتى . كۆزۈمنى يۇمدۇم-دە گۈلەمخاندىن بۇرۇن ئۆزۈمنى تۆۋەنگە قارىتىپ ئاتتىم .  ''گۈلەمخان '' دۈمبەم تەرەپكە سوڭدۇشۇپ چۈشۈپتۇ. دىگەن بىلەن ئۇنىڭ ئوشۇقىدىن مىتكوت كېتىپ ئون بەش كۈنگىچە يەر دەسسىيەلمەي قالدى . مەن يىقىلغاندا سەھنىدىكى پولنىڭ ئۈستىدە چىقىپ قالغان بىر تال مىق بارىكەن . سېرىلىپ چۈشكەندە گەجگەمدىن سېرىپ ماڭغان مىق قاق قۇيرۇغۇمدا توختاپ قالدى . ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئىزى بار .
يەنە بىر يېرىدە مېنى دەرەخكە تەتۈر باغلاپ قويۇپ تۇرۇپ ئەڭگە باينىڭ ( شەمشىدىن نەسرۇللا ) قامچا بىلەن ئۇرىدىغان كۆرىنىشى بار . بىر چاغدا ئەڭگە باي ئالدىن تەييارلىۋالغان قامچىنى ئېلىپ دۈمبەمگە كۈچىنىڭ بېرىچە ساۋاپ قالدى . ئەسلىدە ساندۇقتا پاختىدىن ئىشلىگەن قامچا بىلەن سەككىز ئۆرۈملۈك تاسما قامچا بولىدىغان ، قانداق بولغان شۇ قېتىم ئەڭگە باينى غەپلەت بېسىپ پاختا قامچىنىڭ ئورنىغا تاسما قامچا ئېلىۋاپتۇ . يالاڭ كۆڭلەك ، دۈمبەمدىن قىر چىقىرىۋەتتى . تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ قالدىم . مۇزىكا چېلىنىپ ، ئېيتىلىدىغان ناخشىمۇ بار ئىدى . ئاغرىق ئازابىدا ناخشا توۋلاش خىيالىمغىمۇ كەلمەپتۇ . '' ئەڭگە باي '' كېلىشى بىلەن مەيدىسىگە كەلتۈرۈپ قاتتىق بىر تېپىۋېتىپتىمەن. ئەسلى ئەسەردە تېپىدىغان كۆرۈنۈش يوق ئىدى . ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى . ئالقىش - چاۋاك كۇلۇپ ئىچىنى بىر ئالدى .پەردە يېپىلغاندىن كېيىن شەمشىدىنكام زىيادە ئاچچىقى بىلەن ئالدىمغا ھومۇيۇپ كەلدى . دۈمبەمنى كۆرسىتىپ قويدۇم . ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەن شەمشىدىنكام بوينۇمدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى ....
ۋاقتى: 2011-3-28 10:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىرچە بىز خالمىرات ئۆمەرنىڭ سەھنە ۋە ئېكران سەنئىتىدە ياراتقان ئوبرازلىرى ھەققىدە شۇنچىلىكلا نەرسىنى بىلەلەيمىز . كۆز ئالدىمزىدىكى ئاز ئەمما ساز بۇ ئوبرازلار  ھېلىمۇ ئېغىزىمىزنى تاتلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ . ئۇ رول ئالغان فىلىم ، ئۇ رول ئالغان سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىشتىياق ۋە ئىخلاس بىلەن كۆرگەن چېغىمىزدا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا خاس يۇمۇرىستىك خارەكتىرىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز . ئۇنى سەنئەت ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنمۇ ، سەھنە ۋە ئېكرانلاردىكى رولىغا خاسلىق ئاتا قىلغانمۇ ئاشۇ خارەكتىر . بىز ئونۋىرسال ساپاغا ئىگە سەنئەتچىمىزنىڭ ئارخىپىنى ۋاراقلىساق ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا سەنئىتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ۋە سىڭدۈرىۋاتقان يەنە بىرقاتار ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇچرىشىمىز . مەسىلەن ئۇ ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت پىشىۋالىرى بىلەن بىرلىشىپ تېخى يۈرۈشلەشمىگەن بىر تۈركۈم ئىلى خەلىق ئاھاڭلىرىنى بەش يۈرۈش بويىچە رەتلەش ، شۇنداقلا مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ، سەيدۇللام توختىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىلىرى ئاساسىدىكى '' ئەشۋاي '' ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلەشكە قاتناشتى . روشەن مىللىي خاسلىق ، قويۇق يەرلىك پۇراققا ئېگە بىرقىسىم ئاھاڭلارنى ئىشلەپ خەلقنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى . توۋۋا ، بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسانى '' نى ھورۇن ، لەقۋا ، بولۇمسىز دەپ يۈرسەك ، ئۇنىڭ ئەكسىچە چىقىپ قالغىنى قىززىق . شۇنداق ، ئەكسىچە چىقىپ قالدى . ئەمدى ئۇ ئىلگىرىكىدەك تومۇز ئىسسىقنى كۆرسە مەتنىيازدەك دەرەخ سايىسىگە قاچىدىغان ، قورسىقى ئاچسا ئاكىسىنىڭ بوز خالتىسىدىكى نېنىنى تەكەللۇپسىز يەپ ، يەڭگىسىنىڭ بوغما قاپاقتىكى ئەتكەن چېيىنى پاكىزە ئىچىۋېلىپ ، ئېشەك ھارۋىسى ئاستىدا خاتىرجەم ئۇيقىغا كېتىدىغان ھېلىقى خالمىراتقا ئوخشىمايدۇ. ئۇ كۈن بويى ئالدىراشلا يۈرىدۇ . رول ئېلىش ، ئاھاڭ رەتلەش ، سەھنە ئەسەرلىرى تەييارلاش ، مۇزىكا ئىجادىيىتى ، يەنە تېخى ناخشا ، ساز ، كۈلكە چاقچاقلىرى بىلەن بەزمە ، ئولتۇرۇشلارنى قىززىتىش ....چاتاق يېرى ، مەجبۇرىيەت تۈسىنى ئالغان ئايىقى چىقماس سورۇنلار ئۇنىڭغا خېلىلا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەندەك قىلىدۇ . ئىشقىلىپ ئۇ ئالدىراش ، ئالدىراش بولغاچقىمۇ تەرجىمىھالى مۇشۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالدى . داۋامىنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مۇندىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىنىڭ قانداق بولىشى بەلگىلەيدۇ . مۇبادا ئۇ رېتىمى تېزلەشكەن مەركىزىي شەھەر ، رېتىمى تېزلەشكەن مەدەنىيەتلىك جەمىيەتتە ، '' مەدەنىيەت '' شاماللىرىنىڭ تەسىرى بىلەن يىللاردىن بېرى ۋۇجۇدىغا جۇغلاپ كەلگەن ئىچكى ئېنىرگىيەنى خورىتىپ قويماي ، سەنئەت ھاياتىنىڭ نۆۋەتتىكى بەتلىرىنى يەنىمۇ رەڭدار سەھىپىلەر بىلەن بىزەش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلالىسا ، ئىشىنىمىزكى چالا قالغان تەرجىمىھالنىڭ خۇلاسە كالامى كېلەچەكتە ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرەلەيدۇ .
خالمىرات ئۆمەر چاقچاقلىرى
                                  ئەگىتمە جاۋاپ
ئۈرۈمچى شارائىتىدا قىز - يىگىت بىرگە مېڭىپ قالسىلا غەيرى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىۋالىدىغان ئەھۋال ئادەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.بىركۈنى خالمىرات ھەدىسى گۈزەلنۇر ئۆمەر بىلەن كوچىدا بىرگە كېتىۋاتسا ، ئۇنىڭ يېقىن بىر تونۇشى ئۇچراپ قاپتۇ -د ئەچەتكە تارتىپ سوراپتۇ : --پەيزىڭ بار سەرالىق جۇمۇ سەن ، نەدىن تېپىۋالدىڭ بۇ سەتەڭنى ؟
خالمىرات چاندۇرماي جاۋاپ بېرىپتۇ :
- ۋايتاڭەي ، ئىشقىلىپ مەن تۇغۇلغاندا ئۆيىمىزدە باركەنغۇ .
ئاغىنىسىغا يەر قاتتىق ، ئاسمان يىراق بىلىنىپ كېتىپتۇ .
                                          ماختاش
يېزىدا بولغان بىر ئولتۇرۇشتا تازىمۇ كۆرەڭ بىر شەھەرلىك ئاداش ئىتىنى ماختاپ قاپتۇ :
- ۋاھ ، بىزنىڭ شەھەرنىڭ ئىتلىرىزە ، ناتونۇش ئادەمنىڭ ھېدىنى ئالغان ھامان تۈك - تۈكىنى يەپ قاۋاپ ئارامىنى قويمايدۇ .
- بىزنىڭ جاغىستاينىڭ ئىتلىرىنى دىمەيسەن ، - دەپ ماختىنىپتۇ خالمىراتمۇ نۆۋىتىدە ، - كەچقۇرۇنلىغى دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ، ئېڭىكىنى ئىككى قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، مۈگدەپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇكى ، قويۇۋېرىڭ ، ئۆتكەن - كەچكەنگە قاۋاي دىسە جىمى ئادەم تونۇش .
                                      ئىسسىق ئۆتكەن ئوخشايدۇ
خالمىرات خەلق ناخشىلىرىنى بۇزۇپ ئېيتقان ئادەملەرنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدىكەن . بىر نائۇستا بىر ناخشىچى خەلق ناخشىلىرىنى توۋلاپ كېلىۋېتىپ :
يۈرەكتىكى زەرداپ سۇ ، ،    قانغا ئۆرىلەي دەيدۇ .
دىگەن يېرىگە كەلگەندە '' پارغا ئايلىناي دەيدۇ '' دەپ بۇزۇپلا ئېيتىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان خالمىرات يېنىدىكىلەرگە دەپتۇ --ما ئاداشقا ئەمدى ئىسسىق ئۆتكەن ئوخشايدۇ .
                                            يەنە بىر نۆۋەت
خالمىرات '' ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى'' غا يۆلەپ مۇنداق بىر لەتىپىنى سۆزلەپ بېرىدۇ .
ئۇرۇشقا قاتناشقان شەھەر ئىچىلىك بىر ئەسكەر ھەرەمباغ سوقۇشى بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ھەپتە - ئون كۈنگىچە ئۆيىگە قايتالماپتۇ . بىر كۈنى ئۇ ئايالىغا :
- ئۆي تامىقىنى سېغىنىپ كەتتۇق ، ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپ قويساڭ ، سەبداشلىرىم بىلەن كېلىپ يەپ كەتسەم ،- دەپتۇ .ئايالى ماقۇل بوپتۇ . تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلىپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئەللىككە يېقىن ئەسكەر كوماندىغا دەسسەپ قورۇغا كىرىپ كەپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئايالى چۆچۈپ كېتىپتۇ-دە ، ئېرىنى چەتكە تارتىپ :
- سانىنى ئېنىق دىسىڭىز بولمامدۇ ، مەن تېخى بىرنەچچە ئادەمنى باشلاپ كېلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ، شۇنىڭ لايىقىدىلا تاماق قىلىپ قويۇپتىمەن ،- دەپتۇ .
بۇنى ئاڭلىغان ئېرى ئەسكەرلەرگە قاراپ :
- دىققەت ، ئارتقا بۇرۇل ، قەدەملەپ مارىش ، - دىگىنىچە ئۇلارنى ئېلىپ ماڭغىلى تۇرۇپتۇ . ئايالى سوراپتۇ :
- ھوي نەگە ؟
- جىم تۇر خوتۇن ، - دەپتۇ يولدىشى ، - قارىسام تامىقىڭ يەتمەيدىكەن ، بۇدا بىر سوقۇشۇپ كېلەيلى .
                                                            بىر كۆرسەم
باشقىلارنىكىنى يەپ - ئىچىپ ئۈگۈنۈپ قالغان تازىمۇ قېلىن - قاتتىق بىر ئاداش بارىكەن. بىركۈنى ئۇ خالمىراتنىڭ مېھمانلىرى شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان سورىنىدا چەتئەلنىڭ '' بىراندى '' ماركىلىق ھارىقىنى ئىچىۋېتىپ دەپتۇ :
- نىمىشقىكىن مۇشۇ ھاراقنى ئىچسەم ئەتتىگەنلىگى ئاتتەكلا تۇرىدىغان بولدۇم .
خالمىرات دەپتۇ :
- ئۆزۈڭنىڭ پۇلىغا ئىچسەڭدىڭ ، قانداق قوپقانلىغىڭنى بىر كۆرسەم .
                                            بىر تىل بىلەن
خالمىراتنىڭ يېقىن ئارىلىشىدىغان بىر ئاغىينىسى خالمىراتقا ئايالىنى ماختاپ بېرىپتۇ :
- بىزنىڭ خوتۇننى دىمەيسەن مۇشۇ كۈنلەردە باشقىچىلا تىرىشچان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ ، بىر تەرەپتە خىزمەت بىلەن ئۆي ئىشى ، يەنە بىر تەرەپتىن قوشۇمچە تىل ئۈگۈنۈپ ...مانا ، ئۇ دىمەڭ ، بۇ دىمەڭ بىلەن ئۈچ خىل تىلدا خېلى راۋان سۆزلەيدىغان بوپ قالدى .
- ئالامەت چىداشلىق نىمىكەنسەن جۇمۇ ، - دەپتۇ خالمىرات ،- بىزنىڭ خوتۇن بىر خىل تىل بىلەن جۇلۇقىمىزنى چىقىرىۋېتىپ بارىدۇ .
                                             يەنە ماختاش
خالمىراتنىڭ شەھەرلىك ئاغىينىسى يەنە شەھەرنىڭ ئىتلىرىنى ماختاپ قاپتۇ :
- ئىت دىگەن قاندىقىغا باقساڭ شۇندىقىغا چوڭ بولىدىغان گەپكەن . مىسالغا بىزنىڭ شەھەرنىڭ ئىتلىرىنى ئالايلى ، بەزىدە بازار ئارىلاپ چىقىپ كەتسە نە نەلەرنى ئايلىنىپ قورسىقىنى ئۆزى بېقىپ ، كەچ بولغاندا بىر چىرايلىق قايتىپ كېلىدۇ . ساناپ كەلسە مۇنداق ئىتلىرى ساماندەك .
- بىزنىڭ يېزىنىڭ ئىتلىرىمۇ قىززىق ، - دەپتۇ خالمىرات ،- ئېگىسى شەھەرگە ماڭسا ، ھارۋىنىڭ ئاستىدا بېشىنى كۆتۈرمەي سوكۇلداپ مېڭىپ ، ھارۋىنى چىقىرىپ قويغان يەردىلا يېتىپ ، يەنە شۇ ھالەتتە قايتىپ چىقىدۇ . ئۆمرىدە شەھەرگە كىرىپ ، شەھەرنى كۆرمەي يېنىپ چىقىدىغان ئىتلىرى ساماندەك .
                                                                پالەك
خالمىراتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقىۋاتقان چاغلىرىكەن . يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ . ئۇ ئۆيگە كەلسىلا لەغمەننىڭ جىدىلىنى قىلىدىكەن . بىركۈنى ئاپىسى ئۇنى بازاردىن پالەك ئەپكىلىشكە بۇيرۇپتۇ . قانداق بولغان ، خالمىراتنىڭ ئېسىيادى باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ، پالەك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ . ئۆيگە كەلگەندىنكىن ئاپىسى :
- ئېلىپ كەلگەن پالەكلىرىڭ قېنى بالام ؟، - دەپ سوراپتۇ .
خالمىرات راست گەپنى دىيىشتىن خىجالەت بولۇپ ، ئاپىسىغا :
- مەكتەپتىمۇ شۇ پالەك ، ماتىرىيالدىن كۆرسەم پالەك قاننى ئازايتىۋېتىدىكەن دەپ يېزىپتۇ . بولدى ئۇنىڭ گېپىنى قويساڭا ئاپا ،- دەپتۇ .
- جېنىم بالام ، - دەپتۇ ئاپىسى خالمىراتقا ، - چىرايىڭ نىمانچە تاتىرىپ كەتتىكىن دىسەم ، ئەسلىدە بىرسىنىڭ پالەكلىگىدە ئولتۇرۇپ سالغان يېرىڭ بارىكەندە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 08:43 , Processed in 0.145533 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat