ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 6030|ئىنكاس: 23

ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    ● ئەسىر [esir] — كالىندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى، بىر ئەسىر 100 يىلغا تەڭ. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسىر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى. چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەر 32 يىلنى بىر ئەسىر ھېسابلايتتى.
   
    ● قەرنە  [qerne]— مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجىرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ھىجىرىيىنىڭ شۇ ئېيى مىلادى يىلىنىڭ شۇ پەسلىنىڭ شۇ مەزگىلىگە ئاساسەن توغرا كەلسە بۇ چاغدا بىر «قەرنە» ۋاقىت ئۆتكەن بولىدۇ. يەنى مىلادىيىنىڭ 33- يىلى ھىجىرىيىنىڭ 34- يىلى بىر قەرنە ھېسابلىنىدۇ.
    مۆچەل يىل ھېسابىدا 12 مۆچەلنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى، يەنى 36 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.
    دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا دەۋرىيلىك مۆچەلنىڭ بەش قېتىم تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان 60 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.

    ● قەرن  [qern]— قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، 1 قەرن قەدىمكى 1 ئەسىر ۋاقىتنى بىلدۈرگەن. قەدىمكى ئىراننىڭ 1 ئەسىرى 30 يىل، چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ 1 ئەسىرى 32 يىل ھېسابلىناتتى.

    ● قىران  [qiran]— ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. ئادەتتە كىشىلەرنى «قىرانىغا يەتتى» دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش-نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران — تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولىدۇ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

    ● يىل  [yil]— كالىندار ھېسابىدا يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت. بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت. 1 يىل تۆت پەسىل، 12 ئاي بولىدۇ.

    ● ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)[arqun] : ئارقۇن — كېلىدىغان يىل نامى.
    1. چاشقان يىلى [çaşqan yili]
    2. ئۇي يىلى [uy yili]
    3. يولۋاس يىلى [yolvas yili]
    4. توشقان يىلى [toşqan yili]
    5. بېلىق يىلى [béliq yili]
    6. يىلان يىلى [yilan yili]
    7. ئات يىلى [at yili]
    8. قوي يىلى [qoy yili]
    9. مايمۇن يىلى [maymun yili]
    10. توخۇ يىلى [toxu yili]
    11. ئىت يىلى [it yili]
    12. توڭگۇز يىلى [toñguz yili]

    ● ئۇن ئىككى بۇرج:
    1. ئارسلان [arslan] (ئەسەد بۇرجى)
    2. چايان [çayan] (ئەقرەب بۇرجى)
    3. ئوغلاق [oğlaq] (جەدى بۇرجى)
    4. قوشكېزەك [qoşkézek] (جەۋزا بۇرجى)
    5. سوغا [soğa] (دەلۋە بۇرجى)
    6. قىسقۇچپاقا [qisquçpaqa] (سەرەتان بۇرجى)
    7. ئۇي [uy] (سەۋر بۇرجى)
    8. كىز [kiz] (سۇنبۇلە بۇرجى)
    9. ياچاق [yaçaq] (قەۋس بۇرجى)
    10. تارازا [taraza] (مىزان بۇرجى)
    11. قوزا [qoza] (ھەمەل بۇرجى)
    12. بېلىق [béliq] (ھوت بۇرجى)

    ● تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۇم — قەدىمكى ئەجدادلار بىر يىل ئىچىدىكى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى ئەرتەياز (ئەتىياز، باھار)، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي بولۇپ، ئادەتتە 11-، 12- 1- ئايلار قىش پەسلىگە؛ 2-، 3-، 4- ئايلار ئەتىياز پەسلىگە؛ 5-، 6-، 7- ئايلار ياز پەسلىگە؛ 8-، 9-، 10- ئايلار كۈز پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.
    دېھقانلار كالىندارى بويىچە بىر يىل 24 مەۋسۈم بولىدۇ.
    ئەتىياز پەسلى:
        باش باھار (2- ئاينىڭ 4- ياكى 5- كۈنى)
        ئەگىز سۈيى (2- ئاينىڭ 19- ياكى 20- كۈنى)
        جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىكى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        چوكانتال (4- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        قىزىلكوس (4- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)
    ياز پەسلى:
        باش ياز (5- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        دان تۇتۇش (5- ئاينىڭ 21- ياكى 22- كۈنى)
        ئورما ۋاقتى (6- ئاينىڭ 6- ياكى 7- كۈنى)
        يازلىق كۈن-تۈن توختىشى (6- ئاينىڭ 22- ياكى 21- كۈنى)
        باش تومۇز (7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        تومۇز (7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
    كۈز پەسلى:
        باش كۈز (8- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        كۈزگى تېرىم (8- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
        ئاق شەبنەم (9- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىكى (9- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
        سوغۇق شەبنەم (10- ئاينىڭ 8- ياكى 9- كۈنى)
        قىروۋ چۈشۈكى (10- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
    قىش پەسلى:
        باش قىش (11- ئاينىڭ 8- ياكى 7- كۈنى)
        سېرىق قار (11- ئاينىڭ 23- ياكى ياكى 22- كۈنى)
        ئاق قار (12- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
        قىشلىق كۈن-تۈن توختىشى (12- ئاينىڭ 22- ياكى 23- كۈنى)
        قارا سوغۇق (1- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
        قاپاقياردى (1- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)


     ● ئاي [ay] - شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى. بىر ئاي ئادەتتە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29، 30، 31 كۈن بولىدۇ. قەدىمكى ئەجدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاينىڭ بەزىدە يۇمىلاق، بەزىدە كەمتۈك كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىرىش ئادىتىگە قاراپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم دەۋرىيلىشىشى ئۈچۈن 29 ياكى 30 كۈن ئۆتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن «ئاي» ھېسابى مۇقىملىشىپ، ئۇنى ۋاقىت بىرلىكى قىلىپ قوللانغان.
ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرى (مىلادىيە، ھىجىرىيە، شەمشىيە بويىچە ئاي ناملىرى)
      1- ئاي - ئوچاق [oçaq] (مىلادىيە: يانۋار؛ ھىجىرىيە: مۇھەررەم؛ شەمشىيە: ھەمەل)؛ بۇ ئاي يەنە «ئارام ئاي» دەپمۇ ئاتالغان. ئوچاق سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، ئەجدادلىرىمىز ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچكەندىن كېيىن، يىللىق تېرىمدىن كېيىنكى قىشلىق ئارام ۋاقتىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر چوڭ ئوچاقلار سېلىپ، ئوت قالاپ، ئوچاقلارنىڭ ئىسسىقىدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن، بۇ خىل چوڭ تىپتىكى ئوچاقلار شەھەرلەردىكى ئوردا سارايلاردا توققۇز ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ساندا چۈيۈندىن ياسىلاتتى، قاغانلار ۋە بەگلەر شۇ ئوچاقلار ئارقىلىق چوڭ چېدىر ياكى ئوردوگاھلارنى ئىسىتىپ مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى. شەھەردىن يېزا-قىشلاقلارغىچە، ئۆي-ئودالارغىچە ئوچاق سېلىناتتى، شۇڭا بۇ ئاي ئوچاق دەپ ئاتىلىپ قالغان؛ بۇ ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ «قارا سوغۇق» مەۋسۈمى كىرىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە ئۇيغۇر قاغانلىقى قاغانىنىڭ ئوردوسىغا كىرىدىغان ئېغىزغا ناھايىتى يوغان ئوچاقلار سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئوچاقلار ھەر ۋاقىت ياغ قويۇلۇپ ئوت يالقۇنجاقلاپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئوچاقلارنىڭ ئادەتتە ئىگىز تۆۋرۈك ئۈستىگە قويۇلىدىغان ئۈستى ئوچۇق ئوچاقلار بولۇپ، مەخسۇس يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ھەر بىر شەھەر-قىشلاقلار ئارىلىقىدىكى تۇرالار (قونالغۇلار) نىڭ ئۈستىگىمۇ چوڭ ئوچاقلار قىشتا ئىسىنىش ئۈچۈن ۋە بەلگە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ياز ۋاقىتلىرىدا بۇ خىلدىكى ئوچاقلار پەقەت يورۇتۇش ۋە بەلگە بېرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن.
      2- ئاي - ئۇي [uy] (مىلادىيە: فېۋرال؛ ھىجىرىيە: سەپەر؛ شەمشىيە: سەۋر)؛ ئۇي - بۇ سۆزنىڭ قەدىمكىرەك شەكلى ئۇد بولۇپ، كېيىن «د» تاۋۇشى «ي» غا ئاجىزلاشقان، كالا دېگەن مەنىدە، بۇ سۆزنى يەنە «ھۇت» تەلەپپۇز قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇد، شۇڭا بۇ شەمشىيە كالىندارى بويىچە مىلادىيە 12- ئاينى كۆرسىتىدىغان ھوت ئېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن؛ بۇ ئايدا دېھقانلار يىل بېشىدىكى تېرىم ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشىدۇ، ھەم يەرلەرنى ئۇيلار ئارقىلىق ئاغدۇرۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شەھەر، يېزا-قىشلاقلاردا توپ-توپ دېھقانلارنىڭ ئۇيلار بىلەن يەر ھەيدەپ تېرىقچىلىققا تەييارلىق قىلىشتەك چوڭ مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، بارلىق كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا تۇتۇنىدۇ. 2- ئاينىڭ 4-، 5- كۈنلىرىدىن باشلاپ «باش باھار» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
      دىققەت، 2- ئاينىڭ ئۇي دېيىلىشى ئون ئىككى مۆچەلنىڭ 2- يىلىدىنىڭ نامى ئۇي بىلەن ئوخشاش، بۇ كالىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا-ئىگىلىكىدە نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆسىتىپ بېرىدۇ، گەرچە بۇ مەسىلە ئارخىلوگىيىلىك قېزىشلاردا ئاللىقاچان ئىسپانلانغان بولسىمۇ. يەنە بىر مەسىلە بۇنداقتا ئۇي ھەم مۆچەل نامىدا ھەم ئاي نامىدا ئوخشاش ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئاي نامىدا قەدىمكىرەك شەكلى بولغان «ئۇد» ياكى «ئۇي» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ، يىل نامىنى ئاتىغاندا كالا يىلى دەپ ئاتاش بىر قەدەر ئىلمىي بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
      3- ئاي - ئوغلاق [oğlaq] (مىلادىيە: مارت، ھىجىرىيە: رەبىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: جەۋزا)؛ ئوغلاق (قوزا) يۇلتۇزى - ھەمەل يۇلتۇزى، يەنى 3- ئايدىن باشلاپ كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز؛ بۇ ئايدا قوزا يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ، كىشىلەر ئوغلاقلارنى سويۇپ نەۋرۇز ئېشى تەييارلاپ باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەر-قىشلاقلاردا توپ-توپ بايرام قىلىشىدۇ. 3- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنلىرىدىن باشلاپ جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى بىلەن باھار مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
      4- ئاي - ئۇمۇت [umut] (مىلادىيە: ئاپرېل، ھىجىرىيە: رەبىيەلئاخىر، شەمشىيە: سەرەتان)؛ ئۇمۇت - قەدىمكى بىر خىل جەڭ قۇرالىنىڭ نامى؛ بۇ ئايدا قاغانلار-بەگلەر ئۆز قوشۇنىنى تولۇقلايدۇ، دېھقانچىلىقتىن يېڭى بوشانغان ياش يېگىتلەر توپ-توپى بىلەن ئەسكەرلىككە قاتنىشىدۇ، تۆمۈرچىلەر جەڭ قۇراللىرىنى ياسىشىدۇ، يېڭى بىر يىللىق يۇرتنى قوغداش ۋە يىراقلارغا يۈرۈش قىلىش باشلىنىدۇ. 4- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنىدىن باشلاپ «چوكانتان» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
      5- ئاي - بارس [bars] (مىلادىيە: ماي، ھىجىرىيە: جامادىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: ئەسەد)؛ 5- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنىدىن باشلاپ «باش ياز» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
      ئىزاھات: بۇرچلارنىڭ بىرىنچىنىڭ نامىمۇ ئارسلان بولۇپ، بۇمۇ بارس، يولۋاس دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان؛ ئاي ناملىرىدا يولۋاس دەپ ئاتالغان، بۇ سۆزنىڭ توغرىسى بارس، شۇڭا بۇ ئاينى بارس ئېيى دەپ ئاتاش ئەقىلگە مۇۋاپىق.
      6- ئاي - باشاق [başaq] (مىلادىيە: ئىيۇن، ھىجىرىيە: جامادىيەلئاخىر، شەمشىيە: سۇنبۇلە)؛ بۇ ئاي يەنە بۇغدايبېشى ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايدا ئاشلىق-دانلار، مىۋە-چېۋىلەر، زىرائەتلەر پىشىدۇ، بۇ ئاي ئورما ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ.
      7- ئاي - ئەرەن [eren] (مىلادىيە: ئىيۇل، ھىجىرىيە: رەجەپ، شەمشىيە: مىزان)؛ بۇ ئاينىڭ «ئەرەن» دەپ ئاتالغانلىقى تۈركىي تىللار دىۋانىدا قەيت قىلىنىدۇ. دىۋاندا، «تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ نامى؛ ئاي مەنزىللىرىدىن بىرىنىڭ نامى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئايدا ئەرەنلەر توپ-توپى بىلەن ئېتىزلاردا، باغلاردا ئەمگەك قىلىدۇ، شۇ مۇناسىۋەتتىنمۇ بۇ ئايغا «ئەر» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى «ئەرەن» نامى بېرىلگەن. 7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنىدىن باش تومۇز باشلىنىپ 7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى تومۇز باشلىنىدۇ، ھەمدە 8- ئاينىڭ بېشى ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا 7- ئاي مەزگىلى «تومۇز» ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
      ئىزاھات: سەككىزىنچى بۇرچنىڭ كىز ئاتالغىنىدەك، ئونىنچى بۇرچ تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ «ئەرەن» دەپ ئاتالغانلىقىمۇ بىزگە تۈركىي تىللار دىۋانىدىن مەلۇم بولدى، ئەرەنتۇر (ئەرەنتېر) سۆزىنىڭ بۇ سۆز بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.
     8- ئاي - چايان [çayan] (مىلادىيە: ئاۋغۇست، ھىجىرىيە: شەبان، شەمشىيە: ئەقرەب)؛ بۇ ئايدا چايان يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 8- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «باش كۈز» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
      9- ئاي - ياچاق (مىلادىيە: سېنتەبىر، ھىجىرىيە: رامىزان، شەمشىيە: قەۋس)؛ بۇ ئايدا ياچاق (ياي) يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 9- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «ئاق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
      10- ئاي - ئوغۇز [oğuz] (مىلادىيە: ئۆكتەبىر، ھىجىرىيە: شەۋۋال، شەمشىيە: جەدىي)؛ بۇ ئاينىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى مەنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قاغان بوۋىسى ئوغۇز قاغاننىڭ نامىنى يادلاش ئۈچۈن قويۇلغان. ئىككىنچى مەنىسى، بۇ ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئەل بويىچە قىشلىق تەييارلىق باشلىنىدۇ. يىگىتلەر قوشۇندىن ئائىلىسىگە قايتىپ ئەل جامائەت جەم بولۇشىدۇ. ئەرلەر ئۆي سېلىشىدۇ، قىشلىق يەم-بوغۇز تەييارلايدۇ، ماللارنى سويۇپ تەييارلايدۇ. خوتۇن-قىزلار سېيىرلاردىن سۈت (تۇنجى تامغان سۈت ئوغۇز سۈتى دېيىلىدۇ) ئېلىشىدۇ، بۇنىڭدىن قۇرۇت ۋە ئېرىمچىكلەرنى تەييارلايدۇ، بارلىق كىشىلەر بۇ ئايدىن باشلاپ قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىدۇ. 10- ئاينىڭ 8-، 9- كۈنىدىن باشلاپ «سوغۇق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ. ئومۇمەن ئوغۇز ئېيى مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان، باياشاتلىق بولىدىغان ئايدۇر.
      11- ئاي - كۆنەك [könek] (مىلادىيە: نويابىر، ھىجىرىيە: زۇلقەدە، شەمشىيە: دەلۋە)؛ كۆنەك - ① ياغاچ چېلەك (سوغا) ② سۇ قاچىسى؛ 11- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ «باش قىش» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
      ئىزاھات: بەزى ماتېرىياللاردا بۇ ئاينىڭ نامى سوغا دەپ ئېلىنغان، بۇ ئاينىڭ كۆنەك ۋە سوغا دەپ ئىككى خىل ئاتىلىپ قېلىشىدا «چېلەك» نىڭمۇ شۇ دەۋرلەردە بىر قانچە خىل شەكىلدە بولغانلىقىنى، ھەر بىر شەكلىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ناملىرى بارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
      12- ئاي - ئارائاي [ara'ay] (مىلادىيە: دېكابىر، ھىجىرىيە: زۇلھەججە، شەمشىيە: ھوت)؛ ئارائاي _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كونا يىل بىلەن يېڭى يىلنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاي دېگەن مەنىدە كېلىدۇ؛ بۇ ئاي يەنە «بېلىق» دەپمۇ ئاتالغان؛ 12- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «ئاق قار» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.

    ● چىللە [çille] (چىللە ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، چىللە ئاتالغۇسى خەنزۇچىدىكى جۇ بىلەن باراۋەر) — «يازغى چىللە» ۋە «قىشلىق چىللە» دەپ ئايرىلىدۇ. خەنزۇلاردىكى «جۇ» قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ب ئىككى خىل ئاتىلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر چىللە 9 كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22- دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتىيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (3- ئاينىڭ 21- كۈنى) گىچە بولغان 81 كۈن 9 چىللىگە بۆلىنىدۇ.

    ● كەنجئاي [kencay] (ھەپتە) — كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ.
    ئەجدادلىرىمىز يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن يۇلتۇزنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن:
    1. ساقان [saqan] — دۈشەنبە (زۇھەل، ساتۇرىن يۇلتۇزى)؛ سەكەنتۇر، سەكەنتىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    2. ئوڭاي [oñay] — سەيشەنبە (ئوڭاي يۇلتۇزى يەنە ئۇيغۇرچىدا ئەرەنتىر، قاراقۇش دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان؛ مۇشتەرى، يۇپىتىر يۇلتۇزى).
    3. قۇرت [qurt] — چارشەنبە (مېرىخ، مارس يۇلتۇزى)؛ قۇرت — بۆرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى، قەدىمكىلەر بۆرىنى ئۇلۇغلىغاچقا ۋە ئۇنىڭدىن قورققاچقا، ئۇنىڭ نامىنى بىۋاستە ئاتىماستىن، ئۇنى قۇرت دەيتتى، بۆرە ئۆلتۈرسە، قۇرۇت ئۆلتۈردۈم دەيتتى؛ قۇرۇت، كۇرۇت، كۇرۇد دېگەندەك تەلەپپۇزلىرى بار.
    4. قۇياش [quyaş] — پەيشەنبە (قۇياش؛ كۈن).
    5. سەۋىت [sevit] — جۈمە (زۆھرە، چولپان، ۋېنېرا يۇلتۇزى).
    6. ئاتارۇت [atarut] — شەنبە (ئارزۇ، مېركورى يۇلتۇزى).
    7. يالچىق [yalçiq] — يەكشەنبە (ئاي، ئاي شارى).

    ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ئۇلارنى، باش كۈن (دۈشەنبە)، بوش كۈن (سەيشەنبە)، سوڭ كۈن (چارشەنبە)، كىچاتنا كۈن (پەيشەنبە)، ئاتنا كۈن (ئازنا-جۈمە)، ئاتناراس (شەنبە)، پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان.

    ● كۈن [kün] — كالىندار ھېسابىدا تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، قۇياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بىر كۈن بولىدۇ. بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر كۈن 24 سائەت بولىدۇ، كېچە سائەت 1 دىن 12 گىچە چۈشتىن بۇرۇن (چ ب) ھېسابلىنىدۇ. چۈش ۋاقىت سائەت 12 دىن كەچ سائەت 0 گىچە چۈشتىن كېيىن (چ ك) دەپ ھېسابلىنىدۇ.

    ● كۈندۈز [kündüz] — كالىندار ھېسابىدا قۇياش كۆتۈرۈلۈپ تاڭ ئېتىپ قوياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كۈندۈز 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كۈندۈز تاڭ (سەھەر ۋاقتى سائەت 5 تىن 8 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن بۇرۇن (سائەت 8 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈش (سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن كېيىن (سائەت 1 دىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت).

    ● كېچە [kéçe] — كالىندار ھېسابىدا قۇياش ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كېچە 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كېچە زاۋال (چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت)، ئەلياتقۇ (كېچە سائەت 9 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، تۈن نىسبى (كېچە سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، باش توخۇ (سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت)، سۈبھى (كېچىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت) دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.

    ● كۈزەد [küzet] — بۇرۇنقى زامانلاردا بىر كېچىنى بەشكە بۆلۈپ بەش قېتىم جاڭ ئۇرۇدىكەن. ھەر بىر جاڭ ئۇرۇشنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى سائەت بولىدىكەن.

    ● سوتكا [sotka] — بىر كېچە-كۈندۈز ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى، 1 سوتكا 24 سائەت بولىدۇ.

    ● پاس [pas] — قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر پاس ئادەتتە بىر كېچە-كۈندۈرنىڭ 1/8 ىگە توغرا كېلىدۇ.

    ● چارەك [çarek] — كالىندار ھېسابىدا بىر پۈتۈن ۋاقىت بىرلىكىنىڭ تۆتتىن بىرى. چارەك ئەسىر — 25 يىلنى؛ چارەك سوتكا — 6 سائەتنى؛ چارەك سائەت — 15 مىنۇتنى بىلدۈرىدۇ.

    ● سائەت [saet] — سوتكىنىڭ 12/1 ىگە تەڭ بولغان ۋاقىت بىرلىكى، 1 سائەت 60 مىنۇت، 3600 سېكۇنتقا تەڭ. قەدىمكى بابىللىقلار بىر كېچە-كۈندۈزنى 24 ۋاقىتقا بۆلۈپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە قوللىنىلىشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، باشقا ئەللەرگىمۇ تارقىلىپ كەڭ قوللىنىلغان.

    ● بىر ئاش پىشىم [bir aş pişim] — بىر ۋاق ئاش (تاماق) نىڭ پىشىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت؛ بىر ئاش پىشقۇچىلىك ۋاقىت.

    ● مىنۇت [minut] — ۋاقىت ھېسابىدا بىر سائەتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكى، 1 مىنۇت 60 سېكۇنتقا تەڭ.

    ● سېكۇنت [sékunt] — ھازىرقى ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، 60 سېكۇنت 1 مىنۇتقا تەڭ، 1 سېكۇنت 60 دەقىقىگە تەڭ.

    ● دەقىقە [deqiqe] — ۋاقىت ھېسابىدا سېكۇنتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكىگە تەڭ بولغان ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى.
    قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا سائەتتىن كىچىك ۋاقىت بىرلىكى دەقىقە بولغان. بىر كېچە-كۈندۈز 1440 دەقىقىگە بۆلۈنگەن. دەقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدا «بابۇرنامە» دە «سۈرە فاتىھەنى بىسمىللا بىلەن قوشۇپ ئالتە قېتىم ئوقۇغانچە بولىدۇ» دېيىلگەن.

    ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)، ئون ئىككى بۇرج، ئون ئىككى ئاي، تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۈم، يەتتە كۈن (كەنجئاي) ۋە كۈنلەرنىڭ ناملىرىنى تۈركىي تىللار دىۋانى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردىن توپلاپ رەتلەپ يوللاپ قويدۇم، يۇقىرىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر ئون ئىككى مۆچەل، ئون ئىككى بۇرج ۋە ئون ئىككى ئاينىڭ ناملىرىنى، ئۇيغۇرچە ناملىرى بىلەن ئەرەبچە ناملىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك.
    (باشقا تور بېكەتلەرگىمۇ يوللىماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!)
    ئالپ

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2014-7-4 15:00
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2013-4-5 13:03
ۋاقتى: 2011-3-27 00:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى دىكى بىر قىسىم كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى. بولۇپمۇ مۇھىم جايلارنى تولۇقلىدى.
ۋاقتى: 2011-3-29 14:15:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئەپەندىمنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىغا تەشەككۈرۈمنى ئېيتىمەن.
ۋاقتى: 2011-3-30 20:14:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭلارنىڭ « بىر قەنە 30 يىل » دېگىنىنى ئاڭلىغانتىم. بۇ قايسىسىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئالپ ئۇستاز، toşqan دىكى ş باشقىچە تۇرۇدۇ، بۇ قايسى خىل ئېلىپبە؟
ۋاقتى: 2011-3-31 00:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەپسىلى ۋە ئىنچىكە چۈشەنچە بوپتۇ ،تەشەككۈر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-31 03:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزدا چوڭلارنىڭ «بىر قەرنە 30 يىل» دېگىنى قەرننى كۆرسىتىدۇ.
ş بۇ ش ھەرىپى، مەن sh قىلىپ يېزىشنى ياقتۇرمايمەن، ئىمكان بار بىر تاۋۇشنى بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ قىسمەن ئىزدىنىشلىرىدە مەلۇم تىل-يېزىققا ئائىت ماتېرىياللارنى خاتىرىلەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئەگەر بۇلارنى ھازىر ئىشلىتىلىنىۋاتقان لاتىنچە لايىھەلەر بويىچە خاتىرىلىسەم بۇ ئېلىپبەلەردىكى ھەرپلەر يېتىشمەيدىكەن ياكى ھاجىتىدىن تولۇق چىقالمايدىكەن. شۇڭا، مەن ھازىرقى لايىھەلەرگە يېقىن بولغان بەزى ھەرپلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
مەسىلەن:
ch نى ç بىلەن، sh نى ş بىلەن، gh نى ğ بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ، بۇنلار خەلقئارادا ئورتاق.
يەنە ج نى C ھەرىپى بىلەن، ژ نى J ھەرىپى بىلەن يازسىمۇ خاتالاشمايدۇ.
ئە ھەرىپىنى ä بىلەن، ئې ھەرىپىنى e بىلەن ئىشلىتىشكە كۈنۈپ قاپتىمەن، ئەگەر ئە ھەرىپىنى e ھەرىپى بىلەن يازسام، ماتېرىيالىم ئۇيغۇرچە ئەمەس قىپچاق تىللىرىدەك بولۇپ قالغاندەك غەيرىلىك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن.
ئاندىن يەنە ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىتىلمەيدىغان، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئايرىم دېئالىكىت ۋە شېۋىلىرىدە مەۋجۇد بولۇپ، يېزىقتا ئىپادىلەنمەيدىغان بىر تاۋۇش ئۈچۈن ï ھەرىپىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، بۇ تاۋۇش i تاۋۇشىنىڭ قاتتىق شەكلى ھېسابلىنىدۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا بۇ تاۋۇش ئاساسەن كۆپ ئىشلىتىلەتتى، ھەم e تاۋۇشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان تاۋۇش ئىدى. ھازىرقى تىلىمىزدا بۇ تاۋۇش بار، ئەمما مەنا پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تاۋۇشقا ئايرىم بەلگە بېرىلمىگەن. ئەمما تىل-تەتقىقات ئىشلىرىدا ئومۇمەن بىرلىككە كەلگەن ھالدا ï ھەرىپى ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: قىز، قىزىل، قىرىق، قىر دېگەندەك سۆزلەردە بۇ تاۋۇش مەۋجۇد.
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى دىئالىكىت ۋە شىۋىلىرىنى ئىنچىكە تىل تاۋۇشلىرى بويىچە ئايرىغاندا 50 كە يېقىن تاۋۇش مەۋجۇد بولۇپ، بۇ 50 كە يېقىن تاۋۇش ئارقىلىق دىئالىكىت ۋە شىۋىلەردىكى سۆزلەرنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. بۇ پەقەت تەتقىقات ئىشلىرىدىلا ئىشلىتىلىدۇ خالاس، ئاددەتتىكى تۇرمۇش سۆزلۈكلىرىدە ھازىرقى 32 تاۋۇشىمىز يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ.
ئالپ ئەپەندىم يېڭى ئېلىپبە ئىجاد قىلىپتۇ دەپ قالماڭلار، بۇمۇ خىزمەت ۋە تەتقىقاتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئامال يوق بەزى ھەرپلەرنى ئۆزىمىز ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمىسەك بولمايدىكەن. بۇ پەقەت پايدىلىنىش ۋە تەتقىقات ئۈچۈندۇر، باشقا ئەھمىيىتى يوق.
مەن ئىشلىتىۋاتقان تاۋۇش بەلگىلىرى جەدۋىلىنىمۇ پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم، بۇنى پەقەت پايدىلىنىش ماتېرىيالى دەپ قارىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

№ [تاۋۇش]      [IPA]           تاۋۇشلارنىڭ تەسۋىرى
1   [ɑ \ a]        [A a]         ئا _ تىل ئارقا، لەۋلەشمىگەن، ئوچۇق (تۆۋەن) سوزۇق تاۋۇش.
2   [a: \ aa]        [Â â]      ئاا _  «ئا» تاۋۇشىنىڭ سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (ئاچا، قاغا، قان)
3   [ɛ \ ae]        [Ä ä]       ئە _ تىل ئالدى، لەۋلەشمىگەن، يېرىم ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش.
4   [ɛ: \ ee]        [Ê ê]      ئەە _ «ئە» تاۋۇشىنىڭ سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (ئەتە، ئەكە، ئەكەك؛ يەنە ئاتۇش تەلەپپۇزدىدىكى مېن (مەن)، سېن (سەن)، ئېلگې (ئەلگە)، ئېللىغ (ئەللىك)، چېك (چەك)، كېچ (كەچ)، دېسېم (دېسەم) سۆزلىرىگە قاراڭ.)
5   [b \ b]        [B b]         ب _ قوش لەۋ، پارتلىغۇچى، جاۋاڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
6   [ʤ \ c]        [C c]        ج _ تىل ئالدى-قاتتىق تاڭلاي، پارتلىغۇچى-سىيرىلاڭغۇ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
7   [ʧ \| ch]        [Ç ç]      چ _ تىل ئالدى-قاتتىق تاڭلاي، پارتلىغۇچى-سىيرىلاڭغۇ، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
8   [d \ d]        [D d]        د _ تىل ئۇچى-چىش مىلىكى، پارتلىغۇچى، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
9   [ð \ th]        [Ð ð]       «ت» بىلەن «د» ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (بۇ تاۋۇش بەزىدە د غا يېقىن بەزىدە ز غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؛ قەدىمكى سۆزلەردىن ئادغىر -› ئازغىر (ئايغىر)، ئاتنا -› ئادنا (ئازنا)؛ ئاداق -› ئازاق -› (ئاياق] سۆزلىرىگە قارالسۇن.)
10   [e \ e]        [E e]       ئې _ تىل ئالدى، لەۋلەشمىگەن، يېرىم يېپىق سوزۇق تاۋۇش.
11   [f \ f]        [F f]          ف _ لەۋ-چىش، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
12   [ɢ \ g]        [G g]      گ _ تىل ئۈستى-ئوتتۇرا تاڭلاي، پارتلىغۇچى، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
13   [ɣ \ gh]        [Ğ ğ]     غ _ تىل تۈۋى-كىچىك تىل، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
14   [ʛ \ hg]        [Ĝ ĝ]     «گ» بىلەن «ي» ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدغان شەكلى. (ي غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما ي ئەمەس؛ قەدىمكى سۆزلەردىن گەنە -› كەنە -› يەنە؛ چىراغى (چىرايى) سۆزلىرىگە قارالسۇن.)
15   [h \ h]        [H h]       ھ _ بوغۇز، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
16   [ɦ \ xh]        [Ħ ħ]     «خ» بىلەن «ھ» ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (ھ غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما ھ ئەمەس؛ خوتەن دىئالىكتىدىكى ئاھاك [ھاك]، ھاجىز [ئاجىز]، ھەجەپ [ھەجەپ]، ھازازۇل [ئازازۇل]، ھالدام ياكى ھىلدام [ئىلدام] سۆزلىرىدىكى ھ تاۋۇشىغا قارالسۇن.)
17   [i \ i]        [I i]            ئى _ تىل ئالدى، لەۋلەشمىگەن، يېپىق سوزۇق تاۋۇش. (بىر، ئىككى، ئىللىق، ئىلمان)
18   [ɪ \ ie]        [Ï ï]         «ئى» تاۋۇشىنىڭ تىل ئارقا شەكلى. (قىز، قىرىق، قىزىل)
19   [i: \ ii]        [Î î]         «ئى» تاۋۇشىنىڭ سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (ئىمارەت، ئىئانە)
20   [ɨ \ i]        [Í í]           «ئى» تاۋۇشىنىڭ تىل ئوتتۇرىسى ئىنچىكە تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (سىز، قىس، كىر)
21   [ʒ \ j]        [J j]          ژ _ تىل ئالدى، قاتتىق تاڭلاي، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
22   [k \ k]        [K k]       ك _ تىل ئۈستى-ئوتتۇرا تاڭلاي، پارتلىغۇچى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
23   [l \ l]        [L l]           ل _ تىل ئۇچى-چىش مىلىكى، قوۋۇز، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
24   [m \ m]        [M m]    م _ قوش لەۋ، دىماغ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
25   [n \ n]        [N n]       ن _ تىل ئۇچى-چىش مىلىكى، دىماغ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
26   [ŋ \ ng]        [Ñ ñ]     ڭ _ تىل تۈۋى-كىچىك تىل، دىماغ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
27   [o \ o]        [O o]       ئو _ تىل ئارقا، لەۋلەشكەن، يېرىم يېپىق سوزۇق تاۋۇش.
28   [o: \ oo]        [Ô ô]    «ئو» تاۋۇشىنىڭ سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (ئوماچ، ئوچاق، ئوچۇق)
29   [ɷ \ oe]        [Ő ő]     «ئو» تاۋۇشىنىڭ «ئۇ» گە يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (خوتەن دىئالىكتىدا، بويان (بويۇن)، قولام (قۇلۇم) سۆزلىرىگە قاراڭ).
30   [ø \ o]        [Ö ö]       ئۆ _ تىل ئالدى، لەۋلەشكەن، يېرىم يېپىق سوزۇق تاۋۇش.
31   [p \ p]        [P p]        پ _ قوش لەۋ، پارتلىغۇچى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
32   [q \ q]        [Q q]       ق _ تىل تۈرى-كىچىك تىل، پارتلىغۇچى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
33   [ʀ \ r]        [R r]         ر _ تىل ئۇچى-چىش مىلىكى، تىترەڭگۈ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
34   [ʁ \ rr]        [Ŕ ŕ]        «ر» تاۋۇشىنىڭ تىل ئۈستىگە قايرىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (خوتەن دىئالىكتىدا، بارىتمە (بارىمەن)، كۆرۈتمە (كۆرىمەن)، بارىتۇ (بارىدۇ)، بۇ تاۋۇش ي غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما ي ئەمەس).
35   [s \ s]        [S s]        س _ تىل ئۇچى-چىش، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
36   [ṣ \ sz]        [Ś ś]      «س» بىلەن «ز» ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى.
37   [ʂ \ sc]        [Ŝ ŝ]      «س» بىلەن «ش» ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى.
38   [ʃ \ sh]        [Ş ş]      ش _ تىل ئالدى-قاتتىق تاڭلاي، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
39   [t \ t]        [T t]          ت _ تىل ئۇچى-چىش مىلىكى، پارتلىغۇچى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
40   [ṭ \ tz]        [Ţ ţ]         «ت» بىلەن «ز» ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى.
41   [u  \ u]        [U u]      ئۇ _ تىل ئارقا، لەۋلەشكەن، يېپىق سوزۇق تاۋۇش.
42   [u: \ uu]        [Û û]    «ئۇ» تاۋۇشىنىڭ سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى.
43   [ʏ \ ue]        [Ű ű]     «ئۇ» تاۋۇشىنىڭ «ئۈ» گە يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى. (خوتەن دىئالىكتىدا، كۆڭەل (كۆڭۈل)، ئۈزدەم (ئۈزدۈم) كەبى سۆزلەرگە قاراڭ).
44   [y \ u]        [Ü ü]       ئۈ _ تىل ئالدى، لەۋلەشكەن، يېپىق سوزۇق تاۋۇش.
45   [v \ v]        [V v]       ۋ _ لەۋ-چىش، يېنىك سىيرىلاڭغۇ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش (قەدىمكى ۋاقىتلاردا بۇ تاۋۇشنىڭ يەنە «ف» غا يېقىن تەلەپپۇزىمۇ بولغان ئىدى).
46   [ṿ \ w]        [W w]    تىل ئارقا، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش (بۇ تاۋۇش «ئۇ\ۋ» شەكلىگە يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
47   [x \ x]        [X x]       خ _ تىل تۈۋى-كىچىك تىل، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.
48   [ j \ y]        [Y y]      ي _ تىل ئۈستى-ئوتتۇرا تاڭلاي، يېنىك سىيرىلاڭغۇ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
49   [z \ z]        [Z z]      ز _ تىل ئۇچى-چىش، سىيرىلاڭغۇ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.
50   [ẓ \ zy]        [Żż]     «ز» بىلەن «ي» ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى.

ئالپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-31 16:20  

ۋاقتى: 2011-3-31 12:02:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش AlpSoft نىڭ يازمىسى
ئاا _  «ئا» تاۋۇشىنىڭ سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى.

يــــــاۋ، بۇ گېپىڭىزدىن كاللام بىر نەرسىنى ۋاللىدە ھېس قىلدى جۇمۇ.  ماۋۇ ئۇسۇلنى قاتتىق قوللايمەن ھەم مۇكەممەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن.
بىلىملىك ئادەم دېگەن باشقىچە بولىدىكەن مانا.
ئەمدى بۇ يەردە بۇنداق بىر سۇئال پەيدا بولدى.  بۇ ئىككى سۆزنى ئايرىپ يېزىپ بىرىڭ.
ياۋ- دۈشمەن.
يــــاۋ ياكى ياۋۋۋ - ھەيرانلىقنى بىلدۈرىدۇ (مانداقمۇ ئىش بار دەڭ دېگەندەك )
ۋاقتى: 2011-3-31 12:12:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش AlpSoft نىڭ يازمىسى
ئاا _  «ئا» تاۋۇشىنىڭ سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان شەكلى.

يــــــاۋ، بۇ گېپىڭىزدىن كاللام بىر نەرسىنى ۋاللىدە ھېس قىلدى جۇمۇ.  ماۋۇ ئۇسۇلنى قاتتىق قوللايمەن ھەم مۇكەممەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن.
بىلىملىك ئادەم دېگەن باشقىچە بولىدىكەن مانا.
ئەمدى بۇ يەردە بۇنداق بىر سۇئال پەيدا بولدى.  بۇ ئىككى سۆزنى ئايرىپ يېزىپ بىرىڭ.
ياۋ- دۈشمەن.
يــــاۋ ياكى ياۋۋۋ - ھەيرانلىقنى بىلدۈرىدۇ (مانداقمۇ ئىش بار دەڭ دېگەندەك )
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-31 15:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋ [yav] _ دۈشمەن، رەقىب.
يا [yâ] _ ياا، ئادەتتە ھەيران قالغاندا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن: يائاللا [yâalla]، يا [yâ]، ....يا [boldiyâ...] دېگەندەك. دىققەت: بۇ سۆز ياۋ ئەمەس، ي دىن كېلىدىغان ئا تاۋۇشى سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، يەنى ئا تېخىمۇ سوزۇلۇپ تەلەپپۇزلىنىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە ياا شەكلىدە بولىدۇ، ياۋ دەپ تەلەپپۇز قىلىشقا بولمايدۇ.
â يەنى ئاا دەپ كۆرسەتكىنىم، بۇ تاۋۇشنىڭ يەنى ئا تاۋۇشىنىڭ تېخىمۇ سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تېخىمۇ سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغان شەكلى بولغان، مەسىلەن ئاا aa، ئە ää، ئوو oo، ئۇۇ uu، ئىى ii لاردۇر.
ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئى تاۋۇشلىرىنىڭ ھازىرقى تىلىمىزدا سوزۇلۇپ ئېيتىلىشىدا مۇنداق ئىككى خىل شارائىتتى بار. بىرى، ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەكس تەسىر، يەنى سۆزدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن سوزۇق تاۋۇشنىڭ سوزۇلۇپراق ئېيتىلىشىدا كۆرۈلىدۇ.
مەسىلەن: ئارتۇچ _ ئاتۇش [âtuş]، ئورغاق _ ئوغاق [ôğaq] دېگەندەك. بۇ خىل ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇزدا ياكى يېزىقتا چۈشۈرۈپ قويۇش ئەھۋاللىرىدىن ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ سوزۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
يەنە، ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردىمۇ ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئى سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ سوزۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئالەم [âläm] ،  قۇرئان [qurân]  ، ئىمارەت [îmarät] كەبى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇلما سوزۇق تاۋۇش ئەە ۋە ئوو لار ئۆ تاۋۇشىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، ئۇۇ تاۋۇشى ئۈ تاۋۇشىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، ئىى ii تاۋۇشى قاتتىق ئى ۋە ئې تاۋۇشىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە چوڭ رول ئوينىغان. تىلىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېرىشى ۋە بىر قسىىم تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھازىرقى يېزىقىمىزدا سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك بەلگىلەر بولسىمۇ، جانلىق تىلدا سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلار مەۋجۇد، ئەمما قەدىمكى تىللاردىكىدەك لەۋلىشىشچانلىقىنى يوقاتقان، شۇڭا ھازىرقى تىل-يېزىقىمىزدا سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلارغا ئاساسەن ئېھتىياج يوق، پەقەت تىل تەتقىقاتىدىلا ئىشلىتىلىدۇ.
يەنە ياۋ سۆزىدىكى ۋ تاۋۇشى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كېيىنرەك پەيدا بولغان تاۋۇشتۇر، بۇ ۋ تاۋۇشى پ ۋە ب نىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ۋە چەت تىللارنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن. تاپغاچ -› تابغاچ - › تاۋغاچ -› تاۋغاش؛    ئاپشار -› ئابشار -› ئاۋشار -› ئافشار.
ياۋ سۆزىنىڭ قەدىمكىرەك شەكلى يااپ دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. يەنى، يااپ - › يااب -› ياۋ؛ سوزۇلما سوزۇق تاۋۇش ئا نىڭ تەسىرىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە پ تاۋۇشى ۋ غا ئاجىزلاشقان.
ۋ تاۋۇشى 10- ئەسىرلەردە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىدە تىلىمىزغا كۆپلەپ كىرىشكە باشلىغان، ھەم تىل تاۋۇشىمىز ئىچىدە مۇقۇملىشىشقا باشلىغان. شۇ دەۋرلەردە ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرمۇ تېزلېكتە پ ۋە ب تاۋۇشىدىن ۋ ياكى ف تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. مەسىلەن:
ئووپ (ئۆي، ئوبا) _ ئۆب -› ئەب _ › ئەۋ (ئەف)؛ ئااپ _ (ئوۋ) - ئوب -› ئوۋ؛ ئاپئاق -› ئاپپاق -› ئافئاق -› ئاففاق-› ئافاق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-31 15:33  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-31 16:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bolsunğïl, däp dädilär. Anuñ añağusu
uşbu turur: . Taqï mundan soñ sävinç
taptïlar. Känä künlärdän bir kün Ay qağan–
nuñ közü yarïp bodadï, ärkäk oğul toğurdï.
Oşul oğulnuñ öñlügi çïrağï kök
ärdi, ağïzï ataş qïzïl ärdi, közläri al, saçlarï, qaşlarï
qara ärdilär ärdi. Yaqşï näpsiqilärdän
körüklügräk ärdi. Oşul oğul ana–
sïnïñ kögüzündün oğuzni içip, mundun
artïqraq içmädi. Yig ät, aş, sürmä
tilädi, tili kälä başladï. Qïrïq kündün soñ,
bädüklädi, yürüdi, oynadï. Adağï ud adağï däg, bälläri
böri bälläri däg, yağrï kiş yağrï däg, kögüzü
aduğ kögüzü däg, ärdi. Bädäninüñ qamağï
tüg tülüklüg ärdi, yïlqïlar kütäyä
turur ärdi, atlarğa minä turur ärdi, kik
av avlaya turur ärdi. Künlärdän
soñ, käçälärdän soñ yigit boldi. Bu
çaqda bu yärdä bir uluğ orman bar ärdi,
köp müränlär köp ögüzlär bar ärdi, bunda kälgän–
lär kik köp köp, bunda uçqanlar quş köp köp ärdi.
ۋاقتى: 2011-3-31 22:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئۇستاز. سىزنىڭ كىرگۈزۈش ئۇسۇلىڭىزنى تۈزۈك بىر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن.
Ş ، Ö، Û، Ç،  لارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل كىرگۈزۈش ھالىتىدە قىلامسىز؟ ياكى بىرقانچە كىرگۈزۈش ھالىتىدىمۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-31 22:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا مەن ئۆزۈم ياسىۋالغان مەخسۇس كىرگۈزگۈچ بار، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈش ئېلىپ بارىمەن. يەنە، قەدىمكى ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقى (تۈرك-رۇنىك يېزىقى) ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ-بەلگىلىرىنىمۇ كىرگۈزىدىغان كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىسىنىمۇ ئىشلەپ ئۆزۈم بەزى خاتىرىلەردە ئىشلىتىۋاتىمەن.

قەدىمكى ئورقۇن يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بويىچە ئىشلەنگەن خەت نۇسخىسى.
orqun_03.jpg

قەدىمكى ئورقۇن يېزىقىدىكى بەلگىلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن لاتىنچە ھەرپلىك خەت نۇسخىسى.
orqun_04.jpg

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بويىچە ئىشلەنگەن خەت نۇسخىسى.
قول يازما شەكلى:
orqun_01.jpg

باسما شەكلى:




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-31 23:20  

orqun_02.jpg
ۋاقتى: 2011-3-31 23:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش AlpSoft نىڭ يازمىسى

مۇنداق دەڭ،  
مۇكەممەلتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان دىتالدەك قىلىدۇ ئۇ.
ۋاقتى: 2011-3-31 23:23:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش AlpSoft نىڭ يازمىسى
قەدىمكى ئورقۇن يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بويىچە ئىشلەنگەن خەت نۇسخىسى

بۇ تەسۋىرىي يېزىققا كىرەمدۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-31 23:38:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمكى ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقى ئەڭ دەسلەپتىكى تېخىمۇ قەدىمى بولغان تەسۋىرىي يېزىقتىن ئاددىيلىشىپ ئېلىپبەلىك يېزىققا ئايلانغان. مەسىلەن، بۇ يېزىقتىكى ي ھەرىپى يېرىم ئاي شەكلىدە ئېلىنغان، س ھەرىپى ئىككى ئېقىننىڭ بىرىكىپ بىر چوڭ ئېقىننى ھاسىل قىلغاندىكى تەسۋىرى بېرىلگەن، غ ھەرىپى بىر غازنىڭ قانات قېقىپ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان قېياپىتىنى كۆرسىتىدۇ، ق ھەرىپى ئوقنىڭ شەكلىدىن، ني ھەرىپى ئېيىقنىڭ تەسۋىرىدىن كەلگەن (ئېيىق قەدىمكى تىلدا ئادۇق دېيىلەتتى، كېيىنچە ئايۇق ياكى ئايۇ، كېيىنرەك ئايىق ۋە ئېيىق بولۇپ مۇقۇملاشقان) دېگەندەك ھەممە ھەرپلەر بەلگىلەر بەلگىلىك شەيئىلەرنىڭ تۈس ۋە ھالەتلىرىگە ئاساسەن كەلگەن، شۇڭا قەدىمكى ئورقۇن ئويغۇر يېزىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھالىتى ھازىرقى خەنزۇ يېزىقىغا ئوخشاش تەسۋىرىي يېزىق ئىدى، كېيىنچە سۆزلەرنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى ۋە ھەرپ شەكلىنىڭ ئاددىيلىشىشى بىلەن بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپلىك ئېلىپبەگە ئۆزگەرگەن ئىدى. قەدىمكى ئورقۇن يېزىقىدا يەنە قوشما تاۋۇشلار كۆرۈلىدۇ، بۇ قوشما تاۋۇشلارمۇ بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن، دېمەك بۇ ھەرپلەر ئەڭ دەسلەپكى تەسۋىرىي يېزىق ھالىتىدىن قالغان قالدۇقلار بولۇپ، بۇلاردا ئاش، باش، ئوت دېگەندەك بىر قانچە شەكلى ساقلىنىپ قالغان، شۇڭا بۇ يېزىقنى ئالىملار تەسۋىرىي يېزىقتىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن دەپ قاراش بىلەن بىرگە، يەنە بۇ يېزىق تەسۋىرىي يېزىقتىن ئېلىپبەلىك يېزىققا ئۆتۈش جەريانىدا يەنە بوغۇملۇق يېزىش باسقۇچىنىمۇ تاماملىغان دەپ قارايدۇ، شۇنىڭدەك بۇ يېزىقتا ھازىرقى ئەرەب تىلى ۋە يېزىقىغا ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ يېزىش ياكى پۈتۈنلەي يېزىقتا يازماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ بار بولۇپ، بۇ بوغۇملۇق ياكى سۆز بويىچە قىسقارتىپ يېزىشنىڭ قالدۇقى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.
بۇ يېزىق ئالدىنقى يىللىرى يۇنىكودتىن ئورۇن ئالدى، يۇنىكودنىڭ 5.2 نەشرىدىن كېيىنكىلىرىدە ئۇنىڭ ئورنى بار، بۇ يېزىق 71 دانە ھەرپ-بەلگىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئورقۇن ۋە يېنىسەي دەپ ئايرىلغان.
بۇ يېزىق ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ، سۆز بىلەن سۆز ئارىلىقى قوش چىكىت بىلەن ئايرىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 07:16 , Processed in 0.173763 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat