ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 742|ئىنكاس: 10

كۆرسىتىش كارتىسى تاللاشنى ئۆگىنەمسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

shemsher   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
323
تىللا
22
شۆھرەت
537

ھەمكارلىق تەشۋىقات پىداكار داڭدار تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 21:47:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسلى بىر ئىنكاسىم بولۇپ بەزى تورداشلا ئايرىم تىما سۈپىتىدە يوللاشنى ئېيتىپتىكەن ئويلاپ باقسام كۆرسىتىش كارتىسى ئالىدىغان پەيىتتە ئىنكاستىن  تىزراق تىمىنى تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئايرىم تىما سۈپىتىدە يوللاپ قويدۇم.

ئادەتتە بىر توردىشىمىزنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن يەنە باشقا توردىشىمىزنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى ئېلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ شۇڭا يىتەرسىز تەرپى بولسا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار،ۋە باشقا ياخشى تاللاش ئۇسۇلى بولسا قالدۇرساڭلار تىما تىخىمۇ مۇكەممەللىشىپ كەتسە .

ئاۋال سىن كارتا ئېلىشتا ئويلىشىدىغىنىڭىز نىمىگە ئىشلىتىدىغىنىڭىز.

ئەگەر چوڭ تىپتىكى ئويۇن ئوينايمەن دىسىڭىز چۇقۇم 700~800 يۈەنگىچە سىنكارتا تاللىشىڭىز كېرەك مۇنداقلا دىسىڭىز 500~600 گىچەنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ،ياق بولدى كىنولا كۆرىمەن دىسىڭىز ھازىرقى 高清版 دەيدىغان سىنكارتىلارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ باھاسى 300~400 يۈەنگىچە .
ھازىر مودا بولىۋاتقىنى بولسا GT240  تىپىدىكى ، لېكىن ماركا ۋە كۆرسەتكۈچلىرىگە ئاساسەن  باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ . سىز سىنكارتا ئالىدىكەنسىز چۇقۇم يېنىڭىزدىن پۇل چىقىرىسىز . شۇ پۇلنى چىداپ چىقارغاندىكىن ئۇنداق بۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىشنىڭ ئورنى يۇق چۇقۇم ياخشىسىنى باھاسى مۇۋاپىقنى ئېلىش كېرەك .
ئاۋال سىنكارتا ئىقتىدارىنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى مانا مۇنداق تاللايسىز (شەخسى كۆز قارىشىم )
1. سىز سىنكارتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتەمسىز ياكى قىسقا مۇددەتمۇ ؟
ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە ATI قىسقا مۇددەت (تەخمىنەن ئىككى يىل ) NVIDIA   ئەلۋەتتە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىمىزدە. چۈنكى ھازىر  NVIDIA نىڭ تەرەققىيانى تىز بولۇپ كىتىۋاتىدۇ . كىيىن پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك. لېكىن مەن سىزنى چۇقۇم ATI ئېلىپ دىمىدىم ، تاللاش يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ.
2. ئاساسى تاختا قوللامدۇ ؟ ھازىرقى 80% كومپىيوتىرلاردا PCI-E ئېغىز بار. قورقماي ياخشىسىنى تاللايسىز ئەلۋەتتە
3. سىنكارتا قانچىنجى ئەۋلات ؟ ئۈچمۇ ياكى بەشمۇ ؟(DDR3,DDR5)  ھازىر كىيىنكىلىكنى ئويلاشساق ئەلۋەتتە DDR5 تاللايمىز.
4. 显存位宽 نى ئۇيلىشىمىز 64bit ئاساسى جەھەتتىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارغىلا بولىدۇ (高清电影)  ، بۇنى  نەزەردىن ساقىت قىلىمىز 128bit بولسا نورمال ھازىرقى ئېھتىياجدىن چىقىدۇ . 256bit بۇنىڭغا كەلسەك باھاسى بەك قىممەت. بۇنى ئويلاشماي تۇرايلى.
5.显存容量 كەلسەك دەل سىزنىڭ دىگىنىڭىز شۇ 512MB ھازىرقى ئىھتىياجدىن چىقىدۇ .1GB  بولسا ئەسلى 显存容量 ئەمەس 512MB نى ھەسسىلەندۈرگىنى  ئەگەر ھەقىقى 1GB لىقىنى ئالىمەن دىسىڭىز يەنە شۇ مەنبلەغ مەسىلىسىگە تاقىشىدۇ.ھەرگىزمۇ TC كۈچەيتمىنى ئالمايمىز. ئادەتتە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ كەينى ياكى قىر تەرەپلىرىدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر لىرى بولىدۇ دەل شۇ يەردە 显存容量 مۇناسىۋەتلىك  TC دىگەن گەپ بولسا گەپ قىلماي جايىغا قۇيۇپ قويۇڭ.
6.ئۆزەك ھەممىدىن مۇھىم دەل GT240شۇ  ھازىر 240 تۆۋەن دەرىجىدە بولۇپ قالدى  قايسى ئۆزەك يېڭى چىقسا شۇ ياخشى ھەم شۇ ئۆزەكنىڭ ئالدىنقى ۋە كىيىنكى دەۋرىگە ئاساسەن تاللىساق بولىدۇ.
7. 平台 نى ئويلىشىمىز ATI  مۇ ياكى NVIDIA
8. چاستوتا 显存频率 نى ئويلىشىمىز. چاستوتا چۇقۇم 显存频率 قانچە يۇقىرى بولغا شۇنچە ياخشى نەرسە .ئادەتتە 3000 دىن يۇقىرىنى تاللايمىز . 核心频率 قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە يۇقىرى
9. ئاخىرىدا DirectX نىڭ قوللاش نەشىرىنى ئويلىشىمىز نۆۋەتتە DirectX نىڭ نەشىرى DirectX 10.1 تېخى 11 چىقىپ بولالمىدى لېكىن يېڭى تىپتىكىللىر قوللاش مۇھىتىنى ئويلىشىپ بولدى.

قالغىنىنى تورداشلار بىر نىمە دىسۇن مەن شۇ پەقەت چۈشەنچىمنى يازدىم . جۆلۈپ سالغان يەر بولسا تۈزىتىپ قويارسىلەر ھە !!!

Rank: 4

تۆھپە
223
تىللا
296
شۆھرەت
372

تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 22:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن كۆرسىتىش كارتىسى ،قول كومپىيوتېرغىمۇ ماس كىلەمدۇ ،مەسىلەن منىڭ قول كومپىيوتېرىمنىڭ Intel(R)(TM)2Duo CPU T6600 @2.20GHz 2.19GHz,Ram 1.99GB ,Hard driver 500G مۇنداق سامسۇڭ R518 ماركىلىق كومپىيوتېر خىلى ئۇزۇن بولدى ئېغىر ئويۇنلارنى ئويناۋەرگەنلىكتىنمۇ ياكى سىستىمىغا كۆزنەك7 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋەرگەنلىكتىنمۇ بىلەلمىدىم ،كومپىيوتېردا بىرەر ئويۇننى قوزغۇتۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شامالدۇرغۇچنىڭ ئۇدۇلى يەنى كونۇپكا تاختىنىڭ ئورنى كاۋاپداندەك قىززىپكىتىدۇ،شامالدۇرغۇچ ساق ،يۇقارقى سۈرەت كارتىسى ئچىكى ساقلىغۇچلار مۇۋاپىق كىلەمدۇ ،ياكى مەن ئاساسى تاختىنى بىراقلا يېىڭىسىغا ئالماشتۇرماقچى بولسام ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟
svkvt 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
719
تىللا
1628
شۆھرەت
1659
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 23:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى بەكمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز. مومكىن بولسا مۇشۇنداق قاتتىق دېتاللارنى مەسىلەن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (cpu) (中央处理器)، ئاساسى تاختا(主板) ، ئىچكى ساقلىغۇچ (内存)، توك مەنبەسى (电源)، دىگەنلەرنىمۇ مۇشۇنداق تەپىسىلى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. ئاندىن بۇ قاتتىق دېتاللارنىڭ ماسلىىشى دىگەنلەرنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.  بىز كومپيۇتېر ئالسا شۇ لار يېزىپ بەرگەننىلا ئالىدىكەنمىز. يۇمشاق دېتاللارنى ئانچە مۇنچە ئىشلىتەلىگەن بىلەن قاتتىق دېتاللارنى تازا چۈشنىپ كەتمەيمەن.

Rank: 2

تۆھپە
50
تىللا
51
شۆھرەت
42
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 23:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://china.zotac.com/index.php ... ctDetail&id=140
مىنىڭ يۇقارقىدەك كۆرسىتىش كارتىسى ئىدى..1050 يۈئەنگە كورلىدىن سېتىۋالغان...ئىقتىدارى باھاسىغا مۇۋاپىقمىدۇ؟
shemsher   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
323
تىللا
22
شۆھرەت
537

ھەمكارلىق تەشۋىقات پىداكار داڭدار تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 14:59:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
success يوللانغان ۋاقتى  2011-3-11 22:56
يۇقارقى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن كۆرسىتىش كارتىسى ،قول كومپى ...

خاتىرە كومپىيوتىر تاللاشقا كەلگەندە مەن تازا چولتا ، لېكىن ئۇنىڭ كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشمۇ بىر تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىش مەخسۇس تېخنىكلار قىلمىسا چاتاق چىقىدۇ. خاتىرە كومپىيوتىرنى ئادەتتە بىز يانفۇنغا ئوخشاتساق بولىدۇ ، كەينى ئېچىلسىلا رىموت قىلدۇغان بىلەن ئوخشاش . ئامال بار خاتىرە كومپىيوتىرىڭىزنىڭ مەخسۇس مۇلازىمەت پونكىتلىرىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بېقىڭ.
shemsher   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
323
تىللا
22
شۆھرەت
537

ھەمكارلىق تەشۋىقات پىداكار داڭدار تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 15:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
svkvt يوللانغان ۋاقتى  2011-3-11 23:00
بۇنى بەكمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز. مومكىن بولسا مۇشۇند ...

ئاللا خالىسا ئۇلاھنىڭ ھەر بىرىسىنى ئايرىم تىما قىلىپ يېزىپ چىقاي . كىيىن ھەممىسىنى بىر جەملىسەك سىزمۇ بىر مۇتەخەسىس بولۇپ يېتىشىپ چىقىسىز.
shemsher   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
323
تىللا
22
شۆھرەت
537

ھەمكارلىق تەشۋىقات پىداكار داڭدار تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 15:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
a51021523 يوللانغان ۋاقتى  2011-3-11 23:13
http://china.zotac.com/index.php?c=products&a=productDetail&id=140
مىنىڭ يۇقارقىدەك  ...

كۆرسىتىش كارتىڭىز خىلى ئېسىل ئىكەنغۇ كۆزۈم چۈشىۋاتىدۇ مېنىڭ   باھاسى مۇۋاپىق ئۈرۈمچىدىكىسى بىلەن 100 يۈەن ئەتراپىدا پەرىقلىنىدىكەن . شۇنىڭدىمۇ يەنىلا ياخشى ، نىمىلا دىگەن بىلەن چاتىقى چىقسا قورۇقماي ئىزدەپ بارسىڭىز شۇ زامان يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ .
مەنمۇ شۇ كورلىدىن ئىشقىلىپ بىزنىڭ يۇرتتا كومپىيوتىر سايمانلىرىغا كەلگەندە يامان قالاق، نەرسىنىلەرنى قىممەت ساتىدىكەن بەك تويدۇ ئاشۇ 慧眼电脑城 دىن .
shemsher   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
323
تىللا
22
شۆھرەت
537

ھەمكارلىق تەشۋىقات پىداكار داڭدار تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 15:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
a51021523 يوللانغان ۋاقتى  2011-3-11 23:13
http://china.zotac.com/index.php ... ctDetail&id=140
مىنىڭ يۇقارقىدەك  ...


كۆرسىتىش كارتىڭىز خىلى ئېسىل ئىكەنغۇ كۆزۈم چۈشىۋاتىدۇ مېنىڭ   باھاسى مۇۋاپىق ئۈرۈمچىدىكىسى بىلەن 100 يۈەن ئەتراپىدا پەرىقلىنىدىكەن . شۇنىڭدىمۇ يەنىلا ياخشى ، نىمىلا دىگەن بىلەن چاتىقى چىقسا قورۇقماي ئىزدەپ بارسىڭىز شۇ زامان يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ .
مەنمۇ شۇ كورلىدىن، ئىشقىلىپ بىزنىڭ يۇرتتا كومپىيوتىر سايمانلىرىغا كەلگەندە يامان قالاق، نەرسىنىلەرنى قىممەت ساتىدىكەن بەك تويدۇم، ئاشۇ 慧眼电脑城 دىن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shemsher تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-12 15:06  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1184
تىللا
1386
شۆھرەت
2463
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 19:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سىن كارتام:
ATIنىڭ HD 4550
512لىك 32bit
ئايرىم كورستىش كارتىسى

Rank: 4

تۆھپە
142
تىللا
293
شۆھرەت
321
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 21:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق دېتال بىلىملىرنى ئۈگىنىشنىڭ يەنە بىر چارىسى مەخسۇس قاتتىق دېتال ساتىدىغان توربەتلەرگە كىرىپ سېستىمىلق ھالدا كۆرۈش ،سانلىق ئۇچۇر پارامىتىرلىرىنى ئۆزئارا سېلىتۇرۇش ، بىراق ھېلى مەركىزى بىرتەرپ قىلغۇچنى ،ھېلى ئەسلەكنى كۆرمەي ، ھەر قېتىمدا پەقەت بىرلاخىل دېتالنى كۆرۈپ سېلىشتۇرۇش كېرەك . مەسىلەن : ئوخشاش بىر دېتالنىڭ ئەرزىنى بىلەن قىممىتىنىڭ پارامىتىرلىرىنى سېلىشتۇرسىڭىزلا بىرى نىمىشقا قىممەت ،بىرىنىڭ نىمىشقا ئەرزانلىقىنى ھىس قىلىسىز ، شۇنداق قىلىپ تەدرىجى قانداق تاللاش ،قانداق سېلىشتۇرۇشنى ئۈگىنىۋالىسىز . كىيىنچە قايسىخل قاتتىق دېتالدا قايسى تۇردىكى ئىقتىدار ياكى پارامىتىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ياكى  نىگىزلىك قىسمى ئىكەنلىگىنى ئىگەللىۋالىسىز ،شۇنىڭ بىلەن بىرقاراپلا ھېچقانچە كۈچىمەيلا تاللىيالايدىغان بولىسىز . مۇنداقچە قىلىپ ئېتىسام بۇ خۇددى سېلىشتۇرماشۇناسلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ . مەسىلە سىزنىڭ قىززىقىشىڭىزدا ، قىززىقىش ئەڭ ياخىشى ئۇستازدۇر .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1975
تىللا
2152
شۆھرەت
3245

ئاكتىپ داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-13 19:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم مەنمۇ بۇنى چۇشنۋالدىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 01:39 , Processed in 0.151228 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش