- توردا
- 58 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-16
- تىزىملاتقان
- 2010-7-25
- شۆھرەت
- 1524
- تىللا
- 731
- تۆھپە
- 463
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4398
- ئالبوم
- 3
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 156
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 1
- UID
- 70
- تۆھپە
- 463
- تىللا
- 731
- شۆھرەت
- 1524
|
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا Ozhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-8-10 12:18
ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئۇچۇر دەۋرى تەرەققى قىلىپ ھەممە يەر كومپيۇتېرلىشىپ كەتتى ، شۇنىڭدەك فىلىم ئىشلەش ئىشلىرىمۇ كومپيۇتېردىن زادىلا ئايرىلالماس يەرگە يەتتى . شۇنداق بولغان ئىكەن فىلىم ئىشلەشتە بەزىبىر پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلماي بولمايدۇ ، ئارىمىزدا تىلىۋىزور ۋە كىنو كۆرمەيدىغانلار بولمىسا كىرەك ، ھەممىمىز دىققەت قىلغان بولۇشىمىز مۈمكىن ، بۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن يېڭىدىن- يېڭى تېخنىكىلار ، كىرىشتۈرۈش ھۈنەر- سەنئىتى ، ئوپىراتورلۇق سەنئىتى ، تەسەۋۋۇر ..... قاتارلىقلارنىڭ قايسىبىرى سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرمىغان .
ئارىمىزدىمۇ ۋە جەمىيەتتىمۇ ئۆزى سىنئالغۇغا ئېلىپ فىلىم ئىشلەيدىغان ياكى بولمىسا باشقىلارنىڭ فىلىملىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەپ بېرىدىغانلار خېلى بار (ئاساسلىقى توي فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەيدىغانلار) . شەخسەن مەنمۇ مۇشۇنداق قىلىپ جان بېقىۋاتىمەن . كۆپىنچىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا ئارتۇقچىلىقلىرىمىز بار ، بىرەر ساھەدە مەخسۇس يىتىشىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس . ئارىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ ئۆزگىچە كىرىشتۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قايىل قىلىدۇ . ئەمما ساقلانغان مەسىلىمۇ يوق ئەمەس ، بەزىلىرىدە تېخى خېلىلا ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان . يىغىنچاقلىغاندا مەن فىلىم كىرىشتۈرۈش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى تۆۋەندىكى نوقتىلارغا يىغىنچاقلايمەن .
1. فىلىم كىرىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كىرەك :
ھەر قانداق بىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغان ۋاقىتتا سىنئالغۇ ئاپاراتىنىڭ سىلكىنىشىگە يول قويماسلىق كىرەك (بەزىدە ئامال بولماي قالىدۇ ، بىراق ئامال بار ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىمىز لازىم) . سۈرەت ئېلىش جەريانىدا فوكۇس توغرىلايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەسلىكى كىرەك ، ئەگەر كۆرۈلۈپ قالسا كىرىشتۈرگەن ۋاقىتتا چوقۇم چىقىرىۋېتىڭ (بەزىدە ئالاھىدە كۆرۈنۈش قىلىش ئۈچۈن فوكۇس توغرىلاشنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ) . ئادەتتە بىكار ۋاقىتلاردا داۋاملىق مەشىق قىلىشمۇ ئاپاراتنى سىلكىتمەي سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق .
سىز نۇرغۇن تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنى ۋە خەۋەرلەرنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۈمكىن ، ئۇلاردا سىنئالغۇنىڭ ھەركىتىنى بايقىيالمايسىز . بىر كۆرۈنۈشتىن ئىككىنچى بىر كۆرۈنۈشكىمۇ ئىنتايىن سىلىق ئۆتىدۇ . ھەر بىر كۆرۈنۈش ئوخشىمىغان بۇلۇڭدىن كۆرسىتىلىدۇ .... . ئادەتتە ئالمىشىش ئۈنۈمىگە Dissolve
(ئىككى كۆرۈنۈش ئۆز ئارا كىرىشكەندىن كىيىن ئىككىنچى كۆرۈنۈشكە ئۆتۈش) بىلەن قارا ئىكرانغا ئالمىشىش ئۈنۈمى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن (ئاساسەن دىگۈدەك مۇشۇ ئىككىلا ئۇسۇل ئىشلىتىلىدۇ دىيىشكە بولغۇدەك) . بالىلار فىلىملىرى ۋە يۇمۇرلۇق فىلىملەرگە بولسا باشقا ئالمىشىش ئۇسۇللىرى كۆپرەك ئىشلىتىلگەندىن سىرت باشقا فىلىملەردە ئاساسەن مۇشۇ ئىككىسى ئىشلىتىلىدىكەن . يەنە كىلىپ كۆرۈنۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولمايدۇ ، كۆپ بولغاندىمۇ 20 سىكونتتىن ئاشمايدۇ . ئەگەر كۆرۈنۈش ئۇزۇنراق داۋاملىشىشقا توغرا كەلسە ھىچبولمىغاندا خەت بىلەن بولسىمۇ دىققەتنى بۇراپ تۇرىدۇ . سۈرەت ئاز بولسىمۇ ساز بولۇشى كىرەك . شۇڭا بىزمۇ ئادەتتىكى كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىدا مۇشۇ ئەقەللى قائىدىگە ئەمەل قىلساق باشقىلارنى رازى قىلغۇدەك فىلىم كىرىشتۈرۈپ چىقالايمىز .
2. فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئېنىق بولسۇن
كۆپ قىسىم فىلىم كىرىشتۈرگۈچىلەر ۋەقەلىك تەرەققىياتىغا دىققەت قىلسىمۇ لىكىن بىر قىسىملاردا ۋەقەلىككە نىسبەتەن چۈشەنچە كەمچىل ، كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغاندا جەريان ئۆز- ئارا ئالمىشىپ كەتكەن ، بەزىلىرىدە مەلۇم ئورۇندىكى كۆرۈنۈشلەر بەكلا ئۇزۇن ، بەزىلىرىنىڭ توي فىلىمىدە كىشىلەرنىڭ ئۇسۇل- تانسا ئوينىغان كۆرۈنۈشلىرى ھەم ئۇزۇن ھەم كۆپ بولۇپ كەتكەچكە خۇددى تانسا كىچىلىكىگە ئوخشاپ قالغان . شۇڭا ۋەقەلىك جەريانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا پۇختا بولۇش كىرەك ، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن قايسى كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىش ، قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا ئېلىشنى پىلانلىۋىلىش كىرەك .
3. سۈرەتكە ئېلىشتا ئەستايىدىل ۋە ماھىر بولۇش
ياخشى فىلىم كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن سۈپەتلىك ئېلىنغان لىنتا بولۇشى كىرەك . شۇڭلاشقا كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغاندا ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ ، بەزى ئەنئەنىۋى ۋە ئۆزگىچە كۆرۈنۈشلەرنى ماھىرلىق بىلەن سۈرەتكە ئېلىۋىلىپ فىلىمگە كىرىشتۈرۈش كىرەك ، بۇنىڭدا فىلىمنىڭ قىزىقارلىقلىقى ئاشىدۇ .
4. مۇزىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش
ھازىرقى فىلىم كىرىشتۈرۈش دىتاللىرىنىڭ ھەممىسى مۇزىكا ھۆججەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ ، شۇڭا فىلىمدىكى مۇۋاپىق ئورۇنلارغا مۇزىكا قوشۇپ فىلىمنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كىرەك . مەسىلەن رېستورانلاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغاندا ئادەتتە ھىچكىمنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولمايدۇ ، بۇنداق يەرلەرگە يەڭگىل مۇزىكا قويۇۋېتىلسە كۆرۈنۈش تېخمۇ جەلپ قىلارلىق بولىدۇ . يەنە فىلىمگە يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ھەر خىل تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى ، مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ، كىرەكلىك ماتىرياللارنى قوشۇش ، باشقا قوشۇمچە يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىش ...... قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق فىلىمنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كىرەك . فىلىم كىرىشتۈرۈش – سەنئەتنىڭ بىر تۈرى ، سىز فىلىم ئىشلەۋاتقاندا خۇددى بىر نادىر سەنئەت ئەسىرى يارىتىۋاتقاندەك ئەستايىدىل بولۇشىڭىز كىرەك ، شۇندىلا باشقىلار سىزدىن رازى بولىدۇ .
ئەمما . مەن بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى 4-5 يىل بولۇپ قالدى ، خېرىدارلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى رازى ، لىكىن بەزىلىرى «فىلىمگە قويغان ناخشىڭىز يېڭى ئەمەسكەن ، يېڭى مودا ناخشىلارنى نىمىشقا ئىشلەتمەيسىز ؟ ماڭا پالانچى ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى كىرىشتۈرۈپ بەرسىڭىز ياخشى بولاتتى ، تويدىكى پالانچىلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىغان يەرلىرى تولۇق ئېلىنماپتۇ ، پالانچى تونۇش- تۇققانلىرىم چۈشۈپ قاپتۇ.......» دىگەندەك نارازىلىق سۆزلىرىنى تولا قىلىدۇ . مەن ئۇلارغا «توي دىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بىرى ، شۇڭا ئۇنىڭغا تويغا ماس كەلگۈدەك ئەنئەنىۋى خەلق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلىش كىرەك ، ئەگەر سىزلەرنىڭ يېڭى ناخشا ئاڭلاش ۋە ئۇسۇل كۆرۈش خىيالىڭىزلار بولسا مەن بىر يۈرۈش يېڭى ناخشا ۋە ئۇسۇل پىلاستىنكىسى سوۋغات قىلاي ، توي فىلىمىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەت تەسۋىرلەنگەن فىلىمنى كۆڭۈل ئېچىش ماتىريالىغا ئايلاندۇرۇۋالمىساڭلار» دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتىمەن . ئىشقىلىپ نىمىلا دىگەن بىلەن ئاخىرىدا خېرىدا يەنىلا ماڭا بويسۇنماي ئامال يوق ......
|
|