بايانات ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار، ئەزىز تورداشلار: دىيارىمىزدا تور توختىغاندىن بۇيان كۆپلىگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى تاقىلىپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن تاكى بۇ يىل 2-ئايغىچە كومپيۇتېر بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ئازلاپ كېتىپ، ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك بىر بوشلۇق شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. (گەرچە بىر قانچە بېكەتلەر ئوچۇق بولسىمۇ ئەمما ئۇ بېكەتلەر شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتقا نىسبەتەن كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالمايتتى) شۇ سەۋەبلىك بىز 2-ئاينىڭ ئاخىرى كومپيۇتېر بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاش، كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش مەقسىتىدە، ئۆلچەملىك تور بېكەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن تور بېكەت نامىنى ئىزدىنىش، قايتا-قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق قۇتيار دېگەن ئىسىمنى تور بېكەت ( www.qutyar.net ) نامى قىلىپ قوللىنىشنى لايىق تاپتۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەقسىز خىزمەت قىلىۋاتقان، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورىنى ئامالسىز www.terjimefilim.com تورىغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇق (ئەسكەرتىش: ئەسلىدىكى WWW. UYTERJIME. COM تور نامى يامان نىيەتلىك ئادەملەر تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنغاچقا داۋاملىق تورداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلالماي قالدى، بۇ سەۋەبلىك بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەر www.terjimefilim.com تورىدا
داۋاملىق خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ) ... 3-ئاينىڭ بېشىدا قۇتيار تور بېكىتىنى ئېچىپ ئادەتتىكى بىر ASP بېكەت سىستېمىسىنى ئىشلەتكەنىدۇق، ئەمما بۇ ASP بېكەت سىستېمىسى بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالمىغاچقا، 4–ئاينىڭ باشلىرى PHPCMS بېكەت سىستېمىسىغا كۆچۈپ بۇ سىستېمىنى بىر قانچە ئاي سىناپ ئىشلەتتۇق. لېكىن PHPCMS بېكەت سىستېمىسىمۇ بىزنىڭ ھاجىتىمىزگە تولۇق ماسلاشمىغاچقا 5–ئاينىڭ ئاخىرى 6–ئاينىڭ باشلىرىدا 3–قېتىملىق كۆچۈپ ECMS بېكەت سىستېمىسىغا رەسمىي كۆچۈپ كەتتۇق، (بۇ بېكەت قۇرۇش جەريانىمىزدىكى ئۈچ چوڭ بېكەت كۆچۈش بولۇپ قالدى) گەرچە بىز بۇنداق كۆپ بېكەت كۆچۈشنى ئويلىمىغان بولساقمۇ، ئەمما بېكەتنىڭ بەزى قۇرۇلمىلىرى بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى تولۇق قاندۇرالمىدى. بىز ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تور ئەسلىگە كېلىشتىن بۇرۇن بېكىتىمىزنى ماڭدۇرۇپ بولىمىز دەپ پىلان قىلغان بولساقمۇ، يۇقىرىقىدەك ئىشلار تۈپەيلى تور ئېچىلغاندىن كېيىنمۇ بېكىتىمىز ئېچىلىپ بولالمىدى. ECMS بېكەت سىستېمىسىغا كۆچكەندىن كېيىن سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بېكىتى(www.terjimefilim.com ) بىلەن بىرلەشتۈردۇق. بېكىتىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان WEB2.0 ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، بېكەتنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا بېكەت قېلىپلىرىنى 0 دىن باشلاپ تۈزۈپ چىقتۇق ۋە قىسمەن ئورۇنلاردا AJAX تېخنىكىسىنىمۇ قوللاندۇق. شۇنداق قىلىپ تۆت ئايدىن ئارتۇق جاپالىق تىرىشىش، كېچە-كۈندۈز ئىزدىنىش نەتىجىسىدە سىز كۆرۈۋاتقان قۇتيار تور بېكىتى ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بېكىتىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. نۆۋەتتە قۇتيار تور بېكىتى مۇنداق ئۈچ چوڭ سەھىپە بىلەن ئېچىلدى: 1. ماقالە سەھىپىسى - بۇ سەھىپە مەخسۇس كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى، بىلىملىرى، خەۋەرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2. كىنو سەھىپىسى - بۇ سەھىپە مەخسۇس ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، گۇرۇپپىمىز مۇشۇ سەھىپە ئۈچۈن داۋاملىق نادىر خەتلىك فىلىملەرنى تارقىتىدۇ ھەمدە چەتئەلنىڭ يېڭى چىققان فىلىملىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا يەنە چىقىش ئالدىدىكى يېڭى فىلىملەردىنمۇ سىلەرنى خەۋەردار قىلىدۇ. 3. چۈشۈرۈش سەھىپىسى - بۇ سەھىپە مەخسۇس ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار، بۇرۇنقى تېپىش تەس بولغان باشقا تىلدىكى يۇمشاق دېتاللار ۋە يېڭى چىققان سەر خىل ئويۇنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە بىز يەنە دەرسلىك سەھىپىسى ۋە مەھسۇلات سەھىپىسىنى جىددىي ئىشلەۋاتىمىز. ئەزىز تورداشلارنىڭ قۇتيار تور بېكىتى ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بېكىتىگە نىسبەتەن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى، ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى 2010-8-9 |