ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 346 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1755|ئىنكاس: 4

Wordتىن پايدىلىنىپ تەرتىپ نومۇرى بېسىش (مۇسابىقە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تەرتىپ نومۇرى بېسىلغان باسما ھۆججەتلىرى بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىمىز، مەسىلەن: تالون. بۇنداق تەرتىپ نومۇرى ئادەتتە باسما ماشىنىسىدا بېسىپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، Wordتا بۇنداق تەرتىپ نومۇرى بېسىشقا توغرا كەلسە، بىرمۇ-بىر ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ (بېسىش بەكلا ئاۋارىچىلىق)، بۇمەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز wordنىڭ ماكرو ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق، ناھايىتى ئاسانلا تەرتىپ نومۇرى بېسىپ چىقىرالايمىز.
Wordتىن پايدىلىنىپ تەرتىپ نومۇرى بېسىش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1-باسقۇچ: wordنى قوزغىتىپ، كۆرۈنۈش-› قورال ئستونى-›visual basicنى تاللاپ visual basicقورال ئىستونىنى ئاچىمىز، ھەمدە نۆۋەتتىكى ھۆججەتكە يېزىق كۆزنىكىدىن بىر قوشۇپ، مۇناسىپ خاسلىقىنى تەڭشەيمىز. يېزىق كۆزنىكىنىڭ بەت شەكلىنى خەت ئۈستىدە تۇرۇشقا تەڭشەيمىز.
第0步.jpg
第01步.jpg
第02步.jpg
2-باسقۇچ: تېزىملىك ئىستونىدىن قورال-› ماكرو-› visual basicتەھرىرلىگۈچنى تاللاپ قوزغىتىمىز. visual basicتەھرىرلىگۈچنىڭ قىستۇرۇش تىزىملىكىنى چېكىپ، يېڭى بىر مەشخۇلات كۆزنىكى قىستۇرىمىز، ھەمدە كۆزنەككە لازىملىق دېتاللارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.
第五步.jpg
第三步.jpg
4-باسقۇچ: مۇناسىۋەتلىك دېتاللارغا مەشخۇلات كودى كىرگۈزىمىز.
第四步.jpg
5-باسقۇچ: visual basicتەھرىرلىگۈچتىن چېكىنىپ چىقىپ، wordنىڭ تېزىملىك ئىستونىدىن قورال-› ماكرو-›ماكرونى تاللاپ ماكرو كۆزنىكىنى ئاچىمىز، ھەمدە ماكرونىڭ ئورنىنى نۆۋەتتىكى ھۆججەت ئىسمىغا توغرىلاپ، ئىسىم قويۇپ ماكرودىن بىرنى قۇرىمىز.

第六步.jpg
6-باسقۇچ: visual basicتەھرىرلىگۈچتە يېڭى قۇرغان ماكروغا مەشخۇلات كۆزنىكىنى قوزغىتىدىغان كود يازىمىز.
第七步.jpg
7-باسقۇچ: wordنىڭ تېزىملىك ئىستونىدىن كۆرۈنۈش-› قورال-› ئۆزى بەلگىلەش تۈرىنى تاللاپ ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكىنى ئاچىمىز، ھەمدە سول تەرەپتىكى تۈر تىزىملىكىدىن ماكرونى تاللايمىز، ساقلانغان ئورۇنغا نۆۋەتتىكى ھۆججەتنى تاللايمىز، بۇيرۇق تۈرىدىن ئۆزىمىز يېڭى قۇرغان ماكرونى تاللاپ، قورال ئىستونىغا بىر يېڭى قورال شەكلىدە قوشۇپ، سىنبەلگىسىنى ئۆزگەرتىمىز.
第八步.jpg
第九步.jpg
第十步.jpg
يۇقارقى باسقۇچلار تاماملانغاندىن كېيىن، بەت يۈزىگە قوشقان يېزىق كۆزنىكىنى تەھرىرلىگەن باسما ھۆججىتىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇپ، ئۆزىمىز قۇرغان ماكرو ئارقىلىق تەرتىپ نومۇرى بېسىش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ، نومۇر دائىرىسىنى بەلگىلەپ، باسساقلا تەرتىپ نومۇرى ئاپتوماتىك ھالدا باسما ھۆججىتگە قوشۇلۇپ بېسىلىپ چىقىدۇ. counter.rar (11.07 KB, چۈشۈرۈش سانى: 651)
第一步.jpg
第二步.jpg

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-3-2 15:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقەگە قاتناشقانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-2 15:58:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئالدىنقى قېتىم ۋە بۇقېتىم يوللانغان تېمىدا بەلكىم نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن (ھېچكىم سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمايدۇ)، كۆپرەك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2011-3-2 20:44:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ھۈنەر بولىدىكەنتۇق. ئاۋازلىق بىر سىندەرس قىلىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-4 20:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ، ئاۋازلىق سىندەرس تەييارلاشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، لېكىن تەييارلىغان تەرتىپ نومۇرى بېسىش ھۆججىتىنى تورغا يوللاپ قويدۇم. ئەگەر لازىم بولۇپ قالسا، ياكى ئەسلى كودىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تىزىملانقاندىن كېيىن  counter.rarدېگەن ئۇلىنىشنى چېكىپ، ھۆججەتنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئاددى بىر ھۆججەت، كودىمۇ ناھايىتى ئاددى (يېزىلغان بارلىق كود تېمىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن) بۇنى بەلكىم سىزمۇ قىلالىشىڭىز مۇمكىن، بۇرۇن قىلىپ باقمىغان ئادەم قانداق قىلىشنى، قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئۇقماقچى بولسىڭىز بۇ تېما بىلەن مۇشۇ مۇسابىقە رايونىدىكى «wordقا يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇش (مۇسابىقە)» دېگەن تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز بەلكىم تېخىمۇ تەپسىلىيرە چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بولۇپ قالار.
ئەگەر يەنىلا چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. مېنىڭ QQنومۇرۇم: 1376670139
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-18 22:21 , Processed in 0.212918 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat