ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 561|ئىنكاس: 13

(ياردەم) ئىنتىلنى ئاچسام كومپىئوتېر قېتىۋالىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
625
تىللا
1631
شۆھرەت
1539

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 13:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىرەر ئايدەك بولدى،كومپىئوتېرنىڭ تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى بەكلا ئاستىلاپ كەتتى، بولۇپمۇ تورغا ئۇلانغان دەسلەپكى 10 مىنۇت ئىچىدە.بۇ چ چ  نىڭ ئىشىمىكىن دەپ چ چ  نى ئۆچۈرۋېتىپ سىناپ باقتىم. ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر نومۇرنى قايتا ئاچقىلى بولمايدىغان (بوشلۇقنى كۆپ ئىگەللەپ كىتىدىكەن دەپ) ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھۆججتىنى يۇيىۋەتتىم . 360 بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلىپمۇ ئۈنۈمىنى كۆرەلمەي،ئۇنى كومپىئوتېردىن پاك-پاكىز يۇيۇپ تاشلىدىم. ھازىر كومپىئوتېرNOD32نىڭ ھەقلىق نۇسخىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ(بۇ ۋىروسخورنىڭمۇ ekrn.exeدەيدىغان بىر ھۆججىتىمۇ بوشلۇقنى جىقراق ئىگەللەپ قالىدىكەن).ئەخلەت دىگەنلەرنىغۇ كۈندە نەچچە رەت تازىلاپ تۇرىمەن .لېكىن نىمىشقىكىن،تورغا ئۇلىساملا سۈرئەت ئاستىلاپ كىتىدۇ.ئوخشىمىغان توربەتلەرگە ئۇلاپ سىناپ باقتىم ،بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتىلغا ئۇلانغاندا ئەڭ ئاستا،ھەتتا كومپىئوتېر قېتىپ قالىدۇ.باش بەتنى تولۇق ئېچىش ئۈچۈنمۇ بەزىدە 10-15 مىنىۇت كىتىۋاتىدۇ. توردىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خېلى ئىزدىدىم.لېكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم.
   تەلىم بەرسەڭلاركەن !
مۇنۇ رەسىملەرنىڭ پايدىسى تېگىپ قالارمۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-2 16:18  

intil.jpg
intil 2.jpg
intil 3.jpg
ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان مىللەت ھامان باشقىلار تەرىپىدىن ھالاك بولىدۇ(ئا.ھېتلېر)
alnap 实名认证 

مۇشاۋۇر

ئەلگە نەپ.ئەلدىن ئەلگە نەپ.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
570
تىللا
841
شۆھرەت
1074
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 14:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە سىز كومپىيۇتىرىڭىزغا سىستىمىنى قايتا قاچىلاپ سىناپ بىقىڭ

Rank: 4

تۆھپە
93
تىللا
290
شۆھرەت
212
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 14:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن IE8 دە ئاچسام خەتلەر ئىرماش - چىرماش بولۇپ بىردەم ئوڭشىلىدۇ ، بىردەم يەنە شۇنداق بولىۋالىدۇ ، بەزدە قېتىۋىلىپ توركۆرگۈچنى قايتا ئاچسام نورمال بوپ قالىدۇ ، خەت نۇسخىللىرىنىڭ ھەممىسى قاچىلاغلىق بولمىسا سېستىمىنىمۇ نەچچە قېتىم قايتا قاچىلاپ باقتىم .
irpan 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
744
تىللا
1351
شۆھرەت
1634

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 16:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭكىدىمۇ ئىنتىل نىڭ سۈر ئىتى سەل ئاستىراق.سەينا نى ئېچىپ مەلۇم بىر تىمىنى باسسام يېڭى بەت ئېچىلىپ قاراپ تۇرىدۇ ساقلاپ تۇرىۋەرسەم ئىچىم سىقىلىپ كېتىدۇ شۇنىڭ بىلەن شۇ تىمىنى يەنە بىر قېتىم باسىمەن ،ئىككىنچى قېتىم ئېچىلغان يېڭى بەتتە شۇ تىما تولۇق ئېچىلىدۇ.بۇ ئەھۋال نۇرقۇت تورىدىمۇ بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىدۇ .ئەمما ئىنتىلدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ(مېنىڭچە زىيارەتچىلەر كۆپرەك ۋاقىتتا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ)
====
Chewendaz غا :مېنىڭچە windowsنىڭ يېڭىلاش ئىختىدارىنى تاقىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5288
تىللا
4139
شۆھرەت
8967

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 17:43:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم قاتتىق دىسكىڭىز توشۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ۋىروسخورنىڭ ئىشى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم سېستىمىنى قايتا قاچىلىسىڭىز ئوڭشىلىشى مۇمكىن، بەلكىم يېڭىلاش ئىقتىدارىنى تاقىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىشى مۇمكىن، بەلكىم................
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2048
تىللا
1535
شۆھرەت
3256
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 20:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاچسام نورمال، سىز ئومۇمىيۈزلىك ۋىرۇس تازىلاپ بېقىڭ.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1595
تىللا
1417
شۆھرەت
3491

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 20:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىرۇس بۇلىشى مۇمكىن.تەكشۇرۇپ بىقىڭ.nod32 ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئۇ ھەممىنى تەكشۇرۇپ تاپالمايدۇ.شۇڭا سىز باشقا قۇشۇمچە دىتاللارنى ئىشلىتىڭ مەسلەن windows清理助手 دىگەندەك بىر نەچچە دىتالنى بىرلەشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ. ئاۋۇ چ چ نىڭ باشقۇرغۇچى دىتالىنى يۇيىۋىتىڭ.ئادەتتە سىز ئۇنىڭ ھەممە ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ بولالمايسىز ھەم ئەسقاتمايدۇ،شۇنىڭغا ئوخشاش دىتال جىنشەننىڭ بۇلىدۇ سىغىمى كىچىك، ئىقتىدارى يۇقىرى قولغا چىقىدىغان ئىقتىدارى بار. يەنە سىز رەسىمگە تارتقاندا ئىجىرا بۇلىۋاتقان رەسىمنى يوللاڭ 进程 نى.ئاۋۇ قوللىنىشچان دىتالدىن ھىچنمىنى كورگىلى ياكى بىلگىلى بولمايدۇ.
يەنە سىزگە ماۋۇ دىتالنى تۇنۇشتۇراي ئىقتىدارى يۇقىرى لىكىن دىققەت قىلمىسىڭىز كومپىيوتورنىڭ سىستىمىسى بىراقلا ۋەيران بۇلىدۇ. پەقەت ئۆزىڭىز بىلگەن ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ.
http://powertool-google.googlecode.com/files/PowerToolV3.4.2.zip

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
272
تىللا
470
شۆھرەت
528
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 23:44:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ بۇرۇن ئاچساملا قېتىۋالاتتى  ھازىرغۇ  ئۇنداق ئەمەس  .لىكىن ئىنتىلنىڭ سۈرتى باشقا تور بەتلەرگە قارىغاندا ھەقىقەتەن ئاستا  باشقا تور بەتلەرنى ئاچساملا چىقىدۇ لىكىن ئىنتىلنى  ئېچىپ ئازراق ساقلىمىسام ئېچىلمايدۇ ..بولسا ئېچىلىش سۈرتىنى تېزراق قىلدىغان ئامال يوقمۇدۇ  ...

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
452
تىللا
1007
شۆھرەت
924
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 00:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ كومپىيۇتىرىمدا ئىنتىلنىڭ ئېچىلىشى نورمال ھىس قىلىمەن، بىراق www.yulghun.com نىڭ لۇغىتىنى ئاچماقچى بولسام تاشلىۋەتكەن تاماكىنى قايتا چەككۈم كىلىپ كىتىدۇ.....

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
60
تىللا
302
شۆھرەت
175
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 01:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
chrome تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىڭلار ئىنتىل ئەمەس بىلىكمۇ ئاتتەك ئىتتىك ئىچىلىدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
268
تىللا
317
شۆھرەت
433
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 11:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە مەسىلە كۆرۈلدى . تۈنۈگۈندىن بېرى تور ھەر 15 سېكۇنتتا ئىنكاسىنى يوقىتىپ يەنە تەخمىنەن 15 سېكۇنتتىن كىيىن ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ . ۋېروسنىڭ ئىشىمىكىن دەپ سېستىمىنى 3-4 قاتار قاچىلاپ باقدىم . ghost  قاچىلاپ شۇنداق بولغاندىمۇ  ياكى qq \360  نىڭ ئىشىمىدۇ ، دەپ  xp  نىمۇ قاچىلاپ باقدىم .  لېكىن ئۆزگىرىش بولمىدى شۇنداق جىلە قىلدى . ئۇنىڭ ئىلگىركى كۈنى شۇنداق نورمال ئىدى . بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقماپتىكەنمەن . باش مۇلازىمىتىرنىڭ ئىشىمىدۇ يە ؟
qeqnus 实名认证 

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
237
تىللا
418
شۆھرەت
479
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 12:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
进程 42 دە تۇرىدا ھەي ؟  قانداقمۇ ئىشلىتىۋاتقانسىز مۇشۇ كومپىيۇتېرنى ئىچىڭىز پۇشماي ؟
ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە شۇكى :  دەرھال  باشقا پاكىزرەك سېستىما قاچىلاڭ ... مېنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ 进程 سانى  ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا 27دىن ئېشىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن ...
123.gif

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
625
تىللا
1631
شۆھرەت
1539

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 12:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
intil 7.jpg
Koinlun يوللانغان ۋاقتى  2011-3-2 17:43
بەلكىم قاتتىق دىسكىڭىز توشۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بە ...


   1. كومپىئوتېر بۇلتۇر رايونىمىز تەۋەسىدە  ھەممە مەكتەپلەرگە بىردەك سەپلەپ بېرىلگەن، سەپلىمىسىمۇ ئوخشاش . قاتتىق دېسكا رايونى قاتارلىقلاردا يىتەرلىك بوشلۇق بار .  مۇشۇ 方正科技 تەمىنلىگەن رەسمى نۇسخىدىكى سېستىما قاچىلانغان . كومپىئوتېردا كىنو-ناخشا، باشقا سىغىمى چوڭ دېتاللارنى ئاساسى جەھەتتىن ساقلىمايمەن. 4.5G غا يېقىنلاشقان ھامان دېسكىغا ئويۇۋالىمەن.شۇڭا نەچچە يىلدىن بۇيانقى بارلىق ماتىرياللىرىم ساپ-ساق ساقلاقلىق   
   2.سېستىمىنىڭ ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىش ئىقتىدارىنى ئايدا ياكى بىريېرىم ئايدا بىر ئېچىپ ،windows update نىڭ كورسەتمىسى بويىچە يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن زاپاسلانغانلىرىنىمۇ قالدۇرماي يۇيىۋېتىپ ئاندىن ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىش ئىقتىدارىنى تاقىۋىتىمەن . ئەخلەتلەرنى پاك-پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كىيىن سايە سېستىمىسىنى قوزغىتىپ قويىمەن. C دېسكا رايونىدا تور كورگۈچتە ياكى باشقا ئورۇندا ۋاقىتلىق پەيدا بولغان ئەخلەتلەر سېستىما قايتا قوزغالسىلا يوقايدۇ.
  3.سېستىمىنىڭ ئەلالاشتۇرۇش ئەھۋالى ئىنتىل ئەپەندىم تەۋسىيە قىلغان كومپىئوتېر سۈرئىتىنى ئاتتەك چاپىدىغان قىلىۋېتىدىغان ھەممە تەڭشەكلەر تەڭشەلگەن .
  4.ۋىروسخورنىڭ ۋىروس تازىلاشقا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋىروسنى يوقۇتالمىسا ۋىروسلانغان ھۆججەتنى قوشۇپ يۇيىۋېتىش . ھەپتىدە بىر قېتىم ئومومىيۈزلۈك بىرقېتىم تازىلاپ چىقىش.

yulhun ،سىز تەۋسىيە قىلغان  windows清理助手 بىلەن 金山卫士 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆردۈم. ئۇنىڭ بەزىبىر يەرلەردىكى تەڭشەشلەرنى ئۆزگەرتىشى، گۇمانلىق دەپ قارىغان بىرنەچچە ئۇچۇر-مەزمۇننى يۇيىۋېتىشى ، نەتىجىسىدە تورغا ئۇلانغاندىكى سۈرئەت نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك ياخشى دىگەن تۇيغۇغا كەلدىم. سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت  !
   تۆۋەندە كومپىئوتېرنىڭ ئەھۋالىغا دائىر رەسىمنى يوللىدىم. قاچىلىغىنىم ئەشۇنچىلىك  نەرسىلەر.سەل چوڭ دىگىنىم شۇ  C دېسكا  رايونىدىكى Nero بولۇشى مۈمكىن . C:\Program Filesنىڭ ئىگەللىگەن ئورنى2.7G غا يىتىدۇ ،  C دېسكا  رايونىنىڭ ئومومى ئىگەللىگەن بوشلۇغى  7.0G غا يېتىدۇ.مۇشۇنچىلىك نەرسىلەرگە شۇنچىلىك ئورۇننى ئىگەللەش كىتەرمۇ دەيمەن-دە
كومپىئوتېرنىڭ ئەھۋالىغا دائىر رەسىملەر تۆۋەندىكىچە :
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-4 11:13  

intil4.jpg
intil 5.jpg
intil 6.jpg
ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان مىللەت ھامان باشقىلار تەرىپىدىن ھالاك بولىدۇ(ئا.ھېتلېر)

Rank: 4

تۆھپە
149
تىللا
161
شۆھرەت
222
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 22:31:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس،، مىنىڭ كومپىيۇتىرىممۇ، مۇشۇ  ئنتلغا كەلگەندە، سەل تەمتىرەپ قالىدۇ.. بۇ،،بۇ ،،،،، باش مۇلازىمىتىرنىڭ ئىشىمىكىن دەيمەن؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 02:33 , Processed in 0.226701 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش