- جۇغلانما
- 20261
تىزىملاتقان2010-8-7
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
1-ئاي قەھرىتان 2-ھۇت 3-نورۇز 4-ئۈمىد 4-ئۈمىد 5-باھار 6-سەپەر 7-چىللە 8-تومۇز 9-مىزان 10-ئوغۇز 11-ئوغلاق 12-كۆنەك
مەنبە:ئۇچۇر كۆزنىكى
ئەمدى يەتتە كۈننىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلىۋىلىڭ~~~~~!
تارىختا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى باشقا تۈركىي قەبىلىلەرگە ئوخشاشلا، بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ،ئۇلارنى باش كۈن(دۈشەنبە)،بوش كۈن(سەيشەنبە)،سوڭ كۈن(چارشەنبە)كىچات كۈن(پەيشەنبە)،ئاتنا كۈن(ئازنا-كۈن)،ئاتناراس كۈن(شەنبە)،پازار كۈن(يەكشەنبە)دەپ ئاتىغان. يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى باشقا تىللارغا قارىغاندا زاماننىڭ كەينىدە قالغان تىل دەيدىغان ۋە ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا ماس كەلمەيدىغان تىل دېگەن قاراشلار باش كۆتۈرۈپ قالدى.تىل بىر مىللەتنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىققا ئىگە قىلىدىغان ۋاستە،شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئامىلى.بىر تىل يوقالدى دېگەنلىك بىر مىللەت يوقالدى دېگەنلىك~~~~!ئۇيغۇر قەدىمدە كۈنلەرگە ئات قويمىغان،ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دۈشەنبە،سەيشەنبە،...، دېگەندەكلەرنى ئىسلامىيەت كىرگەندىكى كېيىن قوللانغان دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم.لېكىن ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق قاتارلىقلار تۈزگەن«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»(بۇ ئەسەرنى مەن ئوقۇغان،ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەسەر،بولسا تورداشلار ئوقۇپ قويۇڭلار~~~!)دېگەن كىتابىدا،«ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتى»دېگەن بۆلەككە كەلگەندە يۇقارقىلارنى ئوقۇغان ئىدىم...
شۇڭا بۇ ماتېرىيالنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈندە ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تېمىنى يوللاشنى قارار قىلدىم.تورداشلار بولسا مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى بار ياخشى ماتېرىيالنى تورغا يوللىساق ۋە ئەجدادلاردىن قالغان مۇشۇنداق مەدەنىي مىراسلارنى بىلىپ قالساق،شۇنداقلا ئۆز تۇرمۇشىمىزغا سېڭدۈرسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەنبەسى:http://alptegin.blogbus.com(ئاز-تولا ئۆزگەرتىپ،يوللاپ قويدۇم.)
|
|