ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1059|ئىنكاس: 3

تەكلىپ: ئۇيغۇر تىلىدىكى نادىر فىلىمنى رەتلەش...

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەكلىپ: ئۇيغۇر تىلىدىكى نادىر فىلىمنى رەتلەش...
ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان MP4 دەپ ئاتالغان DVD دېسكىلىرىدىن كوپىنچە ياخشى فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ پىرىسلاش دەرىجىسى بەك يۇقۇرى  بولۇپ، نوقۇل سىغىمنى قوغلۇشۇپ سۆرەت ۋە ئاۋاز سۈپىتىگە ئازراقمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن. يوقۇرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلىۋىزور ۋە ياڭراتقۇلاردا قويۇلغاندا كەمچىلىگى تېخىمۇ بەك ئاشكارا بولۇپ قالىدىكەن. مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى  
مۇشۇ ئۇيغۇر ئاۋاز ئارتىسلىرىمىزنىڭ ئاۋاز بېرىش سەۋىيىسىگە ئۆزەم ئەزەلدىن بەك قايىل بولغاچقا ياخشى فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىنى يىغىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن كۆپىنچە فىلىملەرنىڭ VCD دېسكىسىنى (سەل بۇرۇن چىققانلىرىنى) بازاردىن تاپقىلى بولمايدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە يېڭى چىقىۋاتقان نادىر فىلىملەرنىڭ سۆرىتى ئىنتايىن سۈزۈك بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆلچەملىك تەرجىمە نۇسخىسى XJTV-5 تە پات- پاتلا قويۇلۇپ تۇرىدىكەنيۇ، بىراق تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ فىلىملەرنى ئامبارغا بېسىپ ساقلامدۇ قانداق بازارغا چىقىدىغىنى ئىنتايىن ئاز ئىكەن. مەسىلەن ئېيتايلۇق مەن «مىراسخور» ناملىق تېلىۋىزىيە فىلىمىنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن  MP4 دەپ ئاتالغان DVD پىلاستىنكىلىرىدىن بىر قانچە يۈرۈش سېتىۋالغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ سۆرەت سۈپىتى مېنى پەقەت رازى قىلالمىدى، كۆپىنچىسى TV كارتىسى ئارقىلىق تېلىۋىزوردىن ساقلىۋالغان نۇسخىسى ئىكەن. لېكىن تېلىۋىزوردا قويۇلغان خەنزۇچە فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك يۈرۈشلۈك VCD پىلاستىنكىلىرىنى بازاردىن دەرھاللا تاپقىلى بولىدىكەن.
نېمىشكە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆز ئەمگىكىنى (تېلىۋىزوردا قويۇلۇپ بولغانلىرىنى) مەلۇم يوللار ئارقىلىق نەشىر قىلىپ تارقىتىپ، مۇۋاپىق كىرىم قىلسا بىر قىسمىنى ئاۋاز ئارتىسلىرىمىزنىڭ مۇكاپات پۇلى قىلىپ تارقىتىپ بەرسە، مېنىڭچە چوقۇم بۇنىڭمۇ بازىرى بولاتتى. نادىر فىلىملەرنى بىر يۈرۈش ساقلاپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار چوقۇم ئاز ئەمەس.
چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى نادىر فىلىملەرمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى، ۋە مەۋجۇتلۇغىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر ياخشى ۋاستە ئەمەسمۇ، كېيىنچە ئۇنىمۇ «غەيرى ماددىي مەدەنىي مىراس» دەپ قارىساق چوقۇم خاتالاشمايمىز.   

ئىنتىل ئەھلىگە تەكلىپىم، مۇمكىن بولسا قەرەللىك ھالدا ئۆزىمىزنىڭ ساقلىغان نادىر ئۇيغۇر تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ قىسىلمىغان VCD ھۆججىتىنى شارائىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە يوللاپ قويساق كۆپچىلىك ئورتاق بەھىرلەنسە قانداق بولار.

تورغا بىرسى يوللاپتىكەن ،ئوقۇپ باقسام ياخشى تەكلىپ ئىكەن ،شۇڭا يوللىرىدىم.
ۋاقتى: 2011-3-1 02:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ turan ئەپەندىدەك خىلى ئىزدىنىپ باقتىم ، ئەسلى پىلاستىنكىلارنىمۇ يىغىپمۇ باقتىم توردا تارقىتىشنى ئويلاپ ئاخىرى بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەندەك ھېس قىلدىم نىملا دىگەن بىلەن ياخشى نەرسىنىڭ ئىگىسى چىقىدۇدە ئەلۋەتتە ئۇلار بىرمۇنچە مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن نەرسىنى مەن توردا بىكاغا تارقاتسام ئۇلار مېنى زىيانغا كۆمىۋىتەر ھەقچان ھې ھې ھې .
يەنە بىرسىگە مۇشۇ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكى جىلىملەرگىمۇ كۆزۈم چۈشۈپ  بىر دوستۇمغا شۇنداق يالۋۇرساممۇ كار قىلمىدى ئۇ فىلىملەرنى خۇددى جۇڭگۇو بانكىسىدىكى خەلق پۇلىنى ساقلىغاندەك شۇنداق مەخپىي ۋە شۇنداق قاتتىق نازارات ئاستىدا ساقلايدىكەن خېلى خېلى ھوقوقى بارلارمۇ فىلىم ئامبىرى بار يەرگە يۇقىرىنىڭ تەستىقىسىز (سەۋەبسىز) كىرەلمەيدىكەن بولسىغۇ ئىبرەت بولغۇدەك فىلىملىرىمىزمۇ نۇرغۇن ئىدى بىر تارقاتسا كۆرسەك ساقلىۋالساق ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرساق نىمە دىگەن ياخشى ھە !؟
ھېلىمۇ نەزى نادىر فىلىملىرىمىزنى DVD دېسكىلىرىدىن كۆرىۋاتىمىز ئاشۇلارمۇ جاننى تىكىپ قۇيۇپ تارقىتىۋاتىدۇ، سۈرۈشتۈرسەم ئاشۇ  TV كارتىسى ئارقىلىق تېلىۋىزوردىن ساقلىۋالغان فىلىملەرنى ئاشۇ ئۇسۇلدا تارقىتىشمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەن .
بىزدە تېخى ئەمدى ھەقىقى سۈزۈك فىلىم تارقىتىش يېقىنقى زاماندا بارلىققا كەلدى بولۇپمۇ ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چىقارغان پىلاستىنكىسىنىڭ ئېنىقلىغى ناھايىتى يۇقىرى (ئۇيغۇر فىلىمچىلىقىدا جۇمۇ )  بولمىسا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەرقايسى پىلاستىنكىلارنى320*240 دا پىرىسلاپ ئىشلەيتتى ، كومپىيوتىردا كۆرسىمۇ سىنجىلاپ قارىمىسا ئېنىق بىر تەسۋىر تۇيغۇسى بېرەلمەيتى .
ھەي بولدىلا قايناپ سالغۇدەكمەن .
ۋاقتى: 2011-3-1 23:59:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shemsher يوللانغان ۋاقتى  2011-3-1 02:56
مەنمۇ turan ئەپەندىدەك خىلى ئىزدىنىپ باقتىم ، ئەسلى پىلا ...

قانۇن كۆز قارىشىڭىز خىلى  يۇقىرى ئىكەن ...........ھە !
ۋاقتى: 2011-3-2 13:57:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر تېلىۋىزىيە ئىستانسسدىكىلەر فىلىملەرنىڭ تەربىيەۋى رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بەدىئى فىلىملەرگە ئەھمىيەت بەرمىگەچكە كونا فىلىملەرنىڭ ماتېرىياللىرى يېڭىلانماي تاشلىنىپ قېلىپ، كېرەكتىن چىقىۋاتىدۇ،
شارائىت ياربەرسە بىزمۇ شۇنداق تور بەتلەرنى قۇرۇپ كونافىلىملەرنى چىقارساق
http://ddylpd.blog.hexun.com/
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 13:57 , Processed in 0.186413 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat