| 
 ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى   
 
1 .  ئاتابېك : بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بۇلۇپ ، ئوردا تەربىيىچىسى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .  
 
2 . باسقاقبەگ : بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بۇلۇپ ، ھازىرقى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۇرۇننىڭ باشلىقىغا تەڭ ئەمەلنى كۆرسىتىدۇ .  
 
3 . باقاۋۇل : باقاۋۇل ئاتالغۇسى تۈۋەندىكىدەك ئۇچ خىل ئادەمگە قارىتىلغان . بىرى ، ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە پادىشا ياكى ئەمىرلەر سارىيىدا تاماق- غىزالارغا مەسئۇل ئەمەلدار . يەنە بىرى ، ئاشپەز . ئۈچۈنچىسى ، باققۇچى ، قارىغۇچى ، مەھبۇسلارنى يىراققا يەتكۈزۈشتە تاماق- غىزا ، يېتىپ- قۇپۇش ئىشلىرىغا قارايدىغان ئەمەلدار قاتارلىقلار .  
 
4 . بەگ : بۇ ئاتالغۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا "بىك ، بەك" دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان . كىيىن "بەگ" دەپ ئۆزگەرگەن . مەنىسى "ئۇلۇغ ، چوڭ" دىگەنلىك بۇلىدۇ . قەدىمقى چاغلاردا "بەگ" قەبىلە باشلىقى ، يۇرت چوڭى دىگەن مەنىنى بىرەتتى . كىيىن ھەربى قۇماندان مەنىسىنىمۇ بىلدۈرگەن . چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرى ئەمەلدارلارنىڭ نامىنى بىلدۈرگەن .  
 
5 . پاششاپبەگ : "پاششاپبەگ" پارىسچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىن بىرىككەن ئىسىم بۇلۇپ ، قەدىمقى مەمۇرى ئەمەلنى كۆرسىتىدۇ .  
 
6 . پانساتبەگ : "پانساتبەگ" 40 - 50 ئۆپچۆرىسىدىكى ئادەمگە باشچىلىق قىلىدىغان ئەمەلدارنى كۆرسىتىدۇ .  
 
7 . تەڭرىقۇت : "تەڭرىقۇت" قەدىمقى ھونلارنىڭ خاقانىنىڭ نامى بۇلۇپ ، "خۇدا بەرگەن بەخىت" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .  
 
8 . تۇتۇقبېگى : " بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ ئاتالغۇ بۇلۇپ ، "تۇتۇپ تۇرغۇچى بەگ ، ئىدارە قىلغۇچى بەگ" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى ئۆلكە باشلىقىغا تەڭ ئەمەل نامى .  
 
9 . چاپاۋۇل : بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بۇلۇپ ، قۇشۇننىڭ ئالدىدا ماڭغان ھۇجۇمچى لەشكەرلەر ياكى يولنى دۈشمەننىڭ ھىيلىسىدىن تازىلاپ ماڭغۇچى چاپارمەنلەردۇر .  
 
10 . چاۋۇشبېگى : چاۋۇشبېگى جەڭلەردە سەپلەرنى تۈزەيدىغان ، ئۇرۇش قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئەسكەرلەرنى خەلىققە زۇلۇم سېلىشتىن چەكلەيدىغان ئەمەلدار .  
 
11 . چەپ قول بىلىكخان : ھونلاردا تەڭرىقۇتتىن قالسىلا چەپ قول بىلىكخان دىگەن مەنسەپ بولغان . تەڭرىقۇت ئۆلسە ياكى تەخىتتىن چۈشسە ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان .  
 
12 . چۆپدار بىگى : بۇ پارىسچە سۆز بۇلۇپ ، "چۆپ" كالتەك ، ھاسا مەنىسىنى ، "دار" ئىگە ، تۇتقۇچى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . چۆپدار بېگى "كالتەك تۇتقۇچى" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . چۆپدار بەگ ئەنە شۇلارنىڭ باشلىقىنى ، يەنى جىسەكچىلەر باشلىقىنى كۆرسىتىدۇ .  
 
13 . دەججال : بۇ ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ ، ئالدامچى ، ھىلىگەر دىگەن مەنىلەردە ئىشىلتىلىدۇ .  
 
14 . دەرۋىش : بۇ پارىسچە سۆز بۇلۇپ ، "گاداي ، پېقىر" دىگەن مەنىلەرگە ئىگە . ئىسلام دىنىدا تەسەۋۋوپ يولىغا كىرىپ ، ئەمگەك قىلماي ، گادايلىق ، تەركىدۇنيالىق ، خەير- ئىھسان بىلەن ھايات كۈچۈرىدىغان شەخىسنى كۆرسىتىدۇ .  
 
15. دورغا : بۇ بەگلەرنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجىرا قىلىش ئەھۋالىنى پۇقرالار ئارىسىغا بېرىپ ، داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ .  
 
16 . سانغۇن : بۇ ھونلار دەۋرىدىكى ھەربى قۇماندان نامى بۇلۇپ ، ھازىرقى گېنرالنىڭ دەرىجىسىگە تەڭ .  
 
17 . سەردار : بۇ پارىسچە ئاتالغۇ بۇلۇپ ، باتۇرلار باشلىقى ، مەرگەنلەرنىڭ چوڭى دىگەنلىكتۇر .  
 
18 . سەركار : بۇ پارىسچە سۆز بۇلۇپ ، ئىش بېشى ، نازارەتچى دىگەن مەنىلەرگە ئىگە .  
 
19 . سەركەردە : بۇ پارىسچە ئاتالغۇ بۇلۇپ ، قۇشۇن باشلىقى ، قۇماندان دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .  
 
20 . سۇركاۋۇل : بۇ ئەرەپچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىن بىرىككەن سۆز بۇلۇپ ، قورغاننىڭ باش ئەمەلدارى ، قورغاننى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئەمەلدار دىگەن مەنىلەرگە ئىگە .  
 
21 . غۇجىدار : "غۇجىدار" غۇجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئەسلىدە "خۋاجە" بۇلۇپ ، ئۇستاز ، بەگ ، مەخدۇم دىگەن مەنىدىكى سۆز . "دار" تۇتقۇچى دىگەن مەنىدىكى پارىسچە سۆز . ئۇ بايلارنىڭ ئائىلە ۋە مۈلكىنى ۋاكالەتەن باشقۇرغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ .  
 
22 . قازى : "قازى" ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ ، ھۈكۈمنى كەسكۈچى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ قانۇنى جازا ۋە دەۋا ئىشلىرىنى بىۋاستە بىر تەرەپ قىلغۇچى ، ھازىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىغا ياكى باش سوتچىغا تەڭ ئەمەل نامى .  
 
23 . قاغان : بۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بۇلۇپ ، "پادىشا ، بەگ" دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . كىيىن "خاقان" دەپ ئاتالغان .  
 
24 . قۇرىغار : "قۇرىغار" كۆك تۈرۈكلەرنىڭ غەرىبى قىسىمىدىكى رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى بۇلۇپ ، ئەسلىدە "قۇرى '' ، "قۇرايا" ( غەرب ) ، "قۇرىغادۇ" ( غەرىبى تەرەپكە ) دىگەن سۆزلەردىن كىلىپ چىققان .  
 
25 . قورۇقچى : بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا قورغان ساقلىغۇچى ئەسكەرنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ .  
 
26 . قورۇقچىبەگ : قورۇقچىبەگ مەملىكەتنىڭ چوڭ شەھەرلىرىگە يىراق بولغان چەت ، ياقا قورغان سېپىللىرىنى مۇداپىيە قىلىشقا ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنغان ئەمەلدار بۇلۇپ ، ئۇلار بۇ خىل قورۇق - قورغانلارغا جايلىشىپ ، بىر تەرەپتىن يەرلىك خەلىققە نازارەت قىلىپ ، ئۇلاردىن يىققان باج - سېلىقلارنى يۇقىرىغا يەتكۈزسە ، يەنە بىر تەرەپتىن چېگرانى قوغداپ ، يوللار ۋە ئۆتەڭلەرنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەن .  
 
27 . مۆھۈردار : مۆھۈردار تامغا تۇتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ . ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كاتىپىمۇ شۇنداق ئاتالغان .  
 
28 . مىرزا : مىرزا - كاتىپ ياكى ئوردا پۈتۈكچىسىنى كۆرسىتىدۇ .  
 
29 . ئوڭ قول بىلىكخان : ئوڭ قول بىلىكخان ھونلار دەۋرىدىكى سول قول بىلىكخاندىن بىرئاز تۈۋەن تۇرىدىغان ئەمەل نامى . شۇ دەۋرلەردە سول قول بىلىكخان تەڭرىقۇتتىن كىيىنلا تۇرىدىغان باش ئەمەلدار بولغان .  
 
30 . ئىنانچى : "ئىنان" قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا "ئىشەنمەك" دىگەن مەنىدىكى سۆز . ئىنانچى –  ئىشەنچلىك ئەمەلدار ياكى مەسلىھەتچى دىگەن مەنىگە ئىگە .  
 
 
 |