- توردا
- 19 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-19
- تىزىملاتقان
- 2011-2-26
- شۆھرەت
- 364
- تىللا
- 146
- تۆھپە
- 140
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1043
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 29
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1752
[?]- تۆھپە
- 140
- تىللا
- 146
- شۆھرەت
- 364
|
1-باسقۇچ: wordنى قوزغىتىپ، يېڭى ھۆججەتتىن بىر قۇرىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن تىزىملىك ئىستونىدىن قورال-› ماكرو-› visual basic تەھرىرلىگۈچىنى قوزغىتىمىز.
2-باسقۇچتا: visual basicتەھرىرلىگۈچتە يېڭى بىر مەشخۇلات كۆزنىكى قىستۇرىمىز.
3-باسقۇچتا: قىستۇرغان مەشخۇلات كۆزنىكىگە ئۆزىمىزگە لازىملىق بولغان كۇنۇپكا، يېزىق كۆزنىكى... قاتارلىقلارنى قوشىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خاسلىقىنى تەڭشەيمىز (مەشخۇلات كۆزنىكىنى لايىھەلەيمىز).
4-باسقۇچتا: ھەر بىر كۇنۇپكا، يېزىق كۆزنىكى... قاتارلىقلارغا پروگرامما يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيمىز، ھەمدە سىناپ-تەكشۈرۈپ، مەسىلە بايقالمىغاندىن كېيىن word كۆزنىكىگە قايتىپ كېلىمىز.
5-باسقۇچتا: ئالدىنقى باسقۇچلاردا لايىھەلەنگەن مەشخۇلات كۆزنىكىنى قوزغىتىش ئۈچۈن تىزىملىك ئىستونىدىن قورال-› ماكرونى تاللايمىز ھەمدە ئىسىم قويۇپ ماكرو قۇرىمىز.
6-باسقۇچتا: يېڭى قۇرۇلغان ماكرونى تاللاپ، تەھرىرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، visual basic تەھرىرلىگۈچكە كىرىپ، مەشخۇلات كۆزنىكىنى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى يازىمىز، ھەمدە قايتىدىن wordكۆزنىكىگە چېكىنىپ چىقىمىز.
7-باسقۇچتا: تىزىملىك ئىستونىدىن كۆرۈنۈش-› قورال ئىستونى-› ئۆزى تەڭشەش تۈرىنى تاللايمىز.
8-باسقۇچتا: چىققان كۆزنەكتىن بۇيرۇق بېتىنى ئېچىپ ماكرو تۈرىنى تاللايمىز، ئۆزىمىز لايىھەلىگەن مەشخۇلات كۆزنىكى ساقلانغان ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىمىز، بۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى تاللاش كۆزنىكىدە مۇشۇ ھۆججەتتە ساقلانغان بارلىق ماكرو تېزىلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىمىز قۇرغان ماكرونى تاللاپ، قورال ئىستونىغا قوشىمىز، ھەمدە ئۇنىڭغا بىر سىن بەلگە بەلگىلەيمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن سىنبەلگىنىڭ كۆرۈنۈش شەكلىنى «كۆڭۈلدىكىدەك شەكىل» (默认样式)تۈرىگە ئۆزگەرتىپ، سىنبەلگىلا كۆرۈنىدىغان قىلىمىز.
يۇقارقى باسقۇچلار ئارقىلىق ئۆزىمىز قۇرغان مەشخۇلات كۆزنىكى wordنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، wordقا يېڭى ئىقتىدار قوشۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
2011- يىلى 1- ئايدا چاقىرىلغان office ۋە پروگرامما بىلىملىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئەسەر
|
-
|