ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 6407|ئىنكاس: 9

ئاتامانلار: ئۇيغۇر تىلى نامرات تىل ئەمەس

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
« ئۇيغۇر تىلى نامرات تىل ئەمەس » دېسەم باشقىچە ئويلاپ يۈرمەڭ « ئۇيغۇر تىلى سۆزگە ( تىلغا) نامرات ئەمەس» دېمەكچىمەن.
« تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن تارتىپ خەلق داستانلىرى ، ئوقۇسا لېرىك تۇيغۇ بېرىدىغان غەزەللىرىمىزگىچە بىلىدىغان تورداشلار ئالدىدا بۇنى ئىسپاتلاپ پاكىت كەلتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.
تۆۋەندىكى سۆھبەتكە نەزەر سالىلى:
...
- بۇ قانداق نام بولدى؟
- قانداق؟
- تور نامىڭىزنى ئوقۇسام بىرخىل ، سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغىنىڭىز بىرخىلغۇ؟
- ئۇنداق ئەمەسقۇ؟
- ئوبدان قاراپ بېقىڭە، ئەسلى تور نامىنى مۇنداق ئالسىڭىز توغرا بولاتتى.
- ھەئە، شۇنى ئالاي دېسەم باشقىلار ئېلىپ بوپتىكەن.

1- تەھلىل: كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى مەلۇم بىر ئاتامان ( بېكەت باشلىقى) كۆڭلىدىكى توربەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىمنى ئىزدىگەن ئەپسۇسكى ئۇ ئىزدىگەن تور نامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان  . شۇنىڭ بىلەن تور نامىغا  E ئىشلىتىشكە تېگىشلىك جايغا I نى، I ئىشلىتىشكە تېگىشلىك جايغا E نى ئىشلىتىپ تورنامى ئالغان، ئۇيغۇرچە نامىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغان بويىچە يېزىپ توربەت ئاچقان.  
2- تەھلىل:  مەلۇم بىر ئاتامان ( بېكەت باشلىقى) كۆڭلىدىكى توربەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىمنى ئىزدىگەن ئەپسۇسكى ئۇ ئىزدىگەن تور نامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان  . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدىكى تور نامىنى ئېلىش ئۈچۈن تور نامىدىكى مەلۇم ھەرىپنى ئارتۇق يېزىپ تور نامىغا ئىگە بولغان.
3- مەلۇم بىر ئاتامان ( بېكەت باشلىقى) كۆڭلىدىكى توربەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىمنى ئىزدىگەن ئەپسۇسكى ئۇ ئىزدىگەن تور نامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان  . شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئالىدىغان تور نامىنىڭ ئالدىغا بىر- ئىككى ھەرىپنى قوشۇپ كۆڭلىدىكى تور نامىغا ئىگە بولغان.
يۇقارقى ئۈچ تۈرلۈك مىسالدىكىنىڭ ھەممىسىدە شۇ توربەتلەرنى زىيارەت قىلغۇچى تور نامىنى « ھۈسەن» دەپ ئوقۇيدۇ ئەمما توربەتتىكى ئۇيغۇرچە ئىسمى « ھەسەن» بولۇپ چىقىدۇ.  زىيارەتچى ئاشۇ توربەتلەرنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىشتا « ھۈسەن» دەمدۇ؟ ياكى « ھەسەن» دەمدۇ؟  ئاشۇ توربەتنى زىيارەت قىلغۇچىلار شۇ توربەتكە بىۋاستە كىرەمدۇ  ياكى ئۇلىنىشلارنى بېسىپ كىرەمدۇ؟
دېمەك ،بىر قىسىم تورداشلار بىلىپ- بىلمەي  ئۇيغۇرچە يېڭى ئاتالغۇ پەيدا قىلىپ قويدى دېگەن گەپ.
تورنامى تاللاش خۇددى بىر بوۋاققا ئىسىم قويغاندەكلا مۇھىم ئىش. تور نامىنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئوقۇلىشىنىڭ بىردەك بولىشى ، باشقىلار خاتا ئوقۇپ قالمايدىغان بولىشى شۇ توربەتنىڭ تونۇلىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سىز ياقتۇرىدىغان تورنامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق.  مەن بۇ يەردە ، بولغىنىم سەن ئۆزەڭ باشتا ئويلىغان ئىسىمنى چوقۇم ئېلىشىڭ كېرەك دېمەكچى ئەمەس.
سىز ئازراق ئەقىل ئىشلەتسىڭىز، ئىزدەنسىڭىز بۇ مەسىلىنى تامامەن ھەل قىلالايسىز.
ئۆيىڭىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى باردۇ؟ تۈركى تىللار دىۋانىچى؟ قۇتادغۇ بىلىگچۇ؟  خەمسە ناۋايىچۇ؟ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىچۇ؟ بۇلارمۇ بولمىسا بىرەر پارچە رومانغۇ باردۇ؟ ئۇمۇ يوق بولسا ياخشى تەرجىمە قىلىنغان كىنو-پىنولارغۇ باردۇ؟ بۇلارمۇ يوق بولسا كۈندە تورغا چىقىۋاتىسىزغۇ؟  توردا يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.
تور لۇغەتلىرىدىن؛ يۇلغۇن، ئىرپان، ئۇيغۇرسوفتنىڭ بار.
ئوكيان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى بېتى بار.
يەنە ھەرقانداق بىر توربەتكە كىرسىڭىز سىزگە ياخشى ئىسىم تاللىشىپ بىرىدىغان خالىس تورداشلار بار.
ئۇيغۇرچە ئىزدەش بەتلىرىگە «ئاتالغۇ» دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز تۈرلۈك ئاتالغۇلارنى بىردەمدە تېپىپ بىرىدۇ.
مانا شۇنداق شارائىت تۇرسا ئىسىم تاللاشتىن ئەنسىرەپ يۈرۈشمۇ ئىشمۇ؟
ھۆرمەتلىك ئاتامان، سىزدىن كەتسە بىراز ئىزدىنىش كىتىدۇ، دەرھال ھەركەتلىنىپ توغرا بولغان تور نامىنى ئىشلىتىڭ.  تور بېتىڭىزنىڭ تونۇلۇشى ۋە تەرققىياتى ئۈچۈن، مۈجىمەل ئاتالغۇلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ياخشى نامدىن بىرنى ئىزدەڭ. توربەت ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپايىڭىزنىڭ ئالدىدا ياخشى بىر نام ئۈچۈن نەچچە ئون يۈەن سەرىپ قىلسىڭىز تامامەن ئەرزىيدۇ.
ۋاقتى: 2010-8-9 11:31:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ئىشنى ئاۋال بىر قىسىم توربەتلەر بۇزۇۋاتىدۇ.  « قىزنى بۇزغان ئانىسى » دېگەندەك.
بەزى بېكەتلەردىكى مەزمۇنلاردىنلا شۇ توربەت ئىگىسىنىڭ مەلۇماتلىق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى قوللانغان تورنامى ئاجايىپ.
XJ ،UY  دېگەننى قوشىۋالغان ، بۇنى شوجاڭ، شەنجاڭ، شىجاڭ ... ئۇي- كالا دەپ چۈشەنسە بولمايدۇ دېيەلمەيمىز.
مىسال قىلساق: بىلىم  (bilim) دېگەننى بېلىم (belim) دېسە بولمايدۇ. ياسىن (yasin) دېگەننى يااسىن (yaasin) ۋە ياكى ياسسىن(yassin) دېسە بولمايدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-9 15:23:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ توپلىرىدا يوللىنىۋاتقان تور ئادرىسلىرى ، تورداشلار ئىشلتىۋاتقان ناملار... قايسىنى دەي:'(
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-9 16:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-8-10 12:30:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Sezgurboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-8-10 12:41  

ھېچقانداق بىر ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان تور ناملىرى...

تورنامى   دەماللىققا ئوقۇلۇشى                      مۇنداق بولىشى كېرەكمىكىن
Suygu     سۇيگۇ ياكى سۈيگۈ                        soygu
xjizdan    (شوجاڭ، شەنجاڭ، شىجاڭ)                      xinjiangizdan
bahit            بەخىت                      baht     bext
biham   بىخەم                         bigham bighem
xakur    بۇ نەچە ئىسىمدۇ؟
xinjang  بۇ؟؟؟؟               xinjiang
jassus  جاس سۇس                       jasus
aqel   ئاچېل ، ئاقېل                     aqil
qogluk چوگلۇك ( خېلى بىلىملىك ئادەمنىڭ تورى بۇ بولمىسا)                      qoghluk choghluq
tahder  تاخدېر ، تەھدېر                      taghdir  teghdir
dulan دۇلان، دۇليەن ( 独联体  يادىمغا كەلدى)  dolan
kuriwal  كۇرىۋال، كۈرىۋال، قۇرىۋال، چۈرىۋال koriwal
sihinix  سىخىنىش، سىھىنىش                      sighinix  sighinish
tawpek  تەۋپېق                       tawpik tewpik   tewpiq
salken

ئوقۇش، ئۆگۈنۈش پۇرسەتلىرىنى، گۈلدەك ياشلىقىنى كومپيۇتېر ئالدىدا مۈگۈدەپ، قۇرۇق نان غاجاپ ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىۋاتقانلارنىڭ تور بېتى.  
تىلنى بۇزسا، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلسا، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنىمۇ نابۇت قىلسا... بۇنداق توربەتچىلەرنىڭ بىزگە قانچىلىك ئەھمىيىتى بار؟

ۋاقتى: 2010-8-10 12:36:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىمۇ تەكلىپ قاتارىدا يېىزپ قوياي.

xjcfan  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟                      uyghurkompyuter  uyghurcfan دېسە بولمامدىكىنە؟
سەۋەپ:
1- بۇ توربەتتە ساپلا ئۇيغۇر بار.
2- microsoft, uighursoft ۋە بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تور نامى بار داڭلىق توربەتلەر بارلىقىنى بىلىمىز.
3- xjcfan دىكىلەرنىڭ ئاتامانلىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ساپ ئۇيغۇرچە تور نامىنى تاپالايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-11 18:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراڭلار بۇ تور ناملىرىغا :
5 يىل بۇرۇن iminjan.com دەپ تور نامى باركەنتۇق ھازىر AliMusic.Com دەپ بار.
بۇ ناملارنى خاتا ئوقۇپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس ھەم شۇنداق ئاددىي ھەم ئاسان ئەستە قالىدىغان ناملار.
ۋاقتى: 2010-8-13 10:46:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن.....
ۋاقتى: 2010-8-13 11:15:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xjcfan كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئەمەس،كومپىيۇتېر ھېرىسمەنلىرى دەپ ئالسا ئەڭ توغرا بولىدۇ.نېمىشقا دېگەندە ھەۋەسكارلىرى دېگەن سۆز خەنزۇچىدىكى 爱好者 نىڭ تەرجىمىسى،يەنى تەرجىمە تىلى بولۇپ قالىدۇ.ھېرىسمەنلىرى دەپ ئالساق ساپ ئۇيغۇرچە شۇنداقلا ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىغىمۇ ئۇيغۇن~~~~!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-13 12:45:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىسىم ماۋۇ TugMas دېگىنى بولسا كېرەك. بۇنى دەسلەپ QQ توپتا كۆرگەندە ھەيرانلا قالغان ئىدىم، ئۇيغۇرچە « تۈگمەس...» دەپ يازغىنىنى كۆرۈپ كۈلۈپلا كەتتىم . ...
تورنامىمۇ خاتا يېزىلغان، ئۇيغۇر يېزىلىشىمۇ خاتا.
~~~~~
بۇ توربەتنى قۇرغۇچى ئاۋازلىق تەشۋىق قىلسا « تۈگىمەس» دەپ تەشۋىق قىلىشى تۇرغانلا گەپ، بۇنداق نامنى ئاڭلىغۇچىلار كىرىپ باقاي دېسە تور نامىنى tugimas  ياكى tugimes  دەپ يېزىپ بېقىپ « بولدىلا » دېيىشى ئېنىق.
توربەت قۇرغۇچى ئادەم كىرمەۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىپ ئاۋارە، نامىنى ئاڭلىغانلار كىرەلمەي ئاۋارە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 13:39 , Processed in 0.140226 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat