ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1457|ئىنكاس: 2

Google نىڭ ئۇيغۇرچە بېتىگە كۈچ قوشالامسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەنبە: XJCFAN.com ئاپتورى: ئۆزخان


بەلكىم كۆپچىكىنىڭ ھەممىگە مەلۇمدۇر ، گوگلىنىڭ ئۇيغۇرچە بىتى بارلىققاكەلگىلى خىلى بولدى ، بىراق ئىشلىتىش ئاستا ، بىلىدىغانلار ئاز بولۇپكەلمەكتە ، مەن توردىن ئازتولا ئىزدىنىش ۋە شىنجاڭ كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرىتورىدىكى Google translator غا ئۇيغۇرچەقوشۇڭ ۋە نۇرقۇتتورىدىكى Google ئۇيغۇرچە بېتىدىكى يېڭىلىق دىگەن تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن مەندىمۇ ئازتولا ئىزدىنىش بولدى ۋە گوگلى ھىساباتىم ئارقىلىق تىل قوشۇش بىتىگە ئىرىشتىم ئاندىن تىل قوشۇش تىزىملىكىدە مۇنداق گىرافىكنى كۆردۈم دىمەك بىز تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك 12 تۈرلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر تۈرلا %100 تەرجىمە بولۇپتۇ مەن ئويلايمەن بۇ بەلكىم گوگلىدىكىلەر تەرجىمە قىلغان بولماستىن سىز ، ۋە مەن ئۇ ... لار تەرجىمە قىلىپ مۇشۇنچىلىك قىلغانلىقى بولۇشى مۇمكىن ، نىمىشقا بىزمۇ قول تىقىپ تەرجىمە قىلىپ باقمايمىز ؟

تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى بولۇپ، ئىنگىلىسچىسىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىكەنمىز ، لىكىن مەن ئىنگىلىسچە ئەمەس خەنزۇچىنىمۇ تولۇق بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ باقتىم، ئاخىرىدا ئاز-تولا نەتىجىگە ئىگە بولدۇم ، ئاندىن 1- تۈر بولغان Main search site نى تەرجىمە قىلىپ بىقىش ئويىدا باشلىۋەتتىم. 1- قېتىم تەرجىمە قىلىدىغان خەت « Image attributes » دىگەن خەت كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى ، ئاندىن مەن گوگلىنىڭ تەرجىمە بېتى http://translate.google.com دىن « Image attributes » نى تەرجىمە قىلدىم نەتىجە «图像属性»  دەپ تەرجىمە بولدى مەن بۇ خەتنى «رەسىم خاسلىقى » دەپ تەرجىمە قىلىپ يوللىۋەتتىم .
تۆۋەندىكى سۈرەتكە قاراڭ:
translator.jpg
1-    ئىنگىلىسچە
2-    ئۇيغۇرچە
3-    تەرجىمە ياردىمى
4- داۋاملاشتۇرۇش
ئەسكەرتىش : تەرجىمە قىلدىم دەپ قالايمىقان تەرجىمە قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

: ئالدىنقى قېتىم يوللانغىنى https://uyghur-archive.com/intil/bil/show.asp?id=1685

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-28 20:04:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- قاراڭ، بۈگۈن قارىسام Google  نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى http://www.google.com.hk/webhp?hl=ug   ئوڭدىن- سولغا تۇرۇدۇ. كىم قىلغاندۇ؟
-   كىم قىلىتى يەنە شۇ بىزنىڭ يىگىتلىرىمىز قىلىدۇ دە؟
ۋاقتى: 2012-12-18 19:30:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://kenjisoft.homelinux.com/soft/LightNEasy.php?page=google دىكى يازما
Google translator غا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇشقا قاتنىشىڭ

ئادرېسى: http://translate.google.com

گۇگېل تەرجىماننىڭ ياردەم بېتىدە تۆۋەندىكىدەك دېيىلگەن:

    Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.  بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن.
Help us support new languages We're also working to support other languages and will introduce them as soon as the automatic translation meets our standards. It's difficult to project how long this will take, as the problem is complex and each language presents its own unique challenges. In order to develop new languages and improve the quality of existing languages, we need large amounts of bilingual texts. You can help by using Translator Toolkit for translating or uploading your translation memories into Translator Toolkit.
    بىزگە ياردەملىشىپ يېڭى تىللارنى قوشۇڭ
    بىز يېڭى تىللارنى ئامال بار تېز قوللاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز، يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارى بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزگە يەتكەن ھامان ئېلان قىلىندۇ. بۇ خىزمەتنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئالدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس، چۈنكى ھەر بىر يېڭى تىلنىڭ ئۆزىگە خاس مۇرەككەپلىكى ۋە قىيىنچىلىقى بولىدۇ. يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ھازىر بار تىللارنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىز نۇرغۇن مىقتاردىكى ئىككى تىللىق تېكىستلەرگە موھتاج. سىز بۇ جەھەتتە تەرجىمە قىلىش قورالى ئارقىلىق ياكى تەرجىمە قىلىنغانماتىريالىڭىزنى تەرجىمە قىلىش قورالىغا يۈكلەش ئارقىلىق ياردەم قىلالايسىز.

    ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئاۋال تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ upload /上传 دېگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
http://translate.google.cn/#
http://translate.google.com/toolkit/list?hl=en#translations/active

    يېڭى ئېچىلغان بەتتە local file / 本地文件, web page / 网页, wikipidia  article دېگەن تاللاشلار بار. تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەنبەنى تاللاپ، مەنبە ھۆججەتنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇرچىنى تاللىغاندىن كېيىن ئەسلى تېكىست بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. تەرجىمە ماشىنىسى يوللانغان تېكىستلەرنى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىپ ساقلىۋالىدۇ. يېتەرلىك تېكىست بولغاندا گۇگېلدىن new-languages-in-google-translate بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا چىقىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خەت يېزىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى قوشۇشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ. بىراق يېتەرلىك تەرجىمە قىلىنغان تېكىستلەر بولمىغاندا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 09:39 , Processed in 0.153525 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat