ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2388|ئىنكاس: 1

ياردەم ! ئىسىم تاللىشىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر پەرزەنتلىك بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن (ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن!) شۇڭا تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ ئىسىم تەۋسىيە قىلىشىنى ئۆتۈنىمەن. (قىز-ئوغۇللىقى ئىنىق ئەمەس)  
ئالدىنقى شەرتى: ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن ئىسىم بۇلىشى كېرەك.   مەنىسىنى بىلىدىغانلار مەنىسىنى ئىزاھلاپ قويساڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2011-2-22 15:33:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تۇغۇلغۇسى پەرزەنتىڭىزگە ۋە ئانىسىغا سالامەتلىك تىلەيمەن، سىز ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىڭىزغا خۇشھاللىق نىسىپ بولغاي. پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن بۇنى قالدۇراي:


ئىسلامدا پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويۇشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى
سوئال: پەرزەنتىمگە ئىسىم قويماقچى ئىدىم، ئىسىم تاللاش ۋە قويۇشنىڭ شەرىئەتتىكى ئەدەپ-ئەخلاقلىرى قايسىلار، ئۇنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن؟
جاۋاپ:
شۈبھىسىزكى،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىسىمنى قوللىنىش تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ چۈنكى باشقىلار مەلۇم كىشى توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ.مەيلى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن،ئۇ شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدۇ.شۇ ئىسىم ئۇنىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ،شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ دىننىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.ئىسىم باشقىلارغا مۇشۇ كىشى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئىسىم توغرىسىدىكى ھېسسىياتى خۇددى كىيىم بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قالسا ئوخشاش كۆزگە سىغمىغانغا ئوخشايدۇ.
ئىسىم قويۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ ئىىشلىتىشكە يول قويۇلغان ئىسىملارنى قويۇشتۇر. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا بەزى ئىسىملارنى قويۇش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولۇپ ئىسىم قويغاندا شۇ ئىسىملارنى قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئىشلىتىش ھارام قىلىنغان:
1. ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى ئىشلىتىش،مەيلى ئۇ پەرىشتە ياكى پەيغەمبەر بولسۇن.ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسە ياكى زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرۈش قەتئىي چەكلەنگەن ئىشتۇر.شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ھەرقاندان زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى قويۇشمۇ ھارامدۇر.مەسىلەن:ئابدۇلرۇسۇل (ئەلچىنىڭ قۇلى)،ئابدۇننەبى(پەيغەمبەرنىڭ قۇلى)،ئابدۇلئەمىر (پادىشاھنىڭ قۇلى)دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ۋە ئاللاھتىنمۇ بەكرەك بويسۇنۇشنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.كىملەركى ئىسمىنى مۇشۇنداق قويۇۋالغان ئىكەن دەرھال ئۆزگەرتىش لازىم.مەشھۇر ساھابە ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:"مېنىڭ ئىسمىم ئەسلى ئابدۇ ئەمىر--يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە ئابدۇ كەئبە --ئىدى،مەن مۇسۇلمان بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ مېنى ئابدۇراخمان دەپ چاقىردى."(ھاكىم رىۋايەت قىلغان.3/306,زەھەبى توغرا دېگەن)
2 . پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىسىملارنى قويۇش.بەزى ئىسىملار پەقەت ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالاغىلا خاس بولغان ئىسىملاردۇر.مەسىلەن خالىق(ياراتقۇچى)،رازىق (رىزىق بەرگۈچى)، رەب ۋە رەھمان(ئەڭ شەپقەتلىك)دېگەندەك.بەزىلىرى پەقەت يىگانە ئاللاھقىلا خاس بولغان سۈپەتلەردۇر.مەسىلەن مالىك-ئەل-مۇلۇك(شاھلارنىڭ شاھى)،قاھىر دېگەنگە ئوخشاش.كىشىلەرنى بۇنداق ئىسىملار بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.كىم بۇنداق ئىسىم قوللانغان بولسا ئۆزگەرتىشى كېرەك.ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:"سەن ئۇنىڭ شېرىكى(ياكى ئوخشىشى) بارلىقىنى بىلەمسەن؟"(سۈرە"مەريەم"65-ئايەت)
3. روشەن كافىرلارغا خاس بولغان ۋە كافىرلاردىن باشقىلار ئىشلەتمەيدىغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇل مەسىھ،بۇتروس(پىتىر)،جۇرجوس(گىئورگى)دېگەندەك ئىسىملارنى قوللىنىش ھارامدۇر.
4. كىشىلەرنى تاغۇتنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.مەسىلەن ئىبلىسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش دېگەندەك.
يۇقىرىدىكى تۆت تۈرلۈك ئىسىمنى قويۇش قەتئىي ھارام قىلىنغان.كىم بۇنداق ئىسىم قويىدىكەن ئۇ ئىسىمنى دەرھال ئۆزگەرتىشى لازىم.
تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك ئىسىمنى ئىشلىتىش مەكرۇھ:
1. مەنىسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ. بۇنداق ئىسىملار مەنىسى ناچار،يېقىمسىز،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ شۇ كىشىنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.بۇ پەيغەمبەر نىڭ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.مەسىلەن،مەنىسى سەلبىي بولغان ھەرب(ئۇرۇش)،راشاش(چېچىش دېگەندەك مەنىدە)،ھەييام--تۆگىلەردىن تارقىلىدىغان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئىسمى-دېگەندەك يېقىمسىز ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.
2. كىشىنى جەلب قىلىدىغان،كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا تەسىر قىلىدىغان ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىسمىنى تاللىغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.باشقىلار قىزلارنى بۇ خىل ئىسىم بىلەن چاقىرغاندا بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىشى ۋە شۇ قىز توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
3. ناخشىچى،ئارتېس قاتارلىقلارنىڭ ئېچىدىكى بەزى بىر ئەخلاقسىز ئىنسانلارنىڭ ئىسىملىرىنى دوراپ قويۇشقا بولمايدۇ.ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئىسىملىرى بولسا قوللىنىشقا بولىدۇ،لېكىن مەقسەت شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بولۇشى كېرەككە ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىلەرنى دوراش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
4. يامان ئىش، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئىسىم قىلىپ قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن،سارىق(ئوغرى) ياكى زالىم دېگەندەك؛فىرئەۋننىڭ ياكى گۇناھكارلارنىڭ ئىسمىنى قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن:فىرئەۋن،ھامان،قارۇن..دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ .
5. كىشىلەر ئارىسىدا يامان خىسلەتلەر بىلەن تونۇلغان ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەرھىمار(ئېشەك)،كەلب(ئىت)،قىرد(مايمۇن)دېگەنگە ئوخشاش.
6. دىن ياكى ئىسلام دېگەندەك سۆزلەر قوشۇلغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن، نۇرىددىن(دىننىڭ نۇرى)،شەمسىددىن(دىننىڭ قۇياشى)،نۇرۇل ئىسلام،شەمسۇل ئىسلام دېگەنگە ئوخشاش.بۇنداق ئىسىملار كىشىگە ئۆزى لايىق بولمىغان سۈپەتلەرنى بېرىپ قويىدۇ.سەلەف ئالىملىرى بۇنداق ئىسىملارنىڭ ئۆزىگە لەقەب بولۇپ چاقىرىلىشىنى يامان كۆرەتتى.ئىمام نەۋەۋى(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) باشقىلارنىڭ ئۆزىنى "مۇھيىددىن"(دىننى قايتا بەرپا قىلغۇچى)دەپ چاقىرىشىنى يامان كۆرگەن؛شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەم ئۆزىنىڭ لەقىبى بولغان "تەقىيددىن"(دىننى قوغدىغۇچى)دېگەن ئىسىمنى يامان كۆرگەن.ئۇ دائىم:ماڭا بۇ لەقەبنى ئائىلەم بەردى،شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى"دەيتتى.
7. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا بەندىچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان"ئابدۇ")يەنى ئابدۇللاھ (كەلىمىسىدىن باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.مەسىلەن ھەسبۇللاھ،رەھمىتۇللاھ دېگەندەك.شۇنداقلا رەسۇل سۆزىگىمۇ باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.
8. پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش ۋە قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن تاھا،ياسىن دېگەندەك.بۇ ئىسىملار ھۇرۇفۇل مۇقەتتەئ (بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن ھەربلەر؛مەنىسىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ-تەرجىماندىن)تۇر. ئۇئىسىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئەمەس.بۇ توغرىدا ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز ئىبنۇل قەييىمنىڭ تۇھفەتۇل مەۋدۇد دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.109-بەت.
بۇ ئىسىملارنى قوللىنىش،باشقىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش مەكرۇھتۇر.ئەگەر بىر كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئىسمى بولسا،ئائىلىسى تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ ئۇنى ئۆزگەرتىش قېيىن بولسا قوللىنىۋەرسە بولىدۇ.
تۆۋەندىكى بەش خىل ئىسىم ياخشى ئىسىملاردىندۇر:
1. ئەڭ ياخشى ئىسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرھماندۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ نىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان بولۇپ،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراھماندۇر"(سەھىھ مۇسلىم 1398-ھەدىس)
2. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا ئابدۇ سۆزى قوشۇلغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇلئەزىز، ئابدۇرەھىم، ئابدۇلمەلىك ،ئابدۇلئىلاھ،ئابدۇسسالام دېگەندەك.
3. پەيغەمبەرلەر-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-نىڭ ئىسىملىرى.ھېچ شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى ﯻﺴﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﯻﺴﻤﯩﺪﯗﺭ.ئەھمەد ھەم ئۇنىڭ ئىسمىدۇر.ئۇنىڭدىن قالسا "ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر(سۈرە "ئەھقاف"35-ئايەت)نىڭ ئىسىملىرى،ئىبراھىم،مۇسا، ئىيسا ۋە نۇھ.ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.
4. ئاللاھنىڭ توغرا يولدىكى بەندىلىرىنىڭ ئىسىملىرى.رەسۇلۇللاھ بارلىق ساھابىلىرىنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش مۇستەھەپتۇر.
5. كىشىنى خوش قىلىدىغان،مەنىسى ياخشى بولغان ئىسىملار.
ئىسىم قويۇشتا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. شۇ ئىسىمنىڭ ئاشۇ كىشىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.ئەگەر ئۇ شۇ ئىسىم سەۋەبلىك بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقسا بەلكى دادىسىن ياكى شۇ ئىسىمنى قويغۇچىدىن رەنجىشى،يامان كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن.
2. تاللىماقچى بولغان ئىسىمنى بىر قانچە تەرەپتىن ئوبدان ئويلىنىش كېرەك.شۇ ئىسىم شۇ كىشىنىڭ ياشلىق ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۆسمۈر چېغىدا ياكى قېرىغان ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۇنىڭ پەرزەنتى پالانىنىڭ ئوغلى/ قىزى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ،دادىسى پالانىنىڭ دادىسى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ دېگەنگە ئوخشاش.
3. ئىسىم قويۇش دادىنىڭ ھوقۇقىدۇر.چۈنكى ئۇ بالا شۇ دادىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،پالانىنىڭ ئوغلى ،پالانىنىڭ قىزى دېگەندەك.لېكىن دادىغا نىسبەتەن ئايالىنىڭ ئارزۇلىرىغا قۇلاق سېلىش،ئۆزى تاللىغان ئىسىم توغرىسىدا ئانىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ۋە ماقۇللىقىنى ئېلىش مۇستەھەپتۇر.
مەنبە http://islamqa.com/ug/ref/7180

بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپلىرىپەرزەنت خۇشاللىقى ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۈچۈن چەكسىزدۇر. ئادەتتە كىشىلەر غەم قايغۇسىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلىسە، خوشاللىقىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بىراق، دەرىجىدىن تاشقىرى خوشاللىقنىمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلەپ،ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. پەرزەنت خوشاللىقى مۇشۇلار قاتارىدىن بولۇپ، ھەرقانداق رەھىمسىز،تاش يۈرەك ئاتا-ئانىمۇ بۇنداق خوشاللىقنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى- ئۆزلىرىنىڭ ئىز باسارى بار بولسا، ئۆزلىرى ئاچ-زار، يىلىڭ بولسىمۇ پەرزەنتىنىڭ غېمىنى يەپ مەڭگۈ مىننەتسىز قۇلدەك ئىشلەپ پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلەش، قاتارغا قوشۇش ۋە جەميەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەمدە چەكلىك ئۆمرىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزىنىڭ مىراسخورى بولغان، پەرزەنتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.


چۈنكى، ھەقىقىي بىلىمدىن خەۋەرسىز بۇ ئاتا-ئانا قىممەتلىك ئۆيۇن-تاماشا،ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئەقىل-ھوشىنى تاپقاندا بەللىرىنىڭ مۈكچۈيۈپ ئۆمرىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ چۆچۈپ كېتىدۇ-دە سەۋەبىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئاخىرى سەۋەبىنى تاپىدۇ. ئۇ بولسىمۇ تەربىيسىلىك ۋە بىلىمسىلىك! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇبىردىن-بىر ئۈمىدىنى پەرزەنتىگە باغلايدۇ. ئۇ تەربىيە ۋە بىلىمنىڭ ئىنساننى بۇ دۇنيادا ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشتۇردىغانلىقنى تۇنۇپ يېتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاھنىڭ:<< ئىنسان پەقەت تىرىشقان نەرسسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى پات ئارىدا كۆرىلىدۇ.ئاندىن تۇلۇق مۇكاپات (ياكى) جازا بېرىلىدۇ.>> (سۈرە نەجم 39-.41-ئايەتلەر) نىداسىدىن ئىبارەت پارلاق يولىنى تۇنىۋالدى.
يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى قايسى ئىسىمنى قويۇش، قايسى تەرتىپ بىلەن قويۇش مەسلىسىدۇر. قويۇلدىغان ئىسىم قۇلاققا يىقىملىق بولغاندىن سىرت، مەنىسىنىڭ ياخشى بولىشى ئالدىنقى شەرت قىلىندۇ.
بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز <<سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزەڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرسىلەر. شۇڭا، ئىسىملارنى ياخشى قويۇڭلار>> دېگەن(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇتتىن).
تۆۋەندە ئىسىم قويۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى قىسقىچە چۇشەندۇرىمىز:
1. بوۋاق تۇغۇلغاندا خوش-خەۋەر يەتكۈزۈش ھەم مۇبارەكلەش
خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بۇۋاق تۇغۇلغاندا خوش-خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە مۇبارەكلەش. ئەگەر بىرىنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان كىشى ھامان ئۇ كىشىگە خوش-خەېەر يەتكۈزۈشگە ئالدىرايدۇ.بۇ،ئۇ كىشىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلش بىلەن بىرگە ئۇ كىشى بىلەن شۇنداقلا ، ئائىلىلەر ئارا دوسلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق .ئەگەر كېيىن خەۋەر تىپىپ قالسا ،ئەر-ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ.بۇۋاققا ئاللاھتىن ئۇزۇن ئۆمۈر،ئنىساپ-تەۋپىق.بەخىت-سائادەت تىلەپ خوشاللىقىنى بۇلدۇردۇ.چۈنكى،بۇھەقتە مۇنۇ ئايەت بار.<<بىز ئۇنىڭغا(ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەگە) ئىسھاق (ئىسىملى) بالىسىنىڭ بولىدىغانلىقى بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيى كىلىدىغان يەئقۇب
(ئىسىملىك نەۋرىسى بولىدىغانلىقى)بىلەن خوش بىشارەت بەردۇق>>(سۈرە ھۇد 71-ئايەت)
بۇۋاق تۇغۇلغان ھامان( كىم بولسا بولىۋېرىدۇ) قۇلىقىغا ئەزان ئېيتىلىدۇ.
ئەبۇ رافئئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئوغلى ھەسەن ئىبنى ئەلىنى تۇغقاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئەزان(نامازدا ئېيتىلدىغان) ئېتتقانلىقىنى كۆرگەن.(جامىئۇت تىرمىزىي،سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد تىن)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:پەيغەمبىرىمىز نەۋىرسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېتقان (شۇئەبۇلئىماندىن).
2.ئېغىزلاندۇرۇش
<<ئېغىزلاندۇرۇش>> دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بۇۋاقنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۇرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۇرۇپ تۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ھېكمىتى،شۇكى بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەركىتى ئارقىلىق كۈچلىندۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئىمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ. بۇۋاقنى ئېغىزلاندۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى سالىھ،تەقۋا كىشىنىڭ ئېغىزلاندۇرغىنى ياخشى. بۇھەقتە مۇنداق ھەدىس شەرىق بار:ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:مىنىڭ پەرزەنتىم تۇغۇلغاندا،ئۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىغا ئېلىپ باردىم،پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويۇپ بولۇپ،خورما بىلەن ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇ بالا ئۈچۈن بەركەت تىلەپ دۇئا قىلدى(سەھىھۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەدتىن)
3.بۇۋاققا ئىسىم قويۇش؛
بۇۋاق يەتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇلدۇ.(تۇغۇلغان كۈنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسا)
پەيغەمبىرىمىز :<<،بارلىق تۇغۇلغان بۇۋاق ئەققىسىگە گۆرە قۇيۇلغان.7-كۈنى(قوي)بۇغۇزلىندۇ.ئىسىم قۇيۇلىدۇ.چېچى چۈشۈرۈلىدۇ>>(جامىئۇتتىرمىزىي،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن). <<يەنە بىر ھەدىستە:باھارلىق تۇغۇلغان بۇۋاق ئەققىسىگە گۆرە قۇيۇلغان.7-كۈنى قوي بوغۇزلىنىدۇ،چېچى چۈشۈرۈلىدۇ،ئىسىم قۇيۇلدۇ دېيىلگەن.>>(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي، سۇنەنۇئىبنى ماجە،مۇسنەدۇ ئەھمەدتىن)
ئىسىم قۇيۇشتا ئادەتتە بىلىملىك،تەقۋا كىشىنى چاقىرتىپ قۇيۇلىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولۇپ قالسا،ئاتىسى ئۆزى قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ.ئىسىم قويغۇچى ئىمكانيەتنىڭ يېتىشىچە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئىسىم قويغان ياخشى. ئىسىم قويغۇچى(بۇۋاق تۇغۇلۇپلا ئىسىم قويماقچى بولسا، بۇۋاقنى قولىغا ئېلىپ،خورمىنى ياكى شۇنىڭدەك تاتلىق يىمەكلىكنى ئاغىزىدىن چايناپ ئاندىن بۇۋاقنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ ئېغىزلاندۇرۇپ بولۇپ،ئاندىن ئىسىم قويىدۇ) ئەئۇۋزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم، بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم دەپ بولۇپ ،ئاندىن ئىسىم قويىدۇ.مۇسۇلمان بۇۋاقنىڭ ئىسمى پالانى بولسۇن دەيدۇ.ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ.ئەللاھۇممە بارىك فيھى ۋەلاتەزۇررەھۇ،ئەللەھۇممە ئەئىنھۇ ئەلە زىكرىكە ۋەشۇكرىكە ۋە ھۇسنى ئىبادەتىكە. تەرجىمىسى:ئى ئاللاھ ،بۇۋاققا زىيان زەخمەت يىتىشتىن ساقلاپ ئۇنىڭغا(ئۆمرىگە)بەركەت ئاتا قىلغايسەن،ئى ئاللاھ، بۇۋاقنىڭ سېنى زىكرى قىلشىغا.ساڭا تەشەككۈر ئېيتىشىغا،ئىبادىتىڭنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بەرگەيسەن.
4.بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش
ئەقىقە دېگەنلىك بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى قوي سويۇپ بۇۋاقنى قۇتلۇقلاشتۇر.
بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز:<<بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىپ،ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا ئاتاپ قان ئاققۇزۇڭلار،شۇ ئارقىلىق بۇۋاققا كېلىدىغان ئازارنى يىراق قىلىڭلار>>دېگەن.(سەھىھۇلبۇخارىي،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇ ئىبنى ماجى،مۇسنەدۇ ئەھمەد ۋە سۇنەنۇددارمىدىن)
ۋە يەنە پەيغەمبىرىمىز 7-كۈنى بۇۋاققا ئىسىم قويۇشنى،(شۇ ئارقىلىق) ئازارنى يىراق قىلىشنى ۋە ئەقىقە قىلىشنى بۇيرىدى.(،جامىئۇت تىرمىزىيدىن)
پەيغەمبىرىمىز ئوغۇل پەرزەنگە ئىككى قوي،قىز پەرزەنتكە بىر قوي ئەقىقە قىلىسىمىزنى بۇيرىدى.(،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە دىن)
<<پەيغەمبىرىمىز ھەر قانداق بۇۋاق ئەققىسگە گۈرە قويۇلغان.يەتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قىلىندۇ،ئىسىم قۇيۇلدۇ(ئەگەر بىرىنچى كۈنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسا)، چېچى چۈشۈرۇلدۇ>>دېگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن)
پەيغەمبىرىمىز :<<ئوغۇل پەرزەنتگە ئىككى قوي،قىز پەرزەنتگە بىر قوي ئەقىقە قىلش كېرەك. سىلەرنى بۇۋاقنىڭ ئوغۇل قىز تۇغۇلۇپ قىلىشى ئەقىقەدىن توسۇو قويمىسۇن >> دېدى.(،جامىئۇت تىرمىزىي، سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي، سۇنەنۇئىبنى ماجە ۋە مۇسنەديد دارىمىدىن)
بىر قوي ئەقىقە قىلش توغۇرسىدىمۇ مۇنداق ھەدىس بار.پەيغەمبىرىمىز ھەسەن ئىبنى ئەلىينىڭ ئەقىقسى ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي دىن)
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلشنىڭ ئەۋزەللىكى،بىر قوي ئەقىقە قىلسىمۇ بولدىغانلىقى مەلۇم.
ئەقىقە قىىلشنىڭ ۋاقتى توغىرسىدا مۇنداق ھەدىس بار.پەيغەمبىرىمىز:<<7-،14-،ۋە21- كۈنىلىرى ئەقىقىسى قىلىنىپ قوي بۇغۇزلىنىدۇ>> دېگەن.(سۇنەنۇلبەيھەقى،سۇيۇتىنىڭ جامىئۇسسەغىردىن)
ئەقىقە قىلىندىغان قوي قوشقار بولىشى،ئاقساق،چولاق بولماسلىقى شەرت قىلىندۇ.
ئەقىقە قىلىش بولسا،بۇۋاقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان ھەرخىل ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ قىلىش ئۈچۈن قىدىيە بېرىش بولۇپ،ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامغا كەلگەن ئۆلۈمنى بىر قوچقار قۇربانلىق قىلىش بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان.قوي بوغۇزلاش تەرتىپى توغۇرسىدا مۇنداق ھەدىس شەرىف بار.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:<<ئەقىقىنىڭ قويىنى بۇۋاقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ بىسمىللاھى ،ئى ئاللاھ.بۇ قوينى سەن ئۈچۈن سويدۇم،پالانى بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسى دەپ بوغۇزلاڭلار>>دېگەن(سەھىھ ئىبنى ھىببان،مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا، سۇنەنۇلبەززار ۋە سۇنەنۇ ئىبنى مۇنزەر دىن)
ئەقىقە قىلغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىنىڭ ئەقىقە مۇراسىمىغا چاقىرىپ خوشاللىققا ئۇلارنى شېىك قىلسا بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىقە كۆشىدىن يېقىنلىرىغا،پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش كېرەك.چۈنكى،ئۇ مۇراسىم تۆۋندىكى قائىدىگە ئۇيغين زىياپەتلەر قاتارىدا:
1.ئەلقىرا(ئىككى مېھماننىڭ زىياپىتى)
2.تۆھپە (يوقلاپ كىرگەن مېھماننىڭ زىياپىتى)
3.خۇرس(تۇغۇلغان بۇۋاق زىياپىتى)
4.مەئدۇبە(چاي زىياپىتى)
5.ۋەلىمە(توي زىياپىتى)
6.ئەقىقە(بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنىچى كۈنى قوي سۇيۇلدىغان زىياپەت)
7.غەدىرە(خەتنە زىياپىتى)
8.ۋەزىمە(ماتەمدارلارغا بېرىلدىغان تاماق)
9.نەقىئە(سەپەردىن قايتىش زىياپىتى)
10.ۋەكىرە(قۇرۇلۇش پۇتتۇرۇش زىياپىتى)
5.بۇۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش
پەيغەمبىرىمىز دەۋىردە بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى چېچى چۈشۈرۈلۈپ چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىناتتى.بۇ توغرىدا مۇنداق ھەدىس شەرف بار.پەيغەمبىرىمىز قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا:<<ئى پاتىمە، ھەسەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۈڭ.چاچنىڭ ئېغىرلىقىدا كۆمۈش سەدىقە قىلىڭ>> دېگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي،مۇۋەتتا مالىكتىن)
بۇنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە كۆرۈلدۇ.
1.تىببى ھىكمەت:چاچنى دەسلەپتە چۈشۈرۈش ئارقىلاق بالنىڭ باش تېرىسىنى كۈچلەندۈرۈش.چاچ چىقىدىغان تۆشۈكچىلەرنى ئېچىش،شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ كۆرۈش،پۇراش ۋا ئاڭلاش تۇيغۇلىرىنى يېتىلدۇرۈش قاتارلىقلار.
2.ئىجتىمائىي ھىكمەت:كۈمۈش سەدىقە قىلىش ئارقىلىق كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش كۆزدە تۇتۇتىلدۇ.شۇنداقلا كىشىلەر ئارسىدا بىر-بىرگە كۆيۈنۈش ۋە رەھىم-شەپقەت قاتارلىقرنىڭ ئاساسى بەرپا بولىدۇ.
بۇۋاقنىڭ ۋېۋىنى ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى چۈشۈرۈش ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان <،ئادىللىق>>دېگەن ئۆلچەمگە توشمايدۇ.ئىنسان باشقىلارغا ئادىللىق قىلىش بۇيرۇلۇش بىلەن بىرگە،ھەتتا ئۆز بەدىنىدىكى ئەزالارغىمۇ ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇلغان.شۇڭا باشنىڭ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇش چاچقا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك ھېساپلىندۇ.چۈنكى.ھەدىس شەرفتە پەيغەمبىرىمىز كۇكۇلا قويۇشنى چەكلىگەن ئىدى.(سەھىۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم،،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن) يەنەپەيغەمبىرىمىز سايە بىلەن ئاپتاپ ئارسىدا ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن.(سۇنەنۇ ئىبنى ماجەدىن)
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:<<سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاياغ كىيسە،ئوڭ پۇتۇدىن باشلىسۇن.ئاياغنى سالماقچى بولسا ،سول پۇتىدىن باشلىسۇن.ئاياغنى ئىككى پۇتىغا بىراقلا كىيسۇن ياكى بىراقلا سېلىۋەتسۇن>>(سەھىھۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم،،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە،مۇسنەدۇ ئەھمەد ۋە مۇۋەتتا مالىكتىن)
بۇنىڭدىكى ھىكمەت شۇكى،ھەربىر مۇسۇلماننىڭ جەميەتتە كۆرۈنۈشى رەتلىك،پاكىزە،باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدىغان بىجىرىم ھالەتتە يۈرۈشى تكىتلىندۇ. مالىك ئىبنى نەزلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:مەن رەسۇلۇلاھىنىڭ يىنىدا ئولتۇراتتىم.رەسۇلۇللاھ مىنىڭ كىيمىمىنىڭ كونا-يرتىق ئىكەنلىكنى كۆرۈپ<<مال-مۈلۈكۈڭ بارمۇ؟>>دېدى.مەن:مال-مۈلۈكۈم كۆپ دېدىم.رەسۇلۇللاھ:<<.ئەگەر ئاللاھ ساڭا مال-مۈلۈك بەرسە،ئۇنىڭ ئەسىرى كۆرۈلۈشى(كىيىم-كېچىكىڭ ياخشى بولۇشى) كېرەك >>دېگەن(سۇنەنۇننەسەئىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن)
شۇڭا چېچىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنىڭ چۈشۈرۈلمەي قىلىشى بۇۋاقنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تازا ياقتۇرۇلماي قېلشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
بۇۋاقلارنىڭ چېچى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھەدىستە:پەيغەمبىرىمىز بىر بۇۋاقنىڭ چېچىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ،يېرىمى چۈشۈرمىگنلىكنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن چەكلىدى.ۋە<<بۇۋاقىنىڭ چېچىنى پۇتۇنلەي چۈشۈرۈڭلار ياكى پۇتۇنلەي قويۇڭلار>>دېگەن.(سۇنەنۇننەسەئىدىن)
ياراتقان ئىگەم ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي.باللىرىنى كۇيۇمچان،ئەقىللىق،ئىمانىنى كامال قىلغاي.
مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشىياتى نەشىر قىلغان ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇقنىڭ 99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى دېگەن كىتاپتىن
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-   http://neseb.org/blog/?p=119
ئەسلى  مەنبە:http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=30975


ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ.

ﺋﻮﻏﻮﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ

ﺋﺎﺩﻩﻡ : ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺟﯟﻩﺩ : ﺳﯧﺨﻰ، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﯘﻟﯘﻍ.
ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ : ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ.
ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﻪﺩﮬﻪﻡ : ﻗﺎﺭﺍ، ﺋﯩﺸﻜﻪﻝ.
ﺋﻪﺩﯨﺐ : ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ.
ﺋﯩﺮﺷﺎﺩ : ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻙ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻕ.
ﺋﯘﺳﺎﻣﻪ : ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ.
ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﻛﯜﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺳﻪﺩ : ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﺋﯩﺴﻼﻡ : ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﻕ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻙ.
ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ : ﻛﻪﻟﻤﻪﻙ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻕ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﻕ، ﺑﻪﺧﺖ، ﺭﺍﯞﺍﺝ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ.
ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ : ﻣﻪﺭﺩ، ﺳﯧﺨﻰ.
ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﯩﻤﺎﻡ : ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ (ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ)، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ، ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻝ.
ﺋﻪﻣﯩﺮ : ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺭﻩﺋﯩﺲ.
ﺋﻪﻣﯩﻦ : ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ، ﺗﯩﻨﭻ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، ﺩﻭﺳﺖ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ.
ﺋﻪﻧﻪﺱ : ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻙ، ﺋﯜﻧﺴﻰ- ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ : ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﺑﻪﻙ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ.
ﺋﻪﻳﻴﯘﺏ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ
ﺑﺎﺳﯩﺖ : ﻣﯘﻻﻳﻢ.
ﺑﺎﻛﯩﺮ : ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﯩﺴﻰ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺑﯩﻼﻝ : ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺳﯘ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﺯﺯﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺳﺎﺑﯩﺖ : ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ،ﻣﯘﻗﯩﻢ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﮬﺎﻓﯩﺰ : ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ.
ﮬﺎﻣﯩﺪ : ﮬﻪﻣﺪ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﮬﻪﺳﻪﻥ : ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ.
ﮬﯘﺳﻪﻳﻦ : ﮬﻪﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ.
ﮬﻪﻣﺰﻩ : ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ.
ﮬﻪﻳﺪﻩﺭ : ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ.
ﺧﺎﻟﯩﺪ : ﺑﺎﻗﯩﻲ، ﻣﻪﯕﮕﯜ.
ﺧﻪﻟﯩﻞ : ﺩﻭﺳﺖ، ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، ﺋﻮﺭﯗﻕ(ﺋﺎﯞﺍﻕ)، ﭘﯧﻘﯩﺮ.
ﺩﺍﯞﯗﺩ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ (ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺯﺍﻛﯩﺮ : ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺯﯨﻜﯩﺮ- ﺗﻪﺳﺒﯩﻴﮭ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ، ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺯﯦﺮﻩﻙ.
ﺯﯗﻟﻔﯩﻘﺎﺭ : ﺋﻪﻟﯩﻲ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ.
ﺭﻩﺟﻪﺏ : ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 7- ﺋﯧﻴﻰ.
ﺭﯗﺳﺘﻪﻡ : ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺟﻪﺳﯘﺭ، ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺭﻩﺷﺎﺩ : ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ.
ﺯﺍﮬﯩﺮ : ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻕ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ.
ﺳﺎﻟﯩﻢ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ.
ﺳﻪﺋﯩﺪ : ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ، ﺧﯘﺷﺎﻝ.
ﺳﻪﻻﻡ : ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ : ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ.
ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﻏﻼﻡ.
ﺳﻪﻳﻴﯩﺪ : ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺩﺍﮬﯩﻲ، ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ.
ﺳﯩﺮﺍﺝ : ﭘﺎﻧﯘﺱ، ﻛﯜﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻍ.
ﺷﺎﻛﯩﺮ : ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ، ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ.
ﺷﻪﺭﻩﻑ : ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﺭﻩﭖ، ﭘﻪﺧﯩﺮ، ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺟﺎﻱ.
ﺷﻪﺭﯨﻒ : ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ، ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ، ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ.
ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ : ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 8- ﺋﯧﻴﻰ.
ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ : ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ، ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ.
ﺳﺎﺑﯩﺮ : ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ.
ﺳﺎﺩﯨﺮ : ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﭼﻰ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ.
ﺳﺎﺩﯨﻖ : ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ.
ﺳﺎﻟﯩﮭ : ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ، ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ، ﻻﻳﯩﻖ، ﺗﯜﺯ.
ﺗﺎﺭﯨﻖ : ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ، ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ.
ﺗﺎﻟﯩﺐ : ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ، ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ.
ﺗﺎﮬﺎ : ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺗﺎﮬﯩﺮ : ﭘﺎﻙ، ﭘﺎﻛﯩﺰ. ﺗﺎﺯﺍ (ﻛﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ).
ﺗﻪﻟﺌﻪﺕ : ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ.
ﺋﺎﺑﯩﺪ : ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﯘﭼﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﺋﺎﺩﯨﻞ : ﺋﺎﺩﯨﻞ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ، ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﻠﯩﻖ.
ﺋﺎﺭﯨﻒ : ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﻮﻧﯘﻏﯘﭼﻰ، ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ.
ﺋﺎﺳﯩﻢ : ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ، ﺗﻮﺳﻘﯘﭼﻰ.
ﺋﺎﻛﯩﻒ : ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﯜﭼﻰ، ﺑﺎﺵ ﭼﯚﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ : ﻗﻮﺷﯘﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﯜﺭﮔﯜﭼﻰ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﭘﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ : ﻳﺎﯞﺍ ﻏﺎﺯ، ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ.
ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ : ﺯﯗﻟﮭﻪﺟﺠﻪ (ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 12- ﺋﯧﻴﻰ) ﻧﯩﯔ 9- ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﭘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﯩﺮﻓﺎﻥ : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ، ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ،
ﺋﻪﺯﺯﺍﻡ : ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ : ﻏﯘﺭﯗﺭ، ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ، ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﺭﻩﭖ.
ﺋﯩﺴﻤﻪﺕ : ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ.
ﺋﻪﻟﯩﻲ : ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ، ﺋﺎﻟﯩﻲ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻟﯘﻍ.
ﺋﺎﻣﻤﺎﺭ : ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﺑﯧﺴﯩﻖ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ
ﻏﺎﺯﯨﻲ: ﻏﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻏﺎﻟﯩﺐ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺯﻩﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ.
ﻓﺎﺗﯩﮭ : ﭘﻪﺗﯩﮭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.
ﻓﺎﺭﯗﻕ : ﮬﻪﻕ ﻧﺎﮬﻪﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ.
ﻓﻪﺭﮬﺎﺕ : ﺧﯘﺷﺎﻝ، ﺷﺎﺩﻻﻧﻐﯘﭼﻰ، ﺳﯚﻳﯜﻧﮕﯜﭼﻰ.
ﻓﻪﻳﺴﻪﻝ : ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ، ﻗﺎﺯﻯ، ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﻰ.
ﻗﺎﺳﯩﻢ : ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻛﻪﺭﻩﻡ : ﺳﯧﺨﯩﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚ، ﻣﻪﺭﻩﮬﻤﻪﺕ، ﺧﻪﻳﺮ- ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ.
ﻛﻪﺭﯨﻢ : ﺳﯧﺨﻰ، ﻣﻪﺭﺩ، ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺖ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﻛﻪﻣﺎﻝ : ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ.
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ : ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺯﺍﺕ.
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ : ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﯜﭼﻰ.
ﻣﯘﺧﺘﺎﺭ : ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﻣﯘﺭﺍﺩ : ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ، ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎ، ﺋﺎﺭﺯﯗ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﺩ : ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ، ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ، ﺧﯘﺷﺎﻝ.
ﻣﻪﺋﺴﯘﻡ : ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ، ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﭼﻰ.
ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ : ﻏﺎﻟﯩﺐ، ﻳﻪﯕﮕﯜﭼﻰ، ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻣﯘﺋﻤﯩﻦ : ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻰ، ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻧﺎﺳﯩﺮ : ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ.
ﻧﺎﻳﯩﻒ : ﺋﯩﮕﯩﺰ.
ﻧﻪﺯﯨﺮ : ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﯘﭼﻰ.
ﻧﯩﺌﻤﻪﺕ : ﻧﺎﺯﯗﻧﯧﻤﻪﺕ، ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ، ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ.
ﻧﯩﻴﺎﺯﯨﻲ : ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﺷﯘﻕ، ﻣﻪﮬﺒﯘﺏ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﮬﺎﺷﯩﻢ : ﺷﻮﺭﭘﯩﻐﺎ ﻧﺎﻥ ﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﻰ، ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻳﺎﺳﯩﺮ : ﺋﺎﺳﺎﻥ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ.
ﻳﺎﺳﯩﻲﻥ : ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﻳﻪﻗﯘﺏ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻳﯘﺳﯘﻑ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻳﯘﻧﯘﺱ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻳﻪﮬﻴﺎ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺟﺎﻣﺎﻝ : ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ.

ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻪﺑﺮﺍﺭ : ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ، ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ،
ﺋﻪﻣﺎﻥ : ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﺎﻕ، ﺋﻪﮬﺪﻩ، ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ، ﻗﻪﺭﺯ.
ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ : ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﻮﻕ، ﺳﺎﻏﻼﻡ.
ﺋﻪﻣﯩﻴﻨﻪ : ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ.
ﺋﻪﻧﯟﺍﺭ : ﻧﯘﺭﻻﺭ، ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭ.
ﺋﻪﻧﯩﻴﺴﻪ : ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ : ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﺗﻪﺳﺪﯨﻖ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ.
ﺑﯘﺷﺮﺍ : ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻖ، ﮬﯚﺳﻦ- ﺟﺎﻣﺎﻝ.
ﺑﯩﻠﻘﯩﻴﺲ : ﺳﻪﺑﻪﺋ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ، ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
ﮔﯜﻟﻨﺎﺭ : ﺋﺎﻧﺎﺭ ﮔﯜﻟﻰ.
ﺟﻪﻣﯩﻴﻠﻪ : ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺋﯘﺯ، ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﮬﻪﺑﯩﻴﺒﻪ : ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ.
ﮬﻪﻓﯩﻴﺰﻩ : ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﭼﻰ.
ﮬﻪﻟﯩﻴﻤﻪ : ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﺑﯧﺴﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﻣﯩﻴﺪﻩ : ﺷﯜﻛﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﻧﯩﻴﻔﻪ : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﯞﯞﺍ : ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﻳﯧﺸﯩﻠﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﺰﯨﻞ.
ﮬﯘﺭﯨﻴﻪ : ﭘﻪﺭﻯ، ﮬﯚﺭ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﺎﻗﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺧﺎﻟﯩﺪﻩ : ﻣﻪﯕﮕﯜ، ﺩﺍﺋﯩﻢ.
ﺧﺎﻟﯩﺴﻪ : ﺳﺎﭖ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺧﺎﻟﯩﺲ، ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻕ.
ﺧﻪﺩﯨﻴﺠﻪ : ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ.
ﺯﺍﻛﯩﺮﻩ : ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ، ﺋﺎﯓ.
ﺯﺍﻛﯩﻴﻪ : ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﺯﻩﻛﯩﻴﻪ : ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯧﭽﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺭﻩﺷﯩﻴﺪﻩ : ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺭﻩﻧﺎ : ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻱ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ.
ﺯﺍﻛﯩﻴﻪ : ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺳﻜﯜﭼﻰ.
ﺯﺍﮬﯩﺪﻩ : ﺋﺎﺧﺮﻩﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺯﺍﮬﯩﺮﻩ : ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺯﯙﮬﺮﻩ : ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ، ﯞﯦﻨﯧﺮﺍ، ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺭﻩﯓ.
ﺯﻩﻛﯩﻴﻪ : ﭘﺎﻙ، ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺳﺎﭖ، ﺋﯚﺳﻜﯜﭼﻰ.
ﺯﻩﮬﺮﺍ : ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ.
ﺯﻩﻳﻨﻪﺏ : ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻩﺥ، ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﺎﻛﻜﯘﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﯘﻗﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ.
ﺯﯨﻴﻨﻪﺕ : ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﯚﺳﻦ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻡ، ﺑﯧﺰﻩﻙ، ﮬﯚﺳﻦ.
ﺳﺎﺟﯩﺪﻩ : ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﺭﺍ : ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ.
ﺳﺎﻟﯩﻤﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﻕ- ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺩﺍﺩ : ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ.
ﺳﻪﺋﺪﻩ : ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﺳﻪﺋﯩﺪﻩ : ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ : ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ، ﺋﻪﻳﯩﺒﺴﯩﺰ، ﺳﺎﻕ.
ﺳﺎﻻﻡ : ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻙ، ﺳﺎﻻﻡ، ﺗﯩﻨﭻ- ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻕ،
ﺳﻪﻟﻤﺎ : ﮬﯧﭻ ﺋﻪﻳﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻟﯩﻴﻤﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻪﻳﯩﺒﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﺮﺍ : ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﯩﻴﮭﻪ : ﻣﻪﺭﺩ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻗﻮﻟﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﯩﻴﺮﻩ : ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺳﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﯘﻣﻪﻳﻴﻪ : ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﻪﮬﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ(ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ).
ﺳﻪﻳﻴﯩﺪﻩ : ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺧﯧﻨﯩﻢ، ﺧﺎﻧﺰﺍﺩﻩ.
ﺳﯩﻴﻤﺎ : ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺑﻪﻟﮕﻪ، ﻧﯩﺸﺎﻥ، ﺋﻪﻥ، ﺗﺎﻣﻐﺎ، ﺗﻪﻗﻰ- ﺗﯘﺭﻗﻰ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺷﺎﺩﯨﻴﻪ : ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﺭﯨﻴﻔﻪ : ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﻓﯩﻴﻘﻪ : ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﻣﺲ : ﻗﯘﻳﺎﺵ، ﻛﯜﻥ، ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﻣﻪﺟﺎﺯﻩﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﻪﮬﯩﺪﻩ : ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺷﻪﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﯧﺮﯨﻦ : ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ، ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻚ ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺟﺎﺯﻩﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺳﺎﺩﯨﻘﻪ : ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﻟﯩﮭﻪ : ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺑﯩﻴﮭﻪ : ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺩﯨﻴﻘﻪ : ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻓﯩﻴﻪ : ﺳﺎﭖ،، ﭘﺎﻙ، ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺭﻭﺷﻪﻥ، ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﺖ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺩﻭﺳﺖ.
ﺗﺎﻟﯩﺒﻪ : ﺋﯧﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻮﻗﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺗﺎﮬﯩﺮﻩ : ﭘﺎﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺗﻪﻳﻴﯩﺒﻪ : ﮬﺎﻻﻝ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ، ﺑﻪﻟﻪﻥ.
ﺯﻩﺭﯨﻴﻔﻪ : ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯧﭽﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ : ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﺗﯩﻜﻪ : ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﯞﻩ ﺋﯧﺴﯩﻞ.
ﺋﺎﺭﯨﻔﻪ : ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ : ﺋﯩﮕﯩﺰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ : ﺗﺎﺋﻪﺕ، ﻧﺎﻣﺎﺯ، ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻤﺎﻕ.
ﺋﻪﺯﯨﻴﺰﻩ : ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ، ﺋﯧﺴﯩﻞ. ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.
ﺋﻪﺗﯩﻴﻪ : ﺳﻮﯞﻏﺎ- ﺳﺎﻻﻡ، ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ.
ﺋﻪﻓﯩﻴﻔﻪ : ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻙ.
ﺋﻪﻟﯩﻴﻪ : ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ، ﺋﯩﮕﯩﺰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ.
ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ : ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻙ، ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻕ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻣﺎﻕ.
ﻓﺎﺋﯩﺰﻩ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻓﺎﺋﯩﻘﻪ : ﮬﯚﺳﻦ- ﺟﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ : ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ) ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻓﯩﺮﺩﻩﯞﺱ : ﺑﺎﻍ، ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ، ﮔﯜﻟﺒﺎﻍ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ.
ﻓﻪﺭﯨﻴﺪﻩ : ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ، ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯚﮬﻪﺭ.
ﻗﻪﻣﻪﺭ : ﺋﺎﻱ.
ﻛﯘﻟﺴﯘﻡ : ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﯕﺰﻯ ﯞﻩ ﻳﯜﺯﻯ ﮔﯚﺷﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻛﻪﯞﺳﻪﺭ : ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯘ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ.
ﻻﻣﯩﺌﻪ : ﻧﯘ ﭼﺎﭼﻘﯘﭼﻰ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ.
ﻟﻪﺗﯩﻴﻔﻪ : ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﻟﻪﻳﻼ : ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯧﭽﻪ، ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﻰ.
ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ : ﺋﺎﻗﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ : ﺳﯘﺭﯨﻴﺎﻧﯩﻴﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻣﻪﻟﯩﻴﻜﻪ : ﻣﯜﻟﯜﻛﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻣﯘﻧﯩﻴﺮﻩ : ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﯘﺭﯗﻕ، ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﻧﯘﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﻧﺎﺋﯩﻠﻪ : ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ، ﺳﻮﯞﻏﺎ- ﺳﺎﻻﻡ.
ﻧﺎﺟﯩﻴﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﯧﺰ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﮔﻪ.
ﻧﺎﺩﯨﺮﻩ : ﮬﯩﻜﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯ، ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ، ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻧﺎﺩﯨﻴﻪ : ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﻳﯩﻐﯩﻦ، ﻛﯘﻟﯘﺏ.
ﻧﺎﺭﯨﻤﺎﻥ : ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﻧﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻧﻪﺟﺎﺕ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕ، ﺧﺎﻻﺱ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ.
ﻧﻪﺟﯩﻴﺒﻪ : ﺗﯧﮕﻰ- ﺗﻪﻛﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺯﯦﺮﻩﻙ، ﻧﻪﭘﯩﺲ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ.
ﻧﻪﺟﯩﻴﻪ : ﺳﯩﺮ، ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﺖ.
ﻧﻪﺭﮔﯩﺲ : ﺗﻪﯕﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯜﻟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻧﻪﺯﯨﻴﮭﻪ : ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ.
ﻧﻪﺳﺮﯨﻦ : ﺋﻪﺗﯩﺮﺩﻩﻙ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻕ ﮔﯜﻝ.
ﻧﻪﺳﯩﻴﻤﻪ : ﻣﻪﻳﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻝ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ.
ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ، ﺯﻩﭘﻪﺭ، ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ.
ﻧﻪﺯﯨﻴﺮﻩ : ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﯘﭼﻰ.
ﻧﻪﺋﯩﻴﻤﻪ : ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ.
ﻧﯘﺭ ﺟﺎﮬﺎﻥ : ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ.
ﮬﺎﺟﻪﺭ : ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﮬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﮬﺎﺩﯨﻴﻪ : ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻳﺎﺳﻪﻣﯩﻦ : ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ:
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ
~~~~~~~~~~~

باھا سۆز

ياخشى: 0.0
ناھايتى ياخشى، ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجر ئاتا قىلسۇن!!!  ۋاقتى: 2012-4-29 20:56
سەيياھ
ياخشى: 0   ۋاقتى: 2011-3-1 18:24
سىز گە كۆپ رەھمەت!  ۋاقتى: 2011-3-1 18:24
ياخشى: 0
  ۋاقتى: 2011-2-22 19:25
ئىنتىلكا ،رەخمەت سىزگە .نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم  ۋاقتى: 2011-2-22 17:17

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 21:55 , Processed in 0.307711 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat