ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1354|ئىنكاس: 3

[ئۇقتۇرۇش] UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip دىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ پائالىيەت تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى:

1. خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە http://unicode.org بەلگىلىگەن كود جەدۋىلىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەر بولماسلىق (UKIJ Tughra ۋە UKIJ Orxun بىلەن باشلانغان فونتلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛
2. 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى نامى، شەكلى ۋە غولىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مەسىلە بايقالغان ھەرپ-بەلگىلەرنىلا تۈزىتىش؛
3. خەت نۇسخىلىرى ياسىغۇچىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىش، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قىسمىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇرۇنقى پېتىچە ساقلاپ قېلىش؛
4. كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى («ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا، ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق (ماۋۇ يەردىكى ئۇقتۇرۇشقا قاراڭ)؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى بىلەن 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا (تەپسىلاتى ئۈچۈن بۇ يەرگە قاراڭ) خەت نۇسخىلىرىدا «ھ» نىڭ 2 خىل شەكلىنىلا ئىشلىش؛
5. خەت نۇسخىلىرىنى تۈرگە بۆلۈش، خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ سانىنى تەۋە بولغان تۈر ۋە ئىشلىتىلىش ئىھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛
6. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە بايقالسا مۇدىرىيەتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش.

بۇندىن كېيىنكى خەت نۇسخىلىرىغا ئائىت ئىشلار مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

1. تۈزىتىلگەن خەت نۇسخىلىرى 2011-يىل 21-مايغىچە http://www.ukij.org/fonts دا سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى. مەسىلە بايقالسا تۈزىتىلىدۇ. 2011-يىل 22-مايدىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلىپ 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
2. UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئۈچۈن مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان بولغاچقا، ھەر قانداق كىشى http://code.google.com/p/ukijorgfonts دىكى تۈرگە قاتنىشىپ سەرخىللاشتۇرۇش ئېلىپ بارسا، يېڭى خەت نۇسخىلىرىنى قوشسا بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە http://www.ukij.org/fonts دە تارقىتىلىدۇ.
3. UKIJ خەت نۇسخىلىرى بۇندىن كېيىن خەلقئارالىق LGPL ئىجازەتنامىسى (http://www.gnu.org/licenses/lgpl.html) بىلەن تارقىتىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ھەر قانداق كىشى بۇ خەت نۇسخىسىلىرى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋەياكى ھەقسىز مەھسۇلاتلىرغا قوشۇپ تارقاتسا بولىىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4. تور بېكەت مەزمۇنلىرىنىڭ ئىشەنچلىك، ئۆلچەملىك ۋە كۆپرەك ئومۇمىيلاشقان دەپ قارالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ خالىغان بىرى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى» تەۋسىيە قىلىنىپ ئۇنىڭغا دەسلەپكى قەدەمدەUKIJ Tuz Tom ، ALKATIP Tor (ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ)، UKK TZA1 (ش ئۇ ئا ر تىلكومنىڭ)، Microsoft Uighur دىن ئىبارەت تۆت خەت نۇسخا نامى قوشۇلدى. تور بېكەت قۇرغۇچىلار يۇقىرىدىكى خەت نۇسخا ناملىرىنى ئۆزلىرى خالىغان تەرتىپتە توربەتلەرنىڭCSS  ياكى HTML كودىدىكى ئىشلىتىدىغان «font-family»  نىڭ قىممىتى قىلىپ بەلگىلەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن CSS ھۆججەت ئىىچىدە:
  1. body
  2. {
  3. font-family: 'UKIJ Tuz Tom', 'ALKATIP Tor', 'UKK TZA1', 'Microsoft Uighur';
  4. direction:rtl;
  5. font-size:12pt;
  6. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىش كۆرۈپ ھەممىمىزگە تەڭ تەۋە بولغان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشقا ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆلچەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ تارقىتىشتىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئالىيجاناپ كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2011-يىل 21-فېۋرال
http://www.ukij.org

(بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)
مەنبە http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=866
ۋاقتى: 2011-2-21 23:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىياس يۇمشاق دېتال باغچىسىدا رەسىملىك تەشۋېقات ئېلانى قويۇلدى http://kiyas.biz/soft/
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-28 00:57:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نۇسخىدىكى كىچىككىنە مەسىلە  دەپ بىر توردىشىمىز QQ دا يوللاپتۇ:
1.jpg
2.jpg
ئۇنىڭ ئەڭ خوش بولغىنى، بۇ خەت نۇسخخلىرىنى قاچىلىغاندىن كېيىن  QQ دىكى ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يازسا بەك چىرايلىق چىققانلىقى بوپتۇ.
ۋاقتى: 2011-3-2 00:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدىكى تەكلىپنى ئويلىشىش كېرەككەن، مەسىلەن ـنـ بىلەن ـتـ نىڭ چېكىتى بىر تۈز سىزىقتا بولسا تېخىمۇ ئۆلچەملىك بولىدۇ. ئەمما، قـ ۋە ـقـ لاردىكى چېكىتلەر ئاشۇ ھەرپنىڭ ئاساسىي غۇلى بولغان ئەگمە شەكلىنىڭ ئىگىز پەشلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلارنى تەڭ قىلىپ قويغاندا يەنە بىر قىسىم كۆرۈنۈشتىكى كەمتۈكلۈك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇنداق دېگىنىم، يەنى قـ ھەرىپىنىڭ بۇ شەكلىدە ئۇنىڭ ئەگمىسى بىر ئاز ئېگىز، ئۈستىدىكى 2 دانە چېكىت ئارىلىقى مۇۋاپىق، ـقـ شەكلىنىڭ ئەگمىسى بىر ئاز تۆۋەن، ئاندىن چېكىتىمۇ (قـ) بۇ شەكىلدىن سەل پاكار، بۇنىڭدا ئالدىنقىسىدىكى غول بىلەن چېكىت ئارىلىقى ئېلىنىپ، كېيىنكىسى (ـقـ) دىكى غول بىلەن چېكىتنىڭ ئارىلىقى بەلگىلەنگەن. ئەگەر، كېيىنكىسىنىڭ (ـقـ) چېكىتىنى ئالدىنقىسىنىڭ (قـ) چېكىتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغاندا، مەن ئېيتقاندەك كۆرۈنۈشتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە غول بىلەن چېكىت ئارىلىقىدىكى بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا قـ ، تـ ، نـ ، لارنىڭ چېكىتلىرىنى بىر تۈز سىزىق بويىچە، ـقـ ، ـتـ ، ـنـ لارنىڭ چېكىتلىرىنى بىر تۈز سىزىق بويىچە ئېلىش توغرىكەن. ئاندىن مۇشۇ قائىدە بويىچە پـ ، يـ ، بـ ؛ ـپـ ، ـيـ ، ـبـ ؛ ـۇ، ـۈ، ـۆ، ـۋ؛ ئـ ، ـئـ ؛ شـ ـشـ ـش ش، ژ ، ـژ، ز، ـز؛ قـ ـقـ ـق ق، فـ ـفـ ـف ف دېگەندەك چېكىت ياكى باشقا بەلگىلەر بىلەن كېلىدىغان ھەرپلەرنى تەڭشەپ چېقىش كېرەكتەك قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى چوقۇم مۇشۇ ئۆلچەمگە چۈشۈرۈش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا باسما خەت نۇسخىلىرى ۋە ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىدا چېكىتلەرنىڭ قويۇلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئاشۇ خەت نۇسخىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە ئاساسەن چېكىتلەرنى تەڭشەش كېرەككەن، بولۇپمۇ بىر قانچە خىل كۆپ ئىشلىتىدىغان باسما خەت نۇسخىلىرىنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ چىقىپ، مۇھىمدىن باشلاپ تۈزىتىلسە، خەت نۇسخىلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رەسمىي تارقىتىلغىچە تۈزىتىلىپ بولىنىدۇ، يەنە كېلىپ بۇنىڭدىنمۇ باشقا تەكلىپ-پىكىرلەرنى كۆزدە تۇتقاندا ئەلۋەتتە.
ئالپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 13:16 , Processed in 0.282162 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat