ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1268|ئىنكاس: 8

دالې كارنىگ نىڭ ئوقۇشقا تېگىشلىك بىرقانچە مەشھۇر كىتابى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقلار، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار
“مۇۋەپپەقىيەت ۋە پاراسەت” كە دائىر كىتابچىلار
بۇ كىتابتا ھېچقانداق يېڭى ئەقىل يوق، لېكىن ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان بەزى ئۇسۇللارنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، كىشىلەردە كەم بولۇۋاتقىنى قانداقتۇر بىر يېڭى قاراش ئەمەس، ھەر بىر كىشى ئۆزىنى خۇشال – خۇرام كىشىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشقا يېتەكلىيەلەيدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر ئادەم بولۇشنىڭ نۇرغۇن داۋلىلىرىنى پىششىق بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ھەرگىز <<نادانلىق>> تىن ئەمەس، بەلكى <<بىپەرۋالىق>> تىن كېلىپ چىققان.
بۇ كىتابنىڭ مەقسىتى قەدىمكى تۈپ ھەقىقەتلەرنى يېڭىۋاشتىن شەرھلەش، جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنى ھەرىكەت قوللىنىشقا، ئەمەلىيىتىدە ئۇلارنى سىناپ بېقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
2.ئىجابى ھايات
مۇندەرىجە
بىرىنچى قسىم كارنېگ ۋە ئۇنىڭ دەرىسى
ئىكىنچى قسىم ئۆز ئۆزىگە ئشىنىپ نۇتۇق سۆزلەش ئۇسۇلىنى يېتىلدۇرۈش
ئۈچىنچى قسىم ياخشى كشلىك مۇناسىۋەت قانداق يېتىلدۈرۈلىدۇ
تۆتىنچى قسىم تەرەققىي قىلدۈرۈشنڭ يېڭى مەنزىلى
3.ئىنسان تەبىئىتىدىكى يورۇقلۇق
مۇندەرىجە
بىرىنچى باپ مۇۋەپپەقيەت قازىنشىنىڭ ئالدىنقى شەرىتىنى ھازىلاش
ئىككىنچى باپ قايتا مەغلۇپ بولماسلىق
ئۈچىنچى باپ قانداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟
تۆتىنچى باپ ھاياتلىقتا خۇشاللىق كۆپ
بەشىنچى باپ قورقۇنچاقلىقنى تۈگىىتش
ئالتىنچى باپ قىيىن شارائىتتىن بۆسۈپ ئۆتۈش
يەتتىنچى باپ ئۆزىڭزگە بېسىم سېلىۋالماڭ
سەككىزىنچى باپ ئىجابى پىكىر ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىدۇ
توققۇزىنچى باپ قانداق قىلغاندا كۆڭۈللۈك نىكاھتىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ ؟
ئونىنچى باپ سىز ئاجىزلاردىن كۈچلۈكلەرگە ئايلىنالايسز
4.ئۇلۇغ ئەربابلار
مۇندەرىجە
بىرىنچى قسىم سەنەئت مۇنبىرىدىكى ئۆلمەس ئەزىمەتلەر
ئىككىنچى قسىم ئېكىسپىدتسچلىكتىكى ئالىي نوپۇزلۇقلار
ئۈچىنچى قسىم ئەدەبيات مۇنبىرىدىكى ئاجايىپ گىگانىتلار
تۆتىنچى قسىم ئىلىم -پەن ساھەسدىكى مەشھۇر غەلىتە ئەزىمەتلەر
بەشىنچى قسسىم تەسرى كۈچلۈك ئاجايىپ داڭلىق ئەربابلار
ئالتىنچى قىسىم ئاياللار دۇنياسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 07 June 2010
ئاپتۇر: Karahan
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-8 20:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Dale Breckenridge Carnegie  戴尔卡耐基
Dale Breckenridge Carnegie (originally Carnagey until 1922 and possibly somewhat later) (November 24, 1888 – November 1, 1955) was an American writer and lecturer and the developer of famous courses in self-improvement, salesmanship, corporate training, public speaking and interpersonal skills. Born in poverty on a farm in Missouri, he was the author of How to Win Friends and Influence People, first published in 1936, a massive bestseller that remains popular today. He also wrote a biography of Abraham Lincoln, titled Lincoln the Unknown, and several other books.
One of the core ideas in his books is that it is possible to change other people's behavior by changing one's eaction to them.

ۋاقتى: 2010-8-8 22:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دالې كارنىگنىڭ كىتابلىرىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى ، مەندە بۇ كىشىنىڭ (ئىنسان تەبىئىتىنىڭ شانلىق نۇرى) دىگەن ئۇيغۇرچە كىتابى بار،  بىر ئاينىڭ ئالدىدا شىنخۇا كىتابخانىسىغا بارسام بۇ كىشىنىڭ ھەممە كىتابلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تولۇق بار ئىكەن، دوسلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،
ۋاقتى: 2010-8-8 22:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ بىر نەچچە كىتابى بار، بۇرۇن «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەر» دەپ بىرلا توم كىتابى بولىدىغان، ھازىر بۇ كىتابنىمۇ «...ئارتۇقچىلىقلار» ۋە «...يېتەرسىزلىكلەر» دەپ نەچچە كىچىك كىتابچىغا بۆلۈۋېتىپتۇ. ئەمما بۇ كىتابنىڭ ماڭا پايدىسى زور بولدى جۇمۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-9 01:36:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھارغىنلىق ھېس قىلىشىڭىزنىڭ سەۋەبى

كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان شۇنداق بىر پاكىت باركى , ئەقىل ئىشلىتىدىغان خىزمەتتە كىشى ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ 。 بۇ گەپ ئاڭلىماققا كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ , لېكىن , بىر نەچچە يىل ئىلگىرى , ئالىملار ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى ”خىزمەت ئۈنىمى تۆۋەنلىتىلمىگەن “ ئەھۋالدا زادى قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى تېپىپ چىقماقچى بولغان 。 كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى , بۇ ئالىملار قان  ھەركەتتىكى مېڭىدىن ئۆتكەندە قىلچىمۇ چارچاش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان ! ئەگەر سىز ئەمگەك قىلىۋاتقان ئىشچىنىڭ قان تۇمۇرىدىن قان ئالسىڭىز , ئۇنىڭدا ”ھارغىنلىق زەھىرى “ تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز , مانا بۇ چارچاش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ,لېكىن , ناۋادا سىز ئالبېرت ئېينىشتېيىننىڭ بەدىنىدىن ئەمدىلا مىڭە قىسمىدىن ئۆتكەن بىر تامچە قاننى ئېلىپ كۆرسىڭىز , ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ”ھارغىنلىق زەھىرى “ تېپىلمايدۇ 。
    تا مۇشۇ كەمگىچە , بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز شۇكى , مېڭە سەككىز سائەت ياكى 12 سائەت ئىشلىگەندىن كېيىنمۇ , ئەھۋال ئوخشاشلا ياخشى تۇرىۋىرىدۇ, مېڭە پەقەت ھارمايدۇ, 。。。 ئۇنداقتا , سىزنى ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرغان زادى نىمە?
    روھى كېسەللىكلەر ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ، زور كۆپ ساندىكى چارچاش ھادىسىسى روھى ئامىل ياكى كەيپىياتتىن كېلىدىكەن ، ئەنگىليىلىك مەشھۇر روھى كېسەللىكلەر ئالىمى خاد فېلد «ھۇقۇق پىسخولوگىيسى» دىگەن كىتابىدا «كۆپ قىسىم چارچاش ھادىسىسى روھى ئامىلدىن كېلىدۇ ، ھەقىقى تۈردە فىزىئولوگىيلىك خوراشتىن كېلىپ چىقىدىغان چارچاش ناھايىتى ئاز بولىدۇ » دەپ يازغان .
       ئامىركىلىق مەشھۇر روھى كېسەللىكلەر ئالىمى A.A بىرىلىل تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ : « سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ، ئەمما دائىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ چارچىشى يۈزدە 100 پىرسەنىت پىسخىك ئامىلدىن بولىدۇ ياكى بىز دەيدىغان كەيپىيات ئامىللىرىدىن بولىدۇ .»
    ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ كەيپىيات ئامىلى نىمە ؟ خۇشللىق ؟ قانائەت ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس ! بەلكى بىزارلىق ، نارازىلىق ، ئۆزىنى قارشى ئېلىنمايدىغان ھېس قىلىش ، ئۆزىگە ئۆزى كېرەكسىز تۇيۇلۇش ، ئالدىراقسانلىق ، قايغۇرۇش ، تىت-تىت بولۇش ، ۋاھاكازالار . مانا مۇشۇ كەيپىيات ئامىللىرى ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ زىېھنىنى خورىتىپ ، ئۇلارنى ئاسان زۇكامدايدىغان ، زىېھىنى ئاجىزلايدىغان ، ھەركۈنى بېشى ئاغرىغان ھالدا ئۆيىگە قايتىدىغان قىلىپ قويىدۇ ، توغرا ، بىزنىڭ كەيپىياتىمىز ۋۇجۇدىمىز ئىچىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىپ ، بىزنى ھارغىنلىق ھېس قىلغۇزىدۇ .
     «پايتەخىت جىسمانىي سۇغۇرتا شىركىتى » ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋەرىقىدە مۇنداق كۆرسەتكەن : « تىرىشىپ ؛ئىشلەش كۆپ ھاللاردا چارچاشنى ، بولۇپمۇ ئارام ئالغاندىن كېيىن ياكى ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ چىقمايدىغان ھاردۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ ، ،،، غەم - ئەندىشە ، جىددىيلىك ، كۆڭۈل پەرىشانلىقلار چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئۈچ چوڭ ئامىل ، ھالبۇكى ، بىز ھەمىشە ھارغىنلىقنى بەدىنىمىز ياكى روھىمىزنىڭ ئارتۇقچە كۈچىگەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، دەپ قارايمىز ، ، ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى ، بۇلجۇڭ گۆشلەرنىڭ چىڭ تۈرۈلگىنىنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقىنى بولىدۇ ، شۇڭا ، ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ ، زېھنىڭىزنى تىجەپ قېلىپ ، تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى قلىڭ ، » ئەمدى ، سىز ۋاقتىنچە توختاپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ ، سىز مۇشۇ جۈملىنى ئۇقۇۋاتقىنىڭىزدا ، كىتاپقا قاراپ قۇشۇمىڭىزنى تۈردىڭىزمۇ ، قانداق ؟ ئىككى كۆزىڭىز ئارلىقىدىكى بۇلجۇڭ گۆشلەرنىڭ چىڭ تارتىشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتامسىز ، قانداق ؟ ئۇرۇندۇقتا ئازادە ئولتۇرۇپسىزمۇ ، قانداق ؟ ياكى ئىككى مۈرىڭىزنى چىڭ قىسۋاپسىزمۇ ؟ يۈزىڭىزنىڭ بۇلجۇڭ گۆشلىرى چىڭ تارتىشىۋاتامدۇ يوق ؟ ئەگەر سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىز كونا قورچاقتەك لاپسايمىغان بولسا ، سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە روھى جىددىيلىك ، بۇلجۇڭ گۆشلەردىكى جىددىيلىك ۋە روھى ھارغىنلىق پەيدا قىلىۋاتقان بولىسىز !  
    سىز ئەقلى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا ، نىمىشقا مۇشۇنچىۋىلا كۆپ زۈرۈ بولمىغان جىددىيلىكنى پەيدا قىلىسىز ؟ دانېل جۇسېيلىن مۇنداق دەيدۇ : « مەن كېسەلنىڭ نەدىلىكىنى تاپتىم ....پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش ـ بولماسلىق ـ سىزدە بىرخىل تىرىشچانلىق ، ئىشچانلىق تۇيغۇسىنىڭ بولۇش ـ بولماسلىقىدا ، بولمىسا ، ياخشى ئىشلىگەن ھېسابلانمايسىز ، دىگەنگە ئىشىنىدىكەن .» شۇڭلاشقا ، بىز زېھنىمىزنى يىغقىنىمىزدا ، ھامان قۇشۇمىمىزنى تۈرۈپ ، مۈرىمىزنى چىڭ قىسىپ ، بۇلجۇڭ گۆشلىرىمىزنى كىرىشىۋاتقان ھالەتكە كەلتۈرىمىز ، ئەمىليەتتە ئۇنداق قىلغىنىمىزنىڭ چوڭ مىڭىنىڭ خىزمىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق .
     كىشىنى چۈچىتىدىغان ئېچىنىشلىق پاكىتى شۇكى ، پۇلنى ئىسراپ قىلىشنى راۋا كۆرمەيدىغان مىليونلىغان كىشىلەر بىكاردىن بىكار ئۆزىنىڭ زېھنىنى زايە قىلىۋىتىدۇ .
     ئۇنداقتا ، روھى ھارغىنلىقنى چىقىرىشنىڭ چارىسى نىمە ؟ بوش قۇيىۋىتىش ! بوش قۇيىۋىتىش ! بوش قۇيىۋىتىش ! بوش قۇيىۋىتىش !  خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بوش قۇيىۋىتىشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كېرەك .
     بۇنداق قىلىش ئاسانمۇ ؟ ئاسان ئەمەس ، سىزگە ئىھتىمال ئۆمۈر بويى ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ھازىرقى ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلەر ، شۇغىنىسى ، بۇنداق تىرىشچانلىق يەنىلا ئەرزىيدۇ ، چۈنكى سىزنىڭ ھاياتىڭىز مۇشۇ سەۋەپتىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن ، ۋىليام جېرمىس « كۆڭۈل ئېچىشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار » دىگەن ماقالىسدە مۇنداق دەيدۇ : « ئامىركىچە تۇرمۇشتىكى ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىك ، تىز ھەركەت قىلىش ، تىز قەدەم ئېلىش ، زورۇقۇپ ۋە چىكىدىن ئاشۇرۇپ ئىپادىلەش ئۇسۇلى .... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بولسۇن يامان ئادەتلەردۇر.» جىددىيلىشىشمۇ  بىر خىل ئادەت ، بوش قويىۋىتىشمۇ بىر خىل ئادەت ، ئەسكى ئادەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، ياخشى ئادەتنى تىكلىگىلى بولىدۇ .
      سىز ئۆزىڭىزنى قانداق بوش قويىۋىتىسىز ؟ چوڭ مېڭىڭىزدىن باشلامسىز ياكى نىرۋىڭىزدىن باشلامسىز ؟ ياق ، سىز بۇلجۇڭ گۆشتىن باشلىشىڭىز كېرەك .
     بىز كونكىرىتراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ، كۆزىمىزدىن باشلىدۇق ، دەپ پەرەز قىلايلى ، ئالدى بىلەن مۇنۇ بىر ئابزاس سۆزنى ئۇقۇپ بولۇڭ . ئاندىن كەينىڭىزگە يۆلىنىپ ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ، تىنىچ ھالدا ئۆزىڭىزگە مۇنداق دەڭ : « بوشاش ، بوشاش .، .. » سىز توختىماي ، ئاستا-ئاستا بىر قانچىنى تەكرارلاڭ ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن ئەركىن قويىۋىتىپ كۆپلەپ مەشىق قىلسىڭىز ، سىز چۇقۇم كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتەلەيسىز . ،،،،،،،،،،
      تۆت تەكلىپىم با ر ، ئۇ ئۆزىڭىزنى قانداق بوش قۇيىۋىتىشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ .
1. ھەمىشە ئۆزىڭىزنى بوش تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ ، بەدىنىڭىزنى خۇددى كونا پايپاقتەك بوش تۇتۇڭ .
2. ئىمكانقەدەر راھەت مۇھىتتا ئىشلەڭ ، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، بەدەننىڭ جىددىيلىشىىشى مۈرە ئاغرىش ۋە روھى ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3. ھەر كۈنى تۆت -بەش قېتىم ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ ، ئۆزىڭىزدىن « مەن ئىشتا ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەردىممۇ . يوق ؟ بۇلجۇڭ گۆشلىرىمنى زۈرۈر بولمىغان زورۇقۇشقا قىستىدىممۇ ، يوق ؟ » دەپ سوراڭ . بۇ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى بوش قۇيىۋىتىش ئادىتىنى يىتىلدۈرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ .
4. ھەر كۈنى ئاخشىمى يەنە بىر قېتىم ئۇمۇمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىڭ ، « مەن قانچىلىك ھارغىنلىق ھېس قىلىدىم ؟ ئەگەر مەن ھارغىنلىق ھېس قىلغان بولسام ، ئۇ ئەقلى سەرپىياتنىڭ سەۋەبى ئەمەس ، بەلكى خىزمەت ئۇسۇلۇم توغرا بولمىغانلىقىدىن » دەپ ئويلاپ بېقىڭ . دانېل جۇسىلىن :« مەن خىزمەتنىڭ ئۈنىمىنى ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ھارمىغانلىقىم بىلەن ئۆلچەيمەن ، ،، كەچ كىرگەن ھامان ئالاھىدە ھارغىنلىق ھېس قىلسام ياكى ئاسان تېرىكىدىغان بولۇپ قالسام ، شۇ كۈنكى خىزمىتىمنىڭ سۈپىتى ۋە سانى ياخشى بولمىغانلىقىنى سېزىمەن » دىگەن . ئەگەر پۈتۈن پۈتۈن ئامىركىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ داۋلىنى چۈشەنسە ، ئۇنداقتا « ھەددىدىن زىيادە جىددىيلەشكەنلىك » تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇرى قان بېسىمى كېسىلى بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى بىر كىچىدىلا تۆۋەنلەپ كېتەتتى ، بىزنىڭ روھى كېسەللەر دوختۇرخانىلىرىمىز ۋە ساناتورىيىلىرىمىزمۇ كىشىلەر بىلەن لىق تۇلۇپ كەتمەيتتى .
مەنبە ؛ دالې كارنىگ « جاھاندارچىلىق سەنئىتى » ناملىق كىتاب
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-9 01:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىشنىڭ ئېپى

كارنىگ باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىشنىڭ ئالتە خىل ئۇسۇلى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ ؛ سەمىمىيلىك بىلەن كىشىلەرگە قىزىقىش ، كۈلۈمسىرەش ، كىشىلەرنىڭ ئىسىم ـ فامىلىسىنى تىلدىكى ئەڭ يېقىملىق ئىبارە دەپ بىلىپ ، ئۇنى ئەستە ساقلاش ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشقا ماھىر بولۇش ، باشقىلارنى ئۆزى توغرۇلۇق سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ، باشقىلارنىڭ دىتىغا ياقىدىغان تىمىدا سۆزلەش ، باشقىلارغا ئۇنىڭ مۇھىم ئەرباب ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش .
مەنبە : دالې كارنېگ (ئامىركا)  ـ «جاھاندارچىلىق سەنئىتى» ناملىق كىتاپتىن
ۋاقتى: 2010-8-9 11:50:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» مەنىسى چوڭقۇر گەپ.
ۋاقتى: 2010-8-9 12:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» مەن بۇ كىتاپىنى ئوقىغان
ۋاقتى: 2010-8-9 20:04:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار» نى ئوقۇغان. بولىدىغان كىتاب بۇ!
يەنە بىرگە ناپالىئون خىئولنىڭ «مۇۋاپىقيەت دەستۇرى» دېگەن كىتابلىرىمۇ بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 22:10 , Processed in 0.121615 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat