ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 1

ئۇنتۇپ قالماڭ ، كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2010– يىل6– ئاينىڭ11– كۈنى11:42شىنجاڭ گېزىتى

ماھىنۇر تۇردى
  كىشىلىك تۇرمۇشتا دائىم باشقىلارنى خۇش قىلىپ ھەم باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇپ تۇرىمىز. ياردەمگە ئېرىشكەنىكەنمىز، بۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشىمىز تەبىئىي. بىراق، بىر قىسىم كىشىلەر بىراۋغا ياردەم قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، باشقىلارنىڭ خالىس ياردىمىدىنمۇ ئارتۇقچە گۇمانلىنىدۇ.
  يېقىندا، بىر دوستۇمنىڭ پىكاپىغا ئولتۇرۇپ، يىراق بىر جايغا بارماقچى بولدۇم. شۇ كۈنى سىم – سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، پىكاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا غۇيۇلداپ كېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بېرىلگەن تورمۇزدا سىلكىنىپ، پىكاپنىڭ ئەينىكىگە ئۈسسۈۋالغىلى تاسلا قالدىم. ئاچچىقىمدا دوستۇمغا:
  — نېمە بولدى؟ نېمىگە بۇنچە جىددىي تورمۇز قىلىسەن؟– دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم.
  — ئاداش، ئاۋۇ بالا كۆتۈرۈۋالغان ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ بۇ يامغۇردا بالىسىغا سوغۇق تېگىپ قالمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تاكسى توسماق تەس، ئۇ ئايالنى بارار جايىغا ئاپىرىپ قوياي دەيمەن، –دېدى.
  — ھە، مۇنداق دېگىن، ئەگەر ئۇ ئايال ياخشى كۆڭلىمىزنى چۈشەنمەي قالسىچۇ؟ –دېدىم كۆڭلۈم بىر نېمىنى تۇيغاندەك.
  دوستۇم كۈلۈپ قويۇپ، پىكاپىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ ئايالنىڭ يېنىدا توختاتتى.
  — ماشىنىغا چىقىۋالامسىز، بالىڭىز بىلەن يولدا قاپسىز، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي،– دېدى دوستۇم ئۇ ئايالغا قىزغىنلىق بىلەن.
  قارا تاكسى ئوخشىمامدۇ؟X يەرگە نەچچە پۇلغا ئاپىرىسىز؟ –سورىدى ئايال باشقىچە تەلەپپۇزدا.
  بۇ قارا تاكسى ئەمەس، سىزدىن پۇل ئالمايمەن، بالىڭىز بىلەن يولدا قاپسىز، ئۆتەر يولدا ئالغاچ كېتەي دېدىم، –دېدى دوستۇم ئۇ ئايالنى پىكاپقا چىقىشقا ئىشارە قىلىپ.
  — ئېلىۋالغۇچە شۇنداق دېگەن بىلەن، چۈشىدىغان چاغدا ئىش ئۇنداق بولماس بەلكىم،– دېدى ھېلىقى ئايال دىمىقىنى قېقىپ تۇرۇپ.
  ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئاران تەخىر قىلىپ تۇرغاچقىمۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى باسالماي دوستۇمغا:
  — خوپ بولدىمۇ، ياخشى نىيىتىڭنى باشقىلار چۈشەنمىگەندىكىن يولىمىزغا مېڭىۋەرمەيلىمۇ؟ ھازىر ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلاي دەپمۇ يامان بولۇپ قالىدىغان گەپكەن، بوپتۇ، چىقمىسا، چىقمىسۇن، –دېدىم ئۇ ئايالغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ.
  ئەمما، دوستۇم چاندۇرماي مېنى ئارتۇقچە كايىماسلىققا ئۈندىدى ۋە ئۇ ئايالنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دوستۇمنىڭ ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق خاراكتېرىگە ئىچ – ئىچىمدىن قايىل بولدۇم.
  كىشىلىك تۇرمۇشتا، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەملەر كۆپ. شۇغىنىسى، ‹‹ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ›› دېگەندەك ئۆزلىرى موھتاجلىقتا تۇرۇپمۇ جېنىنى قىيناپ، ياردەمنى قوبۇل قىلماي ساختا قىياپەتكە كىرىۋالىدىغانلارمۇ بار، شۇ قاتاردا باشقىلارنىڭ نىيىتىنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، قارشى تەرەپنى رەنجىتىپ قويىدىغانلارمۇ ھەم بار. ئىشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمنىڭ قانداق ئەھۋالدا، باشقىلارغا قانداقياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزى ئاقىلانىلىكتۇر. دۇنيا ئەسلىدىنلا مېھىر – مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. شۇڭا، تۇرمۇشتا بىر – بىرىمىزنىڭ ئېغىرچىلىقىنى تەڭ كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈپ، بىر – بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۆتۈشسەك، بۇ ھايات ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولاتتى. بىراق، بەزىلەر يا ئۆزىنى خۇش قىلالماي، يا باشقىلارنى خۇش قىلالماي، تۇرمۇشتىن، خىزمەتتىن، ئۆز يېنىدىكى كىشىلەردىن نارازى بولۇپ، قاقشاپلا يۈرۈيدۇ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي، خالىس ياردەمدىنمۇ ئورۇنسىز گۇمانلىنىدۇ.  
  دوستۇم، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادا باشىقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئالىيجاناب، ئېسىل مىجەزلىك كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشىنىشىمىز، ئۆزىمىزمۇ باشقىلارنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشكەن چېغىمىزدا چوقۇم مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ بىر ئەقەللىي قائىدە. بىزدە شۇنچىلىك ئاددىي مىننەتدارلىق تۇيغۇسىمۇ بولمىسا، بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالمامدۇ؟
ۋاقتى: 2010-8-9 11:52:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« كىمىكى كىشىگە سالسا رىيازەت، ئاخىرى تارتقۇسى قايغۇ  نادامەت»
« بۇئالەم ئۆتنە ئالەم»
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 21:44 , Processed in 0.119988 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat