ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 13507|ئىنكاس: 20

مۇختار روزى Photoshup CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭقى بار پىروگراممىر، خالىس ساخاۋەتچى مۇختار روزى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى،  سۈپەتلىك، ھەقسىز دەرسلىكلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ . بىلىم ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ياشلارنى پىروگرامما ۋە تور پىروگراممىسى تۈزۈش ھەققىدە مەخسۇس تەربىيلەۋاتىدۇ .
بىز مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ روھلان تور بېكىتىنىقوللىشى بىلەن روھلان تورىداPhotoshup CS5 نى ئىشلىتىپ، ھەرخىل سۈرەت، لايىھەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش دەرسى، VB پىروگرامما بىلىملىرى بۇيىچە ئەمەلىي مەشخۇلات دەرسى، PHP دا تور بېكەت ياساش دەرسى قاتارلىق ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، تەپسىلىي ، ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈلگەن دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقتىش پۇرسىتىگە ئېگە بولدۇق، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ياش پىروگراممېر مۇختار روزى  ئەپەندىگە چوقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز .
بۇ قېتىم تارقىتىلماقچى بولغىنى Adobe Photoshup CS5  دېتالىدا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، Adobe Photoshup CS5 دېتالىدىكى بىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىقتىدارلار تەپسىلىي ئاۋازلىق قىلىپ تۇنۇشتۇرۇلغان ئومۇمىي سىغىمى 1 گىگابايتتىن ئاشىدىغان، جەمئىي 90 قىسىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە سىنلىق دەرسلىك بولۇپ، بىر قانچە پارچىگە بۆلۈپ  يوللىنىدۇ، ھەر قېتىم يوللانغاندا چۈشۈرۈش ئادرىسى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ .
تۆۋەندىكى بىر قىسىم دەرسلىكنى كۆرۈپ بېقىڭ .(ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئويلىشىپ، ۋاقتى ئەڭ قىسقا، سىغىمى ئەڭ كىچىك بولغان بىر دەرسنىڭ كۆرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىدۇق)



سەل ساقلىسىڭىز كۆرەلەيسىز، كۆرەلمىسىڭىز بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئادرىسنى كۆچۈرۈپ شۈنلېيگە چاپلاڭ .
  1. http://www.rohlan.cn/bilim/Muhtar-Rozi-PS-Cs5-www-Rohlan-Biz.swf
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
دەرسلىكنىڭ پىرىستىن يېشىش مەخپى نۇمۇرى: www.rohlan.biz
بۈگۈنكىسى جەمئىي 9 قىسىم دەرسلىك بولۇپ، ئومۇمىي سىغىمى 114 مىگابايت .
1-دەرستىن 9-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى:  http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page

10-دەرستىن 14-دەرسكىچە 5 دەرس يوللاندى، ئومۇمى سىغىمى: 85 مىگابايت
10-دەرستىن 14-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page

بۇ دەرسلىكتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر قانچە كومپيۇتېر، بىلىم تور بېكەتلىرىگە يوللاندى، ئەمما بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىنى داۋاملىق ھالدا بارلىق بېكەتلەرگە يوللاپ بولۇشقا يېتىشىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللىنىۋاتقان 80 قىسىم  دەرسلىكنى ئەسلى مەنبەدىكى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرىۋالغايسىلەر، ئەسلى مەنبەدىكى تېمىغا ھەر كۈنى يوللانغانلىرى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ، پەقەت مۇشۇ بىرلا تېما ئارقىلىق بارلىق دەرسلىكلەرنى چۈشۈرىۋالالغىلى بولىدۇ .
بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html
مەنبە: روھلان تور بېكىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Adil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-20 17:58  

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-2-21 06:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن روھلان ، ئىنتىل غا كىرىشكە ھەقىقەتەن ئامراق جۇمۇ !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-21 11:47:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21-دەرستىن-26-دەرسكىچە بولغانلىرىدا 22-23-24-دەرسلەر يوق، لېكىن خاتىرجەم ئۆگەنسەڭلار بولىۋېرىدۇ، بۇنى مۇختار روزى ئەپەندىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندىلا يوق ئدى، بۇ دەرسلەرنىڭ يوقلۇقى دەرسنىڭ ئۈنۈمىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-21 13:09:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Adobe Photoshop CS5 دەرسىنىڭ 10-دەرستىن 14-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى:  (ئەسلىدىكىسى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن بوشلۇققا قايتا چىقىرىپ تەھرىرلەندى)

http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page
ۋاقتى: 2011-2-21 17:47:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىتەن يىڭى بىلىملەر بار ئىكەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-22 01:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بۇ دەرسلىكنىڭ 55-قىسىمىغىچە يوللىنىپ بولدى، تورداشلار ۋاقتىدا چۈشۈرىۋالغايسىلەر
ۋاقتى: 2011-2-22 03:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەر روزى ئەپەندىنىڭ بىلىم تارقىتىش يولىدا قىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىكەن، ئۇنۇڭ بارلىق ئىشلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاي!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-22 19:23:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بۇ دەرسلىكنىڭ 65-قىسىمىغىچە يوللىنىپ بولدى، تورداشلار ۋاقتىدا چۈشۈرىۋالغايسىلەر
ۋاقتى: 2011-2-22 23:53:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت . چۇشۇرىۋاتىمەن .
سۆرئىتى بەك ئاستا .سىلەرنىڭچۇ ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-24 03:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
85-قىسىمغىچە يوللىنىپ بولدى.
چۈشۈرىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئستا بولۇشى مۇمكىن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-24 22:28:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
95-قىسىمغىچە يوللىنىپ بولدى
شۇنىڭ بىلەن مۇختار روزى ئەپەندى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتقان Adobe Photoshop CS5 نىڭ تولۇق يوللىنىپ بولدى . بۇ دەرسلىكنى شۇنچىلىك جاپا تارتىپ ئىشلەپ، كەڭ ئاممىغا ھەقسىز سۇنغان مۇختار روزى ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز، مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ئېسىل روھى ئۈچۈن مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ تور بېكىتى http://www.xmrit.com نى ھەر قايسى بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگگىرلارنىڭ ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، بۇ http://www.xmrit.com تور بېكەتتە مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ ئەڭ يېڭى دەرسلىك ئۇچۇرلىرى، ئۆزگىچە يازمىلىرى، ئىجادىيەتلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ .
ۋاقتى: 2011-2-24 23:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نېمىشقا 48 سائەت ئىلگىرى يوللانغاننى باھالىيالمايدىغاندىمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-5 01:56:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دەرسلىك تولۇقلىمىسى:
بۇ دەرسلەرنى يوللاش جەريانىدا تورداشلار بۇ دەرسلىكلەردىن 3-14-22-23-24-69-دەرسلەرنىڭ يوقلىقى يادكى پىرىستىن يېشىشتە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 3-22-23-24-دەرسلەرنىڭ تەرتىپ نۇمۇرى قويغاندا ئاتلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بار دەرسلىك ئىكەنلىكىنى، 14-دەرس بىلەن 69-دەرسنىڭ ھەقىقەتەن پىرىستىن يەشكەندە خاتالىق كۆرۈلۈپ يېشىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق، 14-دەرسنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بارلىق قىسىملىرى بىلەن قوشۇپ قايتىدىن بوشلۇققا چىقىرىپ يېڭىلىۋەتكەن، ئەگەر دەرسلىكى ئىچىدە 14 قىسىم يوقلار ئەسلى مەنبەگە كىرىپ 14-دەرس بار بۆلەكنى قايتا چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ . 69-دەرسمۇ پىرىستىن يېشىشتە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكتىن ئايرىم يوللاندى، بۇ بىر قىسىم دەرسلىكنىڭ سىغىمى 98 مىگابايت بولغاچقا يوللاشقا بىر قەدەر ۋاقىت كېتىپ، تورداشلارغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمەي قالدۇق .
69-دەرسنىڭ يېڭى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-18 23:20:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە بۇ دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ بولالمىغان، ياكى كېيىنچە چۈشۈرۈشنى ساقلاپ تۇرغان تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، يېقىندا php تور بەت ياساش دەرسلىكى يوللانماقچى، بوشلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن دەرسلىك بوشلۇقتىن ئۆچۈرلىشى مۇمكىن . شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ۋاقتىدا چۈشۈرىۋېلىڭلار .
ۋاقتى: 2011-4-4 20:01:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Adil يوللانغان ۋاقتى  2011-3-18 23:20
ھازىرغىچە بۇ دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ بولالمىغان، ياكى كېيىن ...

ئۇنچىۋېلامۇ قىپ كەتمەڭلار بوشلۇقنى بىز تەمىنلەيلى ....قىياسنىڭ download بىتىنى ئۇلاپ تارقاتسىمۇ بولىدىغۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 17:31 , Processed in 0.157927 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat