مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى 2010-يىلى6-ئاۋغۇست
ئابلىزجان مۇھەممەد تەشنائى
گېزىت – ژۇرناللاردا ئانچە – مۇنچە ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنسىلا خىزمەتداشلىرىم ئۇنىڭغا ‹‹ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنىپتۇ، قاچان چېيىنى بېرىسىز؟ قەلەم ھەققىگە بىزنى مېھمان قىلىڭ!›› دەيتتى. ھەر قېتىم بۇنداق پاراڭلارنى ئاڭلىسام ‹‹كىم كىمنى مېھمان قىلىدۇ؟›› دېگەننى ئويلاپ قالىمەن. بىر پارچە ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققى زادى قانچىلىك؟ دوست – يارەنلىرىنى مېھمان قىلىشقا يېتەمدۇ؟
مەن يېڭىدىن پىكاپ، ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ دوست – يارەنلىرىنىڭ ‹‹ماشىنىنىڭ چېيىنى بەرمىسەڭ بولمايدۇ›› دەپ تۇرۇۋالىدىغانلىقىنىمۇ پات – پات ئاڭلاپ قالىمەن، ھەتتا بالىسىنى تەستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلارمۇ مۇشۇنداق ‹‹مەجبۇرىيەت››كە دۇچ كېلىدۇ. ھەيرانمەن، ئۆي، پىكاپ سېتىۋالغانلارنى، يېڭىلا خىزمەتكە چىققانلارنى دوست – يارەنلىرى تەبرىكلىسە توغرا بولامدۇ ياكى ئۆي، پىكاپ سېتىۋالغانلار، خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلار تەبرىكلىسە توغرا بولامدۇ؟! ئۇلار قەرزگە پىكاپ، ئۆي سېتىۋېلىپ، يەنە قەرزگە چاي بېرىشكە قىستالسا، ئۇلارنى موھتاجلىق كوچىسىدا مۈكچەيتكەن بولمامدۇق؟ بىزدىكى بۇنداق دېۋەڭلىك قاچانغىچە داۋاملىشار؟ ئەسلىدە بىرەر پارچە ئەسىرى ياكى بىرەر پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان ۋە ياكى يېڭىدىن ئۆي سېتىۋالغان دوستلىرىمىزنى، خىزمەتداشلىرىمىزنى ئاۋۋال بىز تەبرىكلىسەك، قەلىمىگە بەرىكەت، ئائىلىسىگە بەخت، تېنىگە تىمەنلىك تىلىسەك ئەقىلگە مۇۋاپىق بولاتتى. ‹‹ئىلگىرىلەش كىچىكرەك بولسىمۇ ئۇنى ماختايلى، شۇنداق قىلغاندا كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشكە رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ›› دېگەنىدى داڭلىق پىسخولوگ دالي كارنىگ. كىم كىمنى مېھمانقىلىشتا مەيلى ئاددىي، كىچىك ياكى چوڭ ئىشلاردا بولسۇن، ئەجىر – مېھنىتى ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇۋاتقان، تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقانلارغا تەبرىكىمىز ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك، ئۇلارنى قوللىساق، تولىمۇ ئاقىلانە ئىش قىلغان بولاتتۇق. |