ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 628|ئىنكاس: 1

ئېلانخۇمارلار (فېليەتون)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەبەي ئىسمائىل
    ھېلىم بودەكنىڭ پۇت – قولى ئاغرىپ، گۈس – گۈس دەسسەپ ماڭمىغىنىغا خېلى يىل بولۇپ قالدى. ئورنىدىن تۇرسا تىزى، ئولتۇرسا يوتىسى ئاغرىيتتى. بارمىغان دوختۇرخانا، كۆرۈنمىگەن دوختۇر قالمىدى. بىر دوختۇر ‹‹سىزدە رىماتىزمنىڭ ئالامىتى بار ئىكەن. ماۋۇ دورىنى يەپ بېقىڭ، ئەمما ئۈنۈمى ئۇزاقتىراق كۆرۈلىدۇ، مۇقىم ئۈچ – تۆت باسقۇچ(ھەر باسقۇچى بىر ئاي) يېمىسىڭىز بولمايدۇ›› دېسە، يەنە بىر دوختۇر ‹‹سىزدە كالتسىي كەمدەك قىلىدۇ، سېمىزلىكىڭىز سۆڭەككە بېسىم پەيدا قىپتۇ، ئورۇقلىمىسىڭىز بولمىغۇدەك. كالتسىي تولۇقلاش بىلەن بىللە، ئورۇقلاشنىمۇ چىڭ تۇتۇڭ. ئادەتتە ھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، ئەكس تەسىرى يوق، بەدەنگە پايدىلىق. ئەمما – زە، سىزنىڭ پۇت – قولىڭىز ئاغرىيدىكەن، كۈچەپرەك ھەرىكەت قىلمىسىڭىز ئورۇقلىيالمايسىز. بەك كۈچىۋەتسىڭىز سېمىز بولغاچقا، ئۆپكە، يۈرىكىڭىز كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۆپكە، يۈرەكتىن چاتاق چىقتى، دېگەنلىك، ھەي... بولدىلا، ئەڭ ياخشىسى دورا ئارقىلىق ئورۇقلىسىڭىز بولغۇدەك. شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، يېقىندىن بۇيان يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىكى ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ساختا، ناچار دورىلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، نەچچە يىل ئىزدىنىش، ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلاش دورىسى ياسىغانىدىم. شۇنى...›› دېدى. يەنە بىر دوختۇر ‹‹بۇ دورىنى ئامېرىكىدىن كىرگۈزگەن. بىر نەچچە قۇتىلا قالدى. قاندىكى ياغنى سىيرىيدۇ، نەچچە كۈندىلا ئورۇقلايسىز. ئورۇقلىسىڭىز بېسىم يېنىكلەپ، پۇتىڭىز ئاغرىمايدىغان، تالمايدىغان بولىدۇ. دورىنى يەۋېرىپ ئورۇقلاپ كەتسىڭىزمۇ، دورىنى توختىتىپ قويماڭ، يەۋەرسىڭىز بىر مەزگىلدىن كېيىن بەدىنىڭىز ھازىرقىدىن سەل ئورۇقراق ھالەتكە قايتىدۇ. بۇ دورىنىڭ ئورۇقلارنى سەمرىتىدىغان، سېمىزلەرنى ئورۇقلىتىدىغان رولى بار›› دېدى. ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى تېلېۋىزوردىكى ئېلانلارغا ئوخشايتتى. شۇڭا ھېلىم بودەك بىر مۇنچە يول يۈرۈپ، ئۆچىرەت ساقلاپ دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە ئېلاننىلا ئاڭلاشنى ياقتۇرۇپ قالدى. شۇڭا ئۇ تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن كېتەلمەي، ئاخىر ئېلانغا خۇمار بولۇپ قالدى. ھېلىم بودەكنىڭ بالىلىرىمۇ ۋاپادار ئىدى، ئېلاندا ئاڭلىغان دورىلارنى دادىسىغا ئەكىلىپ بېرەتتى ھەم دورىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا ئېلاندا ئاڭلىغىنىنى دەپ بېرىشنى ئۇنتۇمايتتى. جان تاتلىق – دە، بالىلىرى ئەكىلىپ بەرگەن دورىنى يېمىسە بولامدۇ؟ ھەممىسى دادىسىنىڭ ئورنىدىن تېزرەك تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان تۇرسا. بالىلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم يېيىش كېرەك! بىرسى ئاچچىق، بىرسى تاتلىق، بىرسى چۈچۈمەل، بىرسى سېسىق... مەيلى، بىرى بىرىنى تولۇقلار، بىرسى پايدا قىلمىسا، يەنە بىرسى پايدا قىلىپ قالار...
    شۇنداق قىلىپ، ھېلىم بودەكنىڭ ياستۇقىنىڭ يېنى ئېلانلاردا دېيىلگەن دورا قاپلىرى بىلەن تولدى. لېكىن ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئاغرىشى توختىمىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن كېتەلمىدى. بالىلىرىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويمىدى. پۇت – قول ئاغرىقىغا پايدا قىلىدىغان دورا ئېلانلىرى بەزىدە يېڭىلىنىپ تۇراتتى. ‹‹ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا سۆڭەك شالاڭشىشقا باشلايدۇ، سۆڭەك شالاڭلاشسا كالتسىي تولۇقلاش كېرەك... سۆڭىكىڭىز چىڭىسا، دىسكو ئوينىيالايسىز... پەلەمپەيدىن گۈس – گۈس دەسسەپ چىقالايسىز...›› تېلېۋىزوردا بېرىلگەن بۇ يېڭى ئېلان ئۆمرىدە سەل ئېگىزرەك تامدىمۇ قورقۇپ مېڭىپ باقمىغان ئېلانخۇمار ھېلىم بودەكنىڭ كۆڭلىدە دارۋازلىق ئىستىكى قوزغىدى....

مەنبە http://www.xjtsnews.com/normal/c ... 6/content_90611.htm
ۋاقتى: 2010-8-9 12:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئېلانچىلاردىن قېلىن ئادەم يوقمىكىن دەيمەن. قېرىسى ساقىلىنى سىيلاپ تۇرۇپ كاسىلدىسا، ياشلىرى قىلىق چىقىرىپ نازلىسا، ئەركەكلەر خوتۇن كىشىنىڭ ئوسمىسىدىن تامبىلىغىچە ماختىسا ( تاس قالىدۇ ئۆزەم ئىشلىتىپ سىناپ باققان دېگىلى;P)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 15:39 , Processed in 0.126614 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat