ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1387|ئىنكاس: 12

社区نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
社区بۇ سۆز ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ۋە خىزمەتتە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.لېكىن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىغا ھەر خىل تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.يەنى:مەھەللە،ئىجتىمائىي رايون،مەھەللە رايونى دېگەندەك.خەنزۇتىلىدا بىر خىل ئېلىنىدىغان بۇ سۆز(ئاتالغۇ)ئۇيغۇر تىلىدا نېمىشقا 3خىل تەرجىمە قىلىنىدۇ.社区نىڭ ھازىرقى زامان خەنزۇتىلىدىكى مەنىسى:

社区 [shè qū
。社会上以某种共同的特征划分的居住区
。文化社区;华语社区。也泛指一般的居民居住区
社区建设;文明社区
تۆۋەندىكىسى تېخىمۇ تەپسىلىي ئېنىقلىمىىسى(يەشمىسى):
社区是若干社会群体或社会组织聚集在某一个领域里所形成的一个生活上相互关联的大集体,是社会有机体最基本的内容,是宏观社会的缩影。社会学家给社区下出的定义有140多种。尽管社会学家对社区下的定义各不相同,在构成社区的基本要素上认识还是基本一致的,普遍认为一个社区应该包括一定数量的人口、一定范围的地域、一定规模的设施、一定特征的文化、一定类型的组织。社区就是这样一个“聚居在一定地域范围内的人们所组成的社会生活共同体”。
社区نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن،بۇ تېمىنى يوللىدىم.تورداشلار بىلەن بۇ تېما ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-17 12:37  

ۋاقتى: 2011-2-17 17:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە يۇقىرىىدكى ئېنىقلىمىسى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا «مەھەللە» دەپ ئېلىش ئەڭ مۇۋاپىق.
ۋاقتى: 2011-2-17 17:13:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەھەللە،ئىجتىمائىي رايون،مەھەللە رايونى» بۇ لار خۇددى « مەن، ئۆزۈم، پېقىر » دېگەندەكلا تەڭداش گەپ.
بىزدە چىرايلىققىنا « مەھەللە» دېگەن گەپ بار شۇ يىتەرلىك.
مەھەللە  كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىچىك بىر دائىرەنى، مەلۇم بىر ئىجتىماي توپنىڭ بىر قىسمىنى، مەلۇم تەبىئىي رايۇننىڭ كىچىك بىر بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي رايۇن دېگىنى شۇ مەھەللىنىڭ ئىلمىي ئاتىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي ئاتالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا
社区 shè qū  = مەھەللە.
ۋاقتى: 2011-2-17 23:15:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەھەللە،ئىجتىمائىي رايون،مەھەللە رايونى»  بۇلار دىمىسىمۇ تەڭداش مەنىلىك سۆزلەر .بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى مۇشۇنداق ئىپادىگە باي بىر خىل تىل . جانلىق بولمايمىزمۇ ؟ ئۈلۈك تەرجىمە ياخشى ئەمەس . جانلىق پايدىلىنايلى .
خەنچىسىگە كەلسەك ئىلگىرى بۇنداق بىر ئىش بولغان .تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىمىز 社会دىگەن گەپنى چۈشەندۈرگىچە قايناپ كەتكەن .ھەممىمىز بىلىمىز 社会دىگەن «جەمىئەت » دىگەن گەپ .بىراق 社会主义بولسا سوتسىيالىزىم بولىدۇ . «جەمىئەت » بىلەن «سوتسىيالىزىم »نىڭ ........................ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-17 23:16  

ۋاقتى: 2011-2-18 00:29:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ  مەھەللە  دەپ ئېلىش  ئورۇنلۇق ،  مەسىلەن   新大渠社区  
دىگەننى  يېڭى ئۆستەڭ ئىجتىمائى رايونى  دەپ يۈرگەندىن  ( يېڭى  ئۆستەڭ مەھەللىسى )
دىسىلا  كۇپايە  ، ھەم  قۇلاققا  يېقىشلىق  ئاڭلىنىدۇ .
ۋاقتى: 2011-2-18 10:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
社区 دىگەن مەھەللە دىگەن گەپ.  ئىجتىمائىي رايۇن دەپ تەرجىمە قىلغانلارنىڭ تەرجىمە سەۋىيىسى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ.
ۋاقتى: 2011-2-18 16:12:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
社区دىگەن街道办事处 نىڭ ئاستىدىكى  ئورۇن ،ھازىر街道办事处نى مەھەللە باشقارمىسى دەيمىز ، 社区 نى مەھەللە دىسەك  ئىككىسىنى پەرىقلەندۇرگىلى بولماي قالارمىكىن ،يەنىلا ئىجتىمائى ئىجتىمائىي رايۇن دەپ ئالساقمىكىن  .
ۋاقتى: 2011-2-18 17:40:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش halmurat نىڭ يازمىسى

街道办事处 نى كۇچا باشقارمىسى دەپ ئاڭلىغاندەك ئىسىمدىغۇ؟
ۋاقتى: 2011-2-18 18:55:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
街道办事处  كوچا باشقارمىسى  .   社区  مەھەللە .
ۋاقتى: 2011-3-19 16:10:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئۇ «ئىجتىمائى رايون، ئىجتمائى مەھەللە» دېگەنلەر خەنزۇچە نىمە خەت بولسا شۇنداق تەرجىمە قىلىش كېرەكمىكەن. مەھەللە دېسەكلا تولۇق مەنىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. مەھەللە دېيىشكە ئاتالمىش شەھەرلىكلەر نۇمۇس قىلامدۇ يە؟!! ئوخشاش بىر ئۇقۇم شەھەردە بىر خىل يېزىدا بىر ئاتالماس. ئازراق بولسىمۇ تىلىمىزغا ئائىت كىتاپلاردىن ئوقۇپ قويايلى بۇرادەرلەر!!!
ۋاقتى: 2011-8-13 18:10:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل يېزىق كومىتېتى بۇنى مەھەللە دەپ بېكىتىپ بولدىغۇ
ۋاقتى: 2011-8-14 00:24:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
街道办事处  كوچا باشقارمىسى  .   社区  مەھەللە .
مۇشۇنداق قوللىنىۋاتىدىغۇ،بۇ توغرا.
ۋاقتى: 2011-8-14 00:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز بىلىمىز 社会دىگەن «جەمىئەت » دىگەن گەپ .بىراق 社会主义بولسا سوتسىيالىزىم بولىدۇ . «جەمىئەت » بىلەن «سوتسىيالىزىم »نىڭ ........................

بۇنىڭدىكى «جەمىيەت» سۆزى  جەم+ئىي+ئەت   تۈزۈلگەن بولۇپ،جەم بولسا جەملەغ،توپلاش،يىغىش مەنىسىدە، بۇنىڭغا ئىي قوشۇلۇپ، جەمىي بولغان،يەنە يىغىندا،توپلام بولغان، ئاندىن ئەت (قىلىش ،ئېتىش)  قوشۇلۇپ، جەمىيەت بولغان، يەنى يىغىلغان،يىغقان،توپلىغان، توپلانغان، مەنىسىدىكى سۆز شەكىللەنگەن. يەنى ئىستىمائىلىمىزدا مەلۇم نەرسىنىڭ توپلانمىسىدىن شەكىللەنگەن توپنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەردىن شېرك+ئەت=شېركەت، ھۆكۈم+ئەت=ھۆكۈمەت ..... لەر بار.
«سوتسىيالىزىم» سۆزىگە كەلسەك،جەمىيەت مەنىسىدىكى ئېنگىلىزچە  society، Socialسۆزىدىن تۈرلىنىپ كەلگەن،يەنى Social+ism يەنى جەمىيەت+مەسلەك،ياكى جەمىيەت+چىلىك  دىگەندەك مەنىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 21:58 , Processed in 0.345230 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat