ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1796|ئىنكاس: 13

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى خرىستىيان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت ئادىتى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىيانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاۇشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەمنىڭ كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا « ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق» دېگەن. يەنە « ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق» دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىڭى يىل بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسىلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: « ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر» دېگەن. كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كىيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچراشتىكى مەخسۇس تەرەپلىرىنى دوراپ ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش.» (ئىقتىزائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1/207).
شەيخۇلئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىنى قىلىشى ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنى تائام، كىيىم، يۈرۈش – تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلىرىنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرىشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى لازىم» (25/329 پەتىۋالار)
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن« خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمان ئادەم ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ».
1- شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: « يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش ئېقىمى كۆپ، ئۇلار قىپ قىزىل كىيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى قىلىش جائىز ئەمەس. بۇ مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام ئاشىق-مەشۇقلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش – ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا باشقىچە ئىش قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
2-پەتىۋا كومىتېتى خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ14 –كۈنى ئـۆتكۈزىلىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە :
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
دەپ سورالغىنىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا روزا ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكتىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى ھارام. مۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇ م قىلغۇچىلاردۇر. مۇنداق كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام – بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش – نى سادىر قىلغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا:« ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر».
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
مۇنداق پىتنە – پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقا، كۇففارلارنىڭ پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان ئادەم مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە – يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار « غەزەب قىلىنغان» ۋە « يولدىن ئازغانلار» لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك بولۇپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھتىن ياردەم سوراپ دىنىدا سابت بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەتچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن».
3- ئىبنى جۇبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا، مۇنداق دېگەن:
(1) مۇنداق بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
(2) مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن « كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ» .
(3) مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر – ئايال ھارام ئارىلىشىلار، تاماشا، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىق ھاراملار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن قېچىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارنى قىلىش ھارام.
شۇڭا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشال بولغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا دەيمىزكى، ئەي مۇسۇلمان قېرىنداش! قايسىبىر خرىستىئان ياكى قايسىبىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇنى قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىزگە ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بىلەمسىز!؟ ئۇلار سىزنى سۆيمەيدۇ، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدۇ! ئەمما سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دورايسىز!!!!!! بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟؟؟؟

ۋاقتى: 2011-2-16 15:55:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپلەردىن قارىغاندا بىز ئۇيغۇرلاردا ئاشىق-مەشۇقلار، مىھرى-مۇھەببەت دىگەنلەر يوق ئىكەندە؟ ئۇيغۇرلار مۇھەببەتلەشسە بولمامدۇ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرسە بولمامدۇ، تونۇشۇپ خوشال ئۆتكەن كۈنلىرىنى تەبرىكلىسە بولمامدۇ، مىنىڭچە بۇ بىر بىمەنە قاراش، توي قىلىشتىن ئاۋال مۇھەببەتلىشىش بولىدۇ، بىر بىرىنى ياخشى كۆرەلىگەندىلا ئاندىن بەخىتلىك تۇرمۇش بولىدۇ، شۇڭا بۇنچىلىك بايرام ئۆتكۈزۈشنى مەن بىمەنىلىك ياكى باشقا مىللەتنىڭ بايرىمى دەپ قارىمايمەن، مۇھەببەتلىشىش بولغانكەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزۈش نورمال ئەھۋال.
سەينانىڭ خاسلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ خىل تېمىنىڭ يوللىنىشى مىنىڭچە ھەقىقى بىمەنىلىكمۇ قانداق؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-16 19:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز. ئەمما مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىسلام دىنىمىزدا نىكاھتىن بۇرۇن ، قىز- ئۇغۇلنىڭ ئۆز- ئارا باردى- كەلدى چەكلەنگەن. مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغاندا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ دەيسىز، ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ تۇنۇشماي، كۆرۈشمەي، مۇھەببەتلەشمەي توي قىلىپ نەچچە ئون پەرزەنىتلىك بولغان ۋە 20، 30 يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ھازىرقى دەۋىرىمىزدە مۇھەببەتلىشىپ ئۆز- ئارا چۈشۈنۈشۈپ توي قىلغاندىن كېيىن چۈشۈنۈشمەي ئايرىلىپ كەتكەنلەر بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلەردىن كۆپ. مەن سىز بىلەن گەپ تالاشمايمەن.
ۋاقتى: 2011-2-16 20:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heqyol يوللانغان ۋاقتى  2011-2-16 03:05
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي با ...

بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس، لېكىن ھەممىمىز مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە ئىشىنىشىمىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە ئىتائەت قىلىشىمىز كىرەك. ئويلاپ بېقىڭ Koinlun ئەپەندى، سىز، بىزدەك قۇرامىغا يەتكەنلەرغۇ يۇلى بىلەن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزەر، تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدىغان، ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بۇبايرامنى نىمە قۇيۇپتۇ؟ ئەجىبا ئۇلارنى توسماسلىق كىرەكما؟بۇ تىمىنىڭ ھىچقانداق بىمەنە يىرى يىرى يوق ئىكەنغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەيناغا بۇنداق تىما يوللانسا بولمايدۇ دەيدىغان قائىدە يوقتۇ؟ مىنىڭچە بۇ بىر ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن، مىنىڭچە سىزنىڭمۇ ،مىنىڭمۇ بۇنى قوللاش مەجبۇرىيىتىڭىز بارغۇ دەيمەن؟
ۋاقتى: 2011-2-16 20:42:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ئاشىق-مەشۇقلارغا مەخسۇس بىر كۈننى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دەپ بىكىتىپ قويۇشنىڭ زۆرۈريىتى يوق، شۇنداقلا ھەقىقى ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ يىلدا بىر قېتىم تەبرىكلەپ قويۇشى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. ھازىر بۇ بايرامنى قەدىرلەپ، كىلىشىنى كۈتۈپ ۋە تەبرىكلەپ يۈرۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى ساددا ياش بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر، يەنە بىر قىسىم پۈرسەتپەرەس، ئالدامچى، بۇزۇقلارمۇ يوق ئەمەس. مەن دىننىي نۇقتىدىن ئەمەس بەلكى ئەخلاق نۇقتىسىدىنمۇ بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن، مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغان «بايرام» نى  قوللىمايمەن. قالغىنى ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى خالاس.
ۋاقتى: 2011-2-16 23:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روژدېستۋاغا تەييارلىق قىلايلى!
بۇ يازمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز:مەرھەممەت
ۋاقتى: 2011-2-17 17:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بايرامنى گۈل ساتىدىغان، قىزلار ئامراق نەرسىلەرنى ساتىدىغان سودىگەرلەر ئويلاپ چىققان بايراممىكىن دەيمەن.
ۋاقتى: 2011-2-18 22:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپ باساق بىز ئۇيغۇرلار ھەممە بايرامنى خۇددى ئۆز بايرىمىمىزدەك كۆرۈپ ئۆتكۈزىدىكەنمىز (چاغاندا پوجاڭ ئاتمايمىزغۇ،ئەلۋەتتە ) ھەممە مىللەتنىڭ ئۇسۇلىنى -ئويناپ مۇزىكىسىغا ناخشا ئېيىدىكەنمىز ..................................
ۋاقتى: 2011-2-19 01:00:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  سەينانىڭ مۇقىملىغى  ئۈچۈن بۇنداق مۇنازىرىلەرنى قىلمىساق ،
كىمنىڭ ئېتىقادى قانچىلىك ؟ نىمىگە ئېتىقاد  قىلىدۇ ؟......  دىگەندەكلەرنى
بىلگۈچىسى ئۆزى بىلىدۇ ، بەندىنىڭ بۇنىڭغا  باھا  بېرىشى مۇۋاپىق ئەمەس !
شۇڭا مېنىڭچە بۇ توغۇرلۇق  قايناش  ئوشۇقچە ، ھەممىسى ئىگىمىزنىڭ قولىدا،
نەسىھەت  قىلىش ، گۇناھتىن توسۇش  يوللۇق ، داۋراڭ سېلىش  ......  بولدىلا
جىق گەپ قىلماي ، سەينانىڭ مۇقىملىغىنى قوغدايلى !
ۋاقتى: 2011-2-19 03:24:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقيول قىرىندىشىم، ئالدى بىلەن سىزگە رەھمەت ئىيتىمەن، ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن!

مەنمۇ بۇ توغۇرلۇق ئازراق توختىلاي.
ئىنجىلنىڭ ھازىر دۇنيادا 1000دىن ئارتۇق بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان نۇسخىسى بار، ئىنجىل ھەر قايسى دەۋىرلەردە خىلمۇ - خىل ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن خالىغانچە ئۆزگەرتىلىپ ئۇلارنىڭ ھاكىميىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى.

گەرچە ھازىر خىرىستىيان دىنىنىڭ نوپۇزى قالمىغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن غەرىپ دۆلەتلىرى ئاستىرىتتىن خىرىستىيان دىنىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى» غا ئوخشاش ئەسلى خىرىستىيانلارغا تەۋە بولمىغان بايرامنى مەجبۇرى خىرىستىيان دىنىنىڭ بايرىمى قىلىپ كۆرسىتىپ ئۇنى دۇنياغا كىڭەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ؟

«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى» ئەمەلىيەتتە خىرىستىيانلارنىڭ دىن تارقىتىشىنىڭ بىر خىل شەكلى خالاس، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەشۋىق قىلىشىدىكى بىر خىل ۋاستە خالاس، مەن دېگەن بۇ گەپلەرنى سىز ئىنچىكە ئويلانمىسىڭىز چۈشىنەلمەيسىز.

پايدا-مەنپەئەت توقۇنۇشىغا تولغان بۇ ئىقتىسادىي دۇنيادا مېڭىنى يۇيۇش ھەركىتى ۋە ئىدىيە كونتىرول قىلىش ھەركىتى كۈچەيمەكتە، خىرىستىيانلار ھەرخىل ناتوغرا بايراملارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، قىز-ئوغۇل ئوتتۇرسىدىكى سۆيگۈدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ دىنىنى تارقاتماقتا، ئۆزىنىڭ خىرىستىيان مەدەنيىتىنى باشقا قەۋىمگە سىڭدۈرمەكتە.

نەقەدەر پەسكەشلىك ھە...

سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىز ۋە مېڭىڭىز ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولمىسا ئەسەبىي كورىيان ياش خىرىستىيان مۇرىتلىرىغا ئوخشاش كۈنگە قالىسىز، ئۇلار خىرىستىيان دىنى تارقىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە بىرىپ غالچىلىق قىلماقتا، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى كونتىرول قىلغان خىرىستىيانلار ھازىر ئۇلارنىڭ ئىقتسادىنى كونتىرول قىلماقتا.





ۋاقتى: 2011-2-19 03:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Koinlun نىڭ يازمىسى
بۇ گەپلەردىن قارىغاندا بىز ئۇيغۇرلاردا ئاشىق-مەشۇقلار، مىھرى-مۇھەببەت دىگەنلەر يوق ئىكەندە؟ ئۇيغۇرلار مۇھەببەتلەشسە بولمامدۇ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرسە بولمامدۇ، تونۇشۇپ خوشال ئۆتكەن كۈنلىرىنى تەبرىكلىسە بولمامدۇ، مىنىڭچە بۇ بىر بىمەنە قاراش، توي قىلىشتىن ئاۋال مۇھەببەتلىشىش بولىدۇ، بىر بىرىنى ياخشى كۆرەلىگەندىلا ئاندىن بەخىتلىك تۇرمۇش بولىدۇ، شۇڭا بۇنچىلىك بايرام ئۆتكۈزۈشنى مەن بىمەنىلىك ياكى باشقا مىللەتنىڭ بايرىمى دەپ قارىمايمەن، مۇھەببەتلىشىش بولغانكەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزۈش نورمال ئەھۋال.


بۇ گەپنى نەدىن تاپتىڭىز؟ يۇقىرىقى تېمىدا مۇشۇنداق مەزمۇن بارمىكەن؟!!! سىز ھەقيول يوللىغان بۇ نادىر مەزمۇننى ئوقۇمايلا جاۋاپ يىزىپسىز!!!

شۇڭا بۇنچىلىك بايرام ئۆتكۈزۈشنى مەن بىمەنىلىك ياكى باشقا مىللەتنىڭ بايرىمى دەپ قارىمايمەن


.................................

مۇھەببەتلىشىش بولغانكەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزۈش نورمال ئەھۋال


...............................

سەينانىڭ خاسلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ خىل تېمىنىڭ يوللىنىشى مىنىڭچە ھەقىقى بىمەنىلىكمۇ قانداق؟


.............................

مەن سىزنىڭ ئىتىقادىڭىز ۋە ساپارىڭىزدىن گۇمانلىنىمەن، كاللىسىدا كومپىيۇتىردىن باشقا نەرسە يوق ئادەمنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشىدىن ئەجەپلىنىپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ.

ۋاقتى: 2011-2-19 03:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش lotun نىڭ يازمىسى

سەينا ئىنتايىن مۇقىم، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
ۋاقتى: 2011-2-19 03:59:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش turpan نىڭ يازمىسى
ئويلاپ باساق بىز ئۇيغۇرلار ھەممە بايرامنى خۇددى ئۆز بايرىمىمىزدەك كۆرۈپ ئۆتكۈزىدىكەنمىز (چاغاندا پوجاڭ ئاتمايمىزغۇ،ئەلۋەتتە ) ھەممە مىللەتنىڭ ئۇسۇلىنى -ئويناپ مۇزىكىسىغا ناخشا ئېيىدىكەنمىز ..................................


گەپنى ئويلاپ قىلىڭ، «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى خالىغانچە دەستەك قىلىپ ئىشلەتمەڭ، سىزنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئۈستىدىن قارىسىغا باھا بىرىشىڭىزگە سالاھىتىڭىز توشمايدۇ.

مۇشۇ قىسمەنلىكنى ئومومىيلىققا ئايلاندۇرىدىغانلار نىمانداق كۆپتۈر دەيمەن، ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا «ئۇيغۇر»  ئانداق، «ئۇيغۇر» مانداق دېگەن...
ۋاقتى: 2011-2-19 21:47:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قانداق قىلىش كېرەكلىكى يازمىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. يەنە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنى يوق. تېما تاقالدى. ئىنكاس قوبۇل قىلىنمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:38 , Processed in 0.146964 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat