ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1796|ئىنكاس: 7

شاھدىيارسوفت يازما يېتەكچىسى 2.0 (چۈشۈرۈۋېلىڭ)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ پروگرامما <<شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى يازما يېتەكچىسى 1.0>> دېگەن دېتالنىڭ كېيىنكى نۇسخىسى بولۇپ، بۇ پروگرامما ئارقىلىق خېلى كۆپلىگەن مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
ھازىر دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋەتقان بۈگۈنكى كۈندە كومپيۇتېر - ئۇچۇر بىلىملىرىنى ئۆگىنىش دولقۇنىمۇ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھەتتا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئىشچى - خىزمەتچىلىرىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت قىلىش ۋە كۈندىلىك ئىشلىرىدا كومپيۇتېر  بىلىملىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر مۇشۇنداق بىر خىل ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ بىر قىسىم كومپيۇتېر تور بىكەتلىرىنىڭ يازمىلىرىنى توپلاپ كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغانلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولغان شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن سىز ئىشلىتىۋاتقان مەزكۇر <<شاھدىيارسوفت يازما يېتەكچىسى 2.0>> ناملىق بۇ يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقتۇق.
بۇ دېتالنىڭ بارلىق كۆزنەكلىرىنى ئېكراننىڭ خالىغان يان تەرىپىگە تارتىپ قويسىڭىز شۇ تەرەپكە كىرىپ كېتىدۇ، يەنە مائۇسنى شۇ يان تەرەپكە يېقىن ئەكەلسىڭىزلا QQ غا ئوخشاش ئاپتوماتىك چىقىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل كۆزنەكنى بەك كۆپ ئېچىلىۋېلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىغان بولۇپ، يەنە ۋەزىپە سىتونىنىمۇ ئېگەللەپ تۇرۇۋالمايدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق <<شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى>> تور بېكىتىدىن باشقا يەنە 5 تور بىكەتنىڭ 20 دانە ئەڭ يېڭى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئىنتىل سەيناسى، نۇرقۇت ئەترىتى، روھلان تورى، كروران تورى، ئىزدىنىشچانلار تورى قاتارلىق 5 تور بىكەتلەرمۇ قوشۇلغان.
<<باشقا بىكەتلەر>> دېگەن ئورۇنغا 4 ئورۇن قويۇلغان بولۇپ، <<باشقا بىكەتلەر>> دېگەن يەر بىۋاستە توردىن ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا بۇ دېتال سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا بولسىمۇ بىز <<باشقا بىكەتلەر>> نىڭ تېمىلىرىنى تور يۈزىدە قوشۇپ قويساقلا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى <<باشقا بىكەتلەر>> رايونىغىمۇ قوشۇلۇپ چىقىدۇ.
<<بېكەت ئىلتىماس>> دېگەن ئورۇن ئارقىلىق <<باشقا بىكەتلەر>> دېگەن يەرگە بېكەت ئىلتىماس قىلىش كېلىشىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
<<ھەمكارلىق>> دېگەن ئورۇن بولسا تور بېكىتىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئورۇن ۋە تور بىكەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئېلانلىرى قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇنمۇ تور يۈزىدە يېڭىلىنىدۇ.
تور بېكىتىمىزدە ساپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئانا تىلىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ بېقىشنى خالىسىڭىز تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرغايسىز.
تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ يازما يوللاپ تۇرسىڭىز جۇغلانمىڭىزغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولالايسىز. بىلگەنلىرىڭىزنى يوللاڭ، باشقىلار پايدىلانسۇن. بىلمىگەنلىرىڭىزنى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن .
گۆھەر ياتىدۇ سايدا، بايقىمىسا نېمە پايدا.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى!

شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت ئىشخانىسى
شاھدىيار تور بېكىتى بېكەت ئىشخانىسى
__________________________________________________________________
تۆۋەندىكىلىرى يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنۈشلىرى





بۇ يۇمشاق دېتالنى قوزغاتقاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى <<شاھدىيار تورى>> دېگەن ئورۇن شاھدىيار تور بېكىتىدىكى ئەڭ يېڭى تېمىلار، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار، نادىر تېمىلار ۋە 9 چوڭ تۈرلەرنىڭ تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئوتتۇرىدىكى <<ھەمكارداش توردار>> دېگەن ئورۇن بىر قىسىم كومپيۇتېر تور بىكەتلىرىنىڭ 20 دانە ئەڭ يېڭى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
سول تەرەپتىكى <<باشقا ئىقتىدارلار>> دېگەن ئورۇن پروگراممىنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرى بولۇپ، بۇ ئورۇندىن ئۇيغۇرچە كىچىك يۇمشاق دېتاللار قىستۇرۇلغان.





بۇ <<شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى>> دىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن تېمىلار


بۇ <<ئىنتىل سەيناسى>> نىڭ تېمىلىرى بولۇپ، 20 دانە ئەڭ يېڭى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


بۇ <<نۇرقۇت ئەترىتى>> نىڭ تېمىلىرى بولۇپ، 20 دانە ئەڭ يېڭى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


بۇ <<روھلان تورى>> نىڭ تېمىلىرى بولۇپ، 20 دانە ئەڭ يېڭى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


بۇ <<كروران تورى>> نىڭ تېمىلىرى بولۇپ، 20 دانە ئەڭ يېڭى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


بۇ <<ئىزدىنىشچانلار تورى>> نىڭ تېمىلىرى بولۇپ، 20 دانە ئەڭ يېڭى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


ئاستىدىكى <<باشقا بىكەتلەر>> دېگەن ئورۇندىن يەنە داۋاملىق بىكەت قوشۇشقا بولىدۇ. بۇ ئورۇننىڭ مەزمۇنى بىۋاستە توردىن يېڭىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ دېتال سىزدە بولسىمۇ بۇ ئورۇندىكى تور بىكەتلەرنى بىز داۋاملىق قوشۇپ تۇرالايمىز.

<<بېكەت ئىلتىماس>> دېگەن ئورۇندا بۇ دېتالغا قارىتا ئۈستىدىكى <<باشقا بىكەتلەر>> دېگەن يەرگە ئۆز تور بېكىتىنى ئىلتىماس قىلىش كېلىشىمى سۆزلىنىدۇ. بۇ ئورۇنمۇ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

<<ھەمكارلىق>> دېگەن ئورۇندا بىز بىلەن ئالاھىدە ھەمكارلاشقان ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىق ئېلانلىرى قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇنمۇ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.



تۆۋەندىكىسى <<باشقا ئىقتىدار>> رايونىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى


بۇ <<باشقا ئىقتىدار>> كۆزنىكى بولۇپ، بۇ ئورۇندىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار تەمىنلەنگە.



بۇ ئورۇندا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش توغرىسىدا سۆزلەنگەن.


بۇ دېتال <<شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى يازما يېتەكچىسى 1.0>> دىن كېيىنكى <<شاھدىيارسوفت يازما يېتەكچىسى 2.0>> نۇسخىسى بولۇپ، ئىلگىرىكى نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقماقچى بولسىڭىز توردىن چۈشۈرۈش ئادېرىسى تۆۋەندە قالدۇرۇلدى.





مەزكۇر يۇمشاق دېتالدىكى 5 تور بىكەتلەرنىڭ تېمىلىرى تور بىكەت مەسئۇللىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ياسالغان بولۇپ، يەنە بىر قىسىم ئاساسلىق كومپيۇتېر تور بىكەتلىرىنى قوشۇشنى ئويلاشقان بولساقمۇ بىكەت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ نۇسخىسىدا قوشۇشقا مۇمكىن بولماي قالدى.

بۇ يۇمشاق دېتالغا قارىتا تەكلىپ، تەلەپ - پىكىرلەر بولسا مەزكۇر تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.

[ئاگاھلاندۇرۇش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال كۆرسىتىپ بەرگەن مەزمۇنلار پۈتۈنلەي توردىن كەلگەن بولۇپ، شاھدىيار تورى ۋە دېتال ياسىغۇچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

توردىن چۈشۈرۈش ئادېرىسى: http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=392

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-2-12 21:30
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2011-2-12 21:30

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-2-12 21:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
شاھدىيارئەپەندى كۆپ تىرىشىۋاتىسىز .تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن .دېتالنىڭ كۆزنەك رەڭلىرى .شۇنداق ياخشى ماسلىشىپتۇ .بۇدېتالنىڭ .پايدىلىنىش قىمىتى خېلىلا يۇقىرىكەن .مۇكاپاتلاشقا توغراكەلسە ئۇستازلارنىڭ شاھدىيارئەپەندىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .شاھدىيارئەپەندى ياسىغان دېتاللار ئاددىي ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرى بولمىسىمۇ .خېلى كۆپ ساپ ئۇيغۇرتىل يىزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ .كەڭ بىلىمخۇمارتورداشلارنى.پرگراممىغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.شاھدىيارئەپەندىنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھ ئاسان قىلسۇن .ئۇيغۇريۇمشاق دېتالچىلىقىمىزنى قوللايلى .
ۋاقتى: 2011-2-12 21:31:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !
بۇ دىتال «ئىنتىل تور كىنوخانىسى»   ۋە  كىچىككىنە بىر سوۋغات (تور ئۇلىنىش دىتالى)  دىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭىلىق بولدى.
ۋاقتى: 2011-2-12 21:37:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

ھېچ ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ، «ئىنتىلىم»نى يېڭىلاپ قويسام بولىتى. ماۋۇ «كىنوخانا»نىڭ تاملىرىمۇ كونىراپ كەتتى، يامايدىغان ئىشتى. ھەي...
ۋاقتى: 2011-2-12 21:48:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nida يوللانغان ۋاقتى  2011-2-12 21:37
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

ھېچ ۋاقىت چىقمايۋاتىد ...


نىدا ئەپەندى مەن ئىنتىل كىنوخانىسىغائاتاپ تەييارخىش ئەكەلتۈرۈپ قويغان ئىدىم .كىنوخانا پۈتۈپمۇ قالغان ئىدى. كىنوخانىنى ئېچىۋەتتىم ئەمسە .... بۇ تام قانداقراق بولدىكىن پىكىر بەرگەيسىلەر
intil.png
intil2.png بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gairat1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-12 21:53  

ۋاقتى: 2011-2-13 02:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھدىيار ئەپەندىم، بۇنىڭ ئۆچۈرۈش پروگراممىسى كەممۇ قانداق؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-13 12:40:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

بۇ يېشىل دېتال بولغاچقا مەخسۇس قاچىلاش پروگراممىسى ياسايدىغان دېتالدا ياسىمىغان، پەقەت WinRAR دىلا ياساپ قويغان ئىدىم.
بۇنىڭ ئۆچۈرۈش پروگراممىسى يوق. ئۈستەل يۈزىگە بىر تال سىنبەلگە قۇرىدۇ، باشلاش تىزىملىكى ئىچىگە بىر تال سىنبەلگە قۇرىدۇ. قالغان ھۆججەتلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇندا بار.
ۋاقتى: 2011-2-14 12:38:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېشىل بولغاندىكىن قاچىلىماي ئىشلىتىشىمىز كېرەكتىغۇ؟ ئۆچۈرۈش پروەراممىسىنىمۇ ياسىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 15:43 , Processed in 0.194239 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat