ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 9392|ئىنكاس: 39

ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تورچىلىقىدىكى سەردار- باھادىرلار

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىز بىر تور توربەتچى، تورۋاز، ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى كىشىلەرنى بىلىشىڭىز ، بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.  ۋاقىت ۋە سەۋىيەنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەبىدىن ئىسمى ۋە قىسقىچە ئىزاھاتنىلا قالدۇردۇم، خاتا كەتكەن، كەم قالغان جايلار بولسا ئىنكاس ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەردار قىلىڭ، تۈزتىپ قويىمىز.
( تىزىشتا ئالاھىدە تەرتىپ قىلىنمىدى، توپلىغان ماتىرىيالغا ئاساسەن تىزىلدى)
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز
دىلشات ھېزىۋۇللا
ئالىم ئەھەد
غالىپجان شەمشى:ئىلىكيۇرت تۈرىدىكى ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەمدە ئىلىكتۇرت تور بېتىنىڭ تۈزگۈچىسى.
مايور ( پروگراممىر)
كورللىق ئالىم ئەخمەت - بىلىگيار خۇشقەلەم يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەپ تارقاتقۇچى.
پەخرىدىن ، نەجمىدىن قارلۇق ئاكا ئۇكىلار
ئويغان-ئويغان كىرگۈزگۈچىسى ( ھەقسىز دىتال)
يۇلغۇن- يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ، يۇلغۇن ئىملا تەكشۈرۈش بېتى، يەنە تور لۇغىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
غەيرەت توختى كەنجى ( كەنجى كوررېكتور‹ئۇيغۇر ئېدىت › نى ئىشلىگۈچى، Ubuntu نى ئۇيغۇرچىلاش يولىدا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۈچ چىقارغۇچى، تەشكىللىگۈچى)
ساھران ( bitcomen , 灵格斯词霸-Lingoes, Picasa , emule ، Google Firefox ، Google Chrome ، openOffice قاتارلىق دىتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان شۇنداقلا Ubuntu نى ئۇيغۇرچىلاش يولىدا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۈچ چىقارغۇچى)
نۇرقۇت ( نۇرقۇت تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، PHP تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغۇچى)
تۇرسۇنجان سۇلتان ئالپ- ئۇيغۇرخەت نۇسخىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ياساش يولىدا خالىس كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
rock- خەتلىك فىلىم تېخنىكىسىنى بىزگە ئومۇملاشتۇرغۇچى.
خىيال كىرگۈزگۈچىسىنى ياسىغۇچى: قەشقەر مارالبىشىدىن ئابدۇغىنى مۇھەممەد
ئابدۇللا ئىرپان- ئىرپان لۇغىتى ۋە باشقا مەھسۇلات.
ئۇستاز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى- ئوبراز نامىدا
باخشى ۋە بىلگە تورىنى قۇرغۇچى- بىلگە تۇرغۇن.
بىلىك، بىلىگئەر- بىلىك تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى
مۇھەممەد ئىمىن ئەليارلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك
كۆككەپتەر- تور تېخنىكىسىدىكى سەردار
تەدبىركار- تورتۇرا ( بلوگ) چىلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى.
قۇتبىلىك- قوزغىلىشچان نۇر دىسكا ياساش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرغان.
جېك ( Jeck ) - جېك تورتۇرادى ( بلوگ) نىڭ قۇرغۇچىسى، بىزنى چەتئەلدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشتۇرغۇچى.
يۈكسەل- يۈكسەل تورتۇرادى ( بلوگ) نىڭ قۇرغۇچىسى.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان  يەنە نۇرغۇن باھادىر- سەركەردىلەر  چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن. كەم قالغان جايلارنى تورداشلار تولۇقلاپ قويغاي.
ۋاقتى: 2011-2-10 04:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قاپلىغۇ؟ سىلىنىڭ تۆھپىلىرىگىمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ جۇمۇسىلا! مەيكروسوفتنىڭ ئىشخانا دېتاللىرىنى ئىشلىتىش ھۈنەرلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى مىننەتسىز ھالدا ئەلگە تەقدىم قىلىپ كەلدىلە، مۇشۇ بىلىملەر بولمىغىنىدا ئىدى، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ھازىرقىدەك ئاسانلاشمىغان بولاتتى. ئەمما بۇ دېگەنلىرىم ھەرگىزمۇ سەينا ئاتامىنىغا بولغان خوشامىتىم ئەمەس جۇما! مۇشۇ خوشامەت دېگەن بىلەن خوشامنىڭ يوقلىقىدىن چاپىنىم تىزىمدىن ئاشماي كېلىۋاتقان گاداي مۇئەللىممەن ئۆزۈم.
ۋاقتى: 2011-2-10 11:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما بەك ياخشى بولۇپتۇ، مۇمكىن بولسا ئىش ئىزلىرىنى ئالدىرماي تەپسىليرەك قىلىپ يىزىپ چىققان بولساق، بىزدەك يىڭى ياچىلارغا ئازدۇر كۆپتۇر پايدىسى بولغان بولاتتى
خىيال كىرگۈزگۈچنى ئىشلىگۈچى ئابدۇغىنى ئىسىملىك بىر تورداش، مارالبىشىدىن ،بانكا خادىمى بولۇشى مۇمكىن، كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندە ئارخىپى چىقاتتى.
ۋاقتى: 2011-2-10 13:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۆزخاننىڭ پىكرىنى قوللايمەن، مەن توردىن تاپقىنىمچە قوشۇپ قوياي

غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

مۇھەررىردىن: ULY(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى), UKIJ(ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى), Unicod دېگەندەك سۆزلەر ئىنتېرنېت ۋە كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئېغىزىدا كۆپ تەكىتلىنىدىغان سۆزلەر بولۇپ قالدى. ئىنتېرنېتتا ULY نىڭ بىرلىككە كېلىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە كۆپ ئۇچراتتۇق، شۇنداقلا UKIJ نىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرىدىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇردۇق. بىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا بىلىملەرگە ئېرىشىش مەقسىتىدە UKIJ نىڭ قۇرۇلۇشىدا بىۋاسىتە رول ئوينىغان ئەزىمەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئىگىلىشىمىزچە بۇ خىزمەتتە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان كومپيۇتېرشۇناسلىرىمىز:

ۋارىس ئابدۇكېرىم (2000 – 2005.5، تېخنىكا، تىلشۇناسلىق، تەشكىللەش؛ ULY، Unicode، UKIJ)

ھوشۇر ئىسلام (2000 – 2001.7، تەشكىللەش جەھەتتە، ULY)

ئابدۇرېھىم (2000 – 2005.1، تىلشۇناسلىق، تەشۋىقات، ULY، UKIJ)

مەمەت ئەردەم (2000 – 2004، تەشۋىقات، ULY، UKIJ)

غەيرەت ت. كەنجى (2002 – 2005، تېخنىكا، Unicode، UKIJ)

مۇھەممەد ئابدۇللا (2004 – 2005.9، تېخنىكا، Unicode، ھازىرقى UKIJ رەئىسى)

مەمتىمىن ئەليار (2004 – 2005.9، تەشۋىقات، Unicode، UKIJ)

قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئۇندىن باشقا، http://www.ukij.org/teshwiq/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm دە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغاچقا، سۆھبەتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار بىلەن بولغان قىسمىلا ھوزۇرىڭىزلەرگە سۇنۇلدى.

مانا مۇشۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى كېچە-كۈندۈزلەپ سەرپ قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئىنتېرنېتتىن بۈگۈنكىدەك كەڭ دائىرىلىك ئورۇن ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى، كىشىلىرىمىزنى ئىنتېرنېتتا دۇنيانى بىلىش، ئىلىم ئۈستىدە يىراقتىكى دوستلار بىلەن ئانا تىلدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا قوشقان مىننەتسىز تۆھپىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى كومپيۇتېر دۇنياسىغا جەلپ قىلدى. سۆھبىتىمىز يۇقىرىقى ئەزىمەتلەر بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق نۆۋەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

[/fbox]

1.سۇئال :ئۆزىڭىز توغرىسىدا تونۇشلۇق بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئاۋال ئۆزۈم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي، ئىسمىم غەيرەت توختى كەنجى ھازىر ياپونىيىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى ياماتو شەھىرىدە ئايالىم، ئوغلۇم، قىزىم بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتىمەن. ئەركىن ئىنجىنېر سۈپىتىدە توكيودىكى بىر يۇمشاق ماتېرىيال شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ئىشلەۋاتىمەن.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىنى تۈگەتكىچە ساجىڭزا مىللىي مەيدان مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. دادامنىڭ خىزمىتىنىڭ يۆتكىلىش سەۋەبىدىن كېيىنكى ئوقۇشۇمنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە داۋاملاشتۇرۇپ، 1984-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. 1989-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. 1992-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىغا يۆتكىلىپ چىقىپ بۇ يەردە 1997-يىلغىچە ئىشلىدىم.
1998-يىلى 1-ئايدا ياپونىيەگە ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشقا كېلىپ، كاناگاۋا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىدا بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇدۇم. مەكتەپ بۇرۇنقى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ بىۋاسىتە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلدى. 1999-يىلى 4-ئايدا رەسمىي ئوقۇشقا كىرىپ كومپيۇتېردا سۈرەت تونۇشقا دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. 2002-يىلى 4-ئايدا مەكتەپتىن ئايرىلىپ، باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇۋاتىمەن.

2. UKIJ نى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە نېمىلەر سەۋەب بولدى؟

مەن 2003-يىلى يىل بېشىدىن تارتىپ، بۇرۇن قىلىپ تارقاتقان، لېكىن داۋاملىق ياخشىلاشقا پۇرسەت بولماي تاشلاپ قويغان «UighurEdit»نى قايتىدىن باشلىدىم، ھەم ئۇنىڭ نامىنى «ئۇيغۇرئېدىت»قا ئۆزگەرتتىم. شۇ يىلى 8-ئايدا ئۇنىڭ تۇنجى نەشرىنى تارقاتتىم. مەن بۇنى ئىشلەش جەريانىدا كود مەسىلىسى جىق بېشىمنى قاتۇردى. (كود مەسىلىسى 1991-يىلى uhk213 سىستېمىسىنى ئىشلىگەندىمۇ جىق بېشىمنى قاتۇرغان مەسىلە ئىدى.) سەۋەبى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىرەر كود سىستېمىسى يوق ئىدى. ئاخىرى Unicode نى تاللىدىم. چۈنكى ھازىرقى كومپيۇتېر تورلاشقان ۋەزىيەتتە Unicode نى ئىشلىتىش بەكمۇ زۆرۈر ئىدى. بىراق، بۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش، باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش بەكمۇ زۆرۈر، لېكىن جاپالىق ئىش ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك دېگەننى ئويلاپ يۈرگەن مۇشۇنداق چاغدا، ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىنىڭ UKIJ قۇرۇش، بۇ ئارقىلىق Unicode تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، كود قالايمىقانچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ دەل مەن ئىزدەۋاتقان جەمئىيەت ئىدى.
UKIJنى قوللاشقا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئىش، UKIJ بىر خالىس جەمئىيەت، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇشنى ئويلاۋاتقان بارلىق ئادەملەرنىڭ ماكانى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا بۇ جەمئىيەتكە ئۇيۇشۇپ، مىللىتىمىزنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئىشلىرىنى قوللاش، ئومۇملاشتۇرۇش ھەم يۈكسەلدۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە جەمئىيەتنى قوللىدىم، ھەم جەمئىيەت ئارقىلىق كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىگەن بىر قىسىم ئىشلىرىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭمۇ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم.
UKIJ ئۆزىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق پەقەتلا Unicode نى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشقا قىزىقىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مەيدانىغا ئايلاندى. ئۇ ئەمدى ئىككى ياشقا كىردى. ئىشەنچىم كامىلكى ئۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىدا يېتەكچى، غايەت زور ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ.

كومپيۇتېر ساھەسىدە قىلغان ئىشلىرىم:
1. 1991-يىلى Microfost نىڭ MS-DOS ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن، خەنزۇچە بىر تەرەپ قىلىدىغان 2.13 سىستېمىسى ئاساسىدا، UHKC-213 ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، خەنزۇچە كوپ تىل يېزىقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. بۇنى 1993-يىلغىچە ھەر خىل ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردىم. خېلى نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلىتىلدى.
2. 1995-يىلى «كومپيۇتېر مەشغۇلات قوللانمىسى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇردۇم.
3. 2003-يىلى ھەرخىل يېزىقتىكى Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە تەھرىرلەش دېتالى «Uyghuredit» نى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتتىم. ھەم ئۇنىڭغا 860 مىڭ سۆزلۈكنى ئوز-ئىچىگە ئالغان «كەنجى كوررېكتور» نى قوشتۇم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلدىكى تۈپ سۆزلەرنى تۈرلەيدىغان پروگراممىنى ئىشلەپ 860 مىڭ سۆزنى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىنى ھاسىل قىلدۇردۇم.
4. 2008-يىلدىن باشلاپ ئىنتېرنېتتىكى پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق. بۇ قۇرۇلۇش بىر مەزگىل توختاپ قېلىپ، 2010-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ يەنە قايتا ئىش باشلاپ ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتىمىز. ئەگەر تەرجىمە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانسا، Linux نى ئاساس قىلغان نۇرغۇن سىستېمىلارنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق قىلىۋاتقىنىم مۇشۇ تەرجىمە قۇرۇلۇشى.

تەھرىردىن : غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىم UKIJ نىڭ 2006-يىللىق رەئىسى

بىلىۋال تور بېكىتىنىڭ رۇقسىتىگە ئاساسەن كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئەسلى مەنبە: http://www.biliwal.com/GoogleTap_SG_contentid_139.html
ۋاقتى: 2011-2-10 13:12:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات ھېۋزۇللا 1995- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسېستىتىدا ماگىستىر ئاسپىراتلىقىنى تاماملاپ، ئەنگىلىيە شەرقى لوندون ئۇنۋېرسېستىتىغا ئىمتاھانسىز قوبۇل قىلىنغان . ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىسدا تولۇق كۇرۇدس ئۇقۇۋاتقان چىغىدىلا خەنزۇ ۋە ئىنگىلىز تىلدىكى كومپيۇتېر تىخنىكىغا ئائىت ماتېرياللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆگەنگەن كومپيۇتېر تىخنىكىسىغا تايىنىپ ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەتلىك 863 تەتقىقات گورۇپىسىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرىقلانشۇرۇش ، تاۋۇشلارنى بىرىكتۈرۈش سېستىمىسى ، ئۇيشۇرچە UDOS مەشغۇلات سېستىمىسى ، ئۇيغۇرچە چاشۇرغۇ قاتارلىق تېمىلار تاتقىقاتىغا ئالاھىدە زور كۈچ سەرىپ قىلغان . ھازىر ئوقۇش پۇتتۇرۇپ لوندوندا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بىز E-mail ئارقىلىق ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا ئېرىشتۇق. 1995-يىلى 10- ئاينىدىن 2000- يىلى 12 - ئايغىچە مەن 1995-يىلى 10- ئايدا لوندونغا كەلدىم . مەن شەرقى لوندون ئۇنۋېرسېتىتىدا دوكتۇرلۇقنى ئوقۇش ئۈچۈن تاتقىقات پىلاننى يېزىپ چىقىپ ، مەكتەپنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۇپ، 1996- يىلى 1- ئايدا رەسمى دوكتۇرلۇق ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىندىم. مېىنىڭ ئوقۇشۇم ۋە تۇرمۇش خېراجىىتىمنى شەرقى لوندون ئ؛ۇنۋېرسېستىتىنىڭ تەتقىقات خېراجىتىتىن كۆتۇردى. مىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇچۇشتىكى تەتقىقات تېمام تارقاقلاشقان چوڭ تېپتىكى بىئولوگىيە سانلىق ئامبارلار سېستىمىسى ( biodiversity databases Large scale multiple & distributed). بۇ جەرياندا چوڭ تېپتىكى سانلىق ئامبارنى بىرلەشتۇردىغان ، بىر- بىرىگە ئۇلايدىغان ، ئىزدەيدىغان ھەم ئانالىز قىلدىغان پىروگىراممىلارنى تۈزۇپ چىقتىم .مىنىڭ ماقالەم ۋە تۇزگەن سېستىمام كومپيۇېر ، بئولوگىيە ۋە ماتېماتكا جەھەتتىن قېممىتى بار بولغانلىقتىن ، مۇشۇ ئۈچ ساھادىن مۇتەخەسىسى تەكلىپ قىلىپ، دوكتۇرلۇق ماقالەم باھالاندى ۋە يۇقۇرى باھاغا ئېرىشتى . شۇنىڭ بىلەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى مۇۋاپىقيەتلىك تاماملىدىم. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن ، مەكتەپتە قىلىپ تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدىم. 1998- يىلى 3- ئايندىن 1998- يىلى 10- ئايغىچە مەن Softel شىركىتىدە ئىشتىن سىرىتقى (Part time) پروگراممىچى بولۇپ ، شىركەتنىڭ Swift32 Subiitling (چۇشەندۇرگۈچى خەت قوشقۇچى ) سېستىمىسىنى ئىشلەش گورۇپىسىدا ئىشلىدىم . مەن بۇ جەرياندا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن باشقا لاھىيدە بولمىغان ئىقتىدارنى قوشۇپ قويدۇم. بۇ قوشۇپ قويغان ئىقتىدار خېرىدارلارنىڭ بەك ياخشى ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ، بۇ دىتالنى ئىشلىتىش قوللانمىسىغا كىرگۈزۇلدى ۋە شۇ تۇردىكى باشقا مەسھۇلاتلارغىمۇ مۇشۇ ئىقتىدارنى كىرگۈزۇش پىلانلاندى. شىركەت مىنى ئېلىپ قىلىش تەكلىبىنى قوياغاندى . مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى ۋاختىدا تۈگتۇش ئۈچۈن ، يەنى مەكتەپتىكى تەتقىقەتىمغا تەسىر يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم. 2000- يىلى 11- ئايدىن 2002- يىلى 5- ئايغىچە مەن لوندون شەرقى ئۇنۋېرسېستىتىدا تەتقىقاتچى ( Research Fellow) بولۇپ ئىشلىدىم. بۇ جەرياندا فروفېسسور Boulter Michael نىڭ يېتەكچىلىكىدىكى جانلىقلار تۇرلىرى تەتقىقات گوروپىسى (Biodiversity Research) نىڭ سېستىمىللىرىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش ، تور بەت ۋە سېستىمىلارغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بىرىشكە،جۇغراپىيلىق ئىنفورماتسىيە (System Geographic Information) ۋە سانلىق ئامبارنى ئىنفورماتسىيىنى ئانالىزە قىلدىغان پىروگىراممىلارنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولدۇم ھەم تور بەتلەرنىڭ مەزمۇننى باشقۇرغۇچى سېستىمىسى ( Content Management System) نى تۈزۈپ چىقتىم. بۇ سېستىما Local Online شىركىتى تەرپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلدى. مەن سانلىق ئامباردىكى مەلۇماتنى ئانالىزە قىلىش سېستىمىسى ئىشلىتىپ، بئولوگىيە جانلىقلار تەرەققىياتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بىرىلدى، نەتىجە قازنىلىپ ، ئەنگىلىيەدىكى بىرىنجى دەرجىلىق بىئولوگىيە ژورنىلىدا (Transaction Royal Biological) ماقالە ئېلان قىلىنىپ ، غولغۇلە قوزغالدى. مىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نەتىجەمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، مىنىڭ ئىسمىم بۇ ماقالىدە بىرىنجى ئاپتۇر قىلىنىپ بېكىتىلدى. 2002- يىلى 5- ئايدىن 2006- 4 - ئايغىچە لوندون تەبىئەت موزېيى (Museun Natural Hisroey) سېستىمىلارنى بىرلەشتۇرگۈچى (Systems Integrator) بولۇپ ئىشلىدىم. لوندون تەبىئەت مۇزېيى بولسا موزېي مۇلازىمىتى، تەبىئەت جانلىقلار تەتقىقاتى ۋە ئاكادېمىيە ئاسپىراتلارنى تەربىيلەش روللىرىنى بىرلەشتۇرگەن ئورۇن بولۇپ ، بىئولوگىيە جانلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ياۋرۇپادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئورۇن. مەن تەبىئەت كۆرسەتكۈچى (Navigator Naure) نى لاھىيلەپ تۇزۇشكە مەسئۇل بولدۇم. بۇ سېستىما تەبىئەت جانلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋېتىنى گىرافىك ئارقىلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېنتېرنىېتتىكى ئۇچۇلارنى بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلەشتۇردىغان سېستىما بولۇپ، كىشلەرنىڭ ئالقىشغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، موزېي ئۇچۇر تاپقۈچ (Museum Information Locator) سېستىمىسىنى لەھىيلەپ تۇزۇشكە مەسئۇل بولدۇم. بۇ لوندون تەبىئەت مۇزېيدىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى تارقاقلاشغان سانلىق ئامبارلار (Distributed Databases) نى ئىزدەپ ، ئىزدەش نەتىجىللىرىنى بىرلەشتۇرۇپ سېستىما بولۇپ ، شۇ موزېينىڭ ئاساسلىق قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئۇچۇلارنى ئىزدەپ تاپىدىغان سېستىما بولۇپ قالدى. يەنە دوكتۇرلۇق ئوقۇشتىكى تەتقىقات نەتىجەمنىڭ بىرى بولغان javaدا تور سېستىمىسىنى تۈزدىغان ئارا يۇمشاق دىتال (Middleware) نى تېىخمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، شۇ موزېيغا تەمىنلەپ ئورنىتىپ بەردىم. مۇزېيىدىكى 90پىرسەتتىن ئارتۇق پەن- تېخنىكا سانلىق ئامبارلارنى تور بىلەن كۆرۈشتۈردىغان رەسىم مۇلازىمتېر ( Image Sewver) نى تۈزۈپ موزېيغا تەمىنلەپ بەردىم.دۇنياۋى خارەكتىلىك تەتقىقات تېمىسى بولغان Species2000(جانلىقلار 2000) غىمۇ قاناشتىم. بۇ تېما بىرلەشتۇرگۈچى سېستىمىنى لاھىيلەپ تۇزۇشكە مەسئۇل بولۇپ، دۇنيادىكى جانلىقلار تۇرلىرىگە ئائىت سانلىق ئامبارلارنى بۇ سېستىمىغا ئۇلاشقا مەسئۇل بولدۇم. ھەمدە باشقا موزېيدىكى تور سېستىمىسىنى تۈزگۈچى خادىملارغا تېىنىكا جەھەتتىن ياردەم بىرىشكە ، كۆرۇلگەن مەسلىلەرنىمۇ ھەل قىلىپ بىرىشكە مەسئۇل بولدۇم. 2006- يىلى 4 ئايدىن 6 ئايغىچە Auriga Sysems شىركىتىدە J2EE (كارخانلاشقان java) يۇمشاق دىتال تۈزگۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. بۇ شىركەت تەكسى شىركەتلىرىگە يۇمشاق دىتال ساتىدۇ. بۇ دىتالنىڭ ۋەزىپىسى ۋەزىپە قوبۇل قىلىش (Booking systems) ، باشقۇرۇش (Managing Bookings & Cars) ۋە تەقسىملەش (Dispatching cars to jobs) مەسئۇل. ۋەزىپە ئورنىنىڭ يىقىن - يىراقلىقىغا ئاساسەن سېستىما ئاپتۇماتىك ھالدا تاكسى شوپۇرلىرىغا ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. مەن بۇ سېستىمىنى ھازىرقى ئەڭ يىڭى تىخنىكا بىلەن يىڭلاپ چىقتىم . بۇ سېستىما بىر ئايدا بىر قېتىم قوزقاتمىسا بولمايدىغان سىغىم قاچىدىغان (Memory leak) چاتىقى بار ئىدى. بۇنى نەچچە يىلدىن بۇيان ھىچكىم ھەلقىلالمىغاندى. مەن شىركەتكە ئىشقا چۈشكەندىن باشلاپ ئۈچ ئاي جىددىي ئىشلەپ بۇ چاتاقچى ھەل قىلدىم. قىشلىق ۋاقىت ئۆزگەرگەندە سېستىما قالايمىقانلىشىدىغان چاتاقنى ھەل قىلىدىغان قىسىمنى تۈزۈشكە يىتەكچىلىك قىلدىم. ئاندىن ئايرودرومغا ۋەزىپە قوبول قىلىش ۋە تاكسى تەقسىملەش قىسمىنىمۇ ئىشلەشكە يىتەكچىلىك رولىدا ئىشلىدىم.شۇنداقلا خەرىتە ئارلىق تاكسى ماشىنىلىرنىڭ ئورنىنى ھەرۋاقىت كۆرسىتىپ بىردىغان قىسىملىرىنىمۇ تۇزۇپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلدىم. بۇ سېستىما ئەنگىلىيە ، ئىسپانىيە قاتارىلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئوتتۇراھال ۋە چوڭ تىپتىكى تاكسى شىركەتلىرىدە كەڭ كۆلامدە ئىشلىتىۋاتىدۇ... 2006- يىلى 11- ئايدىن 2007- يىلى 1- ئايغىچە تەبىئەت موزېيدا ئىشتىن سىرىتقى مەسلەھەتچى (Consltant) بولۇپ، يۇمشاق دىتاللارنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلدىم.. سېستىمىلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇشتە قوللانما تۈزۈپ بەردىم. 2007- يىلى 8- ئايدىن ھازىرغىچە قىزىل ھەرە مېدىيا (Red Bee Media) شىركىتىدا تۇقۇرى دەرجىلىك يۇمشاق دىتال ئىنجېنىرى بولۇپ ئىشلىدىم. مەن ئاساسلىقى BBC player سېستىمىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىۋاتىمەن. مەن بۇ يۇمشاق دىتال تۈزۈش گورۇپىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەزالرىنىڭ بىرى ، ئىلگىرى ئاخىرى- بولۇپ مېدىيا ھۆججەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش (Transco ding) ، يەتكۈزۈش (Management Configuration ) باشقۇرۇش دىگەندەك قىسىملىرىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولدۇم ھەم ئۇلارنى مۇۋەپىقيەتلىك تاماملىدىم. BBC player سېستىمىسى BBC قاناللىرىدا قويۇلغان پىروگىراممىنى ئەنگىلىيە ئېچىدىكى تاماشبىنلارغا كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى سۈرەتلىك كۆرۇش (دەرھال كۆرۇش ياكى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۇپ يەتتە كۈنگۈچە كۆرۇش) مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنللەيدۇ. رەقەملىق تېلۋىزورغىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار تەمىنلەشكە مەسئۇل. شۇنداقلا يىقىندا Apple IPhone غىمۇ BBC پىروگىراممىلىرىنى تەمىنلەش ئىقتىدارى ئەمەليلەشۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ
سېستىما BBC نىڭ خاس باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىپتىخارلىق مۇلازىمتىنىڭ بىرسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ..
رەسىمنى كۆچۈرگىلى بولمىدى http://www.yolyar.com/album/display.asp?id=16377
ۋاقتى: 2011-2-10 13:30:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارىس ئابدۇكەرىم ئەپەندىم بىلەن سوھبەت

مۇھەررىردىن: ئۇ ل ي(ئۇيغۇر لاتىن يەزىقى)، UKIJ(ئۇيغۇر كومپۇتەر ئىلمى جەمئىيىتى)، ئۇنىود دېگەندەك سۆزلەر ئىنتېرنېت ۋە كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئېغىزىدا كۆپ تەكىتلىنىدىغان سۆزلەر بولۇپ قالدى. ئىنتېرنېتتا ئۇ ل ي نىڭ بىرلىككە كېلىشى توغرىسىدكى مۇنازىرىلەنى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە كۆپ ئۇچراتتۇق، شۇنداقلا UKIJ نىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرىدىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇردۇق. بىز ئۇيھگۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا بىلىملەرگە ئېرىشىش مەقسىتىدە UKIJ نىڭ قۇرۇلۇشىدا بىۋاسىتە رول ئوينىغان ئەزىمەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئىگىلىشىمىزچە بۇ خىزمەتتە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان كومپيۇتېرشۇناسلىرىمىز:


ۋارىس ئابدۇكېرىم (2000 - 2005.5، تېخنىكا، تىلشۇناسلىق، تەشكىللەش؛ ئۇ ل ي، يۇنىكود، UKIJ)
ھوشۇر ئىسلام (2000 - 2001.7، تەشكىللەش جەھەتتە، ئۇ ل ي)
ئابدۇرېھىم (2000 - 2005.1، تىلشۇناسلىق، تەشۋىقات، ئۇ ل ي، UKIJ)
مەمەت ئەردەم (2000 - 2004، تەشۋىقات، ئۇ ل ي، UKIJ)
غەيرەت ت. كەنجى (2002 - 2005، تېخنىكا، يۇنىكود، UKIJ)
مۇھەممەد ئابدۇللا (2004 - 2005.9، تېخنىكا، يۇنىكود،  UKIJ)

قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.


ئۇندىن باشقا، http://www.ukij.org/teshwiq/U K Y_Heqqide (كونايەزىق).دە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغاچقا، سۆھبەتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار بىلەن بولغان قىسمىلا ھوزۇرىڭىزلەرگە سۇنۇلدى.


مانا مۇشۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى كېچە-كۈندۈزلەپ سەرپ قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئىنتېرنېتتىن بۈگۈنكىدەك كەڭ دائىرىلىك ئورۇن ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى، كىشىلىرىمىزنى ئىنتېرنېتتا دۇنيانى بىلىش، ئىلىم ئۈستىدە يىراقتىكى دوستلار بىلەن ئانا تىلدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا قوشقان مىننەتسىز تۆھپىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى كومپيۇتېر دۇنياسىغا جەلپ قىلدى. سۆھبىتىمىز يۇقىرىقى ئەزىمەتلەر بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق نۆۋەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.


1- سوئال: ئوزىڭىز توغرىسىدا ئازراق سوزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئىسمىم ۋارىس ئابدۇكەرىم، فامىلەم جانباز. 1977-يىلى پەيزاۋات ناھيىسىنىڭ جانباز يېزىسىدا تۇغۇلغان. بەلكىم فامىلەمگە دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇ مەن تۇغۇلغان يېزىنىڭ نامى بىلەن ئوخشاش. مەن ئۇ نامنى 2000-يىلى ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ ۋە فامىلە ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى رەسمىي تونۇپ يېتىپ رەسمىي قوللىنىشقا باشلىغان. كېيىنچە، پاسپورتىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئىسپات/ھۆججەت لەردىمۇ لاتىنچە يېزىشقا توغرا كەلگەندە ئىسمىمنىڭ پىنيىن بىلەن يېزىلىشىنى ئەمەس "ۋارىس ئابدۇكەرىم جانباز" دەپ ئىشلىتىپ كەلدىم. ئەلبەتتە بۇ جەرياندا ۋەتەن ئىچىدىكى بەزى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا قانۇندىن ساۋاد سۆزلەشكە توغرا كەلدى.


مەن 1994-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (سۆزۈمنىڭ داۋامىدا: Sh.U.) كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدا باكالاۋر ۋە ماگىستېرلىقتا ئوقۇدۇم. ئوقۇش جەريانىدا 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە كۆپىنچە تورداشلارغا تونۇش بولغان دۆلەتلىك 863 تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ ش.ئۇ. تارمىقىدا مىللىي تىل-يېزىق يۇمشاق دېتاللىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندىم. ئەشۇ 4 يىل داۋامىدا، ئاز بولمىغان بىلىملەرنى ئىگىلەش، نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولۇش ۋە 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئوقۇش جەريانىدا ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگەندىم ۋە فرانسۇز تىلىغا دەسلەپكە ئاساس يارىتىپ، 2002-يىلى ئىيۇلدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلدىم. بىر يىل تىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، 2003-يىلى “كۆپ تىللىق ئىنجىنېر” (ئىڭېنىئەرىئە مۇلتىلىڭۇئە/مۇلتىلىڭۇئال ئەڭىنەئەئەرىڭ) لىق كەسپىدە ئوقۇپ بىر يىلدىن كېيىن “ئالىي مۇتىخەسسىس”(دەسس) دىپومىغا ئېرىشتىم. ھازىر پارىس سائىنت-دەنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقنىڭ 2-يىلىنى ئوقۇغاچ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.


2- سوئال: UKIJ نىڭ قۇرۇلۇشىغا قانداق زۆرۈرىيەت سەۋەب بولغان؟ (قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى ئىشلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز)


بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ئۇ ل ي) ھەم ئۇيغۇرچە يۇنىكود فونتلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە جەريانلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇ ل ي: ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى كومپيۇتېر ساھەسىدە بولسۇن ياكى باشقا بەزى ساھەلەر بولسۇم لاتىن ھەرپلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە يېزىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن لاھىيىلەرنىڭ ھەم لاتىنچە ھەرپلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ھەددىدىن زىيادە كۆپ خىللىقى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى بىر زۆرۈرىيەت.

ھەممىمىزگە مەلۇم، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار كەم دېگەندە 15 خىل ئوخشىمىغان لاھىيە/ئېلىپبە ئىشلىتەتتى. شۇ چاغدا مەن ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلىرىم ۋە بىر قىسىم دوستلىرىم بىلەن ئەشۇ 15 خىل ئوخشىمىغان لاھىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار يوقلۇقى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەنىدىم. بىراق مېنىڭ ئېرىشكەن جاۋابىم «ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس … ئۇنداق ئىشنى قىلغاننىڭ پايدىسى يوق …» دېگەن ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلاندى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ «مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش» ئىستىكىم قوزغىلىپ ھېچ بولمىغاندا كىشىلەرگە بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىپى بېرىپ بېقىش خىيالىمنىڭ بارلىقىنى ئوقۇتقۇچۇم پروفېسسور ھوشۇر ئىسلامغا بىلدۈردۈم. ئۇ كىشى مېنىڭ پىكىرىمى قوللايدىغانلىقىنى ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنى چاقىرىپ مۇھاكىمە يىغىنىغا تەشكىللەشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلىتىلگەن ئوخشىمىغان لايىھىلەرنى توپلىدىم. تىلشۇناسلىق ۋە يېزىق لايىھىلەش بىلىملىرى توغرىسىدا ئىزدەندىم. قېرىنداش مىللەتلەر بولغان ئۆزبەك، قازاق، تۈركمەن، تاتار، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ يېزىق لايىھىلىرىنى ۋە تەجىرىبە-ساۋاقلىرىنى تەتقىق قىلدىم.

ئىككى ئايلىق ئىزدىنىش، تىلشۇناسلاردىن پىكىر ئېلىش ۋە ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق 2000-يىلى نويابىر ئېيىدا «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا دەسلەپكى تەشەببۇسنامە» نى يېزىپ چىقىپ پروف. ھوشۇر ئىسلامنىڭ مەسلەھەتىنى ئېلىپ ئاخىرى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ شۇ يىلى 24-نويابىر ش.ئۇ. كۇتۇپخانىسىدا 1-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى، ئەھمىيىتى توغرىسىدا قىزغان مۇنازىرىلەر بولدى. كېيىنكى يىغىنلاردا ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى ئىبراھىم مۇتىئى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، خەمىت زاكىر، قاتارلىق ئاتاقلىق تىلشۇناسلارنىڭ ھەم http://www.ukij.org/teshwiq/U K Y_Heqqide (كونايەزىق-http://www.ukij.org/teshwiq ).ھتم دا تىلغان ئېلىنغان ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى. قىسقىسى، ئۇ ل ي نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقات تېمىلىرىئىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

يىغىننىڭ تەپسىلاتلىرى ئىنتەرنەت ئارقىلىق ئاشكارلانغان بولغاچقا، يىغىنغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بىراق بۇ تېمىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن تورداشلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. توردا بېرىلگەن پىكىرلەرمۇ ئۇ ل ي نىڭ بىرلىككە كېلىشىچە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى. ئاخىرىدا 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2001-يىلى 3-ئىيۇل كۈنى ئۇ ل ي ئاخىرى بىرلىككە كەلدى. بۇ جەھەتتە ئابدۇرېھىم ۋە مەمەت ئەردەم ئەپەندىلەر ۋە ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بەزى تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىگە رەھمەت ئېيتىش كېرەك.

ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە 3-نۆۋەتلىك يىغىنغا قاتناشقان بەزىبىر تەتقىقاتچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغان لايىھەگە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى»(ئۇ ك ي) دەپ نام بېرىش ماقۇل كۆرۈلگەن ئىدى. شۇنداق نام بېرىشتە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا كۆزدە تۇتۇلغان: 1) بۇ يېزىق دەسلەپتە كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ. 2) ئەگەر «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئالساق بەزىلەرگە «يەنە يېزىق ئىسلاھاتى قىلىدىكەنمىز…» دېگەندەك خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 3) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتىگە ۋە بەيجىڭغا تەكلىپ يازغاندا قوللاشنى ئاسانراق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

دەرۋەقە بىرلىككە كەلگەن بۇ لايىھە 2001-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق (Sh.U.A.R.) خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاندى. ئارقىدىن، سابىق Sh.U.A.R. رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتمۇ بۇ تەكلىپكە قاراپ چىقىش ئۈچۈن «مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» ئېچىپ تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقاردى: «ھازىرچە بىرلىككە كەلگەن ئۇ ك ي نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى ياخشىلاش كېرەك».

شۇ تەكلىپ بىلەن ئۇ ل ي كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىش ھەم تەشۋىق قىلىنىشقا باشلاپ ھازىرقىدەك بىرلىكنى ياقىلاشتەك ياخشى ھالەت شەكىللەندى. خاتا چۈشەنچىلەر بارغانسېرى يوقاپ، كىشىلەر ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان لايىھەنىڭ جەۋھىرى بولغان ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.

ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنلىرى توغرىسىدا مەتبۇئاتلار (تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللار) خەۋەر بەگەن بولسىمۇ، تەشۋىقات يەنىلا يېتەرسىز. شۇڭا مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى كونا يېزىققا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەنلىكىنى داۋاملىق ئەسكەرتىش زۆرۈر. ئۇ ل ي نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخىس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس.

قىستۇرما سوئال: ئۇيغۇر لاتىن يەزىقى (ئۇ ل ي) نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟


ئۇ ل ي نىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1) بىر فونېمىغا بىر ھەرپ بەلگىلەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغاچقا، ئۇ ل ي ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (ئۇئەي، ياكى كونا يېزىق) دا يازغان ھەر قانداق سۆز ۋە ئىبارىلەرنى ئېنىق يېزىشقا بولىدۇ. ئۇ ل ي ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلغاندا، سۆزلەرنىڭ باشقا مەنە بېرىپ قويۇشىدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.

بۇ خىل ئالاھىدىلىك رەسمىي تىپتىكى بىر قەدەر مۇھىم خەۋەر، ماقالە ياكى كىتابلارنى ئۇ ل ي دا يازغاندا تېخىمۇ روشەن كۆرۈلىدۇ. يەر ناملىرى ۋە خاس ئىسىملارنى چەت ئەل تىلى ياكى لاتىن يېزىقىدا يېزىشقا توغرا كەلگەندە ئۇ ل ي نى ئىشلەتسە ئاتالغۇلارنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھازىر ئىڭلىز تىلى ياكى باشقا تىللاردا يېزىلغان كىتاب ياكى ماقالىلەردە ئۇيغۇر يەر نامى ياكى خاس ئىسىملىرى ئۇ ل ي دا يېزىلىشقا باشلىدى.

2) ئۇ ل ي نى ئىشلىتىش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلىك رول ئوينايدۇ.

ئىككى ئايرىلالماسلىق: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ !!!

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە (سۆزۈمنىڭ داۋامىدا ئوئاد) كەم دېگەندە 500،000 ئۇيغۇر بار. ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرلىكە كەلگەن ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقىنى (ئۇ س ي) نى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. يېزىقمۇ تىلغا ئوخشاش ئۇچۇر ۋاسىتىسى. ئوخشىمىغان دۆلەتتە ياشايدىغان بىر مىللەت ئارىسىدا ئوخشىمىغان يېزىقلارنىڭ (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى، ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقى) مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى نوقۇل ھالدا بىر مىللەتنىڭ بۆلۈنۈپ، يىراقلىشىپ ياكى ئازراقىنىڭ يوقىلىپ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئوئاد ئۇيغۇرلىرى ئۇئەي نى بىلمەيدۇ ياكى ئۆگىنىشىمۇ تەس، يەنە بىر تەرەپتىن Sh.U.A.R ئۇيغۇرلىرى ئۇ س ي نى بىلمەيدۇ ياكى بىلىدىغانلار ئاز. قىسقىسى، ئوئاد ئۇيغۇرلىرى ۋە Sh.U.A.R ئۇيغۇرلىرى يېزىق ئارزىقىلىق بىۋاسىتە ئالاقىلىشەلمەيدۇ. ئۇ ل ي مانا شۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. بۇندىن كېيىن كومپيۇتېر ساھەسىدە، ئۇئەي دا تارقىتىلغان ماتېرىياللار ئۇ ل ي دىمۇ تەڭ تارقىتىلسا ئوئاد ئۇيغۇرلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ س ي دا يېزىلغان مەزمۇنلار ئۇ ل ي دىمۇ تارقىتىلسا Sh.U.A.R ئۇيغۇرلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىپ ئاللىبۇرۇن ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى توردىكى ئەمەلىيەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

UKIJ دىكى نەزەر دائىرىسى كەڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۇئەي، ئۇ ل ي ۋە ئۇ س ي نى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش قوراللىرىنى ياسىغاندا ئەنە شۇ مۇھىم نۇقتىلارمۇ كۆزدە تۇتقان.

3) تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق.

ئۇ ل ي ئېلىپبەسى بىلەن باشقا لاتىن يېزىقىنىمۇ ئىشلىتىدىغان تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز (ئۆزبېك، ئازەربەيجان، تاتار، تۈركمەن، تۈركىيە تۈركلىرى) ئىشلىتىدىغان ئېلىپبەلەر ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار كۆپ. بۇ ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالاشتۇرۇشتا پايدىلىق رول ئوينايدۇ. (مىسال: http://www.omniglot.com/writing/uyghur.htm دىكى "رەلاتەد لاڭۇئاگەس " دىكى تىللارغا ۋە ھەر بىر تىلغا ئائىت "لىنكس" دا كۆرسىتىلغان ئۇلىنىشلارغا قاراڭ)

4) كومپيۇتېر ساھەسى ۋە باشقا ساھەلەردە ئۇئەي نى ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە ئۇ ل ي ياردەمچىلىك رول ئوينايدۇ.

كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ بەزى ئورۇنلاردا ئۇئەي نى مۇكەممەل قوللىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ ل ي نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەتتۇر.

5) ئۇ ل ي ئۇيغۇرچە ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارغانسېرى دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارمۇ كۆپەيمەكتە. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر نەچچە ئېغىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگىنىشتە ئۇ ل ي نى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ئۇئەي غا قارىغاندا تېزراق بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەتتۇر.

ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان، بىراق ئۇئەي دا ئۇيغۇرچە يازالمايدىغان بەزى ئۇيغۇرلارغا ئۇ ل ي نى ئۆگىنىش ھەم ئىشلىتىش ئاسانراق بولىدۇ.

يۇنىكود: بىر خەلقئارا ئۆلچەم بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىگە بىردىنبىر رەقەم/كود بېرىپ كومپيۇتېردا ئۆز-ئارا پەرقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇيغۇرچە ھەرپلەر، http://www.oyghan.com/yunikod/yunikod_FAQ.htm دا كۆرسىتىلگىنىدەك، پروف. ھوشۇر ئىسلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ئىسو غا تەكلىپ يوللىشى بىلەن 1998-يىلىلا يۇنىكود قا تولۇق كىرىپ بولغان. ھالبۇكى بۇ ئۆلچەم مەن 2002-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۇنجى قېتىم يۇنىكود ئۆلچىمى ئىشلەتكەن ساپ ئۇيغۇرچە فونت ياساپ ھەقسىز تارقاتقىچە ۋە يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئىشلىتىشتىكى تېخنىكىلىق تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرمىگىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇمىيلاشمىغان ھەم ئىشلىتىلمىگەن.

شۇ چاغلاردا كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئادەمنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قوزغايدىغان ئىككى ئىللەت مەۋجۇت ئىدى:

1) ئۇ ل ي نى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى «يېزىق ئۆزگەرتىش» دەپ خاتا تەشۋىق قىلىپ ئۆزىنىڭ كونا يېزىققا ئالاقىدار يۇمشاق دېتاللىرىنى ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ خېرىدار ئىزدەش.

2) ئۆزلىرى ياسىغان فونتلىرىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكىگە قارىماي باشقىلارنى ئۆزى ئىشلەتكەن «ئۆلچەم» نى ئىشلىتىشكە چاقىرىش، نەتىجىدە ھېچكىم ھېچكىمنىڭكىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلماي ئوخشىمىغان «ئۇسلۇب» يارىتىش.

بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېردىن ئانچە خەۋەرسىز كىشىلىرىمىز نېمە قىلىشىنى، قايسى يولغا مېڭىشىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى، بۇ خىل ۋەزىيەت 2003-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشتى. ئۇندىن كېيىن غەيرەت ت. كەنجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراقنى كۆرەلەيدىغان ياراملىق تەتقىقاتچىلىرىمىز يۇنىكودنى ئىشلىتىشنى رەسمىي قوللىدى ھەم يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ بىرلىك ئۈچۈن ھەقسىز تارقاتتى. نەتىجىدە توغرا يولنى تونۇپ يەتكەن نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەر بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇختىلىق ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىش بازىلىرى دەپ قارىلىدىغان ش.ئۇ. 863 تەتقىقات گورۇپپىسى ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىمۇ يۇنىكودنى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتتى.

UKIJ: 2004-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرچە يۇنىكود نى ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ئۇيغۇرچە فونت تۈرلىرى 30 خىل غا، فونت ناملىرى 200 خىلدىن كۆپكە يەتتى. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ يۇنىكود فونت ناملىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشى، فونتلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە لايىق بولماسلىقى يەنە باش قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ھاكىمىيەت ۋە مەجبۇرلاش قوقۇقىغا ئىگە بولغان Sh.U.A.R. خەلق ھۆكىمىتى، تىل-يېزىق كومىتېتى، پەن-تېخنىكا كومىتېتى ... بۇ ئىشقا كۆڭۈل بەرمەي پاسسىپ ھالەتتە تۇردى؛ شۇلارغا تەكلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارالغان ش.ئۇ. 863 تەتقىقات گورۇپپىسىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىدى. ئەشۇ ئورۇنلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنىڭ بولماسلىقى «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە «تىل-يېزىق قانۇنى»نىڭ توغرا ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

Sh.U.A.R. نىڭ ھازىرقى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت تورلىرىنى (gov.cn بىلەن ئاخىرلاشقان) ياخشى باشقۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. مەزكۇر شۇئارىدىكى «ياخشى باشقۇرۇپ» دېگەننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ «ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئىشلەپ ياخشى باشقۇرۇش»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرغان كىشىلەر ئۇ شۇئارغا ھازىرغىچە ئاۋاز قوشمىدى.


مەنبە: ,


مۇشۇنداق شارائىتتا، پارتىزان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار كومپيۇتېر ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ تىل ۋە يېزىقىمىزنى قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ بولمىسا بومايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق. شۇڭا، ئۇ ل ي نى توغرا تەشۋىق قىلىش، يۇنىكودنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش ھەم فونت نامىنى تەرتىپكە سېلىش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا تۆھبە قوشۇش ئۈچۈن مېنىڭ تەشەببۇسۇم ۋە ھازىرقى UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن 2004-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات -- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (UKIJ) قۇرۇلدى.

ئەسلىدە UKIJ نى بىر ئاممىۋىي تەشكىلات سۈپىتىدە رەسمىي تىزىملىتىشنى ئويلاشقان ئىدۇق. بىراق http://www.mca.gov.cn/artical/content/PMJN/2003122285837.htm دىكى 3-بۆلۈمدە تىلغا ئېلىنغان ئۈچىنچى ۋە بەشىنچى شەرتلەرنى ھازىرلاش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا ھازىرچە مۇستەققىل، دۆلەت چىگراسى يوق توردىكى تەشكىلات بولۇپ تۇردۇق.
داۋامىنى بۇ يەردىن  كۆرۈڭ http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=145
ۋاقتى: 2011-2-10 14:05:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلەپ كەلسەك ئالىپ تورىنىڭ قۇرىغۇچىسى، فوتوشوپ، ئېديۇس دېتاللىرىنى تەرجىمە قىلغان ئالىپ (ئەنۋەر) ئەپەندىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، روھلان مائارىپ تورىنىڭ قۇرىغۇچىسى ئادىلجانمۇ سەركە بولۇپ قالدى، شاھدىيار ئەپەندىممۇ دېتال تەتقىقاتىغا كۈچ چىقىرىۋاتقانلار ھىساپلىنىدۇ، يەنە يېڭى ئېرا تورىنىڭ قۇرىغۇچىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن، ئۇلارمۇ خېلى ياخشى تېخنىكىلارنى چىقىرىپ قويىدۇ...
ۋاقتى: 2011-2-10 15:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىنچىسىنى تونۇيدىكەنمەن...!
مۇمكىن بولسا ئاشۇلار بىلەن تور يۈزىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى!
ۋاقتى: 2011-2-10 16:00:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا، كوت - كوتنى ياساپ چىقىشتا تۆھپىسى بار ئابدىغىنى ئىسىملىك دوستىمىزمۇ بار. قەشقەر يېڭىشەھەردىن.
ۋاقتى: 2011-2-10 16:12:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى كۈلكە ئەپەندىنىمۇ ئۇنتۇپ قالساق بولماس!
ۋاقتى: 2011-2-10 16:21:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقى بىلەن  تاماقلخانىلارنى ئاپتۇماتلاشتۇرغانلارمۇ بار.............
ۋاقتى: 2011-2-10 18:19:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alpsoft-تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

سوئال: ئۆزىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئىسىم-فامىلەم: تۇرسۇنجان سۇلتان، ئۇيغۇر، 1975- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىدە توغۇلغان، 1995- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكولتېتىدا تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن. 1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1997- يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدىكى ھۆججەتلەرنى كىرگۈزۈش، تەھرىرلەش ئىشلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇللاندىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كومپيۇتېرغا بولغان قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ، 1998- يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك يارىتىش يولىغا قاراپ مېڭىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە دەسلەپكى قەدەمدە كومپيۇتېردا مۇلازىمەت قىلىش ۋە تەربىيىلەش مەركىزى قۇردۇم، 2005- يىلى بۇ ئورۇننى كېڭەيتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتىم، ھەم مىللىي تىل يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش ۋە سېتىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2011-2-10 18:40:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن مەتروزى(ئەليار) ئەپەندىم بىلەن سۆھ

سۇئال: ئۆزىڭىز توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

  جاۋاب: ئىسمىم مەمتىمىن مەتروزى (تەھرىردىن: رەسىمدىكى ئوتتۇرىدىكى كىشى Alyar ئەپەندىم بولىدۇ)، تەخەللۇسۇم ۋە توردىكى نامىم ئەليار (Alyar). شىنجاڭ چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ستاتىستىكا خىزمىتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. 1970-يىلى 3-ئايدا چىرا ناھىيىسىنىڭ دامىكۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان، بۇ يىل 35 ياش.

1991-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 11 يىل تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتاش دامىكۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم.
1998-يىلى يېزىمىزغا توك ۋە تېلېفون بىراقلا يېتىپ كەلدى، مەن 6 مىڭ يۈئەن قەرز ئېلىپ CPU سى 166 mhz, ئىچكى ساقلىغۇچى 16 mb لىق، قاتتىق دېسكىسى 800 mbلىق بىر دانە 586 تىپلىق كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالدىم. (بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېر ئىدى) كومپيۇتېرىمغا يېڭىدىن چىققان Windows98 مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىدىم. بۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى Dos زامانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن زېرەك دوستلىرىمىز ھېس قىلالايدۇ، بۇنى بىز ئۇيغۇر تىلىدا ئارزۇيىغا يېتىش دەپ ئىزاھلىساق كېرەك.
شۇنداق قىلىپ مەن Udos نى، Win3.2نى ۋە ئۇيغۇرچە Win3.2نى، Windows95ni ،Uwindows95نى، بوغدا ئۇيغۇرچە يېزىق سېستىمىسى، بېيدا فاڭجىڭ نابور سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم.
1998-يىلى قىشتا ئىنىم ياسىن ئۈرۈمچىدىن سېتىۋېلىپ كەلگەن 6 دانە 486 تىپلىق كومپيۇتېر ۋە ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىنى بىرلەشتۈرۈپ دامىكۇ ۋە گۇلاخما يېزىسىدىكى ھەۋەسكار دوستلىرىمدىن 18 نەپىرىگە كۇرس ئاچتىم.1999-يىلى يازلىق تەتىلدە ناھىيىمىزگە كېلىپ 15 دانە كومپيۇتېر بىلەن ناھىيىمىزدە كۇرس ئېچىپ 48 نەپەر ئادەم تەربىيەلىدىم.1999-يىلى كۈزدە 3 ئاكا-ئۇكا بىرلىشىپ چىرا ناھىيىسىدە "يېڭى ئەسىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى"نى قۇرۇپ چىقتۇق. 2000-يىلى ھەر دەم ئېلىش كۈنى 30 كىلومېتىر يولنى بېسىپ ناھىيىمىزگە كېلىپ 8 نەپەر دوستىمىزغا visual basic تىن كۇرس ئاچتىم، 2001-يىلى ستاتىستىكا ئىشلىرىنى كومپيۇتېردا ئىشلەش سىياسىتىدە يېزىدىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يۆتكەلدىم. 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە مۇلازىمەت مەركىزىمىز كۈندىن كۈنگە روناق تاپتى. 2004-يىلى 5-ئايدا ئىدارە باشلىقىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ ئىشخانامدىكى كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلىدىم، 2004-يىلى 8-ئايدا ئۆيدىكى كومپيۇتېرىمنى تورغا ئۇلىدىم ۋە  http://www.yengiesir.com  تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقتىم. دەسلەپتە ئىزدىنىش مۇنبىرى بىلەن، ئاندىن بىلىك كۇلۇبى بىلەن، ئاندىن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن تونۇشتۇم. مەندىكى كومپيۇتېر ئىشلىرىغا بولغان ئىشتىياق خەلقىمىز ئۈچۈن شام كەبى مېھنەت قىلىۋاتقان بۇ جەمئىيەت ئەتراپىدىكى ئوت يۈرەك دوستلار ۋە ئۇستازلار بىلەن تونۇشۇش ، سىردىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، مەن 2004-يىلى 12-ئايدا توردا ئېچىلغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىس ۋارىس ئابدۇكېرىم جانبازنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن.
ۋاقتى: 2011-2-10 18:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوشۇر ئىسلام - شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى . مەركىزىي كومپارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ۋە ش ئۇ ئا ر رايونلۇق ئالاھىدە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ( 500 مىڭ يۈەن ) ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت ئالىمى .ئۈچ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېميىسىنىڭ ئاكادېمىلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ( ئۈچ نۆۋەت ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمىنىڭ بىرى . ئاپتونۇم رايونلۇق مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونۇم رايونلۇق ئىلمىي ئۈنۋان كومىتىتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كومپىيۇتېر ، ئۇچۇر جەمىيئەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى ، دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى » « شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم ئالاقە ئىلمى » نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 4 خىل كومپىيۇتېر ئۇچۇر ماگىستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل –يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . ئۇ 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانىچنى تەربىيىلىگەن .
داۋامى http://www.yolyar.com/album/display.asp?id=16379

ئالىم ئەھەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە «كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى»نى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن، پروگرامما لايىھىلەشتە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1993-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا كىرگەن ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا، UDOS ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، كۆپ تىللىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە تونۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يىتىلدۈرۈپ، يۇمشاق دېتال ئېچىشتا مول تەجرىبە ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى پۇختا يىتىلدۈرگەن. 1995-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى 9-فاكولتېتى)غا كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1998-يىلى 6-ئايدا، ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدا، شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يۇمشاق دېتال شىركىتى-ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرغان.

باشقىلارنىڭكىنى ئىزدەپ باقاي، بىلىدىغانلار يوللاپ قويۇڭلار.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-10 21:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىدىن باشقىلار ھەققىدىكى ماتىرىيال بارلار تولۇقلاپ قويساڭلار بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-6 11:38 , Processed in 0.166696 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat