ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1560|ئىنكاس: 14

V-ray1.5 دىن دەسلەپكى ئاساس (سۈرەتلىك دەرس)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1- دەرس: V-ray1.5 بىلەن دەسلەپكى تونۇشۇش
1- Vray نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
Vray Adv1.5 ــ 3DS MAX نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھاسىللاش قىستۇرمىسى بولۇپ، قايسى نەشىرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر 3DS MAX6.0 نەشىرىدىن كېيىنكى نەشىرلىرىنى قوللايدۇ.
Vrayــ 3DS MAX نى قىستۇرما بىلەن تەمىنلەيدىغان داڭلىق شىركەت Chaos group نىڭ بىر تۈرلۈك كىچىك ،ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك ھاسىللاش قىستۇرمىسى.
Chaos group نىڭ يەنە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن sim cloth (ھەقىقىي تۇيغۇدىكى رەخت ھاسىللاش قىستۇرمىىسى)، Phenix (ئوت-يالقۇنى ھاسىللاش قىستۇرمىسى) ۋە shag ful (يۇڭ-تۈك ھاسىللاش) قاتارلىق قىستۇرمىلىرى بار.
Vrayــ نۆۋەتتىكى مۇنەۋۋەر ھاسىللاش قىستۇرمىلىرىنىڭ بىرى،بولۇپمۇ ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەشتە Vray سۈرئىتى تېز، ھاسىللاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ھاسىللاش يۇمشاق دېتالى بولالايدۇ.
Vray نىڭ ھاسىللاش ئۇسۇلى ــ * فوتون ئارقىلىق ھىسابلاش ئېلىپ بارىدۇ . بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەش ئەمىلىيتىدە Vray نىڭ مۇكەممەللىكى ئىسپاتلاندى.
Vray نىڭ ئالاھىدىلىكى:
1)        چىنلىق(ھەقىقىيلىك) ــ Vray دىن پايدىلىنىپ، ئەسەر ئىشلىگەندە فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەتتا كىشلەرگە يالغاننى راست كۆرسىتىشتەك ئۈنۈمگە تەتكىلى بولىدۇ. كۆلەڭگىسى ئىنتايىن تەبئىي، ماتېرىياللارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن جايىدا.
2)        ئومۇميۈزلىكى ــ  Vray دا ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ، قۇرۇلۇش مەنزىرىسى ئۈنۈم خەرىتىسى ،تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقى، سانائەت مودىلى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىشلىگىلى بولىدۇ.
3)        جانلىقلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملىكلىكى ــ ئەمىلي ئىھتىياجغا قاراپ پارامېتىرلارنى تەڭشەپ ،خالىغان ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ ، پارامېتىرلارنى تۆۋەن تەڭشەپ،تېز سۈرئەتتە ھاسىللاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ،ئەگەر ئەسەرنىڭ سۈپەت تەلىپى يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا ھاسىللاش پارامېتىرلىرىنى يۇقىرى تەڭشەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى ھاسىلللاپ چىققىلى بولىدۇ.
Vray نىڭ نەشىرى :
Vray نىڭ نەشىر تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق ،ئاساسلىق 3باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچ: ئاساسلىقى 1.09 نەشىر باسقۇچى ، ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.47 نەشىر باسقۇچى (ئاساسلىقى 1.45 نەشىرىدىن 1.49 نەشىرىگىچە بولغان باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
ئۈچىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.5 نەشىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىر باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1.5 نەشىرىدىن كېيىن «چىراغ نۇرى بۇففىرى» ئەندىزىسى، Vray كامىراسى، Vray ئوبىيكىتلىرى، ماتېرىيال سۈپىتى تۈرلىرى، چاپلىما رەسىم تۈرلىرى، چىراغ نۇرى تۈرلىرى، ئالاھىدە ئۈنۈم تۈرلىرى قاتارلىق 7خىل ئىقتىدار يېڭىدىن قوشۇلدى)
فوتون ــ نۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەرىچە ، ئۇ بەلگىلىك ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېنىرگىيەسى نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى قانچە قىسقا بولسا فوتوننىڭ ئېنىرگىيەسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.




ئەسكەرتىش:   ئەسلى دەرىسلىك 10 قىسىم ، بۈگۈن 5 قىسىم يوللاندى ،قالغان 5 قىسىم ئەتىگىچە مۇشۇ تېمىغا يوللىنىدۇ.
مەنبە : ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى   http://atashart.blogbus.com/


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-7 22:51  

vray教程01.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-7 23:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
VRay  1.5 نىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپتىمەن.
http://www.verycd.com/topics/90970/
ۋاقتى: 2011-2-7 23:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشۇلسىڭىز بۇنى «ئىنتىل تور كىنوخانىسى» غا قوشىلى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-7 23:56:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ، قالغان 5 قىسىمنى ئەتىگىچە يوللاپ بولىمەن.
ۋاقتى: 2011-2-8 15:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3دماكس نىڭ يەتتىىنجى نەشىرىگە قايسى نەشىردىكى ۋراي مۇۋاپىق؟  مەن 1.47 نى قاچىلىدىم.  3دماكس 7 گە1.5  نۇسخسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟؟  ئەگەر بولسا قانداق قاچىلايمىز؟؟
ۋاقتى: 2011-2-8 19:39:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز دەرىلىكىڭىزنى كۆردۈم  ...لىكىن يېرىمى چىقىپلا قالغىنى چىمقىدى ..سۈزۈك شەكلىنى بىرەر بوشلۇققا يوللاشقا  بۇلامۇ ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-9 15:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3DS MAX 7.0 غىمۇ Vray1.5 نى قاچىلىغىلى بولىدۇ،قاچىلاش ئۇسۇلى 2-دەرسنى كۆرسىڭىز ،شۇنىڭدا تەپسىلىي سۆزلەنگەن (1-دەرس نەزىرىيە ) ،يەنە ئېنىق چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز QQ نۇمۇرۇم:   506206291
ئەگەر سۈزۈك AVI نۇسىخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولغانلار بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭلار.
http://u.115.com/file/t28791278[دەرسلىكنىڭ ئومۇمىي سىغىمى :355 MB
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-9 15:18  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-9 15:32:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغان 5 دەرسنىمۇ بۇ يەرگە يوللىۋىتەي.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-9 16:39:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ يەرگىمۇ يوللىۋەتتىم .
http://iask.sina.com.cn/u/1696179962/ish?folderid=251955 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-9 16:43  

ۋاقتى: 2011-2-9 20:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بولدى ..مەن چۈشۈرۋاتىمەن ..رەخمەت سىزگە   ...سىز ئىشلەتكەن ئېكراننى سۈرەتكە  ئېلىش دىتالىنىڭ  ئىسمى نىمىدۇ  ..خېلى ياخشى ئالىدىكەن  ..
ئاۋۇ 115 تور دىسكىسىغا يوللىغان دەرىس چۈشمەي خاپا  قىلىۋاتىدۇ  ،،،
ۋاقتى: 2011-2-9 22:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىنتىل تور كىنوخانىسى» غا 5 نى قوشقان، كۆرۈپ بېقىڭ، بۈگۈن سەيناغا يوللىغىنىڭىزنى 56 گىمۇ بۈگۈن يوللىغانمۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-11 16:27:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىكراننى سىنغا ئالغان دېتالنىڭ ئىسمى: Camtasia Studio V6.0.3 汉化版
بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ (چاقماق بىلەن چۈشۈرۈڭ)
115 نىڭ تور دېسكىسىغا يوللىغاندا ، مەشغۇلاتتا خاتالىق كۆرۈلدىمۇ ،ئۆزىنىڭ چۈشۈرگۈچى بىلەن چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن، شۇڭا سىنانىڭ ماتېرىيال چۈشۈرۈش بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋالارسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-11 16:29  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-11 16:31:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ، 9 قىسىم دەرسلىكنىڭ ھەممىسى 56 تورىغا يوللاندى ( 1-قىسىم نەزىرىيە ،دەسلەپكى چۈشەنچە دەرسى)
ۋاقتى: 2011-2-12 20:16:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل تور كىنوخانىسىغا ھەممىسى قوشۇلدى.
ۋاقتى: 2011-3-28 07:52:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۇستازلار مەن ئىنتلدىن يەنە بىر قېتىم سۆيۇندۇم ئىنتىل منىڭ ئۇگۇنۇش ئىرادەم تېخمۇ كۇچلەندۇرۋەتتى چۇنكى ماڭا سىر بۇلۇپ كىلۋاتقان نەرسلەرنى ھەممسنى مەن ئىنتل تورىدا ئۇگۇنۇپ كېلۋاتىمەن رەھمەت ئىنتىل ئۇستاز ۋە شۇنداقلا ئىنتل ئۇچۇن كۈچ چىقرىۋاتقان ئۇستازلارغا ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-9 15:50 , Processed in 0.174615 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat