ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 0

38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەخمىنەن 300 كلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ پاسىل سىزىقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قىيپاش كېسىپ ئۆتۈپ، 75 كىچىك ئېقىن ۋە 12 دەريانى بۆلۈۋەتتى، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاتمۇقات تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 181 چېغىر يول، 104 يېزا-كەنت توپا يولى، 15 ئۆلكە تاشيولى ۋە 8 يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولنى ھەمدە 6 جەنۇپ-شىمال تۆمۈر يولىنى كېسىپ ئۆتتى.[14] ئېنىقكى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇغراپىيىلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 38-پاراللېل بولسا ئىنتايىن نامۇۋاپىق بىر پاسىل سىزىقى ئىدى، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئالدىراش ھالدا سىزىپ چىقىلغان بۇ پاسىل سىزىقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئويلىشىشى يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا ئورۇنلاشقاندا، بىردەك 38-پاراللېلنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ چاۋشيەنگە ئورۇنلىشىشىغا بېكىتىلگەن پاسىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى، سىياسىي ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغان بولسىمۇ،[15] بىراق، ئەمەلىيەتتە، بولۇپمۇ كېيىنكى تارىخىي تەرەققىيات 38-پاراللېلنىڭ ئاتالمىش تەسلىم قوبۇل قىلىشتىكى ھەربىي ئەھمىيىتىنىڭ پەقەت يۈزەكى ۋە ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ 38-پاراللېلنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىدە ئاللىقاچان چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەت بارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشىدە پەقەت ھەربىي ئىشلاردىكى ئەھمىيىتى بار دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، كىم خېندېرسون مۇنداق قارايدۇ:« شىمالىي كەڭلىك 38-پاراللېل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى ئىككىگە بۆلۈشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل» بولسا «سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن»دۇر. ئۇ يەنە دەلىل كەلتۈرۈپ:« جەنۇبىي چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى قوماندانى جون خوجې 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 38-پاراللېل بويىچە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بۆلۈشكە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ شتات ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سەۋەپ بولغان ئىدى دېگەن ئىدى؛ ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى ۋالتېر 1949-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى پاسىل سىزىقى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىككى قىسمىنى ئوتتۇرىسىدىن ئايرىپ سىزىلغان دېگەن ئىدى.[16]» دېگەن ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى سلاۋېنسكىمۇ:« ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش چاۋشيەننى ئىككىگە بۆلۈشتىكى بىردىنبىر مەقسەد» دەپ كېسىپ ئېيتقان ئىدى، كېيىنچە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە كەلگەندىلا 38-پاراللېل ئاندىن «جەنۇپ-شىمالىي چاۋشيەننىڭ چېگرىسى بولدى».[17] رۇسىيە چاۋشيەن مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى تولكۇنوۋ ۋە ئۇفىمتسېۋ تېخى يېقىندا نەشر قىلدۇرغان بىر مەخسۇس ئەسىرىدە يەنىلا 38-پاراللېلنىڭ ئايرىلىشى «بىر خىل پەۋقۇلئاددە ۋاقىتلىق تەدبىر، ئۇنىڭ مەقسىدى بولسا ئاشۇ يەرنى بېسىپ ياتقان ياپونىيە قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس تارمار قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ تەسلىمىنى قوبۇللاش» دەپ قارىدى.[18] ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ 38-پاراللېلنى بەلگىلىشىنى مانا مۇشۇنداق پەقەت ھەربىي ئىشلاردىكى ئەھمىيىتىدىن ئويلىشىلغان دېيىش، روشەنكى، كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدا ئالدى بىلەن ئويلاشقىنى شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت ھەربىي ئىشلاردىكى ئەھمىيىتى ئىدى، بۇ تەرىپى شەك-شۆبھىسىز، بىراق بۇ ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ ئويلىشىش ئەمەس. ئەگەر مەسىلىگە يالغۇز ياكى يۈزەكى قارىمايدىغان بولساق، ئۇنداقتا ھەربىي ئەھمىيىتىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان سىياسىي ئەھمىيىتىنىمۇ كۆرسىتىشىمىز لازىم.

بىرىنچى، ئىلگىرى بىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر چاۋشيەن مەسىلىسىنى ئويلىشىشىنىڭ ئۆزى خەلقئارالىق سىياسىي نۇقتىنى چىقىش قىلغان. ئەينى چاغدا پەقەت ياپونىيىنىڭ دەرھال شەرتسىز تەسلىم بولىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئويلاشمىغانلىقتىن، ۋەزىيەتتە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا تەسلىم قوبۇللاش ۋە ھەربىي ئىشغالىيەت پاسىل سىزىقى مەسىلىسىنى ھاپىلا-شاپىلا ئوتتۇرىغا قويغانلا يېرى بار.

ئىككىنچى، ئامېرىكا تەرەپ چاۋشيەن پاسىل سىزىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا سىياسىي ئويلىشىشى بار ئىدى. بۇندىن ئىلگىرىكى 1944-يىلى 3-ئايدىلا ئامېرىكا چاۋشيەندىكى ھەربي ئىشغالىيەت مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا باشلىغان ئىدى. گەرچە چاۋشيەن مەسىلىسى رۇزېۋېلتنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىراق شەرق سىياسىتىنىڭ يادروسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى چاۋشيەندە ھۆكۈمرانلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇش غەرىزىنى توسۇشى لازىم ئىدى. رۇزېۋېلت دىپلوماتىيە يولىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى، ئۇ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كوردېل خۇلغا:« چاۋشيەن خەلقئارانىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولسا بولىدۇ، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە باشقا بىر-ئىككى دۆلەت قاتناشسا بولىدۇ،» دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە تېخى ئەنگلىيىگىمۇ بۇ تەكلىپنى بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پىلانى ئاللىقاچان تېخىمۇ يىراققا ئىلگىرىلەپ كەتكەن ئىدى، پىلاندا ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى بىلەن چاۋشيەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى لازىملىقىدىن دېرەك بېرەتتى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىر ھۆججىتىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن:« ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشى ئۇنىڭ چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە چاۋشيەن ۋاقىتلىق دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىگە خەلقئارالىق نازارەت قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.» بۇ دوكلاتتا ئامېرىكا بەلكىم خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە چاۋشيەننى ھەربىي ئىشغال قىلىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ مەلۇم كۆلەمدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ئىشغالىيەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى. 5-ئايدا، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر ھۆججىتىدە ئاگاھلاندۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:« ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى چاۋشيەننى ئۆز ئالدىغا ئىشغال قىلسا، ئامېرىكا بۇنى كەلگۈسىدىكى تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ دەپ قارايدۇ.» بۇ ھۆججەت ۋە باشقا ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تەكلىپ بېرىلىپ:« ھەرقانداق ئىشغالىيەت چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەر قاتناشقان بىر مەركىزىي ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى، ھەرگىزمۇ بىر قانچە رايون خاراكتېرلىق ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈپ ئىدارە قىلىنماسلىقى كېرەك.»[19] كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلارنى ئويلاشقان ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن ئويلىغىنى دەل ئۇنىڭ سىياسىي نەتىجىسى ئىدى.

ئۈچىنچى، ئامېرىكىنىڭ 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەرگىزمۇ كىم خېندېرسون ئېيتقاندەك «بىر ئامېرىكىلىق ھەربىي ئەمەلدارنىڭ تاسادىپىي بايقىشى سەۋەپ بولغان»لىقتىن ئەمەس. گەرچە 38-پاراللېلنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدا تاسادىپىيلىق ۋە ئۇشتۇمتۇتلۇقلىقى بولسىمۇ ھەمدە ھەقىقەتەنمۇ ئالدى بىلەن تەسلىم قوبۇل قىلىش مەسىلىسىگە قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ سىياسىي نۇقتىدىن مەسىلىنى ئويلىنىشىغا تەسىز يەتكۈزمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكلىرى پاسىل سىزىقىنى بېكىتكەندە، ئالدىنقى شەرت دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «سىياسىي جەھەتتىكى ئويلىشىشى»نى قانائەتلەندۈرۈش ئىدى.[20] 38-پاراللېلنىڭ بېكىتىلىشى دەل چاۋشيەننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى سېئۇل ۋە ئىنچون، پۇساندەك ئىككى مۇھىم پورتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەسلىمنى قوبۇل قىلىدىغان جەنۇبىي رايونلارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى، بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي بولغان ئەمەس. 38-پاراللېل لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان پولكوۋنىك راسك كېيىنچە بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا، ئۆزىنىڭ 1950-يىلى 7-ئايدىكى بىر پارچە ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ ئېتىراپ قىلغان:« ئەگەر بۇ سىزىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رەت قىلىنسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ھەرگىزمۇ بۇ رايونلارغا بارالمايتتى. بىراق بىزنىڭ قارىشىمىزچە چاۋشيەننىڭ پايتەختىنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇش رايونى تەۋەسىگە كىرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم ئىدى، شۇڭلاشقا، يەنىلا بۇ سىزىقنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»[21] روشەنكى، پايتەخت سېئۇلغا بولغان ئويلىشىش بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى پەرەز قىلغان «ھەرقانداق ئىشغالىيەت چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەر قاتناشقان بىر مەركىزىي ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى»دەك لايىھەنىڭ بىۋاسىتە باغلىنىشى بار ئىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئەگەر بۇ ئىككى ئوينىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشسا، ئۇنداقتا، كەلگۈسىدىكى چاۋشيەننىڭ ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي دەل ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇش رايونى تەۋەسىدە بولاتتى. ئەجەبا بۇ يەنىلا تىپىك سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىق ئەمەسمۇ؟ بىز تۆۋەندە بۇ مەسىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن قانداق پۇت تېپىشكەنلىكىنى كۆرىمىز.

تۆتىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقى 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىش لايىھىسىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەرگىزمۇ سىياسىي جەھەتتىكى ئويلىشىشى بولمىغان ئەمەس. شۇنداق، راسك پەرەز قىلغاندەك، ئەينى چاغدىكى ھەربىي ۋەزىيەتكە ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى 38-پاراللېلنى رەت قىلىپ، 37-پاراللېل ھەتتا تېخىمۇ جەنۇپتىكى بىرەر سىزىقنى ھەربىي تەسلىم قوبۇللاش پاسىل سىزىقى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويالايتتى، ئامېرىكىمۇ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ بۇ خىل تۈزىتىلگەن لايىھىنى قوبۇل قىلماي قالمايتتى. ئەمما ستالىن ئۇنداق قىلمىدى، ئەكسىچە ئىككىلىنىپ تۇرمايلا 38-پاراللېل تەكلىپىگە قوشۇلدى. بۇ ئىش، ئالاقىدار تەرەپلەردىن راسك ۋە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابىنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن،[22] يەنە كېيىنكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويدى.[23] دەرھەقىقەت، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچى مىسىلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچىيىپ، ستالىن كۆرەڭلىگەن ھالدا:« بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايدۇ. ھازىر دېگەن كىمنىڭ ئارمىيىسى نەگە بارسا، ئۇ شۇ يەرنى ئىشغال قىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ» دەپ داۋراڭ سالالىغۇدەك ھالغا كەلگەن ئىدى.[24] ئۇنداقتا، ستالىن نېمىشقا 38-پاراللېلنى قوبۇل قىلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، سىياسەتچى بولۇش سۈپىتىدە، ستالىننىڭ تېخىمۇ يىراقنى كۆزلەپ قويغىنى بار ئىدى، ئۇ 38-پاراللېل تەكلىپىنى قوبۇل قىلغاندا ئالماشتۇرۇش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ستالىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ترۇمېنغا قايتۇرغان جاۋاپ تېلېگراممىسىدا ئامېرىكىنىڭ تەسلىم قوبۇللاش لايىھىسىگە ماقۇللۇق بىلدۈرگەندە، يەنە ئىككى مۇھىم ئۆزگەرتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى: (1) ياپونىيىگە قاراشلىق پۈتكۈل كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە بېرىش؛ (2) ياپونىيە زېمىنىدىكى خوككايدونىڭ شىمالىي قىسمىنى سوۋېت ئارمىيىسىگە بېرىش. ستالىن تېخى 2-نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارايتتى:« ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيە زېمىنىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئىشغالىيەت رايونى بولمىسا، سوۋېت ئىتتىپاقى جامائەتچىلىكى تەۋرەپ كېتىدۇ.» ستالىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنە قەتئىي تەلەپپۇزدا ترۇمېنغا:« مەن يۇقىرىقى مۇۋاپىق پىكىرلەرنىڭ ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماسلىقىنى جىددىي ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن ئىدى.[25] روشەنكى، ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىغا بولغان ئىشغالىيىتىنى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىغا بولغان ئىشغالىيىتىگە تېگىشىشنى مەقسەد قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، ستالىن شۇنى ئۇنتۇپ قالغانكى، ئامېرىكا چاۋشيەندىن ۋاز كەچسە كېچىدۇكى، ھەرگىزمۇ ياپونىيىدىن ۋاز كەچمەيتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنىڭغا قول تىقىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويالمايتتى. 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ستالىنغا يوللىغان مۇتلەق مەخپىي تېلېگراممىسىدا ترۇمېن ستالىننىڭ 1-نۇقتىدىكى پىكىرىگە قوشۇلدى، يەنى كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسلىم قوبۇل قىلىش رايونىغا كىرگۈزدى، بىراق ستالىننىڭ 2-نۇقتىدىكى پىكىرىنى ئەپچىللىك بىلەن رەت قىلدى. ترۇمېن گېنېرال مەك ئارسۇر قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قىسىملىرى «سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،» دېدى.[26] ستالىن بىر تەرەپتىن 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جاۋاپ تېلېگراممىسىدا ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جاۋاپ تېلېگرامما يوللاشتىن بۇرۇن، يەنى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياپونىيەنىڭ خوككايدوغا كىرىشىنى تەلەپ قىلدى، باھانىسى بولسا خوككايدونىڭ شىمالىي كەڭلىك 38 گرادۇسلۇق سىزىقنىڭ شىمالىغا جايلاشقانلىقى ئىدى. ستالىن بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋاقىت بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لېيتېنانت گېنېرال كۇزىما دېرېۋيانكو مەك ئارسۇرنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ خوككايدوغا كىرىپ ئورۇنلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سالدى. مەك ئارسۇر نەق مەيداندىلا قەتئىي تەلەپپۇزدا رەددىيە بېرىپ:« مېنىڭ رۇخسىتىمسىز بىرەر يېرىم تال ئەسكەر خوككايدوغا چىقىدىكەن، ئۇنى دەرھال قولغا ئالىمەن، بۇ سىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،» دېدى.[27] مانا مۇشۇنداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خوككايدوغا كىرىش پىلانى ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بىراق بۇندىن ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا 38-پاراللېلنى پاسىل سىزىقى قىلىشقا قوشۇلغان بولغاچقا، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ستالىن رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھازىرچە قويۇپ تۇرۇپ، كېيىن پۇرسەت تېپىپ ھەل قىلماقچى بولدى. شۇڭلاشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 38-پاراللېلنى قوبۇل قىلىشىدىمۇ سىياسىي مۇددىئاسى بار، ئۇنىڭ پەقەت تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغانلا يېرى بار ئېيتىشقا بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 15:54 , Processed in 0.116375 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat