ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2298|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى(خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى) 2009-يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 9  ئۇيغۇر زىيالىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان، ئىلىم – پەن ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ئەڭ ئالىي غايە قىلغان، قانۇنلۇق خەلقارالىق بىر ئىلمىي جەمئىيەتتۇر. جەمئىيىتىمىز دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇر ئالىملار، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئىلىم- پەن يولىغا ئۆزىنى ئاتىغان ئىز باسارلارغا يول ئېچىش، ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن توغرا يۆنىلىشتە، پۇختا قەدەم ئېلىشىغا ھەر جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ھەر ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەش، شۇ ئاساستا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى نەسىللىرىنى ئىلىم- ئىرپان بىلەن يېتىشكەن ياراملىق ئىنسانلاردىن قىلىپ چىقىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە ھەسسە قوشالايدىغان، بۇ غايە ئۈچۈن مەڭگۈ تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەش ئىستىلىغا ئىگە بولغان بىر ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

مەخسەت ۋە غايىمىز:
1. ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى، ئۇيغۇر پروفسورلىرى ۋە داڭلىق ئۇيغۇر شەخىسلىرىنى (تارىختىكى ۋە ھازىرقى داڭلىق ئۇيغۇرلارنى) ئۇيغۇرلارغا، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى-زىيالىلارغا كەڭ كۇلەمدە تۇنۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەلگۇسىدىكى ئوقۇش ۋە خىزمىتىگە يېقىندىن يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىم پەن خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.

2. ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بۇلۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالى ۋە ئۇيغۇر دوكتۇرى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇلارنىڭ بىرلىكتە كۇچىشى بىلەن ئاشۇ دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى توپلاش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا قەيەردە قانداق ئوقۇش پۇرسىتى بار ئىكەنلىكىنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىشىغا ياردەمدە بۇلۇش.

3. ئۇيغۇر تىلىدا چىققان نادىر كىتاپ ۋە مۇھىم ماقالىلارنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى توپلاپ ۋە سكەن قىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تور بىتىدىكى كۇتۇپخانىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش.

4. ئۇيغۇر بايلىرى ۋە كارخانىچىلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇيغۇر مائارىپ فوندى قۇرۇش، ياردەم توپلاش، توپلانغان ياردەم پۇلىنى نامرات ئەمما ئوقۇشى ياخشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئۇيغۇر كەشپىياتچىلارغا ياردەم سۇپىتىدە بىرىش.

5. ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتەللەردىكى پۇتۇن ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئىلىم-پەن خادىملىرىنى تەشكىللەپ، كەلگۇسىدە ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەقىقى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسنى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى، پەن- تەتقىقاتى، مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن خىزمەت قىلىش.

يۇقارقىلارنى رىئائاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن، پۇتۇن ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇلارنىڭ كۇچ چىقىرىشىنى تۇلىمۇ ئۇمۇت قىلىمىز. بىزدە «تاما-تاما كۆل بۇلۇر. كۆز قورققاق، قول باتۇر» دىگەندەك ئاتا سۆزلىرىمىز بار. ئەگەر بىز بىرلىشىپ ھەمكارلاشساق ۋە تىرىشساق، ئۇيغۇرلار ئۇچۇن تارىخى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرەلىشىمىزگە ئىشەنجىمىز كامىل.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى


ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە 9 ئاي ئىچىدە تۈركىيە، ياۋرۇپا، ئامىرىكا، ياپۇنىيە، جۇڭگۇ ۋە ئۇيغۇر دىياردىن بۇلۇپ، جەمئىي20 دۆلەتتىن 90 غا يېقىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا، شەرەپلىك ئەزا ۋە ۋەكىل بۇلۇپ كىرىشى بىلەن رەسمىي خەلقئارالىق پەن – مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلمىي بىر جەمىئىيەتكە ئايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى شۇنچە ئىقتىسادىي قىيىن شارائىتتا قۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ 9 ئاي ئىچىدە ھىچبىر تەشكىلات ۋە دۆلەتتىن ياردەم ئالمايمۇ يەنىلا ئۆز ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر ئالىم ۋە زىيالىلارنىڭ بىرلىكتە ۋاقتى بارلار ۋاقتىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى ۋە پۇلى بارلار پۇلىنى چىقىرىپ مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ ئۇلۇغ، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كەلگۈسى پەن - مائارىپى ئۈچۈن قىلالايدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەيلى كىچىك مەيلى چوڭ دەپ ئايرىماي ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

2010 - يىلى 5 – ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى كەم تەرەپلەر تۇلۇقلىنىپ ۋە مۇكەممللىشىپ، بۈگۈنكىدەك تەشكىلىي خىزمىتى بىر قەدەر سىستىمىلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئىلمىي تەتقىقات جەمىئىيىتى – ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بارلىققا كەلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېىمىسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنىدا، 9 كىشىلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئىتى، 9 كىشىلىك زاپاس دائىمىي ھەيئىتى، 3 كىشىلىك دائىمىي نازارەت ھەيئىتى، 3 كىشىلىك زاپاس دائىمىي نازارەت ھەيئىتى ۋە 9 كىشىلىك خەلقئارلىق دائىمىي ھەيئەت بۇلۇپ، جەمىئىي 33 كىشى رەسمىي ۋەزىپە ئېلىپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپىغا خىزمەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ۋە تىرىشماقتا.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى: – دوكتۇر ئەركىن سىدىق (ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى، ناسا ئالىي ئوپتىك ڧىزىكا ئېنژىنىرى )

u1.jpg

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: – 09.09.2009 – بۇگۈنگىچە داۋام ….






ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىس ۋەكىلى: – ئابدۇلھەمىد قاراخان (تۈركىيە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرلىقى دوكتۇر ئاسپىرانتى)


u2.jpg

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: – 09.09.2009 - 08.05.2010(ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى ۋاقتى)،

08.05.2009 - بۇگۈنگىچە داۋام …( ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى ۋەكىلى ۋاقتى).

2- نۆۋەتلىك ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى:- پروففىسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنۋېرسىتىتى تۈركولوگىيە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)
ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: - 08.05.2010 – بۇگۈنگىچە داۋام ….
u3.jpg

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىجرائىيە رەئىسى: – تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ئابلەت تۇران (توكيۇ تىببى پەنلەر ئۇنۋېرسىتىتى يۈرەك كىسەللىكلەر بۆلىمى )



ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: - 08.05.2010 – بۇگۈنگىچە داۋام ….


ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى نازارەت كومتىتى باش تەپتىشى: – دوكتۇر ئاسپىرانت ئادىل يۈسۈپ (تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتى جەمىئىيەتشۇناسلىق بۆلىمى )

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: - 08.05.2010 – بۇگۈنگىچە داۋام ….


ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلىي سىخىمىسى











ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى كەلگۈسى يول خەرىتىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئەزا ۋە ۋەكىللەر بىلەن بىرگە، ئامىرىكا، گىرمانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، پولشا ۋە ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇستەھكەملەندى.  ئۇيغۇر دىيارى، جۇڭگۇ ئىچكىرى ئۆلكىللىرى، ياپۇنىيە، ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكادا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە زىيالىلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تەۋرەنمەي خىزمەت قىلىش يول خەرىتىسى بۇلۇپ سىزىلدى.

ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە پەن - تەتقىقات خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي غەلبىلىك ئېلىپ بارغۇسى. پەن – مائارىپى بولمىغان مىللەت  مەڭگۈ يۈكسىلەلمەيدۇ ۋە يوق بۇلۇشقا مەھكۇمدۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە پەن -مائارىپى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلار مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە تىرىشايلى. شۇندىلا پەن – مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، بىر پۈتۈن كۈچلۈك كەلگۈسى ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقالايمىز.

بۇ سەپتە سىزنىڭمۇ ئورنىڭىز ۋە ۋەزىپىڭىز بار، ئەمدى يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز؟…

ئەزالىق
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بولۇش
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەلدىكى بارلىق ئالىي بىلىملىك ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئالىي بىلىملىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشىغا تايىنىپ ئېلىپ بارماقچى. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىدە ۋە چەتئەلدە تۇرۇپ مىللىتىمىز ۋە يۇرتىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشماقچى بولغان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بىر ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكچى. مۇشۇنداق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن، بىز چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر ماگىستىرلىرى، ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا ۋە ئەزا بۇلىشىغا چاقىرىمىز. تىزىمغا ئالدۇرغان ۋە ئەزا بولغان  قېرىنداشلار ھېچ قانداق يەردە ئېلان قىلىنمايدۇ (خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن چوقۇم ئاشۇ كىشىنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ). بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە تىزىمغا ئالدۇرغان ۋە ئەزا بولغان  قېرىنداشلارنى ھىچ قانداق ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايمىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ھەر بىر كىشىنىڭ ئوز ئىختىيارلىقى ۋە تەكلىپ – پىكىرلىرى  بىلەن ئېلىپ بارىمىز. زورۇر تېپىلغاندا  ئېلخەت ئارقىلىق ئېيتىمىز. بىزنىڭ تەلىپىمىزنى ئورۇنلاش ياكى ئورۇنلىماسلىق بولسا ھەر بىر كىشىنىڭ ئوز ئىختىيارلىقى بويىچە بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىرى 3 تۈرلۈك بۇلۇپ:

1. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى شەرەپلىك ئىلىم-پەن ئەزاسى

بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات ژورناللىرىدا 5 پارچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىلمىي ماقالە (ئالغان پاتەنتلىرى ۋە ئېلان قىلغان «كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلىرى»، يەنى ئىنگلىزچە «بۈيۈك چەپتېر» لىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ) ئېلان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلىم-پەن شەرەپلىك ئەزاسى» دېگەن نامنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ تور بېتىدىكى بىر مەخسۇس سەھىپىدە ئېلان قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئەگەر سىزنىڭ بۇ نامغا شەرتىڭىز توشسا، ئۆزىڭىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن ئېلان قىلىنغان ماقالە تىزىملىگىنى يېزىپ تەييارلاپ ۋە تۆۋەندىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىق جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ ئابدۇلھەمىد قاراخان بىلەن ئەركىن سىدىققا يوللاپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىق جەدىۋېلى

2. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزاسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بۇلۇش ئۈچۈن چەتئەلدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار ئۇيغۇرلار تۆۋەندىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىق جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ  ئابدۇلھەمىد قاراخان بىلەن ئەركىن سىدىققا يوللاپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىق جەدىۋېلى

3.  ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى كاندىدات ئەزاسى

ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بولمىغان، ئەمما ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بۇلۇپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇلىدىن كىلىشىچە ئىش قىلىپ  بىرىشنى خالىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ۋە قابىليەتلىك ئۇيغۇر زىيالىلىرى  تۆۋەندىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىق جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ ئابدۇلھەمىد قاراخان بىلەن ئەركىن سىدىققا يوللاپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىق جەدىۋېلى

بىز سىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بۇلۇشقا مۇۋاپىق دەپ قارىغان باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلىرىنى ئابدۇلھەمىد قاراخان بىلەن ئەركىن سىدىققا ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كىڭىيىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىڭىزنى قوشىشىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.

uyghuracademy@gmail.com(ئابدۇلھەمىد قاراخان:- ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى  رەئىس ۋەكىلى)

erkinsidiq@gmail.com(ئەركىن سىدىق:- ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىق جەدىۋېلى

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېيمىسى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەر رايۇنى - ڧاتىھ چاپادىكى ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى تىبابەت پاكۇلتىتى ئۇدۇلغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئورنى جەھەتتىن  قاتناش ئىنتايىن قولاي ۋە ئاۋات يەردە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ھازىر 145 كۋادېرات مىتىرلىق ئورنىدا ئۇيغۇر پەن -تەتقىقاتچىللىرىنى تەشكىللەش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ئايلىق چىقىملارنى( ئىجارە ۋە باشقا چىقىملار) ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرغۇچىىللىرى،دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى، ئەزالار ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلىرىمىز ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا.  













ۋاقتى: 2011-2-5 15:17:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر ياغسۇن ئالىملارغا ! سىزگىمۇ رەھمەت قېرىندىشىم.
ئادرىسى مۇشۇغۇ؟ http://www.uyghuracademy.com
ۋاقتى: 2011-2-5 15:36:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، ئىنتىل سەيناسى بۇ توربەتنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويغاي.
ۋاقتى: 2012-12-7 13:20:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس ، «ئۇلۇغ» دۆلىتىمىزدە بۇ تور بەتمۇ چەكلەنگەن ئوخشايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-23 17:09 , Processed in 0.150119 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat