ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
‹‹شاھدىيارسوفت ئەرەبچە كىرگۈزۈش سىستېمىسى 3.0›› ناملىق بۇ سىستېمىنى 2009- يىلى تۈزۈپ قويۇپ 2009- يىلى شاھدىيار تور بېكىتىدە رەسمىي ھالدا ئېلان قىلغان بولساممۇ تور تاقىلىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن تورداشلارنىڭ ئىشلىتىش ھوزۇرىدا بولالمىدى. ھازىر نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن بۇ دىتال ئەسلىدىكى پروگرامما ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مۇھىتى تور مۇھىتىغا ئۆزگەرتىلىپ قايتا تارقىتىلدى.
بۇ 2009- يىلى تارقىتىلغان ھالىتىدە تورسىز كومپيۇتېردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايىتتى، ھازىرقى بۇ ھالىتىدە كومپيۇتېرنى تورغا چاتمىسىڭىز ئىشلىتەلمەيسىز. بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىنى بىز داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرالايمىز. ئەسلىدىكى پروگرامما ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا بولغاچقا شۇڭا يەنە 3.0 دەپ تارقاتتۇق. كومپيۇتېرىڭىز توردىلا بولسا دېتال كومپيۇتېرىڭىزدىلا بولسا ھەر ۋاقىت يېڭى نۇسخىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرالايسىز. تورسىز مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان نۇسخىسىنىمۇ ئۇزاق قالماي تارقاتماقچى بولۇۋاتىمىز.
2009- يىلى تارقىتىلغان نۇسخىسى قاچىلايدىغان نۇسخىسى بولۇپ، بۇ نۇسخىسىنى قاچىلاش ھاجەتسىز. پەقەت 1 تاللا EXE ھۆججىتىنى ئېلىۋېلىپ تور بارلا يەردە بولسا نورمال ئىشلىتەلەيسىز.
تۆۋەندىكىلىرى دېتالنىڭ كۆرۈنۈشى:
چۈشۈرۈش (109.45 KB)
21 سىكۇنت ئىلگىرى
بۇ دىتالنىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئاۋۇ ئەرەبچە كونۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىقمۇ ئەرەبچە يېزىقنى بىۋاستە باسقىلى بولىدۇ
چۈشۈرۈش (97.82 KB)
21 سىكۇنت ئىلگىرى
بۇ ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزۈش ھالىتى بولۇپ، ئاۋۇ تېز كونۇپكىلارنى باسقاندىن كېيىنكى چىققان يېزىقلار
دېتال توغرىسىدىكى تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:
http://www.shahdiyar.com/tool/arabic/about.htm
[ئاگاھلاندۇرۇش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال پەقەت ئەرەب تىلى ئۆگىنىدىغانلار، ئەرەب تىلى تەرجىمانلىقى ۋە ئەرەب تىلى يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن خالىس ياسالغان (ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئەرەبلەر بىلەن سودا قىلىدىغانلار خېلى كۆپ تەلەپ قىلغان) بولۇپ، بۇ دېتال ئارقىلىق قالايمىقان ئىش - ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئېگە. تور بېكىتىمىز ۋە دېتال ياسىغۇچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر خالىمىسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرىلدى.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=336
|