- توردا
- 9 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-15
- تىزىملاتقان
- 2010-8-6
- شۆھرەت
- 223
- تىللا
- 171
- تۆھپە
- 126
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 793
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 50
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 169
- تۆھپە
- 126
- تىللا
- 171
- شۆھرەت
- 223
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئۇستازلار!
بۇ تېمىنى ئىلگىرى ۆومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىغا يوللىغان ئىدىم.بۇ جايدىن باشقىلار كۆچۈرۈپ باشقا بەتلەرگىمۇ چاپلاپتۇ.
بۇنى نۇرغۇن دوستلار ئاكتىپ قوللىغان بولسىمۇ لېكىن تەشكىللىگۈچىلەر يوق بولغاچقىمۇ تېخىچە ئۆز پېتى تۇرۇۋاتىدۇ.
ئەمدى بۇ سەينا ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم.ئىلگىرىمۇ Windows XP SP1نى مۇشۇ سەينارىمىز بىلەن بىلىك تور بېتى بىرلىشىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئىدى(ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە مېھرىبان ئاللاھ بەخت سائادەت ئاتا قىلغاي).مەن بۇنى ھازىرغىچە قەدرلەپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
گەرچە ھازىر بىلىك تورى بولمىسىمۇ(ياكى مەن بىلمەي قالدىممۇ)سەينادىكى دوسلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭمۇ بىر كۈنى ئىشقا ئاشىدىغانلىقغا ئىشىنىمەن.
ئەمدى نەق گەپكە كېلەي:
Windows7 بارلىققا كەلگەندىن بېرى كۆپ قىسىملىرىمىز بۇنى ئىشلىتىپ باقتۇق ياكى ئىشلىتىپ بېقىش كويىدا بولۇۋاتىمىز. ئەمما بۇنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى Windows XP قارىغاندا مۇرەككەپرەك بولغاچقا (ماڭا شۇنداق تۇيۇلامدۇ يا) كۆنەلمەي ئەسلىدىكى كونا مەشغۇلات سېستىمىسىغا قايتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. شۇڭا بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلساق دېگەن خىيالغا كەلگىلى ئۇزۇن بولدى.
ئەينى چاغدا بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلار نۇرغۇن ۋاقىت ھەم زېھنىنى سەرپ قىلىپ ئاخىرى Windows XP نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنغان ئىدى. پېقىر ھازىرغىچە ئۇشبۇ ئۇيغۇرچە Windows XP نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.(بۇ تۆھپىكارلارنىڭ ئائىلىسىگە بەخت-سائادەت يار بولغاي).
بەزى دوستلار بەلكىم بۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنداق قىلىش ئانا تىل-يېزىقىزغا قوشۇلغان تۆھپە بولىدۇ.ئانا تىل-يېزىقىنى قەدرلىمىگەن كىشى ياخشى ئادەم ئەمەس.
گەرچە ھازىر بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى،روھلان تور بېكىتى دېگەنگە ئوخشاش بىلىم تور بېكەتلىرى يەنىلا مەۋجۇت. شۇڭا مۇشۇلاردىكى بىلىملىك ئەزالاردىن تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەشكىللەنسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.
مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام خەن تىلىدىن ساۋاتىم يوق. لېكىن ئۆز تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئىملاسىغا پۇختا. شۇڭا مەن پەقەت ئىملا جەھەتتىنلا ياردەم بېرىش قولۇمدىن كېلىدۇ.
ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ ئاقساقاللىق قىلپ قويغانلىقىمدىن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.
كەڭ ئۇستازلارنىڭ پىكىرىنى بىلىپ باققۇم بار.....
|
|