ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 613|ئىنكاس: 0

ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەكتەپكە ناھايىتى كېچىكىپ باردىم،كۆڭلۈمدە خەنمەير ئەپەندى تىللايدىغان بولدى، دەپ ناھايىتى قورقتۇم، ئۇنىڭئۈستىگە ئۇ بىزدىن پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى،لېكىن مەن ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيتتىم. شۇڭا مەكتەپكە بارماي، دالاغا چىقىپ ئويناپ كېلەيچۇ، دېگەن نىيەتكە كەلدىم.
ھاۋا شۇ قەدەر ئىللىق، شۇ قەدەر سۈزۈك ئىدى!
    بۇلبۇللارئورمان چېتىدە يېقىملىق، چاك- چاك سايرايتتى؛ تاختاي تىلىش زاۋۇتىنىڭكەينىدىكى چىملىقتا پرۇسىيە ئەسكەرلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرىلەرپېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىغاندا خېلىلا قىزىقارلىق ئىدى؛لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇپ، شۇ ھامان مەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.
      بازارمەھكىمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېلان تاختىسى ئالدىداتۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇرۇستىكىمەغلۇبىيەت، سېلىنغان ئالۋان- ھاشارلار، قوماندانلىق شىتابىنىڭ ھەر خىلبۇيرۇقلىرى قاتارلىق يامان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردىن تارقىلاتتى.مەن توختىماي يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە: «يەنە نېمە ئىش بولغاندۇ» دەپئويلىدىم.  
      تۆمۈرچى خۇاشىتمۇ شاگىرتى بىلەن بىللە كىشىلەرئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئېلاننى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈپكېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا ۋارقىرىدى:
      ــ ئۇنچىۋالا تېز يۈگۈرۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق ئوغلۇم، سەن مەكتەپكە بەرىبىر ھامان ناھايىتى بالدۇر بارىسەن!
      مەن،ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ھاسىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپخەنمەير ئەپەندىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىغا يېتىپ كەلدىم.
      ئادەتتىكىكۈنلەردە، مەكتەپتە دەرس باشلاش ۋاقتىدا ھامان بىر پەس ۋاراڭ- چۇرۇڭبولاتتى، بۇ كوچىغىمۇ ئاڭلىناتتى. پارتىنى ئاچقان ۋە ياپقان ئاۋازلار،ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن قۇلقىنى ئېتىۋېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ۋارقىراپ دەرسيادلاشلىرى... ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۆمۈر پالاقنى ئېلىپ،پارتىغا تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ: «تىنچ ئولتۇرۇڭلار، پەسرەك ئاۋازدائوقۇڭلار...» دەپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
      مەن ئاشۇۋاراڭ- چۇرۇڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىمغا غىپپىدە ئۆتۈۋالارمەن، دەپ خىيالقىلغاندىم؛ لېكىن ئاشۇ كۈنى ھەممە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكىدەكجىمجىتلىققا چۆككەنىدى. مەن ئوچۇق دېرىزىدىن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئورنىدائولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم؛ خەنمەير ئەپەندى بولسا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپيۈرەتتى، قولتۇقىدا قىشىنى چۆچۈتىدىغان ھېلىقى تۆمۈر پالاق بار ئىدى. مەننائىلاج ئىشىكنى ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆزىچىلا جىمجىتلىققا چۆككەن سىنىپقاكىردىم. سىلەر شۇ چاغدا مېنىڭ يۈزۈمنىڭ قانچىلىك دۈپۈلدەپ كەتكەنلىكىنىتەسەۋۋۇر قىلىشىڭلار مۇمكىن!
      لېكىن ھېچقانداق ئىش بولمىدى. خەنمەير ئەپەندى مېنى كۆرۈپ، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:  
      ــ تېز جايىڭغا ئولتۇر شاكىچىك فرانىس، سېنى كۈتمەيلا دەرسنى باشلاۋەردۇق.- دېدى.
مەنئورۇندۇقنى ئاتلاپلا جايىمغا ئولتۇردۇم. يۈرىكىم بىرئاز جايىغا چۈشۈپتىنچلانغاندىن كېيىنلا، مۇئەللىمىمىزنىڭ بۈگۈن ھېلىقى ناھايىتى چىرايلىقبايراملىق مايسىرەڭ كىيمىنى كىيىپ، بوينىغا گىرۋەك چىقىرىلغان گالىستۇكتاقاپ، بېشىغا چۆرىسى كەشتىلەنگەن كىچىككىنە قارا يىپەك شىلەپەكېيىۋالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ بۇ كېيىملىرىنى مۇپەتتىش مەكتەپكە كېلىپكۆزدىن كەچۈرگەن ياكى مۇكاپات تارقاتقان كۈنلەردىلا كېيەتتى. ئۇنىڭئۈستىگە بۈگۈن پۈتكۈل سىنىپنى ئادەتتە كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ جىددىيلىكقاپلىغانىدى. مېنى ھەممدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، ئارقا تەرەپتىكى ھامانبوش تۇرىدىغان بىر نەچچە قاتار ئورۇندۇقلاردا بازاردىكى بىر مۇنچەئادەملەر ئولتۇراتتى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش سۈكۈتكە چۆككەنىدى. ئۇلارنىڭئىچىدە ئۈچ قىرلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان خاۋسۇ بوۋاي، ئىلگىرىكى بازارباشلىقى، ئىلگىرىكى پوچتىكەش يەنە بەزى باشقا ئادەملەرمۇ بار ئىدى.ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن غەم- قايغۇ چىقىپ تۇراتتى. خاۋسۇ بولسا باشلانغۇچمەكتەپنىڭ چەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىر ئوقۇش كىتابىنىمۇ ئالغاچكەلگەنىدى. ئۇ كىتابنى ئېچىپ تىزىغا قويۇۋالغان، كىتابنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭچوڭ كۆزەينىكى توغرىسىغا ياتاتتى.
مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيرانبولۇپ تۇرغىنىمدا خەنمەير ئەپەندى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، بايا ماڭاسۆزلىگەندىكىدەك، مۇلايىملىق ۋە جىددىيلىك بىلەن بىزگە سۆزلەشكە باشلىدى:
      ــ بالىلىرىم، بۇ سىلەرگە ئۆتىۋاتقان ئاخىرقى دەرسىم. بېرلىندىن ئىلزاس ۋەلوتارنگىيدىكى مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ئۆتۈشكىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىتوغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. يېڭى ئوقۇتقۇچى ئەتىلا يېتىپ كېلىدۇ. بۈگۈنسىلەرگە ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىنى ئۆتىمەن، سىلەرنىڭكۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
      بۇ سۆزلەرنىئاڭلاپ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئاھ، ھېلىقى ئەبلەخلەرنىڭ بازارمەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلىغىنى مۇشۇ گەپ ئىكەن- دە!
      مېنىڭئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىم ئىكەن بۇ! مەن تېخى ماقالەيېزىشنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايمەن! ئەمدى مېنىڭ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمگەئىمكانىيەتمۇ يوق ئىكەن- دە! بۇنىڭغا بوپتىلا دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بۇرۇنئوبدان ئۆگەنمەي، دەرستىن قېچىپ قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن، سائاردەرياسىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەنىدىم... مۇشۇلارنى ئەسلەپ، قاتتىق پۇشايمانقىلدىم! مەن تېخى ھېلىلا گرامماتىكا، تارىخ قاتارلىق دەرسلىكلىرىمنىكۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئېغىر كۆرۈپ، بىزار بولغانىدىم. ئەمدىلىكتە، بۇلار خۇددىقەدىناس دوستلىرىمدەك بۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، خەنمەيرئەپەندىگىمۇ شۇنداق. ئۇ كېتىدىغان بولدى، ئۇنى يەنە قايتا كۆرەلمەيمەن!مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جازالىرىنى، پالاقتا يىگەنتاياقلىرىمنى ئۇنتۇدۇم.
      بىچارە ــ بايقۇش!
      ئۇ مۇشۇئاخىرقى دەرسنى خاتىرلەش ئۈچۈن بايراملىق چىرايلىق كىيىملىرىنىكىيىپتىكەن! بازاردىكى بوۋايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سىنىپقا كېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. بۇ ماڭا ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ۋاقتىدامەكتەپكە پات- پات كېلىپ تۇرمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندەكبولدى. ئۇلار گويا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مۇئەللىمىمىزنىڭ سەمىمىي- ساداقەتلىك بىلەن 40 نەچچە يىل ئىشلىگەن خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىۋاتقاندەك، قولدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان زېمىنىمىزغا بولغان ئىززەت- ئېھتىرامىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
      مۇشۇلار خىيالىمدىن كېچىۋاتقاندابىردىنلا مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ قالدى. يادلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى. ئاھ خۇدا، ئەگەر قېيىنلىقتا داڭق چىقارغان پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ قوللىنىلىشىنى جاراڭلىق، ئېنىق ۋە قىلچە خاتاسىز ھالدا باشتىن- ئاخىرئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولسام، بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر قانداق نەرسىنى قۇربان بېرەتتىم، لېكىن باشتىلا بىر نەچچە سۆزنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇپ گاڭگىراپ قالدىم، مەن نائىلاج ئۇياقتىن- بۇياققا ئىرغاڭلاپ، كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇپ، بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمىدىم. خەنمەير ئەپەندىنىڭ ماڭاسۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:   
        ــ مەن سېنىمۇ ئەيبلىمەيمەن،شاكىچىك فرانىس، ئۆزۈڭمىغۇ خېلىلا بىئارام بولۇۋاتىسەن، شۇمۇ كۇپايە.ھەممەيلەن ھەر كۈنى: « ۋاي بولدىلا، ۋاقىت بارغۇ، ئەتە ئۆگەنسەممۇ كەچ ئەمەس» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمدى نەتىجىمىزگە قاراپ باقايلىچۇ. ھەي، ئۆگىنىشنى دائىم ئەتىگە قالدۇرۇش ئىلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى. ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە: « قانداق؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسۇز دەيسىلەر،ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۇقمايسىلەر! ...» دېسە، ھەقلىق. بىراق،بىچارە شاكىچىك فرانىس، بۇ سېنىڭلا سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بىز ھەممەيلەننىڭئۆزىمىزنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلىرىمىز بار.
      ــسىلەرنىڭ ئاتا- ئاناڭلار ئۆگىنىشىڭلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلاركۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى كىتابىڭلارنى تاشلاپ، ئېتىزغا، يىپئىگىرىش فابرىكىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. مەنچۇ، مېنىڭ ئۆزۈمنىئەيىبلەشكە تېگىشلىك جايلىرىم يوقمۇ؟ مەن سىلەرنى پات- پاتلا دەرسىڭلارنىتاشلاپ گۈللىرىمنى سۇغىرىشقا سالمىدىممۇ؟ مەن بېلىق تۇتۇشقا چىققان چاغدا،سىلەرنى بىراقلا بىر كۈن قويۇۋەتمىدىممۇ؟...
      ئارقىدىن، خەنمەيرئەپەندى ئۇ ئىش- بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، فرانسۇز تىلى ئۈستىدەتوختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىنتوغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيىتتى: بىزئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتىمۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەكبولىدۇ. ئۇ مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ، كىتابىنى ئېچىپ گرامماتىكىنى ئۆتتى.ئاجايىپ ئىش، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى تولۇق چۈشەندىم. ئۇنىڭسۆزلىگەنلىرى ناھايىتى ئاسان، بەكمۇ ئاساندەك تۇيۇلدى. مەن ئۆزۈمنى دەرسنىھېچقاچان مۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىغاندەك، ئۇمۇ ھېچقاچان مۇنچىلىكسەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمىگەندەك ھېس قىلدىم. بۇ بىچارە ئادەمنىڭ ئۆزىبىلىدىغان بەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بىزگە ئۆگىتىپقويغۇسى، مېڭىمىزگە بىراقلا قۇيۇپ قويغۇسى كېلەتتى.
      گىرامماتىكادەرسى ئۆتۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە خەت يېزىش مەشىقى دەرسىمۇ ئۆتۈلدى،شۇ كۈنى، خەنمەير ئەپەندى بىزگە يېڭى خۇش خەت ئۈلگىسى تارقىتىپ بەردى،ئۈلگىدە «فرانسىيە»، «ئىلزاس»، دېگەن چىرايلىق دۈگىلەك شەكىللىك خەتلاربار ئىدى. بۇ خەت ئۈلگىلىرى پاترىمىزنىڭ تۆمۈر دەستىسىگە ئېسىلغان بولۇپ،خۇددى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىچىك بايراقلىرى سىنىپتا لەپىلدەۋاتقاندەككۆرۈنەتتى. ھەممەيلەن شۇنچىلى دېققەت بىلەن بېرىلىپ خەت مەشىقى قىلاتتى،سىنىپ ئاجايىپ جىمجىتلىققا چۆككەن! قەلەمنىڭ قەغەز ئۈستىدە شىتىرلىغانئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئالتۇن قوڭغۇزلار ئۇچۇپ كىرسىمۇ، ئۇلارغاھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى، ئەڭ كىچىك بالىلارمۇ دېققىتىنى بۇزمايىتتى، ئۇلارتاياق سىزىقلارنىمۇ خۇددى بۇلار فرانسۇز خېتى ھېسابلىنىدىغاندەك ئىخلاسبىلەن زېھىن قويۇپ سىزاتتى. ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ- گۇلاپ پەس ئاۋازداسايرايتتى. «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!»دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.  
      مەن ھەر قېتىم بېشىمنى كۆتۈرۈپقارىساملا، خەنمەير ئەپەندىنىڭ ھامان ئورۇندۇقتا قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ،بۇ كىچىككىنە سىنىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆزى قىيماي، ئۇلارنى ئېلىپكەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشەتتى. 40يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل ھالا مەشەدە ياشىدى، دېرىزە سىرتىدا ئۇنىڭكىچىككىنە ھويلىسى، كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئۇزۇن يىللارئىشلىتىلگەن پارتا- ئورۇندۇقلار سۈركىلىپ پارقىراپ ۋە ئۇپراپ كەتكەن؛ھويلىدىكى ياڭاق دەرىخى ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن پىچەكگۈلى بۈگۈنكى كۈلدە دېرىزىنى ئايلىنىپ ئۆگزىگىچە ياماشقانىدى. بىچارەئادەم مانا مۇشۇلارنىدا ئويلىغاندا، ئەمدى مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىشئالدىدا تۇرغاندا قانداقمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭسىڭلىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈك- تاقىلارنىيىغۇشتۇرىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى! ئۇلار ئەتە بۇ يەردىن مەڭگۈگەئايرىلاتتى.
لېكىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەرسلەرنى ئاخىرىغىچە ئۆتۈپبولۇشقا چىدايدىغان غەيرىتى بار ئىدى. خەت مەشىقى دەرسى تۈگىگەندىن كېيىن،ئۇ يەنە بىر سائەت تارىخ ئۆتتى. ئارقىدىن باشلانغۇچ سىنپلارغا «با، بې،بى، بو، بۇ» بوغۇملىرىنى قوشۇپ ئوقۇشنىمۇ ئۆگەتتى. سىنپنىڭ ئارقاقاتارىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان خاۋسۇ بوۋاي كۆزەينىكىنى تاقاپ، ئىككىقولىدۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش كىتابىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرپلەرنى ئۇلارغائەگىشىپ قوشۇپ ئوقۇيتتى. ئۇ ھاياجانلانغانلىقتىن ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقاتتى.ئۇنىڭ غەلىتە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھەم كۈلگىمىز كېلەتتى، ھەمكۆڭلىمىز يېرىم بولاتتى. ئاھ! بۇ ئاخىرقى دەرسنى مەن ھەقىقەتەن مەڭگۈئۇنۇتمايمەن!
      بىردىندا چىركاۋنىڭ سائىتى 12 قېتىم سوقتى،ئىبادەت قىلىش ۋاقتىنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ جاراڭلىدى. تاشقىرىدىن پىرۇسىيەئەسكەرلىرىنىڭ كاناي ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى ــ ئۇلار مەشىقتىن چۈشكەنىدى.خەنمەير ئەپەندى ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇ ماڭاھېچقاچان مۇنداق بەستلىك- گىگانت كۆرۈنمىگەنىدى.
      ــ مېنىڭ دوستلىرىم،- دېدى ئۇ،- مەن... مەن... ،- لېكىن ئۇ دېمى سىقىلىپ سۆزلىيەلمەي قالدى.  
      ئۇ بۇرۇلۇپ قارا تاختىغا قاراپ، قولىغا بور ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چوڭ- چوڭ قىلىپ:
      ــ ياشىسۇن فرانسىيە! ــ دېگەن خەتلەرنى يازدى.  
      شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېشىنى تامغا يۆلەپ، شۇ جايىدا تۇرۇپ قالدى، لام- جىم دېمەي، بىزگە قول ئىشارىسىلا قىلدى:  
      ــ دەرس تۈگىدى، سىلەر قايتىڭلار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 02:28 , Processed in 0.127889 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat