ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 932|ئىنكاس: 3

ئاخشام – يۈرۈگۈم ئاغرىدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆيگە ئالدىراپ كېتىپ باراتتىم، سائەتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغاچ كوچىدا ئادەم ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدىى ، كېچىنىڭ سوغۇقى ئادەمنى خېلى مۇزلىتاتتى، تۇيۇقسىز بىر قىزنىڭ سەت يۇقىرى ئاۋازى دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى ، كوچىنىڭ قارشىسىدا ئىككى قىز كېتىپ باراتتى ، شۇ ئاۋاز شۇ ئىككى قىزدىن چىققانمىدۇ دەپ قارىدىم ، ئۇنداق ئەمەستەك ، ئۇ ئىككى قىزغا ياندىشىپ كېتىۋاتقان يەنە بىر قىز، يىگىتنىڭ سىماسىمۇ كۆرۈندى.

ئۇ قىز قارىماققا مۇسۇلماندەك قىلاتتى ، نېمىشقا دەمسىز ؟ . ئۇ قىز بېشىقا لىچەك ئارتىۋالغان بولۇپ ، گەرچە تار ئىشتان كىيىۋالغان بولسىمۇ ، يەنىلا كىشىگە مۇسۇلماندەك تۇيغۇ بېغىشلايتى ، ئەگەر – مەن مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلمىسا نېمىشقا لىچەك ئارتىۋالىدۇ ؟ . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ . ھە – سىز سوغۇقتىن قورقۇپ ئارتىۋالغاندۇ ، دېيىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن جەمئىيەت قىزلىرى سوغۇقتىن قورقۇپ لىچەك ئارتىۋالمايمدۇ ، مودا دەپ كالا تېرىسىنى بېشىغا ئارتىۋالسا – ئارتىۋالىدۇكى ھەرگىز لېچەك ئارتىۋالمايدۇ ، مانا –بۇ ئازغۇنلۇقتىكى كىشىلەر پىسخىكىسى، شۇڭا مەن ئۇ قىزنى مۇسۇلمان دەپ گۇمان قىلدىم ، لېكىن ئاۋۇ يېنىدىكى بالىغا قارىسام ، مۇشۇ شەھەرنىڭ شەھەر تىلى بويىچە بىر ئاپىراق بالا ئىكەن ، ئۇ بالىنىڭ كىيىنىشى ۋە قىلىقلىرىغا قاراپ ئۇنى ھىچكىمنىڭ مۇسۇلمان دېگۈسى كەلمەيدۇ .

ئۇ يۇقىرى ئاۋاز ئەنە شۇ لىچەكلىك قىزدىن چىققان ئىدى ، مەن دەسلەپتە باشتا كۆرگەن ھېلىقى ئىككى قىز ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمىكىن دەپتىمەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەستەك تۇراتتى ، قىزنىڭ ئاۋازىدىن كېيىن يىگىت ئۇ قىزنى ئۆزىگە تارتتى ، يېنىدا كېتىۋاتقان ھېلىقى ئىككى قىز ، بىر خىيالى يولىغا مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى ، شۇڭا مەن ئۇلارنى بىر ئەمەسكەن دەپ گۇمان قىلدىم ، ئۇ يىگىت قىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى ، قىزنىڭ سول بېلىكىنى تارتىپ ئۆزىگە يېقىن ئەكەلدى –دە ، مەڭزىگە سۆيدى ، سۇبھاناللاھ ، قىزغىمۇ يىگىتنىڭ بۇ قىلىقى ياققاندەك تۇرامدۇ نېمە ؟ ، چۈنكى قىز ئوغۇلغا ماسلىشىپ بېرىۋاتاتتى ، ئىچىمدىن شۇنداق بىر ئاھانەت چىقتى ، ئېشەك ، لېكىن ئۇلار ئاڭلىمايدۇ –دە ، مەنمۇ ئۇلارغا قارىغاچ يولۇمغا مېڭىۋاتاتتىم ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ يەنە بىر قارىدىم ، ئۇ قىزنىڭ كىيىنىشىنى خاتا كۆرۈپ قالدىممىكىن دەپ ، يەنە بىر قېتىم زەڭ سالدىم .

گەرچە كېچە بولسىمۇ يوللاردا ئادەملەر ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئىدى ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە ئارقىدىمۇ ئادەملەر بار ئىدى ، يۈرۈگۈم بىر خىل سىقىلش ئىچدە ، ئالدىغا ماڭماقتىمەن ، نېمە ؟ . ياش بىر جۈپ ئەر – خوتۇن بوپ قالسىچۇ ؟ خاتا گۇمان قىلماڭ ، ئەر – خوتۇن بولسا مەيلى ئەمەسمۇ - دېمەكچىمۇ ؟ . ئەگەر بىز جەمئىيەتتىكى ئاشۇ بىر بۆلۈك ئىنسان سۈپىتىدىن ، يەنى ئاللاھ – تائالا  قۇرئاندا زىكىر قىلغان ئىنسان سۈپىتىدىن چىقىپ كەتكەن ، ئېشەك سۈپەت كىشىلەر بولغان بولساق ، مەيلى ئىدى ،  ھەتتا بىر – بىرنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىۋالغان بولسىمۇ مەيلى ئىدى ، چۈنكى ئاللاھ – تائالا ئىشەكلەرگە يەنى ھايۋانلارغا بۇ شەرىئەتنى بۇ قۇرئاننى نازىل قىلمىغان ، بۇنىڭغا رەنجىش يوق ئىدى ، لېىكن بىز مۇسۇلماندە ، ئۇ قىزمۇ ھەم بىر مۇسۇلمان سىياقىدىكى قىزدە .

مەيلى ئۇلار ئەر –خوتۇن بولسۇن ياكى ئىسلام چەكلىگەن بىنورمال مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ، يولدا  مۇنداق قىلىش سالاھىيىتى يوقتە ، سىز قاچان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خوتۇنلىرىنى كوچىلاردا قولتۇقلاپ ماقغىنىنى ، كوچىلاردا شۇنداق  كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقىنىنى ئاڭلىغان ؟ ياكى شۇنداق ھەدىس كۆرگەنمۇ ؟ سىز قاچان ساھابە كەرەملەرنىڭ كوچىلاردا خوتۇنلىرى بىلەن شۇنداق مۇناسىۋەتلەردە بولۇشقىنىنى ئاڭلىغان ؟ بىز كىم ؟ بىز قانداق ئىنسانلار ؟ بىز يول – يورۇقنى ۋە كۆرسەتمىنى كىمدىن ئالىمىز ؟ بىزنىڭ ئۈلگىمىز ماركىس – ئىنگىلىسمۇ ياكى  پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەرمۇ ؟ ئەمسە بىز نېمە دەلىلگە ئاساسەن ئەر – خوتۇن بولسا مەيلى دەيمىز ؟ بۇ دىننىڭ ئاساسىدىن بىرى بولغان گۈزەل – ئەخلاق ، ئەمدى بىزدەك بىر پايتىما مۇسۇلمانلار قولىدا مۇشۇنداق خارلىنىشقا قالدىمۇ ؟  ئائىشە رەزىليەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن ساھابىلار رەسۇلۇللانىڭ ئەخلاقىدىن سورىغاندا ، ئائىشە ئانىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى دەپ جاۋاپ بەرگەن ئەمەس مىدى ، ئەنە شۇ رەسۇلۇللاھقا ئەدەپ ئۈگەتكەن ، ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى بولغان قۇرئان بىزگە بۇ ئەخلاقنى ئۈگىتەممىدىمۇ ؟ ياكى بىز ئۇنىڭدىن قاچتۇقمۇ ؟ بۈگۈنكى كۈندە قۇرئان بىزگە پايدا قىلمايدىغان ، قۇرئان بىزگە تەسىر قىلمايدىغان ، خۇددى ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك بىزگە ھېچنىمە يۇقمايدىغان بولدۇقمۇ ؟

ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلارنى سۆزلەڭ دېسە ، مەندىن تارتىپ ھەممىمىز بىلمەيدىغان ئىشىمىز يوق ، ھەممىنى بىلىمىز ، ھەممىمىز بىر مۇفتى بوپ كەتتۇق ، نېمىگە مۇفتى بولدۇق ، نەپسىمىزگە مۇفتى بولدۇق ، مەيلى ئىلىم ئەھلى بولسۇن ، مەيلى نادان بولسۇن ھەممىمىز ئۆز نەپسىمىزگە ئۆزىمىز مۇفتى ، قۇرئان ۋە ھەدىس مەخسۇس بىز ئۈچۈن ئىگىلىدىغان ، ۋە يىغىلىدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى ، ھېچقاچان بىز قۇرئانغا ھەدىسكە يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئىگىلمەيمىز ، يا يىغىلمايمىز ، شۇڭا بىزنىڭ ھالىمىز بۇ . قايسى كۈنى بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ ئايالىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئاپىرىپ بالىسىنى قىردۇرىۋەتكىنىنى ئاڭلىدىم ، بۈگۈن بۇ ھەقتىكى ئىچ پۇشۇقلۇرۇم يىغىلىپ قالدىمۇ ئۇقمۇدۇم ، قەلەمنى قولۇمغا ئالغۇم كەلدى، ئەلۋەتتە بايىقى قىز – يىگىتقۇ بىر مەسىلە، ھەتتا كوچا – كويلاردا ساقاللىق ئەر– ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ قولتۇقلۇشۇپ كېتىۋاتقانلىقلىرىنى نۇرغۇن كۆرۈمىز ، يەنە شۇ سوئال ؟ كوچىلاردا شۇنداق ماڭىدىغانغا بىز دەلىلنى زادى نەدىن ئالدۇق ؟ قۇرئاندا ئۇنداق بايان يوققۇ دېمەكچىمۇ ؟ ئەلۋەتتە ھاراممۇ ئېنىق ھالالمۇ ئېنىق بولغان ئىشلاردا ھىچكىم بىر نېمە دېمەيدۇ ، لېكىن ھازىر دەيدىغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن ، شۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئاڭلىدىم ھەم كۆدۈم ، سۇبھاناللاھ ، شۇنداق تۇرسا بۇ مەسىلىگە قۇسۇر تاپاي دېگەن ئادەم قۇسۇر دېگەننى تاپىدۇ ، ئامال يوق ، لېكىن ھەقىقەتنى ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى قۇبۇل قىلىشنى خالىغان كىشىلەرگە ، قېرىنداشلارغا تەكلىۋىم شۇكى ، تارىختا رۇسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر قىلمىغان ئىشنى بىز قىلمايلى ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ دىن گۈزەل – ئەخلاق دىنى دېگەن ئەمەسمۇ ، بىزنىڭ ئىستىمالىمىز ، دوس – دۈشمەن ئۇقۇمىمىز ، كوچا – كويلاردىكى ئاشۇ قىلىقلىرىمىز ھىچقايسىسى كۇپرىدىن پەرىقلەنمىسە ، بىز يەنە قانداق مۇسۇلمان بولماقچى ، ئەلۋەتتە ئۇزۇندىن بېرى كۇپرى ئېلىدە ياشاپ ، بىزگە كۇپرىنىڭ نۇرغۇن ئىدىيىسى ۋە ئەمەللىرى سىڭىپ كەتتى ، شۇڭا بۇ ئەقىل كۆزىمىز خاتا قايسى توغرا قايسى ئايرىيالماس بولۇپ قالدى ، شۇڭا ئاللاھ تائالا بىزگە ئەقلى يەتمىگەندە ۋە ئەقلى يەتكەن تەقدىردىمۇ تايانسۇن ، يول بەلگىسى قىلسۇن ، ئەمەل قىلسۇن ، بويسۇنسۇن دەپ قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى بىزگە قالدۇرغان ئەمەسمۇ ؟  قېرىنداشلار بىز ھەقىقەتەن كۆپ ھالال – ھارام مەسىلىلىرىدە چىڭ تۇرىۋاتىمىز ، لېكىن ئەخلاق نۇقتىنەزىرىدىن كۆپ چېكىنىۋاتىمىز ، ئاللاھنىڭ ئايىتى بار، بىز دىنغا مۇتلەق كىرمەي تۇرۇپ ، دىنغا تولۇق ئەمەل قىلماي تۇرۇپ ، نىجادلىققا ئېرىشەلمەيمىز ، (سەئىد ھەۋۋا رەھىمەھۇللا) ئۆزىنىڭ مۇكەممەل مۇسۇلمانلار ۋە ھازىرقى تەلەپ دېگەن كىتابىدىمۇ بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەن ، قېرىنداشلار ئەخلاقتن چەتنىمەيلى ، ئەخلاقسىز دىن ئۇ دىن ئەمەس ، ئاللاھنىڭ دىمۇ ئەخلاقسىز ئەمەس

نۇرلۇق تۇرى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-26 17:37:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىبا ياخشى گەپ قۇلاققا خوش ياقماس بۇلۇپ قالدىما؟
ۋاقتى: 2011-1-26 20:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ پىكىرىم مۇنداق، ئەڭ ئاۋال سەلكىنجاننىڭ مۇشۇ قىزغىنلىقى ئۈچۈن ئۇنى ‹ئات باقار› لىق مەنسىپىدىن يىرىم دەرىجە بولسىمۇ ئۆستۈرۈپ قويساق!
ئەمدى سىەلكىنجاننىڭ تېمىسىغا كىلەيلى...............
سىز ئويلىغاننى كۆپچىلىكمۇ ئويلىيالىغان بولىشى مومكىن، شۇ ڭا ھەممەيلەن سۈكۈت قىلغان گەپ!
جەميەتتىكى بۇنداق ئىددىيەنى سىزنىڭ بىرنەچچە قۇر گىپىڭىز بىلەن تۈگەتكىلى بوممايدۇ............. ئۈرۈمچىدىكى ئىتتىپاق باغچىسى ‹تۈەنجى خۇايۈەن› گە يازنىڭ كۈنلىرى كەچ تەرەپتە نەزەر سالسىڭىز تىخىمۇ دەھشەت كىنولارنى كۆرىسىز............. سىز كۆرگەندەك ئۇنداق كىنولار مىنىڭ ئۆتە يولۇمدا بوپ قالغاندا تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ئۆتۈپ كىتىمەن................. بولمىسا ئادەم باشقىلارنىڭ خۇپيانە (گەرچە ئاشكارە بولسىمۇ...) ئىشىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەپ قالىدىكەن..................... بۇنداق ئىشلارنى تولا ئويلىغانسىرى ئادەم كىسەل بوپ قالىدۇ.......(سىز بوپ بولغان ئوخشايسىز......)
ئەڭ ياخشىسى ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئىشتىننىڭ بىغى بىلەن كۆزىنىڭ يىغىنى ھەم شۇنىڭدەك ئۆز ئائىلىسىنى ۋە خوتۇن قىزلىرىنىى ئەركەكتەك باشقۇرسا.... بىزنىڭ نوچى يىگىتلىرىمىزمۇ ھاڭگا ئىشەك بىلەن بەسلەشمەي  يۈرسە يەنە قانداق مەسىلە چىقماقچى؟
سىزگە پىكىرىم شۇكى: مەسىلىگە بىر تەرەپلىمە قارايدىغان خۇيىڭىزنى ئۈزىل-كىسىل تاشلاڭ، بىشىغا لىچەك ئارىتقاننىڭ ھەممىسى ئىپپەتلىك بولمايدۇ....... لىچەك دىگەن جالاپنىڭ بىشىغا ئارتىپ قويسىمۇ تۇرىۋېردۇ.................. لىكىن سىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۇنى كافىر دىيەلمەيسىز............. بىزنىڭ نى-نى ئىسىل مۇسۇلمان قىزلىرىمىز، ۋە يىگىتلىرىمىز بار، لىكىن ئۇلارنى يىتەكلەش ياخشى بولمىغاچقىمىكىن كۆپىنچىسىنىڭ خورجۇنى ئىككى پاي. سىز-بىز ئۇلارنى كافىر دىيەلەمدۇق؟
جەمىيتىمىزدە ‹ئىسلامچە كىيىنىش› دەيدىغان گەپ خىلى بولدى پەيدا بولغىلى................. بۇنداق كىينىۋالغا قىزلارغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ مەسلىكى ۋە ھۆرمىتى ئاشىدۇ................ تىخى توي قىلمىغان يىگىتلىرىمىزنىڭ بەزىسى نىرى-بىرنى ئويلاشمايلا ‹ئىسلامچە كىيىنگەن پالانىخان ئانداق، مانداق.....› دەپ تاغدەك ئىشىنىپ توي قىلىدۇ..................... ناۋادا ئۇل خىنىم ئېلگرى يەتتە-سەككىز قازاندا قايناپ تەمى قالمىغاندا ياكى مەقسەتسىزلا ۋەياكى نادانراق، ياۋاشراق يىگىتتىن بىرەرنى ئوۋلاش ئۈچۈن شۇنداق ‹ئىسلامچە › كىينىپ يۈرگەن بولسىچۇ؟
دەپ كەلسەك گەپ تولا، بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن مۇرەككەپ، ئەمدە مىنىڭ تۇتقان يولۇم:  تەكشرۈپ تىگىگە يەتمەي تۇرۇپ پىكىر قىلماسلىق، ئىشەنگەندىن گۇمان قىلماسلىق، گۇمان قىلغانغا ئىشەنمەسلىك، سىرتىغا قاراپ باھا بەرمەسلىك، مەلۇم بىر يۇرىتتن كەلگەن بىرسگە قاراپلا شۇ يۇرىتلۇقنىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقكەن دىمەسلىك.................... توختىماي چاقماقتەك سۆزلەيدىغانلا تولا چىقىدىغان ئېلى دىيارىدا گەپ قىلالمايدىغان گاچىلار بار................ دىيارىمزىدىكلەر، ‹گىپى سىسىق، ئۇنداق توڭ، مۇنداق پوچى....›  دەپ ئاغىرىنغان قەشقەرىيەدىمۇ تالاي-تالاي ئاق كۆڭۈل، گىپى سىلىق...... قىرىنداشلىرىمىز بار
ۋاقتى: 2011-1-26 23:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ شۇنداق توۋلىغۇم كىلىۋاتىدۇ....ئەركەكلەر قەنى سىلەر،  ئاتىلار سىلەر نەدە .............دەپ:
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 11:11 , Processed in 0.132269 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat