ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 376|ئىنكاس: 1

«بىزنىڭ كۇلۇبى» ھازىرقى «كروران تورى» نامىدا ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

enqa 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
88
تىللا
174
شۆھرەت
157

سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-5 13:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنە كۆپ قىسىم تورداشلار نۆۋەتتىكى تور نامىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بېكەت سېستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك گاڭگىراپ قالغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق.
1. ئەسلىدىكى www.bizning.com تور نامىغا نىمىش بولدى؟
ئەسلى تور نامىمىزغا يىللىق ھەق تاپشۇرىدىغان بولۇپ 2009-يىل 8-ئايدا يىللىق ھەق تاپشۇرىدىغان ۋاقىت ئىدى، بۇ مەزگىل رايۇنىمىزدا تور كونترول قىلىنغاچقا تور نامى سېتىۋالغان شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىش مومكىن بولمىدى، بۇنىڭدىن باشقا بىزگە تور نامى ساتقان شىركەت Www.Tofor.com مۇشۇ مەزگىلدە تور تىجارىتىنى توختىتىپ خارەكتىرىنى ئۆزگەرتتى، ئۇلارنىڭ ئۇقتۇرىشىنى ئۇچۇر تورى قاتارلىق بېكەتلەردىن كۆرۈپ تۇردۇق، بىراق تور نامىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىشىنى قىلالمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن www.bizning.com نىڭ ۋاقتى توشۇپ بىكار قىلىندى، قائىدە بويىچە تور نامى شىركىتى 3 ئاي بوش قويۇپ تازلىۋېتىدىغان بولغاچقا 3 ئايدىن كىيىن بۇ تور نامىمىز ئەسلىدىكى زىيارەت مىقتارىنىڭ يۇقىرىلىقى  سەۋەبلىك تور نامى سودىگەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ سېتىۋېلىندى، نۆۋەتتە بىر تور نامىنى يىغىپ ساتىدىغان بىر شىركەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ئېلان قويۇپ قويۇلغان.
2. نىمە ئۈچۈن www.kroran.net تور نامىنى تاللىدۇق؟
تور كونترول قىلىنغان مەزگىللەردىمۇ شىنجاڭ ئىچىدە ئېچىلىدىغان تور بېكەتلەر ئارقا ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، بىز تور نامىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا ئەسلىدىكى بېكەت ماتېرىياللىرىنى تورداشلارغا ئېچىۋېتىشكە ئامالسىز قالدۇق، يېقىدا تور پۇتۇنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن بىز قايتا ئىسىم تىزىملىتىشنى ئويلاشتۇق، ئۆزىمىز ئويلاشقان تور ناملىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، bizning.com.cn تور ناملىرىنىمۇ ئويلاشقان بىراق cn تور نامىنى شەخسىلەر ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن، چوقۇم شىركەت بولىشى كېرەككەن، bizning.net مۇ تىزىملىتىپ بولۇنغان ئىكەن، شۇڭا باشقا ئىسىمنى ئويلاشتۇق، تەكشۈرۈش ئارقىلىق www.kroran.net تور نامىنى تىزىملاتتۇق، دىمەك بۇرۇنقى بىزنىڭ تور كۇلۇبى نۆۋەتتىكى www.kroran.net تور نامىغا ئۇلاندى .
3. بېكەتنىڭ كۆرۈنىشى نىمىشكە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ؟
دەسلەپ بىر مەزگىل YC2.5 تور بەت باشقۇرۇش سېستېمىسىنىمۇ ئىشلىتىپ باقتۇق، بىراق بۇرۇنقى بېكەتتىكى تورداشلارنىڭ يازملىرىنى ئۇ سېستېمىغا يۆتكەپ كېلىشكە ئامال بولمىغاچقا نۆۋەتتىكى بېكەت سېستىېمىسىغا كۆچتۇق، تەپسىلاتىنى مۇنۇ تېمىدىن كۆرۈۋېلىڭ.
نەتىنجىدە ئىلگىركى بىزنىڭ كۇلۇبىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە يازمىلار يېڭى سېستېمىغا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يۆتكەپ كېلىندى، تەڭشەش جەريانىدا تېما ئىنكاسى يوق بولغان ئەزالارنىڭ ماتېرىياللىرى تازلىۋېتىلدى، سىزنىڭ بىر تال تېما ياكى ئىنكاسىڭىز بولسىلا ئەزالىق ماتېرىيالىڭىز ساقلاپ قېلىندى، ئەزالىق ماتېرىيالى يوقالغان تورداشلارنىڭ قايتا تىزىملىتىۋېلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
----------------------------------------------------------------
ناۋادا بۇ يېڭى تور بېكەت سېستېمىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىڭىز بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يازسىڭىز ياكى باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
كروران تور بېكىتىمىزنىڭ ئەزالار QQ توپ نومۇرى بۇرۇنقىدەكلا 19157294
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17239
تىللا
21535
شۆھرەت
30017

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-5 16:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىزنىڭ كۇلۇبى» نىڭ بۇ سىرىنى ئەمدى بىلىۋالدىم.
يوليارنىڭ cn نامىمۇ شۇنداق قىسمەتكە ئۇچرىغان.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-10 01:35 , Processed in 0.095864 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش