ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 2094|ئىنكاس: 14

[Linux] Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

سەزگۈر بالا

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
964
تىللا
1215
شۆھرەت
2735

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-5 11:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى Eagle
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار،

«VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش»
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586

ناملىق تېمىدا، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىغا مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇپ، مۇشۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا  Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق.

بۇ تېمىدا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىۋاستە USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش جەريانىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، بۇ بارماق دىسكىنى ھەر قانداق كومپيۇتېرغا سېلىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بارماق دىسكىنى ئېلىۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، كومپيۇتېردا ئەسلى بار بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بۇ تەرىپى بەكمۇ قولايلىق.

بۇ ئۇسۇلدا، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى USB بارماق دىسكىسىغا بىۋاستە قاچىلىنىدۇ، باشقا ھىچقانداق قوشۇمچە يۇمشاق دېتال قاچىلاش ۋە ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بارماق دىسكىڭىزنىڭ سىغىمى چوڭراق بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىدە بار بولغان ھۆججەتلەر تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ بارماق دىسكا بىلەن Ubuntu نى قوزغىتىپ، بىرەر ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن، نەتىجە ھۆججەتلىرىڭىزنى يەنە بۇ بارماق دىسكىنىڭ ئۆزىگە ساقلاشقا بولىدۇ.

Ubuntu نى قاچىلاپ قوزغاتسىڭىزلا، ئۇنىڭدا Firefox تور كۆرگۈ، OpenOffice ئىشخانا دېتاللىرى بىرگە بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە فونت، كىرگۈزگۈچ ۋە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاسانلا ئورنىتىۋالغىلى بولىدۇ. ۋە يەنە توردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋالسىڭىز، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىغا ئايلىنىدۇ. (%100 ئەمەس، چۈنكى بۇ تەرجىمە تېخى %100 تاماملانمىدى.)

سۆزلەپ كەلسەك، ئارتۇقچىلىقلىرى بەك كۆپ. شۇڭا قاچىلاشنى باشلاپ كېتەيلى.

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاشتا، تۆۋەندىكى شارائىت بولۇشى كېرەك:

[1] نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان Windows كومپيۇتېرى. (باشقا Apple Mac ۋە ياكى Linux كومپيۇتېرلىرى بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ Windows نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەقەت Windows مۇھىتىدىكى قاچىلاشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.)

[2] USB بارماق دىسكا (سىغىمى كامىدا 1GB تىن كام بولماسلىقى كېرەك. ئەڭ كامىدا 2GB تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراڭ.)

[3] تورغا چىقىپ، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش شارائىتى بولۇشى كېرەك. (شۇ كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدە تورغا چىقىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. باشقا يەردە، باشقا كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ، توردىن زۆرۈر يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرىۋېلىش شارائىتى بولسىلا بولىدۇ.)

بۇ شارائىت ھازىر بولسا، مەشغۇلاتنى باشلايلى.

ئاۋال توردىن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلاشقا بولىدىغان CD تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.

http://www.ubuntu.com
تور بېتىگە بېرىپ، شۇ تور بېتىدىكى، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن «ئۇبۇنتۇنى چۈشۈر» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ:

.
.
.
كېيىنكى چىققان بۇ بەتتىن، «چۈشۈرۈشنى باشلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چۈشۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ:

.
.
.
بۇ ۋاقىتتا
ubuntu-10.04-desktop-i386.iso
ناملىق بىر ISO ھۆججىتى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ سىغىمى 700MB ئەتراپىدا (بىر CD نىڭ سىغىمى) بولۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، چۈشۈرۈشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

بۇ ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشرى 10.04 بولۇپ (2010-يىلى 04-ئايدا تارقىتىلغان دىگەن گەپ)، بۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرلىرىغا ماس كېلىدىغان نەشرىدۇر. ناۋادا سىزنىڭ خاتىرە كومپيۇتېر بولسىمۇ ۋە\ياكى CPU رىڭىز 64 بىتلىق بولسىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەي مۇشۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
http://www.pendrivelinux.com
تور بېتىگە بېرىپ، Universal-USB-Installer ناملىق، سىغىمى 1MB تىن كىچىك بولغان، بىر كىچىك قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرىمىز. بۇنىڭ نەشرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۈگۈن مەن چۈشۈرگەن نەشرى 1.7.6 ئىكەن. ئۇنىڭ ئېنىق چۈشۈرۈش ئورنى:
http://www.pendrivelinux.com/dow ... nstaller-v1.7.6.exe

ناۋادا كېيىن بۇ چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆزگىرىپ كەتسە، شۇ تور بېتىگە بېرىپ تەپسىلى ئىزدەڭ ياكى گۇگىلدىن ئىزدەڭ.

بۇ چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئۇبۇنتۇنىڭ ISO ھۆججىتى ۋە بۇ EXE ھۆججىتىنى كومپيۇتېرىڭىزدا ئايرىم بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ، شۇ يەرگە، بىرگە ساقلاڭ. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، كېيىنكى مەشغۇلاتنى تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرۇشتۇر.

شۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈش ئاخىرلاشتى. ئەمدى قاچىلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، بارماق دىسكىڭىزنى كومپيۇتېرغا ئۇلاڭ، ۋە ئۇ ئېرشكەن قوزغاتقۇچ ھەرىپى، مەسىلەن، D:, E:, F ھەرپلىرىنى ئېسىڭىزدا ساقلىۋېلىڭ ۋە ياكى بىر يەرگە يېزىۋېلىڭ. ئامال بار كومپيۇتېرىڭىزغا باشقا بارماق دىسكىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇلىماڭ. بىخەستلىك سەۋەبىدىن ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، قىممەتلىك ھۆججەتلىرىڭىزنى يۇيىۋېتىپ قالماڭ.

ئەمدى بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى ھەققىدە ئازراق توختىلايلى.

Ubuntu نى قاچىلاش ئۈچۈن، كامىدا 700MB بوشلۇق كېتىدۇ. شۇڭا بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى ئەڭ كامىدا 1GB بولۇشى كېرەك.

لېكىن، بۇ بارماق دىسكىدىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلەتسىڭىز، يېڭىدىن ھۆججەت قۇرىسىز، تەھرىرلەيسىز، توردىن بىر نەرسە چۈشىرىسىز. ناۋادا مۇشۇ قېتىمقى ئىشلىتىش ئاخىرلاشقاندا، بۇ ھۆججەتلەرمۇ مەزكۇر بارماق دىسكىدا ساقلانسۇن دەپ ئويلىسىڭىز، يەنە باشقا ساقلاش بوشلۇقى لازىم بولىدۇ.

بۇ ساقلاش بوشلۇقى كامىدا 1GB نى بىرلىك قىلىپ ئېشىپ ماڭىدىغان بولۇپ (يۇقۇردىكى پروگراممىنى يازغانلار شۇنداق لايىھەلەپتۇ)، ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھۆججىتىنىمۇ ساقلىغىلى بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى كامىدا 2GB ۋە ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولۇشى كېرەك.

دىمەك، ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتا ئەڭ كىچىك بارماق دىسكا، 1GB بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ بارماق دىسكىغا ئۆزىڭىزنىڭ باشقا شەخسىي ھۆججەتلىرىنى ساقلىيالمايسىز.

ناۋادا 2GB ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بارماق دىسكىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ھەم ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، ھەم ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھۆججەتلىرىنى ساقلىۋېلىپ، ياندا بىرگە ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ.

ئەمدى قاچىلاش باسقۇچىغا كېلەيلى.
يۇقۇردا چۈشۈرگەن 2 ھۆججەتنى كومپيۇتېرىمنىڭ بىر ھۆججەت قىسقۇچىغا ساقلىۋالدىم:

بۇنىڭدىكى EXE ھۆججىتىنى قوش چەكسەم،
.
.
.
بۇ كۆزنەك چىقتى.

بۇنىڭدىن، كاتەك ئىچىگە ئېلىپ قويغان «ئىجرا قىل» كۇنۇپكىسىنى باسسام،
.
.
.
بۇ كېلىشىمنامە كۆزنىكى چىقتى.

بۇنىڭدىن «قوشۇلىمەن» كۇنۇپكىسىنى باسسام،
.
.
.
بۇ كۆزنەك چىقتى.

بۇ كۆزنەكنىڭ بوياپ قويغان تىزىملىكىدىن، Ubuntu 9.10/10.04 Desktop i386 نى تاللايمىز.
.
.
.
مانا مۇنداق:

بۇ ۋاقىتتا ئورۇن (2) ئۆزلىكىدىن تولدۇرىلىدۇ.

ئورۇن (3) دىن سىزنىڭ بارماق دىسكىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ ھەرىپىنى تاللايمىز. (بۇنى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق.)

ئورۇن (4) بولسا بۇ بارماق دىسكىنى فورماتلاش تاللانمىسى بولۇپ، بۇنى ئۆز ئەھۋالىڭىز بويىچە تاللاڭ.
مېنىڭ تەۋسىيەرىم، بۇنى تاللىماڭ. ناۋادا بارماق دىسكىڭىزنى فورماتلىماقچى بولسىڭىز بۇ ئىشلار باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئايرىم فورماتلىۋېلىڭ.

ئورۇن (5) مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش بوشلۇقىدۇر. ناۋادا بارماق دىسكىڭىز 1GB لىق بولسا، باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. بۇ ۋاقىتتا «No Persistence» (شەخسىي ھۆججەتلەرنى ساقلىمايمەن) نى تاللايسىز.

ناۋادا بارماق دىسكىڭىز چوڭ بولسا، ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ بۇ يەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە تاللىغان بوشلۇق بىلەن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش بوشلۇقى 1GB نىڭ يىغىندىسى چوقۇم بارماق دىسكىنىڭ سىغىمىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولۇشى كېرەك.

ناۋادا 8GB لىق بارماق دىسكىڭىز بولسا، ئۇنىڭ 1GB قا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، يەنە 3GB قا ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلىسىڭىز، يەنە 4GB ئېشىپ قالىدۇ. بۇنى Windows مۇھىتىدا يەنە بەھوزۇر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بۇنى تاللاپ بولۇپ (6) نى (قۇرىمەن) چەكسىڭىز
.
.
.
قاچىلاش جاريانى باشلىنىدۇ. ئاۋال ئۇ ئۇبۇنتۇ ISO نى پىرىستىن يېشىدۇ.

بۇنىڭغا 3-2 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
.
.
.
ئاندىن قاچىلاش باشلىنىدۇ.

بۇنىڭغا 10-5 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
.
.
.
قاچىلاش تامام بولدى:

كۇنۇپكىنى بېسىپ، بۇ كۆزنەكنى تاقاڭ.

شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش پۈتۈنلەي تاماملاندى.

مەن بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن، ئۆزەمنىڭ بىر 4GB لىق بارماق دىسكىسىنى سىناق قىلىپ باقتىم. ئاۋال ئۇنى فورماتلىۋەتسەم، سىغىمى 3.74GB دەپ كۆرۈندى. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، ئۇنىڭغا يەنە 1GB شەخسىي ساقلاش بوشلۇقى ئاجىرتىپ بەرسەم، ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ بولدى:


دىمەك جەمى ئىشلەتكەن بوشلۇق، 1.68GB بولۇپ، بۇنىڭ، 680MB بوشلۇقىغا ئۇبۇنتۇ قاچىلىنىپ، يەنە 1GB نى شەخسىي ھۆججەت ساقلاش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇپتۇ. بۇنىڭدا يەنە ئۇبۇنتۇدىن مۇستەقىل، 2.06GB بوشلۇق بار بولۇپ، بۇ بوشلۇقنى Windows تا ئىشلەتسەم بولىدۇ.

Windows مەشغۇلات سىستېمىسى Ubuntu دىسكا رايۇنىنى ئوقۇيالمايدۇ، لېكىن Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى Windows دىسكا رايۇنىنى ئوقۇيالايدۇ.

لېكىن بارماق دىسكىنى Windows مۇھىتىدا فورماتلىسىڭىز، ئۇنى FAT32 شەكلىدە فورماتلىغاچقا، Windows مۇھىتىدىمۇ، بۇ بارماق دىسكىغا قاچىلانغان Ubuntu سىستېما ھۆججەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شۇڭا Windows مۇھىتىدا بۇ بارماق دىسكىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇنىڭ Ubuntu سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىپ قالماڭ. بولمىسا، Ubuntu كېيىن ئىشلىمەي قالىدۇ.
دىمەك، ئەمدى بۇ بارماق دىسكىنى ھەر قانداق كومپيۇتېرلار
(Intel, AMD تىپىدىكى كومپيۇتېرلار، Apple Mac ئەمەس)
لارغا ئۇلاپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز،
(دىققەت، بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر چوقۇم ئاۋال USB دىن قوزغىلىشى كېرەك)
Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ.

چىققان كۆزنەكتە

Ubuntu نى ئىشلىتىمەن
Ubuntu نى قاتتىق دىسكىغا قاچىلايمەن

قاتارلىق تۈرلەر بولۇپ، سىز «ئىشلىتىمەن» نى تاللىسىڭىزلا Ubuntu سىستېمىسى قوزغىلىپ، خىزمەتكە كىرىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن Ubuntu نى سىناق مۇھىتقا قاچىلاش جەريانى تولۇق تونۇشتۇرۇلدى. (مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ۋە بارماق دىسكىغا.) سىلەرنىڭ ئەمدى ئۇبۇنتۇ نى سىناپ باقماسلىققا باشقا باھانا-سەۋەپلىرىڭلار قالمىدى.

ئۇبۇنتۇنى يۇقۇردىكى ئۇسۇللار بىلەن قاچىلاپ، ئانچە-مۇنچە سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار. كېيىنكى مەزمۇنلاردا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى قاچىلاپ، ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىشنى تونۇشتۇرىمىز. شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سىناپ، پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ.
~~~~~~~~~~~~~~~
چۈشۈرۈشتە مەسىلە كۆرۈلسە بۇ ئۇسۇلنى سىناڭ

ئاۋال شۇ تور بەتنىڭ باش ئادرېسى
http://www.pendrivelinux.com
غا بارساق، بەتنىڭ ئۈستىدەرەك، ئوتتۇرا قىسمىدا، مۇنداق ئۇلانما بار:

.
.
.
يۇقۇردىكى ئۇلانمىنى چەكسەك، يېڭى بىر بەت ئېچىلىدۇ. بۇ بەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مۇنداق:

ئۇلانما بار. بۇ ئۇلانمىنى چەكسەك،
.
.
.
بۇ ھۆججەتنى ساقلاش كۆزنىكى

چىقىدۇ. ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاڭ.
.
.
.
Firefox نىڭ چۈشۈرۈش كۆزنىكىدە چۈشۈپ بولغاندىكى ئەھۋال:

.
.
.
Windows نىڭ ھۆججەت كۆرگۈچ بىلەن، چۈشۈپ بولغان ھۆججەتنى كۆرسەم،

مۇشۇنداق كۆرۈندى.

دىمەك بۇ باسقۇچلار بىلەن نورمال چۈشىدىكەن.

باشقا تور كۆرگۈ ئىشلەتسەڭلارمۇ يۇقۇردىكى باسقۇچ بىلەن چۈشۈرسەڭلار، مېنىڭچە نورمال چۈشىدۇ.

ئەمدى ئۇبۇنتۇنى ۋە ئوپىن ئوففاسىنى سىنىسىڭىز بولىدۇ

مەنبەhttp://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=589



باھا سۆز

خەنجەر  ئېسىل تېما !  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 11:46:21
atash 实名认证 

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
619
تىللا
1092
شۆھرەت
1300

دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ تىرىشچان ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-5 20:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ، سىناپ باقماسلىققا باشقا باھانە - سەۋەپ قالمىغاندەك تۇرىدۇ.
بۇ ئۇسۇل بىلەن سىناپ باقساق كۆپ ۋاقىت ۋەكۆپ قاتتىق -يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلمايدىكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1210
تىللا
1429
شۆھرەت
2528
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-5 21:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى مەۋھۇم كومپيتۇرغا قاچىلاش ئۇسۇلىنىمۇ ئازراق كورساتكەن بولسىڭىز،
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
18494
تىللا
23389
شۆھرەت
31870

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-5 22:06:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش tanhakalip نىڭ تېمىسى

ئۇمۇ بار . مۇشەدىن مەۋھۇم دەپ ئىزدەپ بېقىڭ.
   
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
18494
تىللا
23389
شۆھرەت
31870

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 00:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىنىڭ قوشۇمچىسى :

ئاپتورى Eagle

مەن 4GB لىق بارماق دىسكامنى ۋىندوۋز مۇھىتىدا فورماتلاپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلىدىم. ھۆججگت ساقلاش مۇھىتىغا 1GB بوشلۇق بەردىم. قاچىلىنىپ بولغاندا، بارماق دىسكىنى تەكشۈرسەم، ئىچى مانا مۇنداق

بولۇپ چىقتى. (بارلىق يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنىمۇ تولۇق كۆرسەتتىم.)

بۇ يەردىكى كۆك رەڭگە بوياپ قويغان ھۆججەت 1GB لىق ھۆججەت بولۇپ، ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا، ئۆزەمنىڭ شەخسىي ھۆججەتلىرى مانا مۇشۇ يەرگە ساقلىنىدۇ.

بۇ بارماق دىسكىنىڭ ئېشىپ قالغان 2GB بوشلۇقىنى يەنە ۋىندوۋز مۇھىتىدا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئەمدى بۇ بارماق دىسكا بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغاتسام

بۇ قوزغىلىش ئېكرانى قىشقا مۇددەت كۆرۈنۈپ، كومپيۇتېر ئۇبۇنتۇ بىلەن قوزغىلىدۇ. 2-1 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن ئاخىرى قوزغۇلۇپ، بۇ ئېكران كۆرۈنىدۇ:


بۇ كۆرۈنمە يۈزلەر ئىنگىلىزچە بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە بۇلارنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە قىلىشنى بايان قىلىمىز.
كۆرۈنمە يۈزىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە قىلىش

ئالدىنقى ئېكران يۈزى كۆرۈنگەندىن كېيىن مۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز.

تىزىملىكتىن System-->Administration-->Language Support نى تاللايمىز. (بۇ دىگەنلىك، سىستېما --> باشقۇرۇش --> تىل قوللىشى دىگەنلىك بولىدۇ.) مانا مۇنداق:


بۇ ۋاقىتتا مۇنۇ ئېكران

كۆرۈنىدۇ.

بۇنىڭدىن بوياپ قويغان كۇنۇپكا (تىللارنى قاچىلا\ئۆچۈر) نى باسساق، مۇنۇ ئېكران

كۆرۈنىدۇ.

بۇ ئېكراندىكى تىك تاياقچىنى تۆۋەنگە سۈرۈپ، ئاددى خەنزۇ تىلى كۆرۈنگەندە ئۇنى تاللايمىز. مانا مۇنداق:


ۋە يەنە ئۇيغۇر تىلىنى تاللايمىز.


ئاندىن، بوياپ قويغان كۇنۇپكا (ئۆزگەرت) نى باسىمىز.

بۇ ۋاقىتتا ئۇبۇنتۇ توردىن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججەتلىرى، كىرگۈزگۈچ ۋە خەنزۇچە فونتلار (ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. بۇ كېيىن تونۇشتۇرىلىدۇ) نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاشقا باشلايدۇ. مانا مۇنداق:

.
.
.
چۈشۈرۈپ قاچىلاش تاماملانغاندا، مۇنۇ كۆزنەك

چىقىدۇ. ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى چەكسەك،
.
.
مۇنۇ كۆزنەك

كە قايتىدۇ. بۇ يەردىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن ibus نى تاللاپ (بۇ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشىدىغان يېرى)، ئاندىن سول يۇقۇرى تەرەپتىكى [X] كۇنۇپكىنى چېكىپ، بۇ ئېكراننى تاقاپ، ئاساسى ئۈستەل يۈزىگە قايتساق بولىدۇ.

بۇنىڭلىق بىلەن سىستېمىغا، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، كىرگۈزگۈچلەر ۋە خەنزۇچە فونتلار قاچىلىنىپ بولغان بولىدۇ. ئەمدى سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش زۆرۈر.
سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ، يەنە ئازراق تەڭشىسەكلا، بۇ سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ چىقىدۇ. مانا مۇنداق:



ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا ۋە يەنە ئاۋال ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ، يەنە بەزى زۆرۈر تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلگەچكە، ھەم ۋاقىت مۇناسىبىتى بىلەن، ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختاتتىم.

كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە بولغاندىن كېيىن، ئىنگىلىزچىگە قارىغاندا، كۆپچىلىك ئانچە قىينىلىپ قالمايدۇ دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ خەنزۇچە كۆرۈنمە يۈزى بىلەن سىستېمىنى «ئويناپ» باقساڭلار بولىدۇ.

مەنبە: http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=589

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
خەنجەر  ياخشى: 5
[b]پايدىلىق ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 18:06:19
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
atash 实名认证 

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
619
تىللا
1092
شۆھرەت
1300

دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ تىرىشچان ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2010-8-6 13:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججەتلىرى، كىرگۈزگۈچ ۋە خەنزۇچە فونتلارنى توردىن ئايرىم چۈشۈرۈشكە بولارمۇ؟ ( تورخانىدىن تورغا چىقىدىغانلارغا)
تىل بولىقىنى دېمەكچى.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
202
تىللا
750
شۆھرەت
573
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 11:55:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم..............
مۇشنۇڭغا ئوخشاش Windows نى قاچىلغىلى بۇلامدۇ ؟

كونا ئەزا

سەزگۈر بالا

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
964
تىللا
1215
شۆھرەت
2735

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 12:38:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش، تەرجىمە ھۆججىتى سىستېمىدا بار بولىشى مۇمكىن. بۇنى نېمىگە لازىم قىلىسىز؟
قوش يۈرەك، مەقسىتىڭىزنى چۈشەنمىدىم.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
18494
تىللا
23389
شۆھرەت
31870

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 22:37:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ بۇنچە ئاسانلىقىنى ھەجەپ بۇرۇن ئويلىماپتىمىنا؟

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1403
تىللا
7876
شۆھرەت
2363

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 23:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سېستىمىنى بىر ئىشلىتىپ سىناپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ .
yolyar   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

تۇرشاۋۇل

ھەۋەسكار

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1131
تىللا
1283
شۆھرەت
2274

تىرىشچان ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 13:49:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر بارماق دىسكىغا قاچىلانغان ئۇبۇنتۇدا ئىنكاس يېزىۋاتىمەن. سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىمىدىم تېخى.
سەينانىڭ خېتى شۇنداق نورمال.
تور كۆرگۈ ئۇبۇنتۇدىكى firefox ، يەنە ctrl+k مۇ ئىشلەۋاتىدۇ.
http://www.yolyar.com نىڭ باش بېتىدىكى خەتلەر نورمال، تارماق بەتتتىكىسى نورمال ئەمەس.
يوليار(ئۆزگىچە) ئۇلىنىش تورى . سىز تېخى كىرمىدىڭىزمۇ؟  www.yolyar.com  ياخشى بەتلەرنى ئۇلىنىشقا قوشمىدىڭىزمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
550
تىللا
324
شۆھرەت
786
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 16:53:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇغلانما- تەڭگىلىرىم خېلى باركەن. جابدۇق سېتىۋېلىپ بۇ تېمىغا ئىشلەتتىم .

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
177
تىللا
480
شۆھرەت
413
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 22:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇل بويىچە سىناپ بارماق دىسكامغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغان ئىدىم. ئەپسۇس كومپىيوتىرىمنى usb دىن قوزغلىشقا تەڭشەپ قوزغاتسام، سىستىما پەقەتلا قوزغالمىدى، بۇنى ئاز دەپ ۋىندوۋىسمۇ (win7 ۋە win8 قوش سىستىما ئىدى )قوزغالماس بولۇپ قالدى. ئامالسىز قايتا سسىتىما قاچىلاپ ئاۋارە بولدۇم.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1218
تىللا
1620
شۆھرەت
2170

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 19:23:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فورماتلىماي بىۋاستە قاچىلاساق قانداق بولار؟
ھۆججەتلىرىم بەك جىق ئىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-10 22:50 , Processed in 0.158659 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش