ئوسما ساتقان چولپىنىم
چولپىنىمنتىڭ، پەخرىمتىڭ، كۆڭلۈم تۆرەى تەختىدە.
ئۈستۈن ئىدى ھۆرمىتىڭ ، خالايىقنىڭ ئىچىدە.
كۆز ئالدىمدا سىمايىڭ مەيلى كۈندۈز كېچىدە،
ئەمدى نىچۈن بوپ قالدىڭ، ئوسما ساتقان چولپىنىم؟
چىقساڭ سەھنە ئېكرانغا، پىشقەدەملىك سۈلكەتتە،
ئۈلگەم ئىدىڭ، سالاپەت، قەدەملىرىڭ ھەركەتتە.
ئاتامسىمان كۆرەتتىم سېنى چوڭقۇر ھۆرمەتتە،
ئەمدى نىچۈن بوپ قالدىڭ، ئوسما ساتقان چولپىنىم؟
ئاۋازىڭدىن بالقىيتتى ئەركەكلىكنىڭ پۇرىقى،
كۆز ئالدىمغا كېلەتتى بىر يىگىتنىڭ تۇرۇقى.
يۈرىكىمگە قوناتتى، جاسارەتنىڭ ئۇرۇقى،
ئەمدى نىچۈن بوپ قالدىڭ، ئوسما ساتقان چولپىنىم؟
جاراڭلاتساڭ ناخشىنى ياڭراق ئۈندە پەلەككە،
كۆتۈرگەنتىم بېشىمدا ئەمەس ئالقان ئىتەكتە.
تونمۇ ياپقان ئەل ساڭا شاھى- دۇردۇن يىپەكتە،
ئەمدى نىچۈن بوپ قالدىڭ، ئوسما ساتقان چولپىنىم؟
قۇيرۇق دېدىڭ ئۆپكىنى تۇتۇپ ساقال بۇرۇتنى،
دورا دېدىڭ ھەتتاكى توخۇ يىمەس قۇرۇتنى.
ئۇيالماستىن ئوقۇدۇڭ يالغان ۋەدە دۇرۇتنى،
ئەمدى نىچۈن بوپ قالدىڭ، ئوسما ساتقان چولپىنىم؟
ئىككى تۆتتال تەڭگىگە سېتىۋەتتىڭ ساقالنى ،
خۈنۈك قىلدىڭ ئەجەبمۇ ئاپئاق لىچەك- رومالنى.
ئۆزۈڭ ئەمەس بىزگىمۇ قىلدىڭ ئەجەب ئۇۋالنى،
ئەمدى نىچۈن بوپ قالدىڭ، ئوسما ساتقان چولپىنىم؟
ئۇستاز ئىدىڭ بىزلەرنى توغرا يولغا باشلارغا،
چىراغ ئىدىڭ ناتوغرا يولغا ماڭغان ياشلارغا.
مەبۇد ئىدىڭ يىگىتلەر ھەتتا قەلەم قاشلارغا،
ئەمدى نىچۈن بوپ قالدىڭ، ئوسما ساتقان چولپىنىم؟
ئىزاھات: ئاپتورى مەن ئەمەس، بۇنى بىر تورداش ئېلخەتكە يوللاپتىكەن، سىلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلدىم. ( باشقا يەردە تەۋسىيە قىلسىڭىز مەنبەسى ئىنتىل سەيناسى دەپ ئەسكەرتسىڭىز بولىدۇ) |