ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 7

مەن ۋە ئىنتىل   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1296
تىللا
5207
شۆھرەت
2816

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 03:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيا ئاجايىپ تەقدىر-قىسمەتلەرگە بايكەن، ئېسىمدە قالغىنى خاتا بولمىسا، مېنىڭ ئىنتىل بىلەن تونۇشۇشۇم ناھايىتى تەسادىپىي بولغان، ئۇ چاغلاردا مەن بىلىك ۋە ئىزدىنىشلەردە چۆرگىلەپ يۇرىدىغان چاغلار ئىدى، بىر كۈنى «XXXتىن بوشلۇق ئالغانغا توي» دەپ يۇلغۇنجان ناملىق بىرى تېما يوللىدى، بۇ چاغ دەل مەنمۇ ئىشەنچىلىكرەك بوشلۇق ئىزدەپ يۈرگەن ۋاقىت بولغاچقا، مەنمۇ ئاشۇنداق ئاقىۋەتكە قالماي دەپ دەرھال بۇ تېمىنى كۆردۈم، تېما يوللىغۇچىنىڭ تور بېكىتى ئۇچۇرىغا ئاساسەن www.yulghunjan.comناملىق تور بەتنى ئاچتىم، ئېچىلغىنى باشقىچە بىر دۇنيا ئىدى، بۇ يەردە ئاساسەن Officeبىلىملىرى يوللىناتتى، دېمەك، ماڭا بىر قورال بېكەت كۆپەيگەن ئىدى. بارا-بارا بۇ بېكەتكە مېھرىم چۈشۈپ قالدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، تا ھازىرغىچە بۇ بېكەتتە «قۇللۇقتىن گېنېراللىققىچە» خىلمۇ-خىل روللارغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن-ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ كەپتىمەن، ئويلاپ باقسام ئىنتىلدىن ئالغىنىم ئۇنىڭغا بەرگىنىمدىن كۆپكەن، قىلغانلىرىم ئىنتىلنىڭ شۇئارى «بىلگەننى يوللاڭ، بىلمىگەننى سوراڭ»غا تازا ماس كەلمەي قاپتۇ. نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنتىلغا ئاتاپ ئاران «ئىنتىلىم» دېتالىنىلا بېرەلەپتىمەن، ئەمما ئىنتىلدىن نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى ئاپتىمەن، مەسىلەن:ئەڭ دەسلەپكى تۆھپىكارلار مۇكاپاتى (ئىنتىل نامى ھەل بېرىلگەن كونۇپكا تاختىسى)، ئىنتىل خاتىرە مايكىسى، VBمۇسابىقىسى مۇكاپاتى(1-دەرىجە، 100 يۈەن)، مانا ئەمدى بۇ قېتىملىق تۆھپىكارلار مۇكاپاتى (ئالپسوفت ھەقلىق كىرگۈزگۈچىسى)، دېمەك، ئىنتىلدا ھەقىقەتەنمۇ «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ».
ئىنتىل=ئىتتىپاقلىق،مۇۋەپپەقىيەت،ھەمكارلىق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-24 03:28  

Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5288
تىللا
4139
شۆھرەت
8967

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 09:54:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل نامى ھەل بىرىلگەن كونۇپكا تاختىسىنى مەن كۆرمىدىم، بۇرۇن تورغا يېڭى كىرگەندە شوخلۇق قىلى شوخ بالىلار تورىغىلا كىرەتتىم، ئۇ يەردىن بىر سەكرەپلا بىلىك تورىغا ئەزا بولدۇم، سەۋىيەرىم چەكلىك بولسىمۇ بىلىكتىن ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ يۈرۈپ سەيناغا قانداق كىرگىنىمنى بىلمىدىم ھەم ئىسىمدە يوق، بۇرۇنراق كىرمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىمەن ھازىر، ئەمىليەتتە مىنىڭ ئويلىشىمچە سەيناچىلىك باشقىلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىراقلا پايدا بىرەلىگەن تور بەت مىنىڭچە كۆپ ئەمەس، مەنىۋى جەھەتتىن پايدا بەرگەن بەت كۆپ دىيىلگەندىمۇ ماددى جەھەتتىن پايدا بەرگىنى كۆپ ئەمەس.
مەن سەينادىن مەنىۋى جەھەتتىن خېلىلا كۆپ بىلىم ئالدىم، ماددى جەھەتتىن ئىرىشكىنىممۇ خېلى بار، ئەمما مەن سەينا ئۈچۈن نىمە قىلى بىرەلىگىنىمنى ئويلىيالمايمەن ھەم ئويلاشقىمۇ جۈرئىتىم يوق، ئەمما سەينادا باھالاش بولسىلا تورداشلار مىنى قوللاپ بىلەت تاشلايدىكەن، بۇنىمۇ ھېچ ئۇقۇپ كىتەلمىدىم، توۋا دەيمەن!
سەيناغا كىرگەندىن بويان بىلىم ئالىمەن دەپ يامىشىپلا كەلدىم، باشقۇرغۇچىلىقنى ئىلتىماس قىلغاندا ئۆزۈمنىڭ سەۋىيەم يوق ئىدى، پەقەت شۇ شوخ بالىلار تورىنى باشقۇرغان تەجىربەمگە ئاساسلىنىپلا باشقۇرغۇچىلىقنى تالىشىپتىكەنمەن، مانا ..... سەيناغا قەدەم باسقىنىمغىمۇ 4يىلدىن ئېشىپتۇ، بىر يىل تور يوق بىكار يۈردۇق، سەينا يېڭىدىن يەنە ئىش باشلىغاندا بولسا سەيناغا كىرەلمەي ئاچچىقتىن يېرىلاي دىدىم، ئابلەتكامغا ئۇچۇر قىلىپ ئەھۋالنى دىسەم ئەسلى مىنى ئۇنتۇپ قالماپتىكەن ئەمەسمۇ؟ مەخپى نۇمۇرۇمنى بەردى، شۇ ۋاقىتتا شۇنچىلىق خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدىم، ھازىر كومپيۇتېرنى ئاچساملا سەيناغا كىرىمەن، سەينا بىرەر مىنۇتمۇ ئۆچۈرۈلمەيدۇ.....
ئالغانلىرىم بەرگىنىمدىن كۆپكەن، مۇشۇ تۆت يىل جەريانىدا ئىنتىل خاتىرە مايكىسى، بىلقۇت خەزىنىسى، ئۇيغۇرOffice يۇمشاق دېتالى، ئويغۇرچە PHOTOXOPيۇمشاق دېتالى..... مانا ئەمدى بولسا ئالىپسوفىت يۇمشاق دېتالىغا ئىرىشىپتىمەن.
مەن سەيناغا بەرگىنىم بولسا زادى نىمە؟ ئويلىسام....ئويلىسام پەقەتلا شۇ باشقۇرغۇچى بولدۇم، ئۆزۈمنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلاي دەپ باشقىلارنىڭ ئاران يازغان يازمىلىرىنى ئۆچۈرۈشلا بولغاندەك قىلىدۇ......
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1296
تىللا
5207
شۆھرەت
2816

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 11:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوئىنلۇن ئەپەندى دېمىگەن بولسا بىلقۇتنى ئالغىنىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ! يەنە بىخلاننىڭ VB دەرسلىكىمۇ باركەن تېخى! ۋاي-ۋۇي، بۇ مۇكاپاتلارھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ ئىكەن! شۇ تاپتا خېجىللىقتىن يۈزلىرىم قىزىرىپ كېتىپ بارىدۇ.
قىسقىسى، ئىنتىلداشلارغا تەۋسىيەم، كۈندە ئىنتىلنى يوقلاشنى ئۇنتۇماڭ، ھەربىر كىرگىنىڭىزدە ئېلاننى چېكىپ قويۇڭ، مۇشۇنچىلىك قىلالىسىڭىزمۇ سىز ئىنتىل ئۈچۈن كۈچ قوشقان بولىسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-24 11:19  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
331
تىللا
464
شۆھرەت
746

شەرەپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 12:58:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭغۇ راۋۇرۇس تۆھپەڭلار بار، مەنچۇ تېخى،  مەنمۇ ئاستا ئۆزەمنى بىلىپ ما مۇكاپاتنىڭ جايىنى چىقارمىسام بولمايدۇ .،  ،
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2048
تىللا
1535
شۆھرەت
3256
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 14:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانداق كۆپ مۇكاپاتنىڭ گېپى بۇ؟  مەن ئىنتىلغا ئەزا بولغىلى بىر يىلمۇ بولمىدى 2-3 قېتىم مۇكاپات تارقىتىلدى. ھازىر تاپقىنىنى مۇشۇنداق ئىلىم تارقىتىشقا سەرىپ قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس جۇمۇ.  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
59
تىللا
58
شۆھرەت
56
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 16:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن «يۇنغۇن»نامى بىلەن باشلانغان ئىنتىل مۇنبىرى  «بىلگەننى يوللاڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، بىلمىگەننى سوراڭ،بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن»چاقىرىغى ئاستىدا،نۇرغۇن خالىس  تېمىلار يولۇنۇپ ئاجايىپ ياخشى  ئۇگىنىش مۇھىتى بارلىققا كەلگەن ،ئىنتىل ئۇيغۇر توربەتلەر قاتارىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ،يۇقارقى توھپىكارلارنىڭ  ئاكتىپجانلىغىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ ،ئىنتىل روھىنى قايتا نامايەن قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1975
تىللا
2152
شۆھرەت
3245

ئاكتىپ داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 17:17:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئنكاسلار بوپتۇ جۇمۇ بۇ مەنلار قالغان ئوخشايمەن تېخى ئنتلغا رەھمەت ئېيتمغان مەن گەرچە ئنتلغان ئەزا بولغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولمسمۇ ئۇستازلارنىڭ كۆپ ياردىمگە ئىرشتىم مەن بۇنىدىن كىين بۇ ماڭا ياردەم قىلغان ئۇستازلار ۋە دوسلىرىمغا چۇقۇم ياخشى جاۋاپ قايتۇرىمەن مەن كومپيوتىردا بەك  كۆپ نەرسلەرنى بىلمسەممۇ كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەيمەن چۇنكى مەن دائىم دىگۇدەك ئېنتل تورىدا . رەھمەت سلەرگە
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21572
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 00:51:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ چاغلار ھېلىمۇ يادىمدا بار. QQ ۋە ئاۋازلىق چايخانىلاردىكى تورداشلارنىڭ ياردەم سوراشلىرىنى ، سەلكىن ، دىيارىم تورىدا ھەش-پەش دېگۈچە باشبەتتە كۆرۈنمەۋاتقان كومپيۇتېر- تور بىلىمى تېمىلىرىنى كۆزۈتۈپ تورداشلارنىڭ قايسى خىل بىلىمگە ئېھتىياجلىقنى تەھلىل قىلىپ شۇ ئاساستا تېما يوللايتتىم. بەزى چاغلاردا زىيارەتچى 20 گىمۇ بارمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئەل-ئوغلى بىلەن  ئىزچىل ھالدا بىلىم يوللايتتۇق.
ئەلئوغلى بىلەن شۇ  ئاۋازلىق چايخانىدالاردا تورداشلارغا ياردەم بېرىش جەريانىدا تونۇشقانتۇق. ئەلئوغلىمۇ مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىنتىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
بىر كۈنى 100 دىن ئوشۇق تېمىنى بىراقلا ئۆچۈرۈپ قويۇپ كېچىچە ئولتۇرۇپ زاپاستىن كۆچۈرۈپ يوللىغانتىم.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-11 20:23 , Processed in 0.174702 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش