ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2894|ئىنكاس: 19

تاۋباۋ (taobao) دىكى مۇنداق ئالدامچىلققا قانداق قىلىش كېرەك؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن نۇرغۇن قېتىم توردا سودا قىلغان ،لىكىن بۇنداق ئشقا ھەرگىز يولۇقۇپ باقمىغان ئدىم ،مەن بىر دوستۇمغا ۋاكالىتەن تاۋباۋدىن بىر دانە سائەت سىتۋالغان ئدىم، سائەت كەلدى، شۇنىڭ دوستۇم  ئشلىتىپ 10 كۈن بولغاندا باشقا يەرلىرى ناھايتتى ئوبدان ئىكەن، لىكىن  ‹‹كۈن›› پەقەت يڭىلانغىلى ئۇنمىدى، ئۇلارغا يوللايلى  ،يڭسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرسۇن دەپ تۇرۋالدى،  گەرچە بۇ سائەتنىڭ 2 ئاي ئالماشتۇرۇش ،1 بىر يىل ھەقسىىسىز رىمۇنت قىلش ۋاقتى بار ئدى، مەن دوستۇمغا بىز سائەتنى  تاپشۇرۇپ ئىلىپ بولدۇق، ھەم مال تاپشۇرۋالدۇق دەپ توردا ئنكاس قايتۇرۇپ بولدۇق، سائەت بىزنىڭ قولمىزدا ،پۇل ئۇلارنىڭ قولغا خىلى بۇرۇن تېگىپ بولدى، ئەگەر سائەتنى ئۇلارغا سالساق ،ئورنغا باشقا نەرسە سىلپ قويسا بولماسمكىن دسىەم ئۇ زادى ئۇنمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن سائەتنى يەنە كەلگەن ئادىرسغا سىلپ بەردىم ،ھەم تاۋباۋ تورىدا يۇقارقى ئەھۋلنى ئنكاس قىلىسام ،تاۋباۋ تورى منىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە رىمۇنت قىلىش دېگەن ئنكاسمغا قوشۇلدى، شۇنىڭ مالنى ئۇلارغا ئەۋتىپ بەردۇق، لىكىن ئشنىڭ ئاخرى ياخشى بولمىدى، ئۇ سائەتنىڭ ئورنغا باشقا نەرسە سىلىپ قويۇپ ،مال تالۇنىنى توردا ئىلان قىلپ ئالماشتۇرۇش ۋە رىمۇنت قىلىش تۇرنىڭ تاماملانغانلىقنى توردا ئىلان قىلپ تۇرۋالدى، مەن ئۇنڭغا نەچچە قېتىم تېلفۇن ئۇرغان بولساممۇ، مەن سائەت سالغان ،ئۆزۇڭ مال يەتكۇزۇش ئورنىدىن سورغىن دەپ يېقىن كەلگىلى ئۇنمىدى، شۇنىڭ تاۋباۋ تورغا ئەھۋالنى ئنكاس قىلساق ،بىز بىر تەرەپ قىلىمىز دېگەن ئۇچۇرنى چىقاردى، لىكىن گەپ سۆز يوق، بىز ئۇ ئەۋەتكەن مال تالۇننىڭ EMS نومۇرنى ۋە سائەتنىڭ ئورنغا سىلپ قويغان باشقا نەرسلىرنى رەسمگە تارتىپ يەنە ئەرىز قىلايىلى دسەك ،بىر قېتم ئالماشتۇرۇش ۋە رىمۇنت قىلش توغرسدا ئەرىز قىلىپ بولغاندىن كېين يەنە ئەرىز قىلغىلى بولدىغان تۇر يوق ئىكەن ،مەن زادى قانداق قىلىشنى پەقەت بىلمدىم ،دوستۇمىنىڭ چىرايغا قارىغىلى بولمايدۇ، بولسا بىر ئەقىل كۆرسەتسەڭلار ،بىكاردىن -بىكار ئۇنىڭ 240 يۇەن پۇلنى ھىلقى رەزگى سودگەر يەپ كېتەرمۇ،
ۋاقتى: 2011-1-11 22:20:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .سىلەرنىڭ يۇرتتا سائەت ساتمايدىغان ئوخشىمامدۇ .نىمىش قىلاتتىڭىز .بىكارئاۋارەبولغىچە .ھازىرغىچە ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن .تاۋباۋغائالدانغانلارخېلى كۆپ .سىزگە قاتتىق تەگكىنىم ئەمەس. ئۆزىڭىزدىن قېپتۇ .قېنى باشقىلارمۇ پىكىربىرىپ باقسۇن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-11 22:44:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ دوستۇم  سائەتنى توردىن كۆرۇپ ،بەك ياقتۇرۇپ قاپدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن سىۋىلايىلى دېگەن ئىدى، بىز ئالغان ،باشتا سائەتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق كيېن ئۇنغا قايتا سالدۇق ، بولغان ئىش شۇنداق بولدى ،مەنمۇ ھەيران قالدىم ئۇ تەرەپدىكى پوچتا خادىمى مالنى كۆرمەي سالدىمۇ ياكى ھېلىقى رەزگى سۆدىگەر ،پوچتا خادىمنى پۇل بىرىپ ستۋالىدىمۇ ،مال  تالۇننىڭ ئۇستىگە  سائەت دەپ يىزىپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ ئچىپ قارساق باشقا نەرسە چىقتى، بولسا  توردا سودا قىلغان دوستلار ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپ بولسا بەرسەڭلار
ۋاقتى: 2011-1-11 22:49:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال سېتىۋالسىڭىز «ئىناۋەت »دەرىجىسىگە ھەم «تاۋباۋ »تورىغا كېپىللىك پۇلى تاپشۇرغان -تاپشۇرمىغانلىقىغا قاراپ سېتىۋېلىڭ .
ساتقۇچى بىلەن ئالى ۋاڭ ۋاڭ  ئارقىلىق سۆھبەت قىلغان بولسىڭىز ،خاتىرىسىنى تاۋباۋغا ئېۋەتىپ بېرىڭ .
سىزگە ئامەت تىلەيمەن ............
ۋاقتى: 2011-1-11 22:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سودىگەر ئىگە بولمىغان، تاۋباۋ تەرەپمۇ باشقۇرمىغان بولسا  مېنىڭچە ئاۋال پۇلنى ئويلىماي ئاچچىقنى چىقىرىشنى ئويلاڭ.
1- شۇ دۇككاندىن ئەرزانراق مال ئېلىپ ئالدىنقى سودىنى بىر تەرەپ قىلمىساڭ جەزملىمەيمەن دەپ شەرت قويۇش ۋە ياكى دۇككىنىدا نارازىلىق ئۇچۇر قالدۇرۇش.
2- تاۋباۋنىڭ مۇنبىرىگە شىكايەت يازمىسى يوللاش، پەم بىلەن ئىش قىلاي دېسىڭىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياردەم يازمىسى يېزىپ ماۋزۇغا دۇككان نامىنى قوشۇپ يوللاش، ئىسپات رەسىمىنىمۇ قوشۇش.
ۋاقتى: 2011-1-11 23:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parhat82 يوللانغان ۋاقتى  2011-1-11 22:44
ئۇ دوستۇم  سائەتنى توردىن كۆرۇپ ،بەك ياقتۇرۇپ قاپدىكەن ...

بولسا ئەشۇتور دۇكىنىنىڭ    ئادرىسىنى تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويامسىز ؟ بىزمۇ بىر كۆرۇپ باقايلى .
ۋاقتى: 2011-1-12 14:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇكاننىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭە مەن كۈرۈپ باقاي ! باپلاش ئۇسۇلىنى سىزگە ئۆزۈم دەپ بېرىمەن !!! ئەنسىرمەڭ !~!!!!
ۋاقتى: 2011-1-12 17:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇكان ئادىرىسىنى قالدۇرۇڭ  ، ئۇنداقلارنى جايلىماق بەكلا ئاسان   مەن تاۋباۋ دا  چ چ  دۇكانلىرىدا دۇكان ئېچپ باققان  
ۋاقتى: 2011-1-12 18:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوچتا خانىدا ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن مالنى تەكشۈرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرمىگەنما؟    خەققە مال ساق ئالدىم دەپ ئىمزا قويۇپ بىردەمدىن كىيىن مەن مالنى ئالمىدىم دىسىڭىز كىم ئىشىنىدۇ ؟ تاۋباۋدىن ئاغرىنماي  ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ .  ئۆزىڭىزدىن كەتكەندىكىن ئەمدى ئامال قانچە ....ما ئۇستاملارمۇ مال سېتىۋېلىشنىڭ قائىدىسىنى ئۆگەتمەي باپلايمىز دەپلا تۇرىدىكەنسىلەر ....بىر بىرىڭلارنى باپلاپ يۇرۇپ ئاخىرى مۇشۇنداق ئىش چىقىدۇ ...ھەر ئىشنىڭ پىرىنسىپ تەرتىپى بويىچە قىلساڭلار ئۆزۈڭلارگىمۇ ئاۋارىچىلىق يوق
ۋاقتى: 2011-1-12 20:38:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوچتا خانىدا ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن مالنى تەكشۈرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرمىگەنما؟

سىلەرنىڭ ئۇ جايدىكى پوچتىخانا قانداقكىن بىلمىدىم .بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردىكى «يەتكۈزگۇچى »خادىملار ( مەيلى EMSياكى تېز يوللانما شېركىتى بولسۇن ،ھەممىسى ئوخشاش ) سرتقى ئوراق ساق بولسىلا ئىمزادىن بۇرۇن ئېچىپ تەكشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ .بۇرۇن مەن سىناپ باققان .
ۋاقتى: 2011-1-12 21:20:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە پوچتىخانىلار شۇنداق، ئورالما قېپى ساق بولسا ئىچىدىكى بىلەن چاتىقى يوق، ياخشىسى سىز يەنە بىر نەرسە ئېلىڭ ئاشۇ تاۋباۋدىكى سۆدىگەردىن.... ئاندىن ئۇنىڭ يولىنى قىلىڭ!
ۋاقتى: 2011-1-12 23:46:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادىرىمىز ئەشۇ دۇكاننىڭ ئادرىسىنى قالدۇرغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى .
تور دۇكىنىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ،ئىناۋەت دەرىجىسى ....ۋە باشقا ئەھۋاللىرىغا قاراپ بىر نىمە دىسەك بەك ياخشى بولاتتى .تور  دوكىنى قانچە بۇرۇن ئېچىلغان بولسا ،ئىناۋىتى يوقىرى بولغانسېرى بۇ ئىشنى ھەل قىلماق ئوڭاي بولاتتى .بىراق تېما ئىگىسىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا خەق سائەتنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسە ئېۋەتىپتۇ .( مىنىڭچە بۇنداق ئىشنى «خېنەن » لىكتىن باشقىسى قىلمايدۇ دەپ قارايمەن ) بۇنداق پەسكەش ئىشقا باشقا تور بېتىدە يولۇقسىڭىز ئامال يوق .بىراق «تاۋباۋ»نىڭ  بۇنداق  كارى بولماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن .
ماۋۇ يەردىن كىرىپ ئۆزىڭىز  خالىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن  «دەۋايىڭىزنى »داۋام قىلىڭ . كەينىگە سۆرىمەڭ .
نەچچە يۈز يۇئەننىڭ ئىشى ئەمەس .ئادەمنى بوزەك قىلغانلىق بۇ ................. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-12 23:50  

ۋاقتى: 2011-1-12 23:48:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللانغان ۋاقتى  2011-1-12 20:38
سىلەرنىڭ ئۇ جايدىكى پوچتىخانا قانداقكىن بىلمىدىم .بى ...

EMS نىڭ ئەرزقىلىش تېلېفونى بار ،شۇيەردىلا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ ،ئۆز مەنپەئەتىمىزنى مۇشۇ قىززىق لېنىيە تېلفونلىرى ئارقىلىق قوغدايمىز .
مەسىلەن : بانكىدا ئادالەتسىزلىك بولسا (ئىنۋېرسال كۆزنەك دەپ يېزىقلىق كۆزنەكتە ئۆچرەت ساقلاپ سىزگە كەلگەندە پۇل ئۇرۇش ياكى پۇل ئېلىشنى رەت قىلسا مەندەك 95588 غا تېلېفون قىلىڭ)
توك پۇلى يىغىش ئورنىدا،تېز يوللانما تاپشۇرۇپ بىرىش ئورنىدا،يانفون ھەققى يىغىش ئورنىدا دېگەندەك .
ۋاقتى: 2011-1-13 00:59:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللانغان ۋاقتى  2011-1-11 22:49
مال سېتىۋالسىڭىز «ئىناۋەت »دەرىجىسىگە ھەم «تاۋباۋ »تو ...


مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۇنىڭ ئىناۋىتىگە،ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە... ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ !
  مەنمۇ بۇ يەردىن 4-5مىڭ سوملۇق ماشىنىنىڭ چاقىدىن تارتىپ 40-50 يۈئەنلىك بالىلارنىڭ كىيىملىرىگىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم. مۇشۇ كەمگىچە سىز دىگەندەك ئىشلارغا يولۇقۇپ باقمىدىم.
  ھەممە ئىش شۇنداق تەۋەككۈلچىلىككە تولغان ، بۇ كىلىشمەسلىك سىزگە كەپتۇ.يۇقۇرىدا قېرىنداشلار دىگەندەك ئەرز قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۇش ،بۇنىڭدىن سىز ساۋاق ئېلىشنى ئاساس قىلغىنىڭىز تۈزۈك.زىيان ئورنىغا كىلەمدۇ ياكى ئۇ زىياندىن ئۆتە يەنە باشقا نۇرغۇن زىيان مۇشۇ ئاچچىقنى چىقىرىشقا كىرىپ كىتەمدۇ-بۇنىسى نامەلۇم.مىنىڭچە مەيلى ئاشۇ ياكى بۇندىن كىيىنكى زىيان-بەدەلنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئويلغىنىڭىز ياخشى .
    يەنە بىر نۇقتا: بىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا  بولاقنى ئېچىشقا يول قويمىدى دەيلى . ئەمما قول قويۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىز بولاقنى ئېچىپ، مالنى كۆرۈپ،رازى بولغاندا ئاندىن تاۋباۋغا پۇلنى قارشى تەرەپكە بېرىشكە قوشۇلغانلىقنى ئېيتىمىز.بۇ باسقۇچتا بىزگە يېتەرلىك ۋاقىت بار.شۇڭا قارشى تەرەپكە (مالنى سېلىشتىن بۇرۇن) ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى لايىقىدا قالدۇرۇش بىلەن، مالنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالغاندىن كىيىنكى مالنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان-بولمىغانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىزنىڭ ئىلكىمىزدە بولغاندىكىن،ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىنىمىز تۈزۈك .
       مەن سىزگە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىككى ئىشنى مىسال قىلىپ بىرەي: (1) بۇندىن 15 يىل بۇرۇن ،يېڭى خىزمەتكە چىققاندا ،مەنمۇ باشقىلارنى دوراپ خۇرۇم چاپان كىيگۈم كەلدى،ئەمما مائاش تۆۋەن ،ئۇ چاپان پالانى باھادا...ئاخىرى يۇقۇرىدا بىر دوستىمىز دىگەندەك ‹خېنەنلىك› تىككەن ساختا مالدىن بىرنى 250سومغا ئالدىم....بىر كۈنى ئىشقا كىتىۋاتسام(يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، پىيادە)،مەن ماڭغان تەرەپتىن كىلىۋاتقان بىر خېنىمنىڭ سومكىسىدىن چىقىپ قالغان ،مايكا توقۇيدىغان زىق چاپاننىڭ يېڭىنى ئىلىۋېلىپ يىرتىپ قويدى.مەن پەقەت‹سەن نىمىشقا ئوق قولنى بېسىپ ماڭمايسەن،زىقىڭنى نىمىشقا يىغىشتۇرۇپ سالمايسەن، زىياننى تۆلەيسەن› دىگەن سۆزدە چىڭلا تۇردۇم.ئۇ كۈنى ساقچىخانا، تەۋەيىمىزدىكى ساقچى ئىدارىسى، سوت مەھكىمىسى....ئاخىرىدا ئۇ ئىدارەڭگە بارايلى دەپ تۇرىۋېلىپ ،ئىدارىگە كىلىپ ،كىلىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇ ماڭا 100 يۈئەن تۆلەيدىغان بولۇپ كىلىشتۇق... ئەتىسى بازارغا بېرىپ 5 سوم بەرسەم،ھېلىقى يىرتىلغان يەرنى چانمىغۇدەك قىلىپ چاپلاپ بەردى....مەن ئۇششۇقلىغىمنى پەش قىلماقچى ئەمەس. يېڭىدىن تەمتىرىمەي سۆزلىيەلەيدىغان بولغان ساپ خەنزۇ تىلىدا، مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ يولداشلار بولغان شۇ جەرياندا پەقەت شۇ ئورۇنلۇق ئىسپاتلىرىم بىلەن ئۆز مەنپەئەتىمنى يولىدا قوغدىغىنىمنى دىمەكچى خالاس !
   (2) ھەركىشى قىلغان ئىشىغا مەسئۇل بولۇشنى بىلىشى كېرەك : نەچچە يىل ئالدىدا ،قىشنىڭ سوغۇق بىر كەچلىگى ،چوڭ ئۆيدىن بالىلارنى ئېلىپ قايتاشىمىزدا،يولدا تاكسى توسالماي(بارىدىغان يەر 1كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ،بالىغا سوغۇق تىگىپ قالمىسۇن دەپ بولمامدۇ)،بىزنىڭ شۇ تەۋەلىكتە ئوقتەك ئۇچىدىغان ئۈچ چاقلىق موتو تاكسى(شۇنداق دەپ ئاتاپ تۇراي) دىن بىرنى توسۇپ، تېخى نەچچە ئون مېتىر ماڭا-ماڭمايلا ،ياندىكى قورۇدىن بىرسى ماشىنىسىنى تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ چىقىپلا، بىزنىڭ ‹موتو ھارۋا تاكسى› نى قاتتىق بىر سوقۇپ، موتونى يولنىڭ بۇ تەرىپىدىن ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزۋەتتى، بالىلار ،قولدىكى نەرسىلەر يولغا چېچىلدى. بۇلارنى كۆرۈپ ئاچچىغىمدا ئېتىلىپ بېرىپ،ئۇ يولداشنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ كانايدىن تۇتۇپلا سۆرەپ چۈشتۈم، ئۇ ئاچچىغىمدا بەلكەم ئۇرۇپمۇ سېلىشىم مۈمكىن ئىدى،ئەتىراپتىكىلەر توسىۋالدى.ساقچىغا تېلىفۇن ئۇردۇم...شۇ ئارلىقتا جىق ئىشلارنى ئويلاپ كەتتىم،بېرىپ ئۇ يولداشنى يەنە بىرنەچچىنى نوقۇشلىغان بولدۇم،شۇ ئارلىقتا ‹ماياققا قارا ،ھەي كالۋا!› دەپ ئىگەكتىن تۇتۇپ ئۆزەمگە قارىتىشىمغا، ئاغزىدىن ئاچچىق ھاراقنىڭ پۇرىغى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى...كاللامغا بىر خىيال كەلدى...ساقچى كەلگەندە باشقا گەپنى قىلمايلا‹ ئۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ بىزنى سوقۇۋەتتى، ئېتىراپ قىلمىسا قان تەكشۇرتكۈزىمەن› دەپلا تۇرىۋالدىم....ئارىدا دوختۇرغا بېرىپ ئايالىمنىڭ ئىششىپ چىققان بېشى رېنتىگىنغا ئېلىپ،بالىنى تەكشۈرتۈپ، قاتناش ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ياقىسىدىن تارتىپ يۈرۈپ قان تەكشۇرتىدىغان يەرگە ئاپىرىپ بىر ئاخشام كەتتى.... ئاخىرىدا ‹قاتناش ساقچى ئىدارىسىدىن ‹بۇ ئىشنى ئۈزىۋېتىڭلار،نىمە تەلىۋىڭ بار؟› دىگەندە پەقەتلا ‹ بۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغاننىڭ جازاسىنى ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك بەرسەڭلارلا باشقا تەلىۋىم يوق› دەپ قايتىپ چىقتىم.ئىشمۇ ئويلىغاندەك ئاخىرلاشتى. شۇ چاغدىلا نەچچە كۈن پالاقشىغانلىرىمنىڭ ھاردۇغى چىققاندەك بولدۇم ،ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلغانلىغىنى بىلىشى كېرەك دەپ ئويلىدىم.
    مىنىڭچە مانا بۇ ئۆز ھوقوقىنى ،ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىش ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-13 03:38  

ۋاقتى: 2011-1-13 01:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى كۈنى 19 سومغا ئەلەم بىلەن قۇيۇلۇپ كەتتىم .
سومما سانىم كۆپ بولمىسىمۇ ، ئەرىز قىلىپ كۆردۈم ، مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى ،  لىكىن ھېلىقى لاۋزا دەرىجىسى خېلى يۇقرى دۇكاننى تاشلاپ قېچىپتۇ .

باھا سۆز

19 سوملۇقتىن بىرنەچچىنى بابلاپ قاچقاندۇ ...بولمىسا دەرىجىسى يۇقىرى دۇكاننى...  ۋاقتى: 2012-6-18 13:50
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 19:57 , Processed in 0.292482 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat