ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1820|ئىنكاس: 10

دىسكا ئوقىيالماس بولۇپ قالغان ئوپتىك كۆزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىنىدىن بۇيان پېقىرىنىڭ كومپىيوتېرىغا نامەلۇم بىر ۋىرۇس چاپلىشىپ قېلىپ كەمىنە4-5كۈن جاپالىق جەڭ قلىش ئارقىلىق ئاخىرى مەغلۇپ بۇلۇپ 3 يىلدىن بۇيان توپلىغان ئۇيۇن،مۇزىكا ئىشلەشكە ئىشلىتىدىغان دىتاللاردىن بۇلۇپ جەمئى%70ئەتىراپىدا ماتىريالمدىن داغدۇغلۇق ھالدا ئايرىلىپ قالدىم. شۇڭىلاشقا مۇنبەرگىمۇ كىرەلمىدىم.
بۈگۈن دوسىتلارغا تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىم جاھاندا كەم ئۇچىرايدىغان ئالاھىدە تېخنىكا بۇلۇپ ئەمىسە دوستلار تىمىنىڭ ئاخىرىغا دىققەت قىلىڭلار.
مەن يېقىنىدا200سوم خەلىق پۇلى خەجلەپ 1995-يىللىرى بىزدەك ئۇيۇنچىلار ئارىسىدا مۇدا بولغان ps1 (playstatiun 1)يەنى سونىي ئۇيۇن ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ كۈندۈزى ئوينىغان ئۇيۇنىم ئاز كىلىپ كەچتە ئۆيدىمۇ ئويناۋاتاتتىم. ئىككىنجى قول مال بولغاچقا كاساپەت1ئايغا قالمايلا دىسكا ئۇقۇيالماس بۇلۇپ قالدى.كۆز ئالماشتۇراي دەپ ئويلاپ مىڭبىر تەسلىكتە شۇنداق ماتىرياللارنى ساتىدىغان دۇككانىنى تېپىپ سۈرۈشتۈرسەم 120سوم دەيدۇ ئالمايلا قويدۇم.تاۋباۋدىن ئىزدىسەم60-70يۇەن ئەتىراپىدا سېتىۋالغىلى بۇلىدىكەن.قانداق قىلسام بۇلار دەپ ئىككىلىنىپ-ئۈچلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز خەنزۇچە بىر بەتتە ‹‹دىسكا ئۇقۇيالماس بۇلۇپ قالغان ئوپتىك كۆزنى مانداق جايلايمىز!››دەپ بىر تىما تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بېشىمچىلاپلا كىرىپ تىمىنى ئۆزلەشتۈردۈم.ھەمدە كەچتە ئۆيگە بېرىپلا ھېلىقى ئۇيۇنچۇقنى چۇۋۇپ تىمىدىكى ئۇسۇل بۇيىچە ئاددىلا تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن سىناپ باقسام ...ئالە شەرىڭىنى ئۇيۇنچۇق بۇرۇن ئۇقىيالمىغان دىسكىلارنىمۇ سۇدەك ئۇقۇپ كەتتى.ئۇيقۇم كەلگىچە تازا ئويناپتىمەن(بالام بىلەن)...
شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى كاللامغا DVDنىڭ ئوپتىك كۆزىنىڭ پىرىنسىپىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشقۇ دىگەن خيال كىلىپ قالدى ۋە ئۆيدە كۆز ئالماشتۇرۇشقا چىدىماي تاشلاپ قويغىلى5-6ئاي بولغان DVD ئاپارتىغا قارىتا سىناق ئېلىپ باردىم.نەتجە يەنىلا ئوخشاش!!!كاساپەت بۇرۇن نۇرمال ۋاقتىدا ئوقىيالمىغان كىنو دىسكىللىرىنىمۇ نۇرمال ئۇقۇپ كەتتى.
مەخپى رىتىسىپ:مەيلى DVDئاپاراتى بولسۇن ياكى VCDبولسۇن ياكى مىنىڭكىدەك ئۇيۇن ماشىنىسى بولسۇن ئىشقىلىپ ئوپتىك كۆز ئارقلىق ئۇچۇر ئۇقۇيىدىغانلا بولسا دىسكا ئۇقىيالمىغان ئاپاراتنى  ئىككىلەنمەي چۇۋۇپ ئوپتىك كۆز بىلەن ئاساسى تاختىنى تۇتاشتۇرىدىغان سېرىق رەڭلىك ياپىلاق سۇلىياۋ سىم يۇلىنىڭ كۆز تەرەپكە يېقىنراق تەرىپىگە جايلاشقان،بۇرمىلىق مىخقا ئوخشاپ كىتىدىغان تەڭشىگۈچنى ئوڭ تەرەپكە ئازىراقلا بۇراپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.ئۇڭۇشلۇق بۇلۇش نىسبىتى %90دىن يۇقۇرى.
يىتەرسىزلىكى:ئوپىتىك كۆزنىڭ سىزىمچانلىقى ھەسسىلەپ يۇقۇرى كۈتۈرلۈپ كىتىدىغان بولغاچقا ئۆمىرى زور دەرىجىدە قىسقىراپ يەنە5-6ئاي ئىشلىتىشىڭىزگە يىتىدۇ.لىكىن ئۇ ۋاقتىقا بارغاندا سىزنىڭ بۇ نەرسىدە ھەققىڭىزمۇ قالمىغان بۇلىدۇ-دە ئىختىيارسىزھالدا يېڭىدىن بىرنى ئالىسىز!!!
تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر مەرھابا بلوگىدا!http://marhaba11.blogbus.com/

ۋاقتى: 2011-1-16 19:53:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ، بۇ ھەقىقەتەن ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل .
مەن  قوشۇمچە رىمونتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن ، خۇلۇم - خوشنىلارنىڭ DVD ئاپاراتى پىلاستىنكا ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالسا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ھەقسىز ئوڭشاپ بېرىپ كېلىۋاتىمەن ...( مەندىن ماتىريال چىقمىغاندىكىن )
بۇ ئۇسۇلدا ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتى 80% بولىدۇ !
ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەشغۇلات شۇكى - لازىر نۇرلۇق باش ( كۆز ) تەڭشىكىنى تەڭشىگەندە 0.1 مىللىمېتىرلىق يۆتكىلىش نىسبىتى بىلەن تەڭشەڭ ! ھەرگىزمۇ بىراقلا يۇقىرى تەڭشىۋېتىپ  ئەڭ يۇقىرى نۇر توچكىسى ھاسىل قىلىپ لازىر نۇرلۇق باش ( كۆز ) نىڭ ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قويماڭ ... ئادەتتە بىر ئاپاراتنىڭ لازىر نۇرلۇق باش ( كۆز ) نى 2~~3 قېتىم تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ...
يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نوقتا - بەزى لازىر نۇرلۇق باش ( كۆز ) نى ئوڭ تەرەپكە ، بەزەنلىرى سول تەرەپكە چۆرۈپ تەڭشەيمىز ، ئەگەر بىرىنجى قېتىملىق مەشغۇلاتتا ئوڭۇشلۇق بولمىسا قارشى يۆلىنىش بويىچە تەڭشەپ كۆرۈڭ ...ئىسىڭىزدە بولسۇنكى 0.1 مىللىمېتىرلىق يۆتكىلىش نىسبىتى بويىچە  چۆرۈپ ئايلاندۇرۇڭ ...
بەزى لازىر نۇرلۇق باش ( كۆز ) لەردە تەڭشەش ۋېنتىسى ئىككى دانە بولىدۇ (مەسىلەن : پىلىپىس ماركىلىق كۆز ) بۇنىڭمۇ ئايرىم پىرىنسىپى بار ، ئەگەر بۇنىڭ پىرىنسىپى لازىم بولسا دىققىتىڭىز سەينارىمىزنىڭ مۇشۇ سەھىپىسىدە بولسۇن ...
يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز - قارىشىم ، ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسا ئاستىنقى قەۋەتكە مەرھەممەت ...
ۋاقتى: 2011-1-16 20:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىم يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، بولسا مۇشۇ ئىملايىڭىزنى بىر تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
ۋاقتى: 2011-1-16 22:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى لازىر نۇرلۇق باش ( كۆز ) لەردە تەڭشەش ۋېنتىسى ئىككى دانە بولىدۇ (مەسىلەن : پىلىپىس ماركىلىق كۆز ) بۇنىڭمۇ ئايرىم پىرىنسىپى

    ئۇنداق بولسا بۇھەقتىكى دەرسىڭىزگە يېقىندىن كۆز قولاق بولىمىز .ئۇنتۇپ قالماڭ ھە ؟
بولسا رەسىملىك قىلىپ ئىشلىسىڭىز بەك بەلەن بولاتتى .................

ۋاقتى: 2011-1-16 23:13:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن بۇ تىما ئىگىسىگە رەخمەت، سىزنىڭ بۇ 0.1 مىللىمېتىرلىق يۆتكىلىش نىسبىتى بىلەن تەڭشەڭ دىگىنىڭىز يەنى 0.1 مىللىمېتىرلىق ئۆلچەم بۇيىچە بىر تەڭشەپ ئاندىن ئوپتىك دېسكىنى سىناپ بېقىپ مەغلۇپ بولسا يەنە شۇنداق قىلىڭ دىمەكچىمۇ ؟
يەنە بىرسىگە ئوپتىك دىسكىدىن چىققان ئاۋاز بەك يۇقىرى بولسا قانداق قىلارمىز ؟ قولاڭ مىڭىنى يەپلا كىتىدىكەن. بەك بىزار قىلدى ئادەمنى
ۋاقتى: 2011-1-16 23:22:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا دىسكا ئويالماس بولۇپ قالغان قىرغۇچنىڭ ئوپتىك كۆزىنىمۇ مۇشۇنداق ئوڭشىغىلى بولارمۇ؟
ۋاقتى: 2011-1-17 02:22:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ قول كومپيۇتىرىمنىڭ ئوپتىك دىسكا ئويغۇچۇسىمۇ دىسكا تۇنۇماس بولىۋالدى، نۇرمال دىسكىلارنى سالساممۇ، ئاق دىسكاسالساممۇ، ئوخشاشلا دىسكا سېلىڭ دەپ ئۇچۇر چىقىپ، دىسكا ئويغۇچ ئاپتۇماتىك ئېچىلىپ كىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئوڭشاش مۇمكىن بولارمۇ؟ مەن تېخى مەخسۇس قول كومپيۇتېر ساتىدىغان دۇكانلارغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقاي دەپ تۇرغان....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-17 11:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىسكا ئويغۇچلارغىمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بۇلىشى مۆمكىن لىكىن مەن سىناپ باقمىدىم!
ۋاقتى: 2011-1-17 13:01:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە ،  لازىر نۇرلۇق باش كۆپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن لازىر نۇرلۇق باشتىن چىقىدىغان نۇر فوكۇسى ئۆزگىرىپ كېتىپ ئوپتىك دىسكا ئوقۇيالماس ياكى ئويالماس بولۇپ قالىدۇ .
بۇ تېمىدا كۆرسىتىلگەن تەڭشەك ۋېنتىسىنى تەڭشەش - دەل ئاشۇ چېچىلغان فوكۇس نوقتىسىنى يىغىپ يەنە نوقتىغا مەركەزلەشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولىدۇ ...بۇنداق بولغاندا  سىزنىڭ ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ - ئويغۇچىڭىزنىڭ لازىر نۇرلۇق بېشى قايتا مەشغۇلات قىلالايدىغان بولىدۇ .
بۇ ئۇسۇلدا لازىر نۇرلۇق باشنىڭ  خىزمەت ئۈنۈمى 100% ئەسلىگە كەلمەيدۇ ، ئەمما  85% دىن يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىدۇ دىيىشكە ئاساسەن بولىدۇ ...بۇ خوددى قانسىراپ كەتكەن بىمارغا قان سالغاندەكلا بىر ئىش ...
ئوپتىك دىسكا ئويغۇچنىڭ لازىر نۇرلۇق باش تەڭشىكى مەنچە چوقۇم ئىككى ۋېنتىلىق بولىشى مۇمكىن ( مەن ئويغۇچنى ئېچىپ قاراپ باقمىغان ) ئەگەر  قوش ۋېنتىلىق بولسا بۇنىڭ تەڭشەش پىرىنسىپى ھەرگىزمۇ تاق ۋېنتىلىق تەڭشەش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىمايدۇ ...
دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى سىز تەڭشىگەندە چوقۇم 0.1 مىللىمېتىرلىق ئايلاندۇرۇش نىسبىتى بىلەن ئايلاندۇرۇڭ . بۇ يەردە دۆلەت قانۇنىدا  مۇشۇنداق نىسبەت دەپ بەلگىلەپ بەرمىگەن ، بۇ پەقەت بىر تەجرىبە . قانچىلىك چۆرۈپ تەڭشەش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ، ئەمما ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچۇم نورمال بولسۇن دىسىڭىز چوقۇم ئەڭ كىچىك نىسبەتتە ئايلاندۇرۇڭ ... بىراقلا چوڭ نۇر بېرىۋەتكەندە لازىر نۇرلۇق باش بەرداشلىق بېرىپ بولالماي سەكراتتا ياتقان ئادەمگە روھلاندۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرغاندەكلا ئىش بولۇپ قالىدۇ ...قىسقىسى - ئىككىنجى قېتىم تەڭشەش پۇرسىتى قالمايدۇ ...
ئەگەر ئارتۇق پۇل خەجلىمەي دىسىڭىز ئېرىنمەي تەكرار سىناپ تەڭشەش ... بىر قېتىمدا بولمىسا يەنە بىر تەڭشەڭ ... مەشغۇلات جەريانىدا مەيلى كومپىيۇتېر بولسۇن ياكى سىن ئاپاراتى بولسۇن قىسقا تۇتىشىش ، ئۇلىنىش ئاجراپ كېتىشتەك نازۇك ھەركەتلەرگە دىققەت قىلىڭ ...
ئەگەر قىسقا تۇتىشىشتىن چاتاق چىقسا ( يىنىك بولغاندا ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ ، ئېغىر بولغاندا ئاساسى ماشىنا ئانا تاختىسىدا كاشىلا كۆرۈلىدۇ ) سەينا ، تېما ئىگىسى ، مەن ئىنكاسچىلار ئاپلا دەپلا قاراپ تۇرىمىز خالاس ...
ۋاقتى: 2011-1-17 13:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە ئەسقاتدىغان ھۆنەركەن،مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئوڭشاپ ئەسلىگە كەلتۇرۇپ ئىشلىتەي.
ۋاقتى: 2011-1-17 19:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە ئىككىسى بار ئىدى... بۇ ئۇسۇلنىمۇ بىر ئىشلىتىپ باقاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 14:18 , Processed in 0.375279 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat