ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 346 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2191|ئىنكاس: 8

word تىن پايدىلىنىشتىكى ئەپچىل ئۇسۇللار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل ئەھلى! ئەلقۇتتىن ھەممىڭلارغا سالام !
                        ھۆججەتكە ئايرىش سىزىقى قوشۇش
بەزىدە ھۆججەتكە سىزىقلارنى قوشۇشقا توغرا كەلگەندە سىزىقنى سىزىشمۇ خېلى ئاۋارە قىلىدۇ.تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئايرىش سىزىقىنى ئاسانلا قوشۇۋالغىلى بولىدۇ.
1. قوش سىزىق(=) سىزىش ئۇچۇن كەينى-كەينىدىن «=» بەلگىسىدىن ئۇچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enteer ) نى باسساق بولىدۇ.
2.دولقۇنسىمان (~~)سىزىش ئۇچۇن كەينى-كەينىدىن «~» بەلگىسىدىن ئۇچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enteer ) نى باسساق بولىدۇ.
3.ئۈزۈك سىزىق (--)سىزىش ئۇچۇن كەينى-كەينىدىن  يۇلتۇز«*» بەلگىسىدىن ئۇچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enteer ) نى باسساق بولىدۇ.
4. ئىنچىكە تۈز سىزىق سىزىش ئۈچۈن،كەينى-كەينىدىن «-» بەلگىسىدىن ئۇچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enteer ) نى باسساق بولىدۇ.
5. توم سىزىق سىزىش ئۇچۇن ،ئۈچۈن،كەينى-كەينىدىن «#» بەلگىسىدىن ئۇچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enteer ) نى باسساق بولىدۇ.
                  پۈتۈن جەدىۋەلنى ئۆچۈرۈش
  ئەگەر سىز Word ھۆججتى ئىچىدىكى جەدىۋەللەرنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ، del كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز جەدۋەل ئۆچمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇمەتلار ئۆچۈپ كېتىدۇ، قانداق قىلغاندا پۇتۇن جەدىۋەلنى بىراقلا ئۆچۇرۋەتكىلى بولىدۇ؟ ناھايىتى ئاددى ، سىز پەقەت پۇتۇن جەدىۋەلنى تاللاپ، ئاندىن shift+delete  كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا پۇتۇن جەدىۋەل ئۆچۈپ كېتىدۇ، بۇ بىرلەشمە كۇنۇپكا ئارقىلىق يەنە بىر جەدىۋەلدىكى پۇتۇن قۇر ۋە پۇتۇن رەتنى تاللاپ، ئاندىن shift+delete بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى باسقاندا ، پۇتۇن قور ياكى پۇتۇن رەتنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.
كۆپچىلىككە رەھمەت.
ۋاقتى: 2011-1-16 22:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىغان ئۇسۇللاركەن ساقلاپ قوياي.
ۋاقتى: 2011-2-23 01:46:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم مەن باشقا بىر ئۇسۇل بىلەن ئۆچۇرەتتىم بۇمۇ بۇلۇپ قۇيىدىكەن جۇمۇ بىلمڭزنى داۋاملق ئايماسلقڭزنى ئۈمىد قىلمەن .
ۋاقتى: 2011-2-24 15:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان پايدىلىق مەزمۇنلار ئىكەن!!!
ۋاقتى: 2011-2-24 18:43:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wordتا جەدىۋەل بىر تەرەپ قىلىشنى بەك ئاۋارىچىلىق دەپ  xls دىلا ئىشلەيتتىم. سىز دەل مەن ئاۋارىچىلىق دەپ قارىغان تەرەپلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرىپسىز. رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2011-3-6 11:21:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەن ئۇچۇن بىر قۇلايلق ئۇسۇل بولىدى رەھمەت سىزگە دوستۇم
ۋاقتى: 2014-10-12 17:48:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Word نى تېز قوزغىتىش

    كومپىيوتېرىڭىزدا Word بار بولۇپ تاپالىمىسىڭىز ھەم ئۇنى قاتتىق دىسكىدىن ئىزدەشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز ، سىز
ئۇ ھالدا باشلاش 开始  تىزىملىكىدىن  ئىجرا قىلىش ( 运行) نى بېسىپ "  
winword بۇيرۇقىنى يېزىپ مۇقىملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ !

   كونۇپكا تاختىسدىكى ماھارەتلەردىن :


1)  باشلاش تىزىملىكىنىڭ قوزغىتىش كونۇپكىسى( كونۇپكا تاختىسىدا ctrl    alt  كونۇپكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋىندوۋسنىڭ رەسىمى بار كۆنۇپكا )  بىلەن E نى قوشۇپ باسسىڭىز مىنىڭ كومپىيوتېرىم دىگەن كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
2) alt كونۇپكىسى بىلەن F4 كونۇپكىسىنى تەڭ باسسىڭىز نۆۋەتتىكى ھەر قانداق كۆزنەك ئىتىلىدۇ .

   Word  تا يېزىلغان خەتلەرنى ھەرقانداق كومىپيۇتېردا نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىش .

خەتنىڭ خەت نۇسخىسى بولمىسا باشقا كومپىيوتېرلاردا ئۇيغۇرچە خەت نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ .
ھەل قىلىش چارىسى : سىز Word ھۆججىتىىڭىزنى ساقلاشتىن بۇرۇن سىز " قۇرال "工具  تىزىملىكىدىن " تاللاش شەكلى" ( 选项)   
نى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن " ساقلاش "保存 كارتىسىنى تاللاپ شۇ  ساقلاش كارىتىدىكى «خەت نۇسخسىنى قىستۇرۇش » ( 插入TureType字体 ) نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قۇيۇپ قويىمىز . بۇ چاغدا سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان ماقالىڭىز ھەرقانداق كومپىيوتېردا ئۇيغۇرچە كۆرىنىدۇ !

  
مەن Word خەت يېزىۋېتىپ كىنو كۆرسەم بولامدۇ ؟

    جاۋاب : بۇ ئەلۋەتتە ئۆزىڭزنىڭ ئىختىيارىدا ، كۆرۈشنى خالىسىڭىز كۆرسىڭىز بولىۋىرىدۇ !
سۈرەتنى Word نىڭ خەت يېزىش تاختىسى ئىچىدە تۇرۇپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ، ئاۋۋال كۆرمەكچى بولغان كىنو ياكى ناخشىنى قويۇپ چۇڭايىتىۋېلىپ ئاندىن Word نىڭ خاسلىق ئىچىدىن ئارقا كۆرۈنۈش رەڭگى دىگەندىن نۇر ئۆتكۈزىدىغان ( خەنزۇچە فىن خۇڭ ) رەڭنى تاللسىڭىز ، سىز بىر تەرەپتىن Word تا ماقالە يېزىپ يەنە بىر تەرەپتىن سۈرەتلىك كىنو ياكى ناخشىلارنى كۆرەلەيسىز ! خەتنى چىقىۋاتقان
سۈرەتنىڭ يۈزىگە يېزىپ ، خىزمەت ۋە ئۈگىنىش ھارغىنلىقىدىن بىر ئاز قۇتۇلالايسىز .

  Word نى ئىشلتىىشنىڭ ئەڭ تىز ھەم ئەڭ قولايلىق ئۇسۇللىرىردىن  كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە :


ctrl بىلەن A نى قوشۇپ بېسىش —— ھەممىنى تاللاش .
ctrl بىلەن s نى قوشۇپ بېسىش —— ساقلاش ،
ctrl بىلەن d نى قوشۇپ بېسىش —— خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش تاللاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ ،
ctrl بىلەن f نى قوشۇپ بېسىش ——ماقالە ئىچىدىن بىرەر سۆزنى ئىزدەش ياكى ئالماشتۇرۇش ،
ctrl بىلەن g نى قوشۇپ بېسىش —— ئىزدەش ، بەتلەر ئارا ئىزدەش ....
ctrl بىلەن H نى قوشۇپ بېسىش —— ماقالىدىكى مەلۇم خەتنى باشقا خەتكە ئالماشتۇرىۋىتىش ،
ctrl بىلەن k نى قوشۇپ بېسىش —— ئۇلىنىش قوشۇش
ctrl بىلەن r نى قوشۇپ بېسىش —— نۇر بەلگىسىنى سولغا توغىرلاش .  
ctrl بىلەن E نى قوشۇپ بېسىش —— نۇر بەلگىسىنى ئوتتۇرىغا قوغىرلاش ،
ctrl بىلەن L نى قوشۇپ بېسىش —— نۇر بەلگىسىنى ئوڭغا توغىرلاش ،
ctrl بىلەن z نى قوشۇپ بېسىش —— ئەسلىگە قايتۇرۇش ،
ctrl بىلەن y نى قوشۇپ بېسىش —— ئەسلىگە قايتۇرغاننى ئالدىغا ياندۇرۇش ( ctrl+z بىلەن قارمۇ قارشى )
ctrl بىلەن c نى قوشۇپ بېسىش —— كۆپەيتىش ،
ctrl بىلەن x نى قوشۇپ بېسىش —— كىسىش
ctrl بىلەن v نى قوشۇپ بېسىش —— چاپلاش ،
ctrl بىلەن H نى قوشۇپ بېسىش —— يېڭى ھۆججەت قۇرۇش :
ctrl بىلەن H نى قوشۇپ بېسىش —— خەتنى ئايرىم ئايرىم قۇرلار ھەم ھەرىپلەر بويىچە تاللاش
ctrl بىلەن n نى قوشۇپ بېسىش —— يېڭى ھۆججەت ئېچىش  
ctrl بىلەن b نى قوشۇپ بېسىش —— خەتنى توم قىلىش  
ctrl بىلەن I نى قوشۇپ بېسىش —— خەتنى يانتۇ قىلىش ،
ctrl بىلەن U نى قوشۇپ بېسىش —— خەتنىڭ ئاستىغا سىزىش

ئۇنىڭدىن باشقا تاللانغان خەتنى چۇڭايتىش ھەم كىچىكتىش ئۈچۈن ] ۋە [ نى ctrl بىلەن قوشۇپ باسىمىز !
ctrl بىلەن ] نى قوشۇپ بېسىش تاللانغان خەتنى كىچىكلىتىش  
ctrl بىلەن [ نى قوشۇپ بېسىش تاللانغان خەتنى چۇڭايتىش
ۋاقتى: 2014-10-12 17:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رولىنى بىلىۋىلىڭ

  F1: ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم كىرەك بولسا ، F1نى بېسىڭ. ئەگەر سىز ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1نى باسسىڭىز Windowsقا مۇناسىۋەتلىك ياردەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windowsقا مۇناسىۋەتلىك ياردەم كېرەك بولسا WinKey+F1نى باسىمىز.

   F2: ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تاللانغان ھالەتتە ، F2نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

    F3: مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ، ئوخشاشلا WindowsMedia Playerدا تۇرۇپ F3نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

   F4: بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4نى باسسىڭىز بولىدۇ.

   F5: بۇ كونۇپكا ئارقىلق IEدا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

   F6: تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IEنىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.

   F7: بۇ كونۇپكىنىڭ Windowsمەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

   F8: كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دېسكا ، ئوپتىك دېسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)

   F9: بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windowsمەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تېز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

   F10: بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . Shift+F10نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Playerدا ئاۋازنى يۇقىرىلىتىش رولى بار.

   F11: مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IEكۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

   F12: بۇ كونۇپكىنىڭ Windowsمەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لېكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
ۋاقتى: 2014-10-12 17:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
word  قا مۇناسىۋەتلىك سۇئال-جاۋابلار

      سوئال: word 2010 دا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ۋە سانلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يازغاندا كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسخىسىنى ئايرىم-ئايرىم تەڭشەش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق ئىكەن، خەت نۇسخا تەڭشىكىنى پەقەت ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىلا قىلىپ مۇقىملاشقا بولامدۇ؟
  جاۋاب: word 2010 نى ئېچىپ «باشلاش 开始» قورال ساندۇقىنىڭ «پاسون 样式» رايونىدىكى « تېكىست 正文» قورالىنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ چىققان تىزىملىكتىن «ئۆزگەرتىش 修改»نى چەكسىڭىز «پاسوننى ئۆزگەرتىش 修改样式» كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. «فورمات格式»نىڭ يېزىق (ئوڭ تەرەپتە، ئەسلىدە 中文 دەپ تاللاقلىق) تۈرىنى «مۇرەككەپ يېزىق (复杂中文)» دەپ تاللاپ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا (مەسىلەن، Alkatip Basma ) ئۆزگەرتىپ (ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان توم، يانتۇ، ئاستى سىزىق شۇنداقلا خەت رەڭگى قاتارلىقلارنىمۇ تاللىسىڭىز بولىدۇ) ئەڭ ئاستىدىكى يېڭى ئارخىپقا ئاساسەن基于该模板的新文档 دېگەن تۈرنى تاللاپ (چوقۇم تاللاڭ) جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
  ئەمدى word 2010 نى قايتا قوزغىتىپ، ئۇيغۇرچە كىزگۈزگۈچنى تاللاپ، بىۋاستە خەت كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. (جاۋاب بەرگۈچى: روھلان تورىدىن ئۇچقۇن)
  سوئال: مەندە ئۇيغۇرچە بىر نەچچە PDF ھۆججەت بار ئىدى، بۇلارنى Word يېزىق ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇشقا بولامدۇ؟
  جاۋاب: تامامەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ ئىلگىرىكى سانلىرىدا توختالغان. يېقىندا يەنە بىر ھەقلىق يۇمشاق دېتال ئارقىلىق، ئۇيغۇرچە ھەرپ، سان-سىفىر، جەدۋەللەر بىرلەشكەن مۇرەككەپ PDF ھۆججىتىنى Word يېزىق ھۆججىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تاساددىپىي بايقاپ قالدۇق.
  بۇ يۇمشاق دېتال PDF转换成Word 转换器12.0 بولۇپ، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىل ئارلاشقان PDF ھۆججىتىنى بىۋاستە Word ھۆججىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
  بۇ يۇمشاق دېتال ھەقلىق بولۇپ، يۇمشاق دېتال قوزغالغاندىن كېيىن ئۈستىدىكى «تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشىش获取注册码 »نى بېسىپ تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يۇمشاق دېتالنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىغا ئېرىشىپ ئاندىن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
  ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە تىللىق ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى %95 تىن يۇقىرى.
  سوئال: Wordنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە خەت باسسام، خەتلەر تەتۈرىسىگە چىقىۋالىدىغان بولىۋالدى. يەنى ئاۋۋال كىرگۈزگەن خەت ئاخىرىغا، ئاخىرىدا كىرگۈزگىنى بېشىغا چىقىۋالىدۇ، خەتمۇ بىر ئاز نورمالسىز. بۇ قانداق ئىش؟
  جاۋاب: بۇنىڭدىكى ئېھتىماللىق تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك.
  1.  Windows7ياكى Windows8 سېستىمىسىدا Office2003 قاچىلاپ، سىستېمىنىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىن پايدىلىنىپ خەت يازغاندا شۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز  Office2007، Office2010 نى ئشلىتىپ سىناپ كۆرۈڭ.
  2. كومپيۇتېرغا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىرگۈزگۈچ قاچىلىسىڭىز مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تىل تەڭشەش تۈرىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئويغان ياكى ئەلكاتىپ دېگەندەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ بىرىنىلا قاچىلاڭ. ئاندىن تىل تەڭشىكىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوشۇڭ. ناۋادا يەنىلا شۇنداق مەسىلە چىقسا «كونترول تاختىسى控制面板»دىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئاندىن بىرلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاڭ.
  3. كومپيۇتېردا بۇرۇن ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچ (ئويغان ياكى ئەلكاتىپ) بار بولۇپ، يەنە بەزى ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەرنى قوشۇپ قاچىلىغان بولسىڭىز، مۇشۇنداق مەسىلە كۆرىلىدۇ. ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلەتمەي، خەلقئارا ئۆلچىمى بويسۇنغان ئويغان ياكى ئەلكاتىپ دېگەندەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خالىغان بىرىنى قاچىلاپ، تىل تەڭشىكىدىن كىرگۈزگۈچنى تەڭشەپ سىناپ بېقىڭ.
  سوئال: بەزىدە Excel  تا جەدۋەل بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە جەدۋەل ئىشلىگەن ۋاقىتتا، دائىم ئوڭدىن سولغا يېزىق كىرگۈزەلمەي قىينىلىمەن. بىرسىدىن سورىسامExcel  نىڭ كۆرۈنۈشىنى ئوڭدىن سولغا توغرىلاشنى دېدى بىراق قىلالمىدىم. بۇنى قانداق قىلىمىز؟
  جاۋاب: Excel نى قوزغىتىپ، 选项←工具 غا كىرىپ، 国际 نىڭ ئىچىدىكى 从右向左查看当前的工作表 دېگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولسىڭىز ئۈستىدىكى مەشغۇلات بويىچە كىرىپ 向左查看当前的工作表 نىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

    سۇئال- جاۋابلارنى كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى تەييارلىغان
    «كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىدىن ئېلىندى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-19 01:04 , Processed in 0.144568 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat