ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1107|ئىنكاس: 5

[ئاتالغۇ] 蹭网卡 نى زادى نېمە دەپ ئاتىساق توغرا؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايا بىر تېمىدا قارىسام « تۈرتمە كارتا» دېيىلىپتۇ. ئالىم ئەھەت تېلېۋىزوردا « ھەييار كارتا» دېدى.
خەنچە ئىزاھاتى  مۇنداق ئىكەن
  1. 蹭网卡实质上是一种大功率无线网卡,与普通无线网卡不同,蹭网卡常用Ralink 8187L芯片,另一种低辐射高灵敏度雷凌3070芯片,成本造价高,目前唯有台湾搜信宝采用同时配备了密码破解软件。蹭网卡并不神秘,这种 蹭网卡
  2. “免费”上网卡2006年就已经在中国台湾地区出现。它本质上就是一种外置的无线上网卡,只是比普通无线上网卡搜寻网络能力要强一些,说到底就是蹭人家的无线网络,如果周围没有无线网络或无法破解密码,这种上网卡就没有用了。 普通用户无线网络密码设置比较简单,高手破解起来几乎不费吹灰之力。一般情况下,蹭网者如果不是大流量下载,就不太容易被真正的用户觉察到。其实,合法的宽带用户只要登录无线路由器,就能察看是否有人在蹭网,而通过MAC地址过滤的方式,就可以把对方“踢”走。据了解,蹭网卡对无线设备WEP加密方式破解相对简单,但对电信默认提供的WPA方式仍存技术难题。   然而,“蹭网卡”的灵敏度越高、搜索范围越大,其功率也就越大,对人体危害也可能越大。一些“蹭网卡”最高功率达到0.5瓦,对人体危害明显。 “蹭网卡”的搜索原理来自于上一个数码时代的BB机,也是通过散发假冒信息截取信号资源从而上网。然而,“蹭网卡”的灵敏度越高、搜索范围越大,其功率也就越大,对人体危害也可能越大。一些“蹭网卡”最高功率达到0.5瓦,对人体危害明显。 “蹭网卡”的搜索原理来自于上一个数码时代的BB机,也是通过散发假冒信息截取信号资源从而上网。优质的网卡,辐射会经过复杂工艺处理,辐射会得到有效控制。如台湾搜信宝采用高阶雷凌3070芯片 在这方面有重大突破,辐射问题得到解决,控制在安全范围内。 雷凌3070芯片相对于Ralink 8187L 其辐射在同功率网卡下减少38%,辐射是Redltek 8187L 的70%
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
قىسقىچە ئېيتقاندا بۇ نەرسە باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان نەرسە ئىكەن يەنى باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدىكى سىمسىز تور يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ نامىدا نىقاپلىنىپ تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. بۇنىڭ سەزگۈرلىكى يۇقۇرى بولغانلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن.
蹭网卡 نىڭ ئېنگىلىسچە يېزىلىشى Rub Card
ئەمدى قارىشىمنى دەپ باقاي:
1- تۈرتمە كارتا - بۇنىڭدىكى تۈرتۈش دېگەن گەپتىن ئىتتىرىش، ئىلگىرىلىتىش، ماڭدۇرۇش دېگەن مەنا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ كارتتا خاراكتېرىگە بۇ خىل ئاتاش ماس كەلمەيدۇ.
2- ھەييار كارتا- بۇنىڭدىكى ھەييار دېگەن گەپ  ھېلىگەرلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئويۇن - چاخچاقنىڭ يۇقۇرىراق دەرىجىسىنى ياكى يامان نىيىتى يوق ئەمما ئويۇن-چاخچاققا ئۇستا ۋە مۇشۇن ئىقتىدارى بىلەن جان باقىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.  يۇقارقى كارتىنىڭ خاراكتېرىدە يامان غەرەز بار شۇ سەۋەپتىن بۇ خىل ئاتاشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس دە قارايمەن.
بىزدە مۇشۇ نەرسىنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان پاساڭ، كاۋاك چالمىسى، چاپان شال، ياماق، بىزەڭ، كانا، پۇرسەتپەرەس، توقال، ئورۇنباسار، قات ... دېگەندەك ئاتالغۇلار بار بولسىمۇ ئەپسۇسكى مەن ئۆزۈممۇ بۇ سۆزگە مۇۋاپىق ئات تاپالماۋاتىمەن. شۇڭا تورداشلار بىرلىكتە ئىزدىنىپ باقساق دەيمەن.
ۋاقتى: 2011-1-15 17:54:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Segek نىڭ يازمىسى

سىز بىلىككە كىرمەيدىغان ئوخشايسىز، ئالىم ئەھەت ئاشۇ پروگراممىغا چىقىشتىن بۇرۇن سىز يوللىغان بۇ تېمىغا ئوخشاش تېما يوللىغان، كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى تېلېۋىزوردا «ھەييار كارتا» دەپ ئالغان.
مەنزىلى:
بىلىك كۇلۇبى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-15 17:54  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-15 19:02:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Nida نىڭ يازمىسى

ئۇ يەرگە كىرمەيمەن ئەمەس كىرىپ باقتىم. ئۇ يازمىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم ( تورداشلارنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتمىگەن ھالەتتە ئالىم ئەپەندى ئاتالغۇنى بېكىتىۋېتىپتۇ) ، ئالىم ئەھەتنىڭ تېلېۋىزوردىكى پارىڭىنىمۇ كۆرگەنمەن.
بۇ يەردە قايتا يازما يوللىشىمدىكى سەۋەپ يۇقۇرىدا دېيىلگەندەك « ھەييار كارتا» دېيىشنى توغرا تاپمىدىم. بۇنىڭغا مۇۋاپىق سۆز تاپساق دەيمەن.
مەسىلەن :
پارازىت تور كارتىسى 蹭网卡
تور پارازىتلىرى 蹭网族

پارازىت كارتا، تور پارازىتى دېسەكمۇ  بولامدۇ يوق؟  
يەنە « لالما» دەيدىغان بىر سۆزمۇ بار « لالما كارتا» دېسەكچۇ؟
يەنە «سالجا» ، « بىشەم» دېگەن سۆزلەرمۇ بار.
ئامالبار قىسقا بولسا  سەل ئۇزۇن بولسىمۇ تىلىمىزغا راۋان كىلىدىغان سۆز ياسىساق دەيمەن.
ۋاقتى: 2011-1-15 23:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىلىككە بۇ تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرغاندا
«تەييار تاپ تور كارتىسى»، «تور تەييارتاپلىرى» دېگەنلەرمۇ بولىدىكەن، ئەمما مېنىڭچە بۇنىڭ سەلبىي مەنىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «لالما كارتا»، «تور لالمىلىرى» دېسەك بولارمۇ؟

دەپ پىكىر بەرگەن. ئەمما ئاخىرىدا ئالىم ئەھەت ئەپەندى «ھەييار كارتا» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردى ھەمدە تېلېۋىزور پروگراممسىدىمۇ شۇنداق دەپ ئىشلەتتى. شۇڭا، مېنىڭچە، ئەمدى بۇ سۆزگە يېڭىدىن سۆز ياسىماقچى بولساق تولىمۇ كېچىكىپ قالدۇققۇ-دەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېۋىزورنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ھەرقانداق بىر تور بەتنىڭ زىيارەتچىلىرىدىن كۆپ، شۇڭلاشقا «ھەييار كارتا» دېگەن سۆزنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىز يېڭىدىن ياساپ چىققان سۆزىمىزنىڭ تارقىلىش دائىرىسىدىن نەچچە ھەسسە كەڭرى دېگەن گەپ، ئۇنداقتا يېڭى سۆزىمىزنى قانچىلىك ئادەمگە قوبۇل قىلدۇرۇپ، قانچىلىك ئادەمگە ئىشلەتكۈزەلەيمىز؟ كېيىنچە، تېلېۋىزور كۆرۈرمەنى بىلەن تور زىيارەتچىسى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل نەرسىنى ئىككى خىل ئاتاپ، بىر-بىرىگە مەقسىدىنى ئۇقتۇۇرالماي، بىر - بىرىنى «ماۋۇ تازىمۇ بىر دەنشى | تور كۆرمىگەن ئاداشكەن» دەپ قالمايدۇ، دەپ ئېيتالايمىزمۇ؟
ۋاقتى: 2011-1-16 13:41:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ ھەييار دېگەن گەپ تازا چۈشمەيدۇ. ھەييارلىقتا باشقىلارغا زىيان سالمايدۇ، ئويۇن قىپ قويىدۇ. ھەييار كىشىگە تەنبىھ بىرىپ بۇندىن كېيىن شۇ خىل ھەييارلىقنى قىلمايدىغان قىلشىلى بولىدۇ . بۇ كارتا باشقىلارنىڭ تور يولىنى  قاراپ تۇرۇپلا ئىگىلىۋالىدىكەن ياكى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ باشقىلارنىڭكىنى ئىگەللىۋالىدىكەن. يەنە بۇياقتىن چەكلىسىڭىز ئۇياقتىن يوچۇق ئىزدەپ يول ئىگىلەيدىكەن.  
بىز ئادەتتە مۇشۇنداق ئادەملەرنى قىتلالما، لالما دەپ قويىمىز شۇڭا «لالما كارتا»  دېيىش مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇ نەرسە ياخشى نىيەت ئۈچۈن ياسالغان نەرسىدەك قىلمايدۇ.
ۋاقتى: 2011-1-16 19:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ چۈشمەپتۇ ھەييار كارتا دېگەن گەپ.
ئەمما ئاخىرىدا ئالىم ئەھەت ئەپەندى «ھەييار كارتا» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردى ھەمدە تېلېۋىزور پروگراممسىدىمۇ شۇنداق دەپ ئىشلەتتى.

1- دىن ئالىم ئەخەت تىلشۇناس ئەمەس بەلكى ماتېماتىكىچى ( فىزىكىچى) .
2-دىن ئالىم ئەخەت ئۈچۈن شۇ چاغدا بۇ ئاتالغۇنى تېزراق بېكىتىش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقى ئۇ يازمىدىن مەلۇم.
3- دىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەسىر كۈچى چوڭراق بولسىمۇ سىز- بىزدەك تەرجىمە - ئاتالغۇ دېگەنلەرگە دىققەت قىلىدىغان ۋە  كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاشۇ رەڭۋاز- ئېلانلارنىڭ دەستىدىن  تېلېۋىزورنى كۆرمەس بولۇپ كىتىۋاتىمىز. ئاۋۇ رىياسەتچىنىڭ « بۇ نام ياخشى قويۇلۇپتۇ» دېگەن گېپى بۇ ئاتالغۇنىڭ جايىدا بولغانلىقىنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ.
4- بۇ پروگراممىنى كۆرۈپ باقىلى

بۇنىڭدىن قارىغاندا ئەسلى بۇ پروگراممىغا ئالىم ئەپەندىدىن باشقا ئۇچۇر- بىخەتەرلىك خادىملىرى، قانۇن خادىملىرىمۇ قاتناشسا بولىدىغان ئىشكەنتق.
5- بۇ ئەسلى سىمسىز تور كارتىسىنىڭ بىر خىل شەكلى ئىكەن يەنى ناچار شەكلى ئىكەن. شۇڭا ئوغرى، لۈكچەك دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىسە مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.
( بىلىكتىكى تېمىدا كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بىر يەرگە كەلمىگەن ئەھۋالدا ‹ ئىككى- ئۈچ ئادەمنىڭ ھە-ھۇسىدىن باشقا› ئالىم ئەپەندى ئۆزى قارار چىقىرىۋېتىپۇ. )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 16:41 , Processed in 0.156301 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat