ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1866|ئىنكاس: 10

تاۋباۋدا دۇكان ئاچماقچى بولغانلار كېلىڭلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۈندە تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىڭىز بولسىمۇ، لېكىن توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالماي بېشىڭىز قېتىۋاتامدۇ؟ بىكار ۋاقتىڭىزنىڭ ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئۆكۈنۈۋاتامسىز؟ ئاشۇ بىكار ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ تور ئارقىلىق ئازىراق قىممەت ياراتسامكەن دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ توردا ئېلان چېكىش، توردا تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن پۇل تېپىش نىيتىدە بىر مۇنچە ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋاتامسىز؟
توغرا، بۇ ئۇسۇللار بىلەن پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، تاپقان تەقدىردىمۇ تاپقان پۇلىڭىز ئەجرىڭىزنى تولدۇرالمايدۇ ھەمدە ئىنتايىن تۇراقسىز بولىدۇ. توردا پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى توردا سودا بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت، يەنى توردا دۇكان ئېچىش. ئەگەر سىزنىڭ كۈندە تورغا چىقىش شارائىتىڭىز بولسا ۋە بۇ ئارقىلىق ئاز-تولا ئىقتىسادىي قىممەت ياراتماقچى بولسىڭىز، توردا دۇكان ئاچسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر سىز بىر ئىستۇدىنت بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاز-تولا تۇرمۇش چىقىمىڭىزنى قامدىغۇدەك كىرىم قىلماقچى ۋە كەلگۈسىڭىزگە ئاساس سالماقچى بولسىڭىز، توردا دۇكان ئاچسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدىنت بولۇپ، خىزمەت تېپىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن بولسىڭىز، توردا دۇكان ئېچىش ئارقىلىق ئۆز ئىگىلىكىڭىزنى تىكلەشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
توردا دۇكان ئېچىش قىسقا مەزگىللىك پايدا قوغلىشىش ئەمەس، ئەگەر سىز تىرىشچان ۋە ئىرادىلىك بىر ياش بولسىڭىز تور دۇكىنى ئارقىلىق ئۆز ئىگىلىكىڭىزنى قۇرۇپ چىقالايسىز، بۇلار ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس. تاۋباۋ تورىنى ئارىلاپ چىقىدىغان بولسىڭىز، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ مەكتەپتىكى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغان ياشلارنىڭ توردىكى ئاددىغىنە دۇكىنى ئارقىلىق ھەر ئايدا مۇقىم خىزمەتچىلەردىنمۇ كۆپ كىرىم يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتە دەسلەپ ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ بىكار ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇمچە كىرىم قىلغان، بارا-بارا سودىسىنىڭ بازار تېپىشى بىلەن بارلىق زېھنىنى مۇشۇ ئىشقا قارىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى ياراتقان.
ئۇنداقتا تور دۇكىنىنى قانداق ئاچىمىز؟ ناھايىتى ئاددى. پەقەت تاۋباۋ تورىغا تىزىملىتىپ، ھەقىقىي كىملىكىڭىزنى تەستىقتىن ئۆتكۈزسىڭىزلا توردا مال سېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيسىز، ئەگەر ساتماقچى بولغان مېلىڭىز 10 دىن ئاشسا، بىر دۇكان ئاچالايسىز. تاۋباۋ خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، مال ساتقۇچىلارنىڭ چوقۇم ھەقىقىي كىملىك ئارقىلىق سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، شۇڭا تاۋباۋدا مال سېتىش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي مەۋجۈت كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرىشىڭىز كېرەك، بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر دەرسلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي يوللىنىدۇ. ھازىر مەن پەقەت تاۋباۋنىڭ ھەقىقىي كىملىكنى جەزىملەشتۈرىشىدىن ئۆتۈپ بولغان ھەمدە دۇكان ئېچىش ئويىدا بولىۋاتقانلارغا ياردەم قىلماقچى.
تەستىقلاشتىن ئۆتۈپ، دۇكاننى ئاچاي دېگەندە سىز نېمە ساتىمەن؟ مالنى نەدىن تاپىمەن؟ دېگەن سوئاللارغا دۇچ كەلدىڭىز ياكى شۇنداق ياخشى مال مەنبەسىنى تاپقان بولسىڭىزمۇ دۇكىنىڭىزنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ 0 بولۇشى سەۋەبلىك خېرىدار تاپالمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟
ئەلۋەتتە، توردا دۇكان ئېچىشتا ئەڭ ئاۋۋال ئىشەنچىلىك مال مەنبەسى بولۇشى خېرىدارلارنى جەلپ قىلالىغۇدەك ئىناۋەت دەرىجىسى بولۇشى زۆرۈر. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ مەۋھۈم مال سېتىش كېرەك. يەنى، قىممەت تولۇقلاش كارتىسى، ئويۇن كارتىسى دېگەن مال ساقلاش ھاجەتسىز بولغان، پۈتۈن جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان ئۇسۇلنى تاللاش كېرەك. بۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى مال مەنبەسىدىن ۋە خېرىداردىن ئەنسىرىمەيسىز، سودا مىقدارىڭىز كۆپ بولغاچقا ئىناۋەت دەرىجىڭىزمۇ تېز ئاشىدۇ.
لېكىن يەنە بىر مەسىلە بار. بۇ خىل تىجارەت قانداق قىلىمىز؟ ئەنسىرىمەڭ، ھازىر مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى قىممەت تولۇقلاش مۇلازىمىتىنى بىجىرىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددىي، ھەجىمى كىچىك، بارماق دىسكىڭىزغا كۆچۈرىۋىلىپ قەيەردە بولسىڭىز شۇ يەردە ئىشلىتەلەيسىز. دېتال ئارقىلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلگرافنىڭ قىممەت تولۇقلاش كەسپىنى بىجىرگىلى ۋە QQ نىڭ ھەرخىل ھەقلىق مۇلازىمەتلىرىگە ھەق تاپشۇرغىلى، تور ئويۇنلىرىنىڭ قىممەت كارتىسىنى بىجىرگىلى بولىدۇ. ھازىر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىرىدىن 速度达، 捷易通 قاتارلىقلار بار. لېكىن مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم يەنىلا 速度达. چۈنكى بۇ دېتالنىڭ ھەجىمى كىچىك، كۆرۈنمۈ يۈزى چىرايلىق ۋە قۇلايلىق، ئىقتىدارى بىر قەدەر تولۇق. ھەممىدىن ياخشى يېرى ھەقسىز تىزىملىتىپ دېتالنى كۆرۈپ بېقىشقا بولىدۇ، ھە راست، ھازىر تىزىملاتسىڭىز يەنە تېخى 5 يۇەن سوۋغا قىلىدۇ. http://www.sududa.com بۇيەردىن دېتالنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، چۈشۈرۈش مەركىزىدىن دېتالنى چۈشۈرۈپ سناپ بېقىڭ. چۈشۈرۈپ پرستىن يەشكەندىن كېيىنلا، بىۋاستە قوزغىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، قاچىلاش ھاجەتسىز. قوزغاتقاندا كىرىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، ئاۋۋال تىزىملىتىش دېگەن يەرنى بېسىپ بىر ھېسابات تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن دېتالنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايسىز ئەمما قىممەت تولۇقلىيالمايسىز. قىممەت تولۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم دېتالنى سېتىۋىلىشىڭىز كېرەك. دېتالنى سېتىۋالغاندىن كېيىنلا قىممەت تولۇقلاش كارتىلىرىنى دۇكىنىڭىزغا چىقىرىپ ساتسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە تورغا ئۇلانغان ھالەتتە دېتال ئارقىلىق ئۆزىڭىز قول سېلىپ، خالىغان يانفۇنغا ياكى QQ، تور ئويۇنلىرىغا قىممەت تولۇقلىيالايسىز. دېتالنى تاۋباۋدىكى دۇكىنىڭىز بىلەن باغلاپ قويغاندىن كېيىن، پەقەت دېتالنى ئېچىپ قويسىڭىزلا، سىز چېقىلمىسىڭىزمۇ، زاكاسلارنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىدۇ، سىز يەنە داۋاملىق باشقا ئىشلىرىڭىزنى قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. جىق سۆزلەپ كەتتىممۇ نېمە!؟؟
يەنىلا ئۆزىڭىز شىركەتنىڭ تور بېكىتىدىن تەپسىلىي ئەھۋالىنى چۈشىنىپ بېقىڭ (http://www.sududa.com) مۈجمەل يەرلەر بولسا ياكى چۈشەنگەندىن كېيىن دېتالنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. دېتالنى سېتىۋالغاندىن كېيىن سىزنىڭ دۇكان ئېچىش، دۇكانغا مال چىقىرىش ۋە دۇكىنىڭىزنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى تېز ئۆرلىتىش ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قىلىمەن.
يانفۇن: 13699332959 QQ:184614849
ۋاقتى: 2011-1-14 23:17:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازمىكەندۇق ،بىراق خەت نۇسخىسىنىڭ سەۋەىدىن ياخشى كۆرگىلى بولمىدى ،بۇ ئىنكاسمۇ شۇنداق چىقىدىغاندەك قىلىدۇ ، باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويساڭلار .
ۋاقتى: 2011-1-14 23:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بويان  توردا دۇكان ئاچىدىغان ئۇيغۇر تورداشلىرىمىز كۆپيىۋاتىدۇ ،  ھەمكارلاشقۇچىلار بۇ توپقا مەرھەمەت 53474677
توپقا كىرگەندىن كىيىن  قالايمىقان ئېلان يوللايدىغانلارنى ئەسكەرتىپ ئولتۇرماي ئۆچۈرىمەن ،مىنىڭ دۇكان ئادىرىسىم  http://shop.paipai.com/907279  تاۋ باۋ دىكىسى دەرىجىسى يوق دىيەرلىك يوللىمايلا قوياي

ئالدامچى ئۇيغۇر توردىشىمىزدىن بىرسى بار ، دۇكان ئاچقانلار ئالدانماڭلار  چ چ  نۇمۇرى 37790738  ئۆزى قۇمۇلدىن ئسمى ياسىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iskilit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-15 01:48  

ۋاقتى: 2011-1-15 14:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ كەمگىچە .توردا پۇل تېپىش .دۇكان ئېچش  .دىگەندەك ئشلارنى قىلىپ باقمىدىم .
ۋاقتى: 2011-1-15 16:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىلدىكى قىممەت تولۇقلاش دىتالىدىن نەچچە خىلى بولىدىكەن. مىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم 捷易通 ،  لىكىن  دەرىجە ئاشۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىنكەن. ماۋۇ ئىسكىلىت دىگەن توردىشىمىزمۇ نەچچە ئاي بولدى.. دەرىجىسى تۈزۈك ئاشمىدى. شۇڭا مىنىڭچە 500 يۈەن ئارتۇق پۇلى بار تورداشلار قىلىڭلار..  نوقۇل بۇ قىممەت تولۇقلاش سودىسىغا قاراپ قالماڭلار.  
ۋاقتى: 2011-1-15 20:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
捷易通  بىلەن سودا قىلىمەن دىېسىڭىز  دەرىجە ئېشىشى تەس  ، ياخشىسى  ئالدى بىلەن  كارتا سېتىۋېلىپ 自动发货 قىلىپ ساتسىڭىز ياخشىراق لىكىن بۇنىڭغا  ئايلانما مەبلىغىڭىز بولمىسا تەس
ۋاقتى: 2011-1-16 10:24:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىممۇ شۇ.. نوقۇل دىتال سىتىش بىلەن دەرىجە ئاشۇرغىلى بولمايدىكەن. ھەم ئۇ دىتالنى سىتىپ چىقىرىشقىمۇ دەرىجە كىتىدۇ.. شۇڭا 200 يۈەنگە كارتا سىتىۋىلىپ قىممەت تولۇقلىسا دەرىجىسى تىزرەك ئاشارمىكىن دەيمەن.  ئىسكىلىت بۇرادەر.  سىز قىممەت تولۇقلاش مۇلازىمىتىنى قىلمىغان ئوخشايسىز ھە،،  دەرىجىڭىز تۈزۈك ئاشماپتۇ تاۋباۋدىكى..؟
ۋاقتى: 2011-1-16 22:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋباۋ نىڭ تۈزۇملىرى سەل قاتتىق  دۇكىنىڭىزغا سالغان ماللارنىڭ بەزى جايلىرىنى خاتا تاللاپ  خاتا يېزىپ قويسڭىزمۇ نۇمۇر تارتىدۇ  يىللىق  ياكى پەسىللىك نۇمۇرىڭىز مەلۇم چەككە يەتكەندە  چەكلىمىگە ئۇچىرايسىز ، بىنورمال ئۇسۇلدا دەرىجە ئاشۇرسىڭىز ئۇقۇپ قالسا دۇكاننى پىچەتلەپمۇ قويىدۇ ،  بۇرۇن سودا باشلاپ تەرەققى قىلغانلار بەكلا كۈچلۈك  يېڭى دۇكان ئاچقانلارنىڭ  داۋاملاشتۇرۇشى سەل تەس  شۇڭا ھازىر تاۋ باۋ نى  تاشلاپ قويدۇم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-17 22:49:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بۇ خىلدىكى دېتاللار خېلى كۆپ، لېكىن مەن يەنىلا مۇشۇ 速度大نى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئۇنى ھەقسىز تىزىملىتىپ سىناپ كۆرەلەيسىز.
ئەمدى دۇكاننىڭ سودىسىغا كەلسەك، بۇنىڭغىمۇ پەم كېتىدۇ، مېنىڭ ۋاقتىم سەل قىس بولغاچقا دۇكانغا دائىم قاراپ بولالمايمەن، ئەمما دۇكىنىمنى كۆرۈپ باقسىڭىز، دەرىجىسىنىڭ بىر يۈرەك بولغانلىقىنى بايقايسىز، ئاشۇ بىر يۈرەكنى مەن بىر سائەت ئىچىدىلا قولغا كەلتۈرگەن.
ھەقىقەتەنمۇ قىممەت تولۇقلاش مۇلازىمىتى بىلەن جىق پايدا ئالغىلى بولمايدۇ، 1-2موچەن، ھەتتا كىچىكرەك قىممەتتىكىلىرىنى قىممەت ئېلىپ ئەرزان ساتىدىغان گەپ، لېكىن سىزنىڭ سېتىش قابىلىيىتىڭىز بولسا، دېتالنى سېتىپ چىقىرىش ئارقىلىق كۆپ پايدا ئالالايسىز، بىرنى ساتسىڭىز 195 يۈەن قايتىدۇ، دېتالدىن ئىككىنى سېتىپ چىقارسىڭىزلا دېتالنى سېتىۋالغان تەننەرخىڭىز قولغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇندىن كېيىن ساتقانلىرىڭىز نەق پايدا دېگەن گەپ، يەنە سىز ساتقان ئادەم سېتىپ چىقارسىمۇ سىزگە 45 يۈەن كېلىدۇ (ئۇندىن كېيىنكىسىگە يوق جۇمۇ) بۇلارنى يوشۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. دۇكاننىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كەلسەك ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇل بار، گەپ يوق ئالماسقا يەتكۈزەلەيسىز، بۇنى مەن دېتالنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتكىنىڭىزدىن كېيىن دەپ بېرىمەن. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ تاۋباۋنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا 刷了 قىلىش ئەمەس، پۈتۈنلەي قائىدىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى تاۋباۋ ھەر قېتىملىق سودىغا نومۇر قويۇپ ماڭىدۇ، شۇ نومۇرلار بەلگىلىك قىممەتكە يەتكەندە ئىناۋەت دەرىجىسى قوشۇلىدۇ، مەن دېگەن ئۇسۇلدا سىز مالنى چىقارسىڭىزلا، بىر سائەتكە قالماي سېتىلىپ تۈگەيدۇ، دېمەك بىر سائەت ئىچىدىكى سودا مىقدارىڭىزنىڭ ئۆزىلا دۇكاننىڭ دەرىجىسىنى خېلى ئۆستۈرىۋىتىدۇ دېگەن گەپ. تەپسىلىي بىلمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ.
تېل: 13699332959
دۇكان: http://ramian.taobao.com
ۋاقتى: 2012-12-24 02:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىشىم ئايلىنىپ قالاي دىدى .
ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭغا قىزىقمايلا قوياي .......
ۋاقتى: 2012-12-24 13:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 速度达نى ئىشىلتىۋاتىمەن. ناھايىتى قۇلايلىق ئىكەن . لىكىن شۇ تاۋباۋنىڭ كىملىك تەستىقىدىن ئۆتۈشكە يېشىم توشمىدى دېسە. . . كىچىك كەپ قالدىم. . . .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 14:41 , Processed in 0.260293 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat