- توردا
- 83 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-22
- تىزىملاتقان
- 2010-7-30
- شۆھرەت
- 960
- تىللا
- 1974
- تۆھپە
- 533
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4619
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 182
- تېما
- 21
- نادىر
- 2
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 132
- تۆھپە
- 533
- تىللا
- 1974
- شۆھرەت
- 960
|
ئەسلى يازمىدىن :ئىنتىل سەيناسى ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال پروگراممىچىلىقىنى قوللاش، كەڭ Visual Basic ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق " Visual Basic بىلىملىرى مۇسابىقىسى " ئۆتكۈزىدۇ. كەڭ پروگراما ھەۋەسكارلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز......
----- مۇسابىقە ۋاقتى: 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە بولىدۇ.
-----ئەسەر قاتناشتۇرۇلىدىغان سەھىپە : مۇشۇ سەينادىكى "ئىنتىل سەيناسى › سەينا › پروگرامما › Visual Basic " بولۇپ تېمىغا " مۇسابىقە" دېگەنى قوشۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئەسەرلىرىڭىزنىڭ چوڭراق قوشۇمچە ھۆججىتى بار بولسا ۋاقتىنچە ھەقسىز تور دىسكىسىغا يوللاپ قويسىڭىز ياكى بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بىز مۇقىم بوشلۇققا قويۇپ تېمىڭىزغا ئۇلانمىسىنى قوشۇپ قويىمىز.....
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر تور ۋە يۇمشاق دېتال ساھىسىدىكى ئۇستازلار ،تورداشلار ، كەڭ پىروگرامما ھەۋەسكارلىرى: ئىنتىل سەيناسىدىن قايتا ئېچىلغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىشلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان " Visual Basic بىلىملىرى مۇسابىقىسى " دىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن توربىكىتىمىز رايۇنىمىزدىكى بىردىن بىر كۆلەملەشكەن مۇستەقىل ساپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تەمىنلەش چۈشۈرۈش توربىكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقدە بىر چەتتە قاراپ ئولتۇرۇشنى توغرا تاپمىدۇق ،شۇڭا ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلماقچىمىز :
1.قىياس دۇنياسى ئۇيغۇر توربېكىتى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق ۋە پروگراممىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يەتكۈزۈشكە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن تاكى مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە چىققۇچە مۇلازىمىتىرمىزدىن 5گىگابايىت بوشلۇق ئاجرىتىپ ،پىروگراممىرلارنىڭ ئەسەر يوللىشى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت ياراتماقچى. بوشلۇق ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە :
ftp://intilvb.kiyas.biz
ئىسىم:intilvb
شىفر:intilvb2010
بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن پەقەت ماتېرىيال يوللاشقىلا بولىدۇ !ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ! ھەربىر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھۆججەت خالتىسىغا يوللىشى ئۈچۈن ھۆججەت خالتىسى قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلدى . (ناۋادا ماتېرىيال خاتا يوللىنىپ قېلىنغان بولسا ئىنتىل سەيناسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ) توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلايدىغانلارنىڭ پايدىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ماتىرىيالنى ئىنتىل سەيناسىدىن باشقا ئادەم چۈشۈرەلمەيدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
2.قىياس دۇنياسى ئۇيغۇر توربېكىتى يۇمشاق دېتال قانىلى : بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە ياكى ياخشى دەپ قارالغان پىروگرامما ،يۇمشاق دېتال،دەرسلىكلەرنى ئاپتورنىڭ قوشۇلۇشىنى ئالغاندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ كىشلەر نىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.
ھەرقايسى توربېكەت ،شىركەت ،ئورگانلارنىڭ مۇشۇخىلدىكى ۋە ياكى ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بولىدىغان ھەرقانداق پائالىيەتنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم شۇنداقلا يەنە مۇشۇنداق پائالىيەتلەر بولسا سەمىمىي كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇرىمىز !
ھۆرمەت بىلەن : قىياس پەن-تېخنىكا مەركىزى -تور قۇرۇلۇشى بۆلۈمى (قىياس دۇنياسى ئۇيغۇر توربېكىتى) http://kiyas.biz
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى
|
|