ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 937|ئىنكاس: 10

38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى(1)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-8-5 16:28  

38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى
ئاپتورى: شېنجىخۇا
تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا)
38-پاراللېل چاۋشيەن ئۇرۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ھەقىقەت. بىراق 38-پاراللېل زادى قانداق بەلگىلەنگەن؟ 38-پاراللېلنى بەلگىلەشنىڭ ئۆزى زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ 38-پاراللېل بىلەن چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئىچكى ۋە ماھىيەتلىك باغلىنىشى نەدە؟ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۈت بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىراق شەرق ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رولى بولغانلىقتىن، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، چاۋشيەندىن ئىبارەت ئىلگىرى مەلۇم دەرىجىدە جۇڭگوغا بېقىنغان پادىشاھلىق ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى. 1910-يىلى ياپونىيە جاھانگىرلىكى چاۋشيەننى يۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر بېقىندى ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ۋاقىتتا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارالىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەندە چاۋشيەننىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ سۆھبەتلەشتى. 1943-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان قاھىرە يىغىنىدا، رۇزېۋېلت، جياڭ جيېشى ۋە چۇرچېل ئورتاق ئىمزالىغان «قاھىرە خىتابنامىسى»دە چاۋشيەن مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دېيىلگەن:«بىز ئۈچ چوڭ دۆلەت چاۋشيەن خەلقى ئۇچرىغان قۇللۇق ئاسارىتىگە قايغۇرىمىز، مۇۋاپىق ۋاقىتتا چاۋشيەننى مۇستەقىل قىلىشنى قارار قىلدۇق.»[1] ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ئېچىلغان تېھران يىغىنىدا رۇزېۋېلت يەنە ستالىن بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى. ستالىن ئۆزىنىڭ «قاھىرە خىتابنامىسى»نى كۆرگەنلىكىنى ھەمدە چاۋشيەننىڭ مۇستەقىل بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە چاۋشيەن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىللىك تەييارلىق ۋاقتىغا مۇھتاجلىقىغا، بۇ ۋاقىتنىڭ بەلكىم 40 يىل بولىدىغانلىقىغىمۇ قوشۇلدى.[2] 1945-يىلى 2-ئايدىكى يالتا يىغىنىدىمۇ چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدە قايتا سۆھبەت بولدى. 2-ئاينىڭ 8-كۈنى رۇزېۋېلت بىلەن ستالىن ئۇچرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدىكى شەرتلەرنى سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، رۇزېۋېلت زېمىن تەۋەلىكىنى ۋاكالىتەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ستالىنغا چاۋشيەن خەلقى ئۆزىنى باشقۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، «چاۋشيەننى بىر سوۋېت ۋەكىلى، بىر ئامېرىكا ۋەكىلى، بىر جۇڭگو ۋەكىلى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش»،«ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى بولۇش» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. بەلكىم ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئېدېن ئىلگىرى ئامېرىكا 1944-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى چاۋشيەن ۋە ھىندىچىنىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، رۇزېۋېلت «ئەنگلىيىنى چاۋشيەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق» دەپ قارىدى. ستالىن ۋاكالىتەن باشقۇرۇش لايىھىسىگە قوشۇلدى، بىراق، ئۇ يەنىلا ئەنگلىيىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش لازىم دەپ تەكلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگو، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چاۋشيەننى ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن باشقۇرۇش لايىھىسى يالتادا بېكىتىلدى. بىراق يىغىن ھۆججەتلىرىدە چاۋشيەننى باشقۇرۇش مەسىلىسى كونكرېت تىلغا ئېلىنمىدى، پەقەت قايسى زېمىنلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش تىلغا ئېلىنغان ۋاقىتتىلا «بۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىش» دەپلا قويۇلدى.[3] ترۇمېن ئامېرىكىنىڭ رەئىس جۇمھۇر (پرېزىدېنت) لىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، 1945-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالاھىدە ئەلچىسى خوپكىنسنى ستالىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى، ستالىن تۆت دۆلەت چاۋشيەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.[4]
ھالبۇكى، ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغانلىقتىن، يىراق شەرقنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش كېلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن تۆت دۆلەت تېخى چاۋشيەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مەسىلىسىدە كونكرېت كېلىشىم تۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇللاش ۋە ھەربىي ئىشغالىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، 38-پاراللېلنى ئايرىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. شىمالىي كەڭلىك 38 گرادۇسلۇق سىزىق ئەسلىدە بىر تەبىئي ۋە جۇغراپىيىلىك سىزىق ئىدى، گەرچە چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 كلومېتىر كېلىدىغان شەكىلسىز بۇ سىزىق چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى كۆلىمى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى بۆلەككە ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماھىيەتتە ھېچقانداق ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتى يوق ئىدى. ھەربىي ياكى سىياسىي جەھەتتە بۇ سىزىقتىن سۈنئىي ھالدا پايدىلىنىشنى ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيە ۋە چاررۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 1896-يىلى ياپونىيە بىلەن چاررۇسىيە چاۋشيەننى مەخپىي بۆلۈشىۋېلىشنى پىلانلاپ، ياپونىيە چاررۇسىيىگە 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 1904-يىلى ياپونىيە-چاررۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا، چار پادىشاھمۇ چاررۇسىيە 38-پاراللېلنىڭ شىمالىنىلا باشقۇرۇش، ياپونىيىنىڭ 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقانداق جايدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا يول قويۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بىراق بۇ ئىككى قېتىملىق بۆلۈشۈشنىڭ ھەر ئىككىسى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى سەۋەپلىك ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.
38-پاراللېلنى ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن پايدىلىنىپ پاسىل قىلىشنى ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشىگەندە ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. 1945-يىلى 2-ئايدا، ياپونىيە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىپ ئىككىگە ئايرىدى، شىمالدىكى قىسىملىرىغا كانتۆگۇن ئارمىيىسى، جەنۇبىدىكى قىسىملارغا باش شتاب قوماندانلىق قىلدى. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، باش شتاب چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق بارلىق قوشۇنلارغا كانتۆگۇن ئارمىيىسى قوماندانلىق قىلىشنى، چاۋشيەن باش ئەمىر(گۇبېرناتور)ى كانتۆگۇن ئارمىيىسى باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق 5-ئاينىڭ 7-كۈنى باش شتاب باشلىقى يوشى جىرۆ ئۇمېزۇ بۇ لايىھىنى كۆتۈرۈپ پادىشاھ خىروخىتو بىلەن كۆرۈشكەندە، پادىشاھنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.[5] شۇنىڭ بىلەن 38-پاراللېل، ئەمەلىيەتتە، كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ۋە شىمالىي چاۋشيەندە ياپونىيىنىڭ كانتۆگۇن ئارمىيىسى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن ۋە ياپونىيە تاقىم ئاراللىرىدا باش شتاب بىۋاسىتە قومانلىق قىلغان ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغاندا ۋاقىتتا ئوبيېكتىپ ئاساس بولدى.
ھالبۇكى، 38-پاراللېلنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئالاھىدە پايدىلىنىلىشىدا تۇيۇقسىزلىق، تاسادىپىيلىق بار. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چىقىرىپ ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ جەڭ رايونىنى ئېنىق ئايرىشمىغان ئىدى. 1945-يىلى 7-ئايدىكى پوتسدام يىغىنىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ دۆلەت ھەربىي ئىشلار باشلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن، پۈتكۈل چاۋشيەن رايونىدا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش دائىرىسىدە بىر پاسىل ئايرىۋېلىش لازىملىقىغا قوشۇلۇشقان ئىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەد، روشەنكى، ئۇرۇش جەريانىدا ئۇقۇشماسلىق چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. يەر يۈزىدىكى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئىشغالىيەت رايونى مەسىلىسى قىلچىمۇ مۇھاكىمە قىلىنمىغان ئىدى. ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ يادروسى ياپونىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى. شۇڭلاشقا، ئەينى چاغدا ئۈچ خىل ئارمىيىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان مارشالمۇ ترۇمېندىن مەك ئارسۇرغا ھوقۇق بېرىپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر دىۋىزىيە ئەۋەتىپ پۇساندىن قۇرۇقلۇققا چىقىشنى، ئۇندىن باشقا يەنە سېئۇل ۋە چوڭجىننى ئىشغال قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىشلار ئىدى. پوتسدام يىغىنىدا، سوۋېت ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى مارشالغا سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا ماسلىشىپ چاۋشيەن دېڭىز قىرغىقىدا ھەربىي ھەرىكەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. مارشال ئېنىق قىلىپ:« ئەگەر ياپونىيە ۋەيران بولمايدىكەن، ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندىكى ھەربىي كۈچى يوقىتىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا چاۋشيەندە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقا تەييارلانمايدۇ.» دېگەن ئىدى.[6] ترۇمېننىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئەينى چاغدا ھېچكىم مەيلى ئامېرىكا ۋە مەيلى سۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چاۋشيەنگە كىرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى. ترۇمېن خەلقئارا يىغىنلاردا ئەزەلدىن 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىپ چاۋشيەننى ئايرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.[7]
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇيۇقسىز ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە پادىشاھىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى قارار قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىش،[8] ئىشلاردا جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنى مانجۇرىيە ۋە چاۋشيەندىكى ياپونىيە كانتۆگۇن ئارمىيىسىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغاندا، چاۋشيەنگە ئەڭ يېقىن ھېسابلانغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرى تېخى چاۋشيەندىن 600 ئېنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى ئوكىناۋا ئارىلىدا ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، ياپونىيە جەڭ قۇرۇلمىسى بىتچىت بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ۋاكۇئۇملۇق ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. دەل مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا تەرەپ تاقەتسىزلىك بىلەن ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ چاۋشيەننى ئىشغال قىلىش ۋە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوبۇل قىلىشنىڭ كونكرېت پاسىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
38-پاراللېلنى پاسىل قىلىش مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا قارىتا بىرقانچە خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار.
كورىيە دىپلوماتىيە كېڭىشىنىڭ كېڭەش ئەزاسى كىم خېندېرسون تەمىنلىگەن ئەھۋال مۇنداق: 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت ئالتە ئەتراپىدا، ئامېرىكا ياپونىيە باش شتابى ئەۋەتكەن تېلېگراممىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدۇ، تېلېگرامما مەزمۇنى بولسا ياپونىيە ئىچكى كابېنت يىغىنى شەرتسىز تەسلىم بولۇش خىتابنامىسىغا قوشۇلغان ئىدى. بۇندىن ئىلگىرى ئۇلار يەنە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى باش شتابقا ئەۋەتكەن تېلېگراممىنىمۇ قولغا چۈشۈرگەن ئىدى. تېلېگراممىدا:«سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى چاۋشيەنگە تۈركۈملەپ كىرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ رايونغا كىرسە، بارلىق ياپونىيە ئارمىيىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەسلىم بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن ئىدى. مارشال بۇ خىل ئاخباراتلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دەرھال ئۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى خۇل ۋە برىگادا گېنېرالى لىنكولن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا سوۋېت ئىتتىپاقى چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلغاندىكى جەنۇبىي پاسىل سىزىقىنى سىزىپ چىقىشنى بۇيرىدى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭمۇ دەرھال چاۋشيەننىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈردى. گەپ-سۆزلەرگە قارىغاندا برىگادا گېنېرالى لىنكولن بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىسىغا قايتىپ، تاسادىپىي ھالدا «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» دىن 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىش ھەققىدە ئىلھام ئالدى. چۈنكى «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغاندا باسقان خەرىتىگە پەقەت 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىكى رايونلارلا سىزىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا برىگادا گېنېرالىنىڭ بۇ تاسادىپىي بايقىشى، ئامېرىكىنىڭ 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىشتىكى ئاساسى بولۇپ قالدى.[9]
شىنابېل يەنە بىرخىل ئەھۋال بىلەن تەمىنلىدى: ياپونىيىنىڭ تۇيۇقسىز تەسلىم بولۇشى ئامېرىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەسلىم بولۇش تەرتىپى ھەققىدىكى «1-نومۇرلۇق ئومۇمىي بۇيرۇق»نى تۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇيرۇقنىڭ بىرىنچى بۆلىكى تەسلىم قوبۇل قىلىش رايونىنى ئايرىش مەسىلىسىگە چېتىلاتتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شتابى ئۇرۇش ئىدارىسى بۇ ھۆججەتنى تېزراق پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تاكى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى يېرىم كېچىگىچە خىزمەت قىلدى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئىتتىپاقداش ئارمىيە يىراق شەرقتە بىرنەچچە رايونغا بۆلۈنۈپ تەسلىمنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە بۇ رايونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك پاسىلى ئېنىق بولۇشى لازىم ئىدى. سىياسىي گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى پولكوۋنىك بونىستېرنىڭ بۇيرۇقنىڭ 1-بۆلىكىنى يېزىشقا پەقەت 30مىنۇتلا ۋاقتى بار ئىدى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى(گۇۋۇيۈەن)-قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابى-دېڭىز ئارمىيە شتابى كېلىشىم كومىتېتى جىددىي يوسۇندا نەتىجىنى ساقلاۋاتاتتى. ئەڭ دەسلەپتە بونىستېر چاۋشيەننىڭ مەمۇرىي رايونلىرى بويىچە تەسلىم قوبۇل قىلىش پاسىلىنى بېكىتىشنى ئويلاۋاتاتتى، ئەمما يېنىدا دەماللىققا ماتېرىيال يوق ئىدى. كېيىن ئۇ شىمالىي كەڭلىك 38-پاراللېلنىڭ چاۋشيەننىڭ تەخمىنەن ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغانلىقىغا ھەمدە سېئۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانلىقىغا دىققەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 38-پاراللېلنى تەسلىم قوبۇل قىلىش رايونىنىڭ پاسىلى قىلىشنى قارار قىلدى.[10]
يەنە بىرخىل قاراش مۇنداق: ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشنى قارار قىلغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقى ھەمدە زور كۆلەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا «يوپۇرۇلۇپ» كىرىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى يېرىم كېچىدە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى-قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابى-دېڭىز ئارمىيە شتابى كېلىشىم كومىتېتى بەش بۇرجەكلىك بىنادا يىغىن ئاچتى. ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى چاۋشيەندىكى تەسلىم قوبۇل قىلىش مەسىلىسى ئىدى. يىغىنغا قاتناشقانلار ئارىسىدا ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دۇنن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابى ياردەمچى شتاب باشلىقى جون مەككلوي ۋە دېڭىز ئارمىيە شتابى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى باد قاتارلىق بەش ئادەم بار ئىدى. يىغىندا دۇنن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئامالنىڭ بېرىچە شىمالدىكى رايونلارغا بېرىپ تەسلىمنى قوبۇل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق مارشالنىڭ بىر ياش مەسلىھەتچىسى پولكوۋنىك دېئان راسك ئارمىيە تەرەپنىڭ دەرھال ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەسكىرىي كۈچى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت ۋە بوشلۇق قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ چاۋشيەننىڭ شىمالىي رايونلىرىغا كىرىپ بولۇشىدىن ئىلگىرى شىمالدىكى رايونلارغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ چاغدا مەككلوي راسك ۋە يەنە بىر پولكوۋنىك چارس بونىستېرنى 3-ئارام ئېلىش ئۆيىگە بېرىپ، «ئامالنىڭ بېرىچە شىمالغا ئىلگىرىلەيدىغان» ھەمدە «سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن رەت قىلىنمايدىغان» بىر پاسىل سىزىقىنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 38-پاراللېل مانا مۇشۇنداق ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئىككى پولكوۋنىكى تەرىپىدىن ئالدىراش-تېنەش ھالدا مۇشۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا چىقتى.[11]
ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، 3-خىل قاراشنىڭ ھەقىقىيلىكى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك. ئەمما بۇ تەپسىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىزنىڭ مەسىلىنى تەھلىل قىلىشىمىزغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىش توغرىسىدىكى بۇ تەكلىپ ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ماقۇللىشىغا ئېرىشتى[12] ھەمدە 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ترۇمېن تەرىپىدىن تەستىقلاندى. ئەتىسى ترۇمېن ستالىنغا مەخپىي تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ترۇمېن تەستىقلاپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى دوگلاس مەك ئارسۇرغا بەرگەن ياپونىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تەسلىم بولۇش تەپسىلاتى ھەققىدىكى «1-نومۇرلۇق ئومۇمىي بۇيرۇق»نى ئۇقتۇردى، بۇ بۇيرۇقنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولسا دەل 38-پاراللېنى پاسىل قىلىپ، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى تەسلىم قوبۇللاش رايونىنى بېكىتىش ئىدى. 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ستالىن قايتۇرغان جاۋاپ خېتىدە «بۇيرۇقنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسىي جەھەتتىن قارشى تۇرمايدۇ»غانلىقىنى، چاۋشيەن پاسىل سىزىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا باشقىچە پىكرى يوقلىقىنىمۇ بىلدۈردى. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەك ئارسۇر توكيو قولتۇقىدىكى مىسسۇرى ناملىق پاراخوتتا ياپونىيىنىڭ تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا «1-نومۇرلۇق ئومۇمىي بۇيرۇق»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا ستالىننىڭ تەكلىپى بويىچە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۇيرۇقتا:«شىمالىي كەڭلىك 38 گرادۇسلۇق سىزىقنىڭ شىمالىدىكى كورىيە، مانجۇرىيە، ساخالىن ئارىلى، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان ياپونىيە ئارمىيىسى ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىرى ھەمدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە ياردەمچى قىسىملار سوۋېت ئىتتىپاقى يىراق شەرق ئارمىيىسى ئەڭ ئالىي قوماندانىغا تەسلىم بولۇشى؛ ياپونىيە ھۆكۈمىتى باش شتابى ۋە ياپونىيە ئۆز زېمىنى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق ئاراللار ھەمدە شىمالىي كەڭلىڭ 38 گرادۇسلۇق سىزىقنىڭ جەنۇبىدىكى كورىيە، ريۇكتۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردىكى ياپونىيە ئارمىيىسى ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىرى ھەمدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە ياردەمچى قىسىملار ئامېرىكا تېنچ ئوكيان رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئەڭ ئالىي قوماندانىغا تەسلىم بولۇشى لازىم.» دېيىلگەن ئىدى.[13]
مانا مۇشۇنداق قىلىپ، 38-پاراللېل ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ چاۋشيەندە تەسلىم قوبۇل قىلىشى ۋە ھەربىي ئىشغالىيەت پاسىل سىزىقى سۈپىتىدە ئېنىق قىلىپ بەلگىلەندى. تەسلىم قوبۇل قىلىش بۇيرۇقى ئۇرۇش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئاللىقاچان 38-پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تاشيولنى بويلاپ سېئۇلغا قاراپ يۆتكىلىۋاتاتتى. بىراق ئۇلار پاسىل سىزىقى ھەققىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىشى بىلەنلا، تېز سۈرئەتتە 38-پاراللېلنىڭ شىمالىغا چېكىندى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە چاۋشيەنگە يېتىپ كەلگەن 7-پىيادىلەر دىۋىزىيىسى ئىنچوندا قۇرۇقلۇققا چىقتى. بۇ ئامېرىكا، سوۋېت ئىتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەمكارلىقى ئىدى.
ۋاقتى: 2010-8-4 20:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويۇننى قاچىلىيالمىغىنىڭىزمۇ بوپتىكەن. ئەمدى  ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى دىن كېيىنكى بۇ ئەسىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-4 21:04:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:lol بۇ تەرجىمە پۈتۈپ بولغان، ئورگىنالنى كومپيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ بولساملا، ئاخىرىنى ئۆگۈنلۈكلەرگىچە يوللاپ بولىمەن. بۇ تۈگىسە «ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ ئېدېن بېغى شىنجاڭنىڭ خوتەندە» دېگەن بىر ماقالىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ تەييار بولغان ئۇنىمۇ يوللايمەن، تېخى!
ۋاقتى: 2010-8-4 21:06:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرجىمە پۈتۈپ بولغان، ئورگىنالنى كومپيۇتېرغا ئۇ ...«ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ ئېدېن بېغى شىنجاڭنىڭ خوتەندە»
Nida يوللانغان ۋاقتى  2010-8-4 21:04

خوتەنلىك خويەنجا  دېگەندەك گەپمۇ يا؟ توردىكى دەم ئېلىشنى سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئۆتكۈزەي.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-4 21:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق، خېلى ئەتراپلىق ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلاپتۇ، ھەتتا «نوھ»نىڭ ئىسمى ئەسلى «نىيە» بولۇشى كېرەككەنتۇق.
ۋاقتى: 2010-8-4 23:15:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاخا ......
رەخمەت .تېزراق بولىڭە دوستۇم .بارغانسېرى قىزىۋاتىدۇ .ئەسلىدىمۇ« كۇنسېرى قىزىيدىغان جاي ئىنتىل»ئىدى.
رەخمەت سېلەرگە...............
ۋاقتى: 2010-8-4 23:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Nida نىڭ تېمىسى
مۇنداق دەڭ، ئاۋال كۆرىلى.
كۆزلىرىمىز ساڭگىلاپ كەتمىسۇن ئۇنى ساقلاپ.


   
ۋاقتى: 2010-8-5 04:11:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1943-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان قاھىرە يىغىنىدا، رۇزېۋېلت، جياڭ جيېشى ۋە چۇرچېل ئورتاق

جەنۋە يىغىنىمۇ قانداق؟
" چۇرچېل" دەپ ئېلىشتا بىرەر مەنا بارمۇ؟


   
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-5 16:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى Nida دا 2010-8-5 16:26 تەھرىرلىگەن

ئادەتتە ئادەم ۋە يەر-جاي ناملىرى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇلۇشى بويىچە ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنىشى كېرەك. خۇددى مېنىڭ ئىسمىمنى خەنزۇچە 公平江 دەپ تەرجىمە قىلمىغانغا ئوخشاش.;P  
1943-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان بۇ يىغىن ئېنگلىزچە «Cairo Conference» دېيىلىدىكەن، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئېچىلىپتىكەن، قاھىرەنىڭ ئەرەپچىسى«القاهرە» ئىكەن، شۇڭا ئۇنى جەنۋە يىغىنى دېيىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم، بەلكىم جەنۋە يىغىنى ئايرىم يىغىن بولسا كېرەك، مېنىڭ تارىختىن ئانچە خەۋىرىم يوق.
«چۇرچېل» دەپ ئېلىشىمدىكى سەۋەپ ئاشۇ كاتتىباشنىڭ ئىسمى ئېنگلىزچە «Churchill» دەپ يېزىلىدىكەنتۇق، كۆنگىنىمىز بويىچە «چېرچىل» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
ئومۇمەن، بۇ تەرجىمىنى قىلىش جەريانىدا مەن كۆپ تەرەپلىمە ئىزدەش ئارقىلىق نۇرغۇن يەر-جاي، ئادەم ناملىرىنى بۇرۇن تەرجىمە قىلغاندا تازا توغرا تەرجىمە قىلمىغانلىقىمىزنى بايقىدىم، شۇڭا بۇ تەرجىمەمدە يەر-جاي، ئادەم ناملىرىنى پۈتۈنلەي ۋىكى قامۇسى، بىلقۇت لۇغىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىش، Google دىن مۇناسىپ مەزمۇنلارنى ئىزدەش ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئاڭلاپ كۆنگەنلىرىمىز بىلەن پەرقلىق بولۇشى تەبىئىي.
ۋاقتى: 2010-8-5 16:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىز گىتلىر دەپ كۆنۈپ كەتكەندەك ئىش بولۇپ چىقامدۇ نېمە؟ «Churchill» نىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشىمۇ «چۇرچېل» مۇ؟
ۋاقتى: 2010-8-8 00:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۋە يىغىنى 1954يىلى 4ئايدا ئېچىلغان
قاھىرە يىغىنى    1943يىلى 11ئايدا مىسىردا ئېچىلغان .ئىككىسى ئىككى ئىش .مۇزاكىرە قىلغان مەسىلىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 10:22 , Processed in 0.143063 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat